پۇلدار بولۇش ۋە پۇلغا ئەرزىش
ۋاقتى: 2016-08-18
ئاۋاتلىقى: 1445 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدە مۇنداق ئىككى ئارزۇسى بولىدۇ : بىرى پۇلدار بولۇش ، يەنە بىرى پۇلغا ئەرزىش .
بەزىلەر پۇلدار ، ئابرۇيلۇق ئائىلىلەردە دۇنياغا كېلىپ تەلەيلىك كىشىلەر سانىلىدۇ ، ئۇلار يارىلىشىدىلا جىيابۇ گە ئوخشاش تىللا ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ . پۇلى بار بولۇش مەسىلە ئەمەس . پۇلدار بولۇش ئىككىنچى بىر مەسىلىنى يەنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى بارمۇ -يوق دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ .
پۇلغا ئەرزىش بولسا ئۆزلۈك قىممىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ، مىسالەن سىز خىزمەت ئىزدىگىلى چىققاندا ، باشقىلار سىزگە يىللىقىغا نەچچە مىليون بېرىپ خىزمەتكە ئېلىشى سىزنىڭ پۇلغا ئەرزىگىنىڭىز ؛ ئەگەردە سىزگە ئايلىقىغا 1000 يۈەن بېرىپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى سىزنىڭ تېخى قىممىتىڭىزنىڭ يارىتىلمىغانلىقى ، پۇلدار بولۇش ۋە پۇلغا ئەرزىش ئىككىسى ئىككى ئىش .. پۇلدار ئادەمنىڭ پۇلغا يارىشى ناتايىن ، مەسىلەن بىز دائىم بىر قىسىم " ئىككىنچى ئەۋلاد بايلار " نى كۆرۈپ تۇرۇمىز ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەتخەجلىك قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىقتىدارى يۇق . بىراق پۇلغا ئەرزىيدىغان ئادەم بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، ئۇ مەيلى بالدۇر بولسۇن ياكى كىيىن بولسۇن چوقۇم پۇلدارغا ئايلىنىدۇ . چۈنكى بۇنداق ئادەمدە پۇلغا يارىغۇدەك ئىقتىدار بار ، ئۇ مۇشۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ، قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشىيالايدۇ ،ھەم بايلىق يىغالايدۇ ، بۇنداق كىشىلەر پۇل يىغىشقا موھتاج بولماسلىقى مۇمكىن . بىر رەسسامنى مىسالغا ئالايلى ، ئۇ پۇلغا ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا بىر پارچە رەسىم سىزىپ قۇيسىلا كۇپايە . شۇڭلاشقا كىشىلەر دائىم ئۆزىنى
" پۇل ئامانەت ساندۇقى " غا ئوخشاش پۇل يىغىشنى بەكمۇ قوللاپ كەتمەيدۇ ، چۈنكى ھېچكىم يىغقان پۇل بىلەن باي بولغان ئەمەس ؛ بىراق ئادەم چوقۇم ئۆزىنى " پۇل بېسىش ماشىنىسى " غا ئايلاندۇرۇشى كېرەك ، پۇل كېرەك بولغاندا ھەر ۋاقىت ئىقتىدارغا تايىنىپ ئالغىلى بولىدۇ .
بىر ئادەمنىڭ پۇلدار بولۇشىنى ئۇنىڭ پۇلغا ئەرزىشكە تەڭلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ . پۇلغا ئەرزىيدىغان ئادەم مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىيالايدىغان ئادەم . مەنىلىك ياشاشقا ئىنتىلىدىغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ناھايىتى مۇھىم . مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى قەيەردىن كېلىدۇ ؟ بۇ تۇيغۇ ئاشۇ كىشىنىڭ تىرىشىشىدىن روياپقا چىقىدۇ . ئېرىشكەن نەرسە قانچە كۆپ بولسا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ . ئەگەر بىر ئادەمنىڭ پۇلى ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بەدىلىگە كەلگەن بولسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ پۇلنى قانچىلىك تېپىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ . پەقەت ئۇ توغرا يولدا ماڭغان ، پۇلنى كۆپ تاپقان بولسا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى شۇنچە كۇچىيدۇ .
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى پۇل تېپىش ئانچە ئوڭاي ئىش ئەمەس . مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىگە ئايلاندۇرۇش خۇددى باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئالغانغا ئوخشاش تەس . شۇڭا ، پۇل تاپالىغان ئادەم ئىقتىدارى بار بولغان ئادەم ، يەنە كېلىپ پۇلغا ئەرزىيدىغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر بىر ئادەم دەسلىپىدە ھېچقانداق بىر نام - ئاتىقى يوق بولۇپ ، كېيىن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئوتۇق قازانسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۇتۇقى تەبىئىي رەۋىشتە بارلىققا كەلگەن . مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بەختىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، بىر ئادەم ئەگەردە تىرىشىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالمىسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەختنى ھېس قىلىشى بىر دەرىجە تۆۋەنلەيدۇ . ھازىر ، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشى ئۆزگەرگەن بولۇپ ، ئۇلار بالىلىرىنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن ھەممىنى تەييار قىلىپ تۇرىدۇ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلى ئەمەلىيەتتە بالىلاردىكى تىرىشىش ، ئىجادكارلىق ئېڭىنى يوقىتۋىتىدۇ ، شۇنىڭدەك بالىنىڭ مۇشۇ تىرىش ئارقىلىق كەلگەن بەختنى ھېس قىلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىدۇ . بىز جۇڭگودىكى " ئىككىنچى ئەۋلاد بايلار "نىڭ ئەمەلىيىتىدىن مۇشۇنى ھېس قىلالايمىز .
بىر ئادەمنىڭ پۇلغا ئەرزىش - ئەرزىمەسلىكى ئۇنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتتا ، سىز خىزمەت تېپىشقا ئالدىراپ تەرەپ - تەرەپكە قاترايسىز ، مەيلى قانچىلىك مائاش بېرىشىدىن قەتئىينەزەر سىز قوبۇل قىلىسىز . بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ، سىزنىڭ كىشىلىك قىممىتىڭىز تېخى ئىپادىلەنمىگەن بولغاچقا سىز يالۋۇرغۇچى . سىز مەلۇم بىر ساھەدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ، قىلىدىغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ۋاقتىڭىزدا باشقىلارنىڭ سىزگە ئۆگىتىپ قويۇشىنى سورايسىز ، بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ھېچقانداق بىر قىممىتىڭىز يوق . كىيىن ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق سىز شۇ كەسىپنىڭ ئەھلىگە ئايلىنىپ ، ئۆزىڭىز قىلىدىغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىز چىقالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ، باشقىلار سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالىدۇ ؛ غوجايىن سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلىشىڭىزنى خالىماي مائاشىڭىزنى ئۆستۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن ؛ ئىدارە سىزنى تېخىمۇ ياخشى تەمىناتتىن تەمىن ئېتىشى ، ھەرخىل مۇمكىنچىكىلەرنى ئىشقا سېلىپ سىزنى ئېلىپ قىلىشقا باھانە تېپىشى مۇمكىن . مانا مۇشۇ ۋاقىتتا سىز ھەقىقىي پۇلغا ئەرزىيدىغان ئادەمگە ئايلاندىڭىز دېگەن گەپ . پۇلغا ئەرزىيدىغان بىر ئادەم مەيدانغا كەلدى ، چۈنكى سىزدە شۇنداق قىلىشقا ھوقۇق بار . جۇگېلىياڭنى مىسالغا ئالايلى ، ئۇ ليۇ بېي ئالدىغا ئۈچ قېتىم تەكلىپ قىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن تاغقا چىقىشقا ماقۇل بولدى ، بۇ نېمە ئۈچۈن ، چۈنكى جۇگېلىياڭدا شۇنداق قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئىقتىدار بار ، ئۇ پەقەت مۇشۇنداق قىلسىلا ئاندىن ئۇنىڭ قەدرى بولىدۇ ، كىيىن لىيۇبېي ئۇنىڭدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىدۇ . شۇڭلاشقا ، ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ ئاساسىي كاپىتالى ئىقتىدارلىق بولۇش ، بولمىسا ئەجەل سىزگە يېقىنلاپ كېلىدۇ . مىسالغا " ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە " دىكى چېڭ خىڭنى ئالايلى ، ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە ئادەم تىللاشقا ئۇستا ، لېكىن ھېچقانداق دۆلەت باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يوق ، شۇڭا ئاقىۋەتتە قىلىچ ئاستىدا جان تەسلىم قىلدى .
بىر ئادەمنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش جەريانى ئەمەلىيەتتە شۇ ئادەمنىڭ ئۈزلۈكسىز پۇلغا ئەرزىيدىغان بولۇۋاتقان جەريانى ھېسابلىنىدۇ ؛ پۇلغا ئەرزىشتىن بۇرۇن ، سىز باشقىلارغا يالۋۇرىسىز ؛ پۇلغا ئەرزىگەندىن كىيىن باشقىلار سىزگە يالۋۇرىدۇ . مەن مۇشۇ پۇلغا ئەرزىگەندىن كىيىنكى ئۆزگىرىشنى " قىممەتنىڭ ئۆزگىرىشى " دەپ ئاتىدىم . شۇنداقلا بىر ئادەمنىڭ ئۆزلۈك قىممىتى مىقدار ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئايلانغان جەريان . شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى ، بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان " باشقىلارنىڭ يالۋۇرۇشى " ، ھەرگىزمۇ ھوقۇقىڭىزنىڭ بولۇشى بولماستىن بەلكى سىزدە ئىقتىدارنىڭ بولۇشى . ئەگەر سىزدە ھەم ئىقتىدار ھەم ھوقۇق بولسا ، ئۇنداقتا كۆڭلىڭىزنى بۆلمەي خەلقنىڭ چاكىرى بولۇڭ ، سەمىمىي ھالدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ . ھەرگىزمۇ خەلقنى ئالدىڭىزدا تىزلاندۇرۇپ ، زار قاقشاتماڭ . بۇ ۋاقىتتا سىز قانچىلىق پۇلغا ئەرزىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر ، ئېسىڭىزدە بولسۇن پۇلدىن يىراقراق تۇرۇڭ .