مەجلىسنى قانداق ئېچىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-07-30
ئاۋاتلىقى: 1773 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تەربىيىلەش مەقسىدى:
تەربىيلەش ئارقىلىق يېڭىياچىلارغا مەجلىسلەرنى ئېچىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە مەجلىسلەردىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى ناھايىتى تېزلىكتە ئىزىغا سېلىشقا ماھىر بولۇش ئۆگىتىلىدۇ.
تەربىيىنىڭ ئىشلىتىلىشى
1. بازار ئېچىش
2. يېڭىياچىلارنى تەربىيلەش
3. ئاساسىي تەربىيىدىكى دائىملىق دەرسلىك
4. «پىلاننى قانداق سۆزلەش كېرەك؟» بىلەن بىرلىكتە دەرس قىلىنىدۇ. دەرس سائىتى بىر سائەت.
5. يەككە مەيدانلىق تەربىيلىنىشكە يانداپ مەشىقلەندۈرۈش. دەرس سائىتى ئىككى سائەت.
Ⅰنېمە ئۈچۈن مەجلىسلەر ئېچىلىدۇ؟
1. ئۇ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش شەكلىدىكى ھەمكارلىق تىجارىتىنىڭ ئاساسى شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، مەجلىس ئېچىش − ئاچماسلىق، تىجارەتنى قىلىش − قىلماسلىق بىلەن باراۋەر.
2. بەش تۈرلۈك ماھارەتتىكى ئەڭ بەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىك رولىغا ئىگىدۇر.
بەش تۈرلۈك ماھارەت: پىلاننى سۆزلەش، مەھسۇلات بىلىمى، مەجلىس، سەككىز قەدەم، بىرگە − بىر.
3. شەخسلەرنى يېتىلدۈرۈشنىڭ بۆشۈكى، تەربىيلەش مۇئەللىملىرىنىڭ بىرىنچى سەھنىسى
Ⅱ مەجلىسلەرنىڭ تۈرى
1. ئائىلىلەرگە يىغىلىش
2. مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىغا يىغىلىش مەجلىسى
3. مەخسۇس تېمىدىكى مەجلىسلەر: تارماقلارنىڭ ئىش سوراش مەجلىسى، رەھبەرلەرنىڭ تەربىيىلەش مەجلىسى، مەھسۇلاتنى تۇنۇشتۇرۇش.
Ⅲ مەجلىسنىڭ ئالدىدا، مەجلىستە ۋە مەجلىستىن كېيىن
1. مەجلىسنىڭ ئالدىدىكى ھازىرلىق:
ئائىلىدىكىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
(2) مەجلىسنى تەشكىللىگۈچى باشتا پىلان تۈزىۋېلىشى لازىم: يەنى، تىزىملىكنى تەھلىل قىلىشى، مەجلىس كۈنتەرتىپى
(3) دۇرۇست ھالدا تەكلىپ قىلىنىش
(4) سەككىز تۈردىكى ئالاقىدار نەرسىلەرنى ھازىرلىۋېلىشى لازىم:
1 مۇۋاپىق مىقداردا مەھسۇلات تەييارلاپ كۆرسىتىش، سۆزلەش، سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىش لازىم.
2 كۆرسىتىلىدىغان قورال ۋە مەھسۇلاتلارنى ھازىرلىۋېلىش لازىم. بۇنىڭ ئىچىدە سېلىشتۇرۇلىدىغان باشقا ماركىدىكى مەھسۇلاتلارمۇ بولسۇن
3 قارا دوسكا، بۇلارنى تەق قىلىۋېلىش كېرەك
4 ئۈنئالغۇ، VCD دېگەندەك ماتېرىياللارنى ھازىرلاش لازىم.
5 يېتەرلىك ئورۇندۇق تەييارلاش كېرەك. ئەمما ئىشتىن بۇرۇن زىيادە تىزىۋالماسلىق لازىم.
6 ياندىلىدىغان ماتېرىياللارنى تارقىتىشقا ھازىرلىۋېلىش كېرەك.
7 چاي قۇيۇش ھازىرلىقىنى پۈتكۈزۈپ قۇيۇش لازىم. چاي ئەڭ ياخشىسى يىغىندىن كېيىن قۇيۇلسۇن، ھەرگىز ھاراق قۇيۇلمىسۇن. 8 خېرىدارلارنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى، مەھسۇلات سېتىۋېلىش تالۇنى
9 باشقا
(5) سىرتنىڭ كاشىلىسىدىن ساقلىنىش:
· مەجلىس مەزگىلىدە تېلېفۇنلار ئېتىۋېتىلىشى كېرەك.
· بالىلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش لازىم.
(6) مەجلىستىكى خادىملار مۇۋاپىق ئىدارە قىلىنىشى كېرەك.
· ئادەتتە 15 كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
· ئورتاق رەھبەرنىڭ ئىجازىتى بولماي تارماق بۆلۈملەردىكى خادىملارنى تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ.
(7) يىغىننىڭ دەل ۋاقتىدا ئېچىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، يىغىنغا كەلمىگەنلەرنى تىلغا ئالماسلىق، كەلگەن كىشى ئۆزىنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغان بىردىنبىر ئادەم دەپ قېلىشى لازىم. ۋاقتىنچە كىشىلەرنى قايتا تەكلىپ قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
(8) يىغىننىڭ ئالدىدا ئاساسى سۆزگە چىقىدىغان كىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆككە كۆتۈرۈش لازىم. سىز يېڭىياچى خېرىدارنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرىشىڭىز لازىم.
(9) مەركىزىي مەجلىسلەر بىلەن سىستېما مەجلىسلىرىنىڭ ۋاقتى توقۇنۇشۇپ قالماسلىق كېرەك.
(10) مەجلىسلەر قەرەللىك ۋە ۋاقىتلىق ئېچىلىپ تۇرۇشى، ھەرگىز ئۆز مەيلىچە بىكار قىلىۋەتمەسلىك لازىم.
(11) كەيپىيات زىيادە قىزغىنمۇ بولۇپ كەتمەسلىكى ھەم ئۆلۈمتۈكمۇ بولۇپ كەتمەسلىك لازىم.
· ئۆيگە كىرگەندە ياكى چىققاندا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىنچلىقنى ساقلاش، بولۇپمۇ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تېخىمۇ شۇنداق.
· مەجلىس ۋاقتى 2 - 25 سائەتكىچە بولسا تازا مۇۋاپىق بولىدۇ. قىشتا سائەت 22:00دىن، يازدا سائەت 32:00تىن بۇرۇن يىغىن چوقۇم تۈگىشى لازىم.
(12) مەجلىستىن بۇرۇن ئالاقىدار مەلۇماتلار تارقىتىلماسلىقى، مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنماسلىقى لازىم (مەھسۇلاتنىڭ تۇنۇشتۇرۇلمىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا).
2. مەجلىسنىڭ كۈنتەرتىپى:
(1) ئالاھىدە ئىززەتلىك مېھمان ۋە يىغىن رىياسەتچىلىرى كەسپىي پورمىلارنى كىيىش لازىم.
(2) ساھىپخان چوقۇم باشتىن − ئاخىر سورۇندا بولۇپ، خىىزمەتلەرگە ماسلىشىش كېرەك.
(3) يىغىنغا كەلگۈچىلەر ئۆزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئالغان ۋاقىتى 1 − 2 مىنۇتقىچە بولۇشى كېرەك.
(4) رىياسەتچى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە قىلىدىغان ئىشلارنى 3 − 5 مىنۇتقىچە تۇنۇشتۇرۇپ بولۇشى كېرەك.
(5) ئىززەتلىك مېھماننىڭ سۆزلەش ۋاقتى 60 مىنۇت بولۇشى لازىم.
(6) مەھسۇلاتنى تۇنۇشتۇرۇش 15 مىنۇت بولۇشى لازىم.
3. مەجلىستىن كېيىنكى ئىشلار
(1) ئىززەتلىك مېھمان ياكى رىياسەتچى ئۈلۈش ئالىدۇ؛
(2) ABC تەرتىپىدە ماڭىدۇ؛
(3) VCD قۇيۇلىدۇ.
(4) گۇمانلىق نۇقتىلارغا جاۋاب بېرىلىدۇ.
(5) يېڭىياچى كىشىنىڭ سۆزلىشى دەرھال مەشىقلەندۈرۈلۈپ ۋەھىيمىسى يوق قىلىنىدۇ.
(6) بوسۇغىدىن بىر قەدەم نېرىدا بىتىمگە قول قۇيۇش ۋە مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش تەشكىللىنىدۇ.
(7) ئىچىملىك تارقىتىلىدۇ. يېڭىياچى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا كەلگىنىچە سۆزلەپ يۈرمەسلىكى جېكىلىنىدۇ.
(8) ماتېرىيال خالتىسى بېرىلىدۇ.
(9) يېڭىياچى كىشىلەر كەتكەندىن كېيىن دەرھال يىغىننىڭ تەجرىبىسى يەكۈنلىنىدۇ.
(10) 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئىز بېسىپ يېقىنلىشىشقا تېگىشلىك ئوبيېكىتنىڭ كىم ئىكەنلىكى، قانداق ئىز بېسىپ يېقىنلىشىدىغانلىقى دوكلات قىلىنىدۇ. خوجايىنغا چوقۇم يازما خاتىرە قالدۇرغۇزۇلىدۇ.
Ⅳ مەجلىسكە ئالاقىدار بەش مەسىلە
1. «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش» خىزمەت ئۇسۇلى
سىز بىر يېڭىياچى كىشىنى تەۋسىيە قىلىپ، چوڭقۇرلاپ خىزمەت ئىشلىگىنىڭىزدە چوقۇم كۆڭلىگە بىر ئارزۇ پۈككەن، ئىرادىسى چىڭ، ئەجىر قىلىشقا تەييار، رەھبەرگە ماسلىشىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى دەرھال قوزغىتىسىز. سىز قوزغىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇلارغا ياردەملىشىپ مەجلىس ئاچىسىز. ئۇدا ئىككى قېتىم يىغىن ئاچقۇزىسىز. بۇ «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش» دېيىلىدۇ.
«تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش»نىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى
A. بۈگۈن ئېچىپ ئىككىنچىسىنى ئۇلاپلا ئېچىش
B. ھەپتىنىڭ 5 − كۈنى ئېچىپ، كېيىنكى ھەپتىنىڭ 5 − كۈنى ئۇلاپلا ئېچىش
«تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش»نىڭ ئۈچ ئەۋزەللىكى
A. يېڭياچى كىشىنى دەرھال قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىلھامى تۇتقان مەزگىل قولدىن بېرىپ قويۇلمايدۇ ياكى ئۇنىڭ زىيادە ئەگرى توقاي كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
B. بۇ يېڭياچى كىشىگە ياردەملىشىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقاندەك بىر ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ دوست، يار − بۇرادەرلىرىگە ئۇنىڭ ئۇ تىجارەتنى باشلىغىنى ئۇقتۇرۇلىدۇ. قارشى تۇرغۇچىلار ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشقا ئېغىزى بارمايدىغان بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ بۇ توغرىدىكى ئۆسەك سۆزلەرنى ئۇياقتىن − بۇياققا توشۇپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
C. سىز يېڭىياچىغا پەقەت ئىككى قېتىملا مەجلىس ئېچىپ بېرىسىز. مۇشۇنداقتا ھەم سىزنىڭ ۋاقتىڭىز تېجىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشنى قانداق باشلاشنى ئۆگىتىپ قويالايسىز. ئاندىن بۇ يېڭىياچى كىشىنىڭ چۇڭقۇرلىقىدا تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش خىزمىتىنى قايتا ئېلىپ بارالايسىز.
2. مۇئەللىمگە ئايلانغاندىن بەكەرەك مەشقاۋۇلغا ئايلانغان ياخشى
يېڭياچى كىشى سىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭىزگە ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ قانداق قىلغانلىقىڭىزغا قارىسۇن. بۇ تىجارەتنى سىز پەقەت سەھنىدە تۇرۇپ قانداق قىلغانلىقىڭىزنى سۆزلىيەلەيسىز، بۇنى يېڭىياچى كىشى ناھايىتى تەستە ئىگەللىۋالىدۇ. سىز قول تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئۆگىتىشىڭىز لازىم. سىز شۇ ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭغا ئۈلگە كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، سىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىز بىلەن يېڭياچى كىشىنىڭ چۈشەنگىنى ئارىسىدا كۆپ ھاللاردا ناھايىتى زور پەرق بولىدۇ.
يېڭىياچى كىشىنىڭ خىزمەتتىكى يېڭىلىشلىرىنىڭ ئىككى سەۋەبى:
A. يېڭياچى كىشى قانداق قىلغاندا توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
B. خىزمەتنىڭ ئىنچىكە ھاللىرىدىكى يېڭىلىش كۆپ ھاللاردا ئومۇمىي ۋەزىيەتتىكى يېڭىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى
A. سىز دەرھال يېڭىياچى كىشىگە ئۈلگە كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.
B. ئۇ بىرنەچچە قېتىم كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى قىلغۇزۇپ كۆرۈشىڭىز لازىم. ئۇ قىلغاندا سىز دەرھال تۈزىتىمەن دەپ تۇرىۋالماڭ. ئۇنىڭ بارلىق «ئەپتى − بەشىرىسى»نى ئاشكارىلاشقا يول قۇيۇڭ. باشتا خاتىرە قالدۇرۇڭ، ئاندىن تۈزىتىڭ.
3. قەرەللىك ۋە سۈرۈكلۈك ھالدا مەجلىس ئېچىشنىڭ مۇھىملىقى
مەجلىس ئاچالماسلىق ياكى مەجلىسكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپ بولماسلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى قەرەللىك ۋە سۈرۈكلۈك ھالدا بۇ يىغىننى داۋاملاشتۇرۇش.
قەرەللىك ۋە سۈرۈكلۈك بولۇشنىڭ ئۈچ ئەۋزەللىكى:
A. پىششىقلىق ماھارەت تۇغىدۇ. سىز ئەسلىدە مەجلىس ئېچىشنى بىلمىسىڭىز بۇ تولۇقلىنىپ كامالىنى تاپىدۇ.
B. كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەككى، پەقەت قەرەللىك ۋە سۈرۈكلۈك خۇددىي سائەتنىڭ ئىستېرىلكىلىرىغا ئوخشاش دەل ۋاقتىدا بولغاندا ئاندىن سىزنىڭ تەسىرىڭىز كېڭىيىدۇ. كىشىلەر ئاندىن نەدە مەجلىس بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار ئاندىن سىزنىڭ يېنىڭىزغا خېرىدار ئاپىرىشنى بىلىدۇ. بولمىسا، سىزنىڭ يېنىڭىزغا ئادەم ئاپارمايدۇ. قانداق ۋاقىتتا مەجلىس ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
C. سىزنىڭ بىرگە − بىر ئۆتۈشۈش ۋاقتىڭىزنى قىسقارتىدۇ. سىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋاقتىڭىزنى قىسقارتىدۇ.
4. قانداق ئۈلگە ئالىمىز؟
بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىتىش، بىر تەرەپتنن قىلىش.
بىر تەرەتىن ئۆگىنىش: رەھبەرلەردىن ئۆلاگىنىش، ئىنچىكە كۈزىتىش، ئۈنئالغۇغا ئېلىش، خاتىرە قالدۇرۇش، تەجرىبە − ساۋاقلارنى يەكۈنلەش.
بىر تەرەپتىن قىلىش: شەخسىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۈسۇلى مۇستەقىل ئىشلەش ۋە كۆپ ئىشلەش
بىر تەرەپتىن ئۆگىتىش: سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ كېڭىيىشى، كىرىمىڭىزنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇل تارماقتىكى ئېچىلغان مەجلىس سانى ۋە قېتىم سانىنىڭ كۆپلىكىدۇر. سىز چۇڭقۇرلاپ خىزمەت قىلىشىڭىز، ئوتنى تېگىدىن يېقىشىڭىز، قىلغان ئىشىڭىز كۆپۈكتەك بولۇپ قالماسلىقى لازىم. سىز ۋاقىت ئەركىنلىكىگە، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىققە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، كىشىلەرگە بېلىق سوۋغا قىلىشنى ئەمەس، بەلكى بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىشىڭىز كېرەك.
5. ناتۇنۇش ← ياخشى كۆرۈش ← ئادەت يېتىلدۈرۈش
ھەرقانداق ئادەم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا تىجارەتچى بولالمايدۇ. ھېچكىم تۇغۇلۇپلا مەجلىس ئاچالايدىغان بولمايدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا نىسبەتەن ۋەھىيمىلىك ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. شۇڭا سىلەر ئىشنى باشلاشقا جۈرئەت قىلالمايسىلەر. دېمەك، ئىشنىڭ بېشى مەجبۇرلىنىشتىن باشلىنىدۇ. سىزنىڭ قەلبىڭىزگە چۈشىۋاتقان بېسىممۇ كۆپ بولىدۇ. لېكىن سىز پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلىسىڭىز سىز شۇنداق ھېسلارنى تاپالايسىزكى، بارا − بارا مەجلىس ئېچىشنى ياقتۇرۇپ قالىسىز. سىز تەلىم − تەربىيە رىياسەتچىسى بولىسىز. سىز ئۈزلىكسىز بۇ ئىشنى قىلسىڭىزلا، ئۇ ئۈزلىكسىز سىزنىڭ ئادىتىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
سىز مەجلىس ئېچىشتىن باشلاپ رايوندىكى مەركىزىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا، ئاندىن كېيىن زور كۆلەمدىكى تەربىيىۋىي يىغىنلارنى ئېچىشقا بارالايسىز. ئاخىرىدا سىز چوقۇم كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە تەلىم − تەربىيە رىياسەتچىسى بولالايسىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ تىجارەت ئىمپېرىيىسىنى قۇرالايسىز ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولالايسىز.