كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش
يانفوندا كۆرۈش
كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش
شىركىتىمىز كارخانا ئۆلچىمىنى لايىھەلەپ تەييارلاشتىن تارتىپ ئەنگە ئالدۇرۇشقىچە بولغان بىر قاتار كەسپىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ ، تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتلىرى ، يېمەكلىك ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ كارخانا ئۆلچىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ تەييارلىغان ئۆلچىمىنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ، ئەنگە ئالدۇرۇشى تېز ، ھەمدە ئەنگە ئالدۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەھسۇلات ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىق ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ .
كارخانا مەھسۇلات ئۆلچىمىنى تەييارلاش(يېزىش) ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش مۇلازىمىتى :
كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ تولۇق ئاتىلىشى « مەھسۇلات كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » نۇرغۇن ئادەملەر قىسقارتىپلا « كارخانا يېمەكلىك ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » « كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » ، « يېمەكلىك ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » دەپ ئاتايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بىر ئۇقۇم . ئەگەردە سىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى ئشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىجرا قىلىنۋاتقان دۆلەت ئۆلچىمى ، ساھە ئۆلچىمى يوق بولسا ۋە ياكى سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ تېخنىكا كۆرسەتكۈچى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى،ساھە ئۆلچىمى دىن يۇقىرى بولسا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى » ۋە ئالاقىدار قائىدە - نىزاملىرىغا ئاساسەن ، سىز چوقۇم مەھسۇلاتىڭىزغا ئۆلچەم بېكىتىشىڭىز ھەم بۇ ئۆلچەمنى ئەنگە ئالدۇرۇشىڭىز كېرەك .
بۇنىڭدىن سىرت،سىز مەھسۇلات تەكشۈرتۈش ، شۇنىڭدەك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى (QS) ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، كارخانىلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان ئۆلچىمى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
مۇلازىمەت دائىرىسى : پۈتۈن شىنجاڭ
1 . كارخانا ئۆلچىمى ( مەھسۇلات ئۆلچىمى \ ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى )نى يېزىپ تەييارلاش ، ئۆزگەرتىش
2. كارخانا ئۆلچىمى ( مەھسۇلات ئۆلچىمى \ ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى )نى ئەنگە ئالدۇرۇش ، تىزىملىتىش .
شىركىتىمىز ۋەدە قىلغان مۇلازىمەت سۈپىتى :
1 . شەكلى ۋە يازما ماتېرىيال GB/T 1.1-2009 نىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك .
2 . ئىشلتۋاتقان ئۆلچەمنىڭ ھازىر ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش .
3.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قائىدە - نىزاملىرىغا ئۇيغۇن بولۇش .
4 . ئۆلچەم ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىش .
خېرىدارلار تەمىنلەشكە تېگىشلىك ماتېرىياللار :
1. كارخانا ئىسمى ، كارخانا ئەنگە ئالدۇرغان ئادرېسى ( سودا - سانائەت ئىدارىسى تارقاتقان تىجارەت كىنىشكىسىدىكى ئادرېس ئۆلچەم قىلىنىدۇ )
2. مەھسۇلات ئىسمى ، تۈرى ، ئۆلچىمى .
3. مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى ، مەسىلەن ، خىزمەت پىرىنسىپى ، ئۇششاق دېتالى ، تۈزىلىشى ، ھۈنەر - سەنئىتى ، كۆرۈنۈشى ، ئىقتىدارى، ئورالمىسى قاتارلىقلار
4. تەكشۈرۈش دوكلاتى ، ياكى مەھسۇلات تېخنىكىسىنىڭ پارامېتىرى
5. مەھسۇلاتنىڭ باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرى ، مەسىلەن چۈشەندۈرۈشى ، رەسىمى ، پاتېنت چۈشەندۈرۈشى قاتارلىقلار
6. ئۇنىڭدىن باشقا مەھسۇلات تېخنىكىسى تەلىپىگە ئائىت باشقا ماتېرىياللار .
دىققەت : يۇقىرىدىكى 2-6 گىچە بولغانلىرىنى چوقۇم تەمىنلەڭ دەپ تۇرىۋالمايمىز ، شىركىتىمىز سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزى تەييارلىسىمۇ بولىدۇ .
شىركەتنىڭ خىزمەت جەريانى :
1 . خېرىدارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىش ( توختام ئىمزالاش )
2. ھازىر قانداق ئۆلچەمنىڭ ئىشلىنۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش
3 .ئۆلچەملىك قىلىپ ماتېرىيال تەييارلاش
4 . يازغان ماتېرىيالنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ چىقىپ ئۆزگەرتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش .
5 . مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تەييار قىلغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇش ( سۈپەت - تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ، سەھىيە ئىدارىسى ۋە دورا -يېمەكلىك نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتارلىقلار ).
شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە
شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز .
ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى جۇڭۋەن كوچىسى 8-كوچا 15- نومۇر 1- بىنا 101- ئىشخانا
تېلېغۇن نومۇرى : 2571846-0991
15026000904
ئۈنددار : 15026000904
تور بىكەت : http://dildost.yanbilog.com//www.dildost.com