تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلىي سوئال -جاۋابلار (4)
-
تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلىي سوئال -جاۋابلار (4)
ۋاقتى: 2016-03-18 ئاۋاتلىقى: 941 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلىي سوئال -جاۋابلار (4)
كەڭ كارخانىچى ، يەككە سودا - سانائەتچى دوستلارنىڭ تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ ، تاۋار ماركىسدىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بۇ ھەقتە تەپسىلىي سوئال جاۋاب تەييارلىدۇق . چاتما شەكىلدە دوستلارنىڭ پايدىلىنىشقا سۇندۇق.سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ماتېرىيالنى ئىشلەتكۈچىلەر تەييارلغۇچىغا ھۆرمەت قىلساڭلار،مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسەڭلار.
16- سوئال: تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟جاۋاب: تاۋار ماركىسى ھوقۇقى تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:(1) تەنھا پايدىلىنىش ھوقۇقى؛(2) توسۇش ھوقۇقى؛(3) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى؛(4) پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى؛
17-سوئال: تاۋار ماركىسى قۇرۇلمىسى بويىچە قانداق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ؟جاۋاب: تاۋار ماركىسىنى قۇرۇلمىسى بويىچە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرە بۆلۈشكە بولىدۇ؛(1) يېزىق تاۋار ماركىسى؛(2) شەكىللىك تاۋار ماركىسى(3) بەلگە تاۋار ماركىسى؛(4) بىرىكمە تاۋار ماركىسى؛(5) ستېرىئولۇق تاۋار ماركىسى؛(6) ئوبرازسىز تاۋار ماركىسى.
18. سوئال: تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئورنى بويىچە قانداق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ؟جاۋاب: تىجارەت نۇقتىسىدىن تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىنىدىغان ئورنى ۋە رولىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:(1) تىجارەت تاۋار ماركىسى؛(2) مەھسۇلات تاۋار ماركىسى؛(3) دەرىجە تاۋار ماركىسى؛(4) كاپالەتلىك قىلىش تاۋار ماركىسى.
19-سوئال: تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچىلەر بويىچە قانداق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ؟جاۋاب: تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ؛(1) تاۋار ماركىسىنى ياساش (ئىشلەپچىقىرىش) تاۋار ماركىسى؛(2) سېتىش تاۋار ماركىسى؛(3) كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى.
20. سوئال: تاۋار ماركىسىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەت بويىچە ئۇنى يەنە قانداق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ؟جاۋاب: بىر قىسىم تاۋار ماركىسىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، تاۋار ماركىسىنى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛(1) بىرلەشمە تاۋار ماركىسى؛(2) مۇداپىئە تاۋار ماركىسى؛(3) زاپاس تاۋار ماركىسى؛(4) ياسۋېلىشتىن ساقلىنىش تاۋار ماركىسى؛(5) داڭلىق تاۋار ماركىسى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
پۇلدار بولۇش ۋە پۇلغا ئەرزىش
2015-10-26 15:15:39889ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇ
2015-11-03 06:47:03995ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدە قىس
2015-11-29 01:03:46931تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلى سۇئال -جاۋاپلار (1
2015-11-18 08:45:371280ﺗﺎﯞﺍﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰ
2015-10-27 21:28:53877دۆلىتىمىز ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنىڭ تەرەققىياتى
2016-03-13 11:07:27284پاتېنت ھوقۇقىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
2015-11-03 03:41:331296ئىلىمىي ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراش ________ س
2016-03-06 20:50:16388
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-