تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى

ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 1959 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى
195 – نومۇرلۇق
   ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى›› 2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 26 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۇنى ئېلان قىلدىم. 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر
2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى
   1 – ماددا بۇ چارە تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تاۋار سىزىقلىق كودىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تاۋار ئوبوروتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
   2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى تاۋار سىزىقلىق كودىنى رويخەتكە ئېلىش، كود تۈزۈش، لايىھەلەش، بېسىش، قوللىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.
   3 – ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن تاۋار سىزىقلىق كودى تاۋارنىڭ ئالاھىدە ئۇچۇرىنى بىلدۈرىدىغان كود ۋە مۇناسىپ ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
   ئىككى ئۆلچەملىك كودنى ئىشلىتىش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
   4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىلىرنى خەلقئارالىق ئاممىباب ئۆلچەم بويىچە تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلىشى، تاۋار سىزىقلىق كودىنى كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
   5 – ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
   جۇڭگو بۇيۇم كودى مەركىزىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تەسىس قىلىنغان شۆبە – تارماق ئاپپاراتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئاپتونوم رايوننىڭ كود تۈزۈش ئاپپاراتى دەپ ئېلىندى) تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇشنى كونكرېت يولغا قويۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
   6 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ كود تۈزۈش ئاپپاراتى تاۋار سىزىقلىق كودىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، جەمئىيەتكە تاۋار سىزىقلىق كودىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، ئۇزارتىش، ئۆزگەرتىش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
   7 – ماددا تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشتە رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ‹‹جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسى ئەزالىق كىنىشكىسى››نى ئېلىپ، جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
   8 – ماددا تاۋارغا تاۋار سىزىقلىق كودى سېلىنمىغان بولسا، ساتقۇچىلار دۇكاننىڭ سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ تاۋار سىزىقلىق كودى سېلىنغان بولسا، دۇكاننىڭ سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
   9 – ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى تارقىتىۋېتىلگەن، ۋەيران بولغان ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن تىجارەتنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى ھەمدە تىجارەت توختىتىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ‹‹جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسى ئەزالىق كىنىشكىسى››نى رويخەتتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
   10 – ماددا تاۋار سىزىقلىق كودىنى تۈزۈش، لايىھەلەش ۋە بېسىش دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
   ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشى كېرەك.
11 – ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئۆزى تۈزسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق كود تۈزۈش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئۆزى تۈزگەن بولسا، تاۋار سىزىقلىق كودىنى تۈزۈپ بولغان كۈندىن باشلاپ، 30 كۈن ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق كود تۈزۈش ئاپپاراتىغا كود تۈزۈش ئۇچۇرىنى يوللىشى كېرەك.
   12 – ماددا تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار تاۋار سىزىقلىق كودى بىلەن ماس كېلىدىغان ‹‹جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسى ئەزالىق كىنىشكىسى››نى تەكشۈرۈشى، تاۋار سىزىقلىق كودى چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئېلىنغان بولسا، ئۇنىڭ چېگرا سىرتىدىكى رويخەتكە ئېلىش ئىسپات ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ساقلىشى كېرەك. ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
   تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ ‹‹جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسى ئەزالىق كىنىشكىسى›› ياكى چېگرا سىرتىدىكى تاۋار سىزىقلىق كودىنى رويخەتكە ئېلىش ئىسپات ھۆججىتىنى چىقىرىپ بېرەلمىگەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرگە تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىپ بېرىشىگە بولمايدۇ.
   13 – ماددا بالا شىركەتلەر جۇڭگو بۇيۇم كودىنى تۈزۈش مەركىزىگە ئەنگە ئالدۇرۇش ئارقىلىق گۇرۇھ شىركەت بىر تۇتاش بارلىققا كەلتۈرگەن، لايىھەلىگەن، ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بىر تۇتاش ماركىدىكى ئوخشاش مەھسۇلاتقا گۇرۇھ شىركەت ئىشلىتىش ھوقۇقى بەرگەن تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتسە ھەم مەھسۇلات بەلگىسىدە گۇرۇھ شىركەتنىڭ نامىنى ئەسكەرتسە بولىدۇ.
   14 – ماددا ھاۋالە بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشتە ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلتىىش ھەم ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپنىڭ نامىنى ئەسكەرتىش كېرەك.
   15 – ماددا ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا چېگرا سىرتىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشكىمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى تىجارەتچىلەر رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
   16 – ماددا چېگرا ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا بۇ ئىشلەپچىقارغۇچى چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتكەندە، ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ كود تۈزۈش ئاپپاراتىغا تاۋار سىزىقلىق كودىنىڭ چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئېلىش ئىسپات ماتېرىيالى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
   ئاپتونوم رايوننىڭ كود تۈزۈش ئاپپاراتى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ، 15 كۈن ئىچىدە ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.
   17 – ماددا ساتقۇچىلار تاۋار سىزىقلىق كودى قويۇلغان تاۋارلارغا قارىتا تاۋار سىزىقلىق كودى بىلەن ماس كېلىدىغان ‹‹جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسى ئەزالىق كىنىشكىسى››نى تەكشۈرۈشى، تاۋار سىزىقلىق كودى چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئېلىنغان بولسا، ئۇنىڭ چېگرا سىرتىدىكى رويخەتكە ئېلىش ئىسپات ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈشى ھەم كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ساقلىشى كېرەك، ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولمايدۇ.
   18 – ماددا ساتقۇچىلارنىڭ مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەردىن تاۋار سىزىقلىق كودى نامىدا دۇكانغا كىرگۈزۈش ھەققى، جاھازىغا ئېلىش ھەققى، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئېلىشىغا بولمايدۇ.
   19 – ماددا بۇ چارىنىڭ 8 – ماددىسى، 10 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 12 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 14 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم ئۇلارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
   بالا شىركەتلەر بۇ چارىنىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇرۇھ شىركەت ئىشلىتىشكە ھوقۇق بەرگەن تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىپ، مەھسۇلات بەلگىسىدە گۇرۇھ شىركەتنىڭ نامىنى ئەسكەرتمىگەن بولسا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
   20 – ماددا بۇ چارىنىڭ 11 – ، 12 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 16 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 17 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنى ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى بىنورمال تىجارەت قىلغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا كود تۈزۈش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىسپات ھۆججىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ياكى ئالاقىدار تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ.
   بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلار كود تۈزۈش ئۇچۇرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش، چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىسپات ھۆججىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ياكى ئالاقىدار تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلسا، ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، بانكا قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانا ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ئىگىسى، مەسئۇلىغا ئالاقىدار ئىناۋەت چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ.
 21 – ماددا بۇ چارىنىڭ 18 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ئېلىنغان خىراجەتنى سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرمىغانلارغا خىراجەتنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، لېكىن جەرىمانە سوممىسىنى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
   22 – ماددا ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقان بولسا، بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
   23 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
   24 – ماددا بۇ چارە 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى