ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بىلەن دورىنىڭ ئاساسلىق پەرقى
ۋاقتى: 2016-08-03
ئاۋاتلىقى: 1188 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بىلەن دورىنىڭ ئاساسلىق پەرقى
1. ئىشلىتىش مۇددىئاسى ئوخشىمايدۇ.
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئورگانىزىمنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىرنى ئاشۇردۇ. ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىنى ياخشىلايدۇ. كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئالدىنى ئىلىش ئاساس، كېسەل داۋالاشنى ئاساسى مەقسەت قىلمايدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ
دورا بولسا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، داۋالاش، دىياگنوز قويۇش ، كىشىلەرنىڭ فىزئولوگىيلىك ئىقتىدارىنى مەقسەتلىك ھالدا تەڭشەش، ماس كېلىدىغان كېسەللىككە ئىشلىتىش ياكى داۋالاش ئىقتىدارى ،ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىقلار ئىنىڭ بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
2.ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بەلگىلىەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىگە جىددىي ، غەيرى جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدۇ.
دورىنىڭ زەھەرلىك تەسىرى بار بولىدۇ.
3. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ساغلاملىق يىمەكلىكلىرنى ئېغىز ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ . دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقىمۇ ،بەدەنگە سۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
4.ئىشىلەتكەن خام ماتېرىياللارنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمايدۇ. زەھەرلىك ۋە زىيانلىق ماددىلار ساغلاملىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا خام ئەشيا قىلىشقا بولمايدۇ