تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلى سۇئال -جاۋاپلار (2)
ۋاقتى: 2016-07-29
ئاۋاتلىقى: 1638 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كەڭ كارخانچى ، يەككە سودا – سانائەتچى دوستلارنىڭ تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىغا بولغان تونۇشىنى تېخمۇ ئۆستۈرۈپ ، تاۋار ماركىسدىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بۇ ھەقتە تەپسىلى سۇئال جاۋاپ تەييارلىدۇق . چاتما شەكىلدە دوسىتلارنىڭ پايدىلىنىشغا سۇندۇق.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ماتېريالنى ئىشلەتكۈچىلەر تەييارلغۇچىغا ھۆرمەت قىلساڭلار،مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسەڭلار.
6- سۇئال: تاۋار ماركىسىنىڭ قانداق رولى بار؟
جاۋاپ: تاۋار ماركىسى بولىسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل رولى بار.
(1) كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئارا پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ماركىنىڭ بۇ خىل رولى ماركىنىڭ ماھىيەتلىك رولى ئەمەس. ماركا تاۋارنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بەلگە بولغانلىقىتىن، ئىستىېمالچىلار بەلگىنى پەرقلەندۈرۈپ مال سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
(2) سۈپەتكە نازارەتچىلىك قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. شۇ ئارقللىق مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ماركا-مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ماركا ئىشلەتكۈچى ئۆز تاۋىرىنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشلەر بۇ خىل ماركىلىق تاۋارنى خاتىرجەم سېتىۋالىدۇ.
(3) تاۋارنى تەشۋىق قىلىش رولىغا ئىگە. تەشۋىقات ئارقىلىق تاۋارنىڭ بازىرىنى بىر قەدەر كېڭەيتكىلى بولىدۇ. چۈنكى ماركىنىڭ ئۆزى ئېلان، تەشۋىق قىلىش رولىغا ئىگە.
(4) كارخانا رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.
7-سوئال: تاۋار ماركىسى تۈزۈمى قانداق تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن؟
جاۋاپ: تاۋار ماركىسى تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇش بىلەن تەڭ بارلىققا كەلگەن. ئېلىمىزنىڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خېلى مۇكەممەل بولغان ماركا بارلىققا كەلگەن. ياۋروپادا ⅠⅠⅠⅩئەسىرىدىكى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تامغىنى تاۋار بەلگىسى ئورنىدا ئىشلەتكەن بولۇپ، كېيىنچە ئۇنى شەكىللىك ماركىغا ئۆزگەرتكەن. ھازىرقى زامان «تاۋار ماركىسى قانۇنى» بارلىققا كەلگەن. 1803-يىلىدىكى فىرانسىيىنىڭ «زاۋۇت، سايمان ياساش مەيدانى ۋە كارخانا توغرىسىدىكى قانۇن» ئەڭ دەسلەپكى تاۋار ماركىسىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن ئىدى.
ئەڭ دەسلەپكى مەملىكەت خاراكتېرلىك «تاۋار ماركىسى قانۇنى»-فرانسىينىڭ 1857-يىلىدىكى «تاۋار ماركىسى قانۇنى » بولۇپ، 1964-يىلى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىلگەن. كېيىن ئەنگلىيە 1875-يىلى، ئامېرىكا 1870-يىلى، گېرمانىيە 1874-يىلى ئارقا-ئارقىدىن «تاۋار ماركىسى قانۇنى»نى ئېلان قىلىدى. 1884-يىلى «تاۋار ماركىسى قانۇنى» ئېلان قىلغان دۆلەت 36گە، 1900-يىلى 84-كە، 1976-يىلى 127گە يەتكەن. كونا جۇڭگونىڭ تۇنجى ماركا پەرمانى 1904-يىلى ئېلان قىلىنغان. 1949-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشكەندە، مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ماركا 50مىڭىدىن كۆپرەك ئىدى.
1950-يىلى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي كېڭەش «ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ۋاقىتىلىق يولغا قويۇش نىزامى»نى ئېلان قىلغان. 1963—يىلى گۇۋۇيۇەن «ماركا باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلىدى. 1982-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ، 1983-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
8-سوئال: دۆلىتىمىزنىڭ «تاۋار ماركىسى قانۇنى» غا قانچە قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؟
جاۋاپ: 1993-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تاۋار ماركىسى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە قارار ماقۇللاپ، جەمئىي توققۇز ماددىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، 1993-يىل 7-ئاۇنىڭ 1-كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
2001—يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-سانلىق يىغىنى «تاۋار ماركىسى قانۇنى»غا ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، 2001-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2002-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى «تاۋار ماركىسى قانۇنى›نى يولغا قويۇش نىزامى» ئېلان قىلىنىدى. 2002-يىل 9-ئاينىڭ 15ل-كۈنى يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلاندى. شۇنىڭىدىن ئېتىبارەن ئېلىمىزنىڭ «تاۋار ماركىسى قانۇنى» مۇكەممەللىشىش يولغا قاراپ ماڭدى.
9-سوئال: دۆلىتىمىز «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟
(1) ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش؛
(2) تاۋار ماركىسنى باشقۇرۇش، تاۋار سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئىستېمالچىلارنى ئالداش قىلىمىشلىرىنى چەكلەش؛
(3) كۆپ خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، تاۋار ماركىسى ھەققىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش؛
(4) ئىقتىسادىي، مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلار قانۇن ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش؛
(5) خەلقئارا قانۇن –قائىدىلەردىن پايدىلىنىش ھەم ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇش.
10-سوئال: تاۋار ماركىسى ھوقوقى دېگەن نېمە؟
جاۋاپ: تاۋار ماركىسى ھوقۇقى – تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغۇچىنىڭ ئۆزى تېزىمغا ئالدۇرغان، قانۇن ئېتىراپ قىلغان ۋە قوغدىغان تاۋار ماركىسىنى تەنھا ئىگىلەپ ئىشلىتىشتە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.