-
2010-05-04
«تەڭداشسىز ھەقىقەت»
«تەڭداشسىز ھەقىقەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ھەقىقەتنىڭ زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئۈستۈنلۈك شەرىپىگە نائىل ئىكەنلىكى، ساغلام ئەقىدە بىلەن شەرەپلەنگۈچىلەر ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە پەخىرلىنىشى لازىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچلىرىدا ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
-
2010-05-04
مەن تۈركىيەدە قانداق ئوقۇدۇم
مەن ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەسلىدە گىرمانىيە مىيۇنخىن ئۇنۋېرسىتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇشنى ئويلىغانىدىم،شۇڭا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىدا ئىشتىن سىرت بىر يېرىم يىل نېمىس تىلى ئۆگەندىم ۋە ئىمتىھان بەردىم ،گىرمان تىلىدىن 4-دەرىجىدىن ئۆتتۈم،ئەمما كىيىنچە ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇنچە ياخشى ئەمەسلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ گىرمانىيەدە ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىم. لېكىن مىنىڭ يەنىلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش خىيالىدىن ۋاز كەچكۇم يوق ئىدى. شۇڭا چەتئەلدىكى دوستلىرىم ۋە Jeck تور خاتىرىسىدىكى تۈركىيەدە ئوقۇش تېمىسىدىكى يازمىلاردىن تۈركىيەدە ئوقۇش پۈرسىتى بارلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدىكى دوستلىرىمغا دەپ ئۇ يەرنىڭ چاقىرتىش قەغىزىنى ئالدىم. ئۇندىن كىيىن كېرەكلىك ماتىرياللارنى تەييارلاپ،تۈركىيە كونسۇلغا ماتىرياللىرىمنى تاپشۇردۇم. شۇنچىلىك ۋاقىتتىن بېرى نېمىس تىلى ئۆگۈنۈپ تۇيۇقسىزلا تۈركىيەدە ئوقۇش پىلانى چىقىپ قالغاچقا سەل گاڭگىراپ قالدىم. چۈنكى گىرمانىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ۋە ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىس تىلىمۇ ئۆگۈنۈپ،بىر يەرلەرگە بارغانىدىم. شۇنداقتىمۇ ئەمىلىيەتنى قۇبۇل قىلىپ بىر ئاز تۈرك تىلى ئۆگۈنۈشكە تۇتۇشتۇم. بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈشكە باشلىدىم .بۇ جەرياندا كۆڭلۈم ناھايىتى تەڭپۇڭسىز ئىدى. بۇ ۋاقىتلارنى ئۈز -ئۈزەمگە تەسەللى بىرىپ ئارزۇيۇمغا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يىتىشنى پىلانلىدىم. ئوزۇن ئۈتمەي تۈركىيەنىڭ ۋىزىسىمۇ چىقتى. شۇنىڭ بلەن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتىم. -
2010-05-02
چەت ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئانا بىلەن سۆھبەت -
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەدە. بۈگۈن سىزدىن بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا پىكىرلىشەي، دېگەن ئىدىم. بىلگەن، ئۆگەنگەنلىرىڭىز ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرىڭىزدىن سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارىكەتۇھۇ، پەقەت ئاللاھلا خاتالىق ۋە نۇقسانلاردىن پاكتۇر. مەن بىلگىنىم بويىچە، ئامال بار ياخشى جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. بىز باشقىلارغا ئۈلگە بولالمايمىز. ئۈلگە بولۇشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەر يېتەرلىكتۇر. بىز پەقەت شۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتقان ۋە شۇلاردىن ئۆگىنىۋاتقانلارمىز.
سوئال: ئىككى ئوغلىڭىز باركەن. ئوغۇللىرىڭىزنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز. يەنى پەننى ۋە دىنىي جەھەتلەردە قانداقراق بىلىم ئىگىلەۋاتىدۇ؟
جاۋاب: مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم(يەتتە ياش) ئىسلامى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلار مەكتەپتە سەككىز خىل دەرس ئوقۇيدۇ: قۇرئان، ئەرەب تىلى، ئىسلام بىلىملىرى، ئېنگلىز تىلى ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ۋە تەنتەربىيە.
ئوغلۇم ھازىر قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىنى تۈگىتىپ رەسمى قۇرئان ئوقۇشنى باشلىدى. ئوقۇتقۇچىسى ھازىرچە يادلاشنى ئەمەس، مۇسھەفكە قاراپ توغرا ۋە راۋان ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاچقا، بىزمۇ ئۆيدە شۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتىمىز. -
2010-05-02
چولپان بىلەن توي قىلدىم
تۇنجى خىىزمەت ھاياتىمنى «چولپانلار» ژورنىلىدا مۇخبىرلىق قىلىشتىن باشلىدىم.
نىمە ئۈچۈن بۇ ژورنالدا ئىشلىگىنىمنى، قانداقلارچە مۇخبىر بولۇپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
سودا كەسپىنى پۈتتۇرگەندىن كىيىن دادام ھەر قايسى شىركەتلەرگە قاتراپ ماڭا خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدى.
بۇ ئاردا كۈنلىرىم، «ھىلال» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى دوستۇم ئابدۇ جەۋۋاد بىلەن بېرىش-كىلىش، سۆھبەت قۇرۇشلار بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى.
بىر كۈنى جەۋۋاد مىنى مەلۇم بىر فىلىم ئىشلەش شىركىتىگە ئېلىپ باردى، مەن ئۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئايال كىنو چولپىنى فاتىن ھەمامىنى كۆردم. ئۇنىڭ قاملاشقان تەق-تۇرىقىنى يېقىندىن كۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقىنىمۇ بىلىپ ئۈلگۈردۈم. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىكراندا كۆرۈنگىنىدەك غەمكىم، مۇڭ چىراي ئەمەس ئىدى.
مىنى ئۆزىگە ئەڭ تارتقىنى فىلىم ئىشلەش، سۈرەتكە ئېلىش، رولغا چىقىش، رولچىلارنىڭ دىئالۇگلىرى ۋە رىژىسسورلۇق بولدى. -
2010-05-02
«ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!»
مىلادىيە 375-يىلى پۈتكۈل ياۋروپا يەر تەۋرىگەندەك تىترەپ كەتتى. ئاسىيادىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ياۋايى ئاتلىقلار ياۋروپانىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بۆسۈپ تاشلىدى.
«ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» ئەجەبا، بۇ «ئىنجىل» دا بېشارەت بېرىلگەن زامانى ئاخىرنىڭ ئۆزىمىدۇ؟
ھونلار بېسىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شىمالى چېگرىسى دائىم بەدەۋى قەبىلىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئەمما رىملىقلارنى ھەقىقىي باش ئەگدۈرگەنلەر يەنىلا ھونلار بولدى.
1500 يىل ئىلگىرى ھونلار ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغاندىن باشلاپ، ئۇلار ئاسىيادىن كەلگەن ۋەھىمە دەپ قارالدى. شۇ چاغدىن ئېتىبارەن مەدەنىيەتلىك غەرب دۇنياسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ساراسىمىگە سالغان شەرقلىق غەيرىي قوۋملاردىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ قالدى.
ھونلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشى غەرب جەمئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى.
ھونلار يەر شارىدىكى ئەڭ مەشھۇر مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئەينى چاغدىكى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىمپېرىيە بولمىش – جۇڭگو، پىرسىيە ۋە رىمغا تەھدىت سالغان بىردىنبىر مىللەت. -
2010-05-02
تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە ياۋروپا قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بۇ رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللىق كۆپ تەرەپلىك مائارىپ ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، ئىزچىل تۈردە ئورۇنلاپ كەلمەكتە. بۇ مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتى (يوك=يۈكسەك ئوگرەتىم كۇرۇلۇ ) تور سەھىپىلىرىنى زىيارەت قىلىپ بىلەلەيسىز. -
2010-05-02
قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە
مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭايغانچە رېئاللىق تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. قورسىقىم بەك ئاچاتتى، دەرس سائىتى توشۇپ بولغىچە قورساق ئالدىرىتىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە چولا، نەپسىم موما-سەي.. كوكا-كولانى تارتىپلا تۇراتتى. ياتاققا كىرىپلا زېرىكىشلىك كىتابلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاشخانىغا چاپاتتىم، قىزلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىمۇ تاماققا تاقىلدايتتى، بىزنىڭمۇ شۇنداق. ھېسسىيات دېگەن قورساق تويغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىغان نەرسە. قورسىقىم تويغاندا ئاندىن قىزلارغا سەپسېلىشقا باشلايتتىم، كۆزۈم ئوغۇللارنى پەقەت كۆرمەيتتى. كىم ئاقسا، كىم بىچارە... بەرىبىر ئىدى. ھەممىسىنىڭ خىيالى مەندەك، ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەندەك ئىدى، قىزىقتۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ئاشۇ رەڭگارەڭ قىزلار ئىدى. گۈزەللەرنىڭ بوينى، بېلى، ساغرىسى خۇنۇك ھېسسىياتلىرىمنى چاقنىتىۋېتەتتى. كىنوغا، تانسىغا ئامراق ئىدىم، شۇ يەردىمۇ قىزلار بار ئىدى، غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەردەك توپ-توپ قىزلار مەيلىمنى شۇنچىلىك تارتىپ تۇراتتىكى، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلانغاندەك قاراپ تۇراتتىم. مەكتەپتىكى ھەقىقىي چىملىق ۋە گۇلزارلىق، ئەڭ ھاياجانلىق مەنزىرە يەنىلا قىزلار ئىدى. تانسىخانىدىكى قىزلار ئېتىزلىقتىكى يۇمران گۈل-چېچەكلەرگە ئوخشايتتى، ھەممىسى ئەمەس، كۆپلىرى غۇنچىسى تۆكۈلگەن، غولى قالغان ياۋا گۈللەر ئىدى، قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ئەمما تۈۋىدىن سېسىپ چىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق.
-
2010-04-30
2010-يىللىق ئۆزبەكچە يېڭى ئىتوت
بۇ بىزگە قېرىنداش بولغان ئۆزبىكلەرنىڭ 2010-يىللىق نۇرۇز پائالىيتىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكى ، ھەممىڭلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، قۇۋمنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە سالاھىيتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە سالاھىيتى بىلەن بەلگىلىنىدۇ . بىر جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلىنىشى __خۇتۇنلارنىڭ بۇزۇلىشىدىن باشلىنىدۇ .يېڭى بىر ئەسىر مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق . تارىخنىڭ ئاۋازى ئەسلىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى يادىمىزغا سالدى . بىز بۇ يېڭى ئەسىر بۇسۇغىسىدا تۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز ، كىلەچەك ۋە ئىستىقبالىمىز ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا توغرا كەلدۇق !!
-
2010-04-25
ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، دۇنيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقىي مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت.
ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.
<ئۇيغۇر> دىگەن نام دەسلەپتە ئىتنىك (مىللىي) ئىسىم ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: "<تۈرك> دىگەن ئىتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى <تۈرك> دىگەن بۇ ئاتالغۇ تۇرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ" دىگىنىگە ئوخشاش، <ئۇيغۇر> دىگەن ناممۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام. -
2010-04-25
ﺋﺎھ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭ
ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻳﻮﻝ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ھﺎﯞﺍ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻗﯘﺷﻼﺭ...
ﮔﺎھ ﺋﻮﯕﯘﻣﺪﺍ، ﮔﺎھ ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﻩ ﺭﻭھﯩﻤﻐﺎ ھﺎﻣﺎﻥ ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ. ﮔﺎھ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﺍ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻏﻪﻟﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﺳﻪ، ﮔﺎھ ﺗﯩﻠﯩﻤﺪﺍ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪﻙ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﻐﯘﺑﺎﺭ ھﺎﻳﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﮔﺎھ ھﻪﺳﻪﻥ - ھﯜﺳﻪﻧﻨﻰ، ﮔﺎھ ﺗﺎﯓ ﺷﻪﭘﯩﻘﯩﻨﻰ، ﮔﺎھ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ - ﻳﯧﺸﯩﻨﻨﻰ، ﮔﺎھ ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻢ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ھﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ، ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻝ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.
-
2010-04-25
‹‹بالا باققۇچى›› بىلەن ‹‹كالا باققۇچى››
كۈن چۈشتىن ئۆتۈپ، قۇياش غەربكە قايرىلغان ئىدى. بوستانلىققا پۈركەنگەن ئېتىز – دالالار ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتقان ئەگرى – بۈگرى يولدا يېزا قىزلىرىدەك كىيىنگەن، 20نەچچە ياشلاردىكى چىرايلىق بىر قىز ئەتراپقا زوقلىنىپ نەزەر سالغىنىچە كېلىۋاتاتتى. ئۇ مەھەللىگە يېقىنلاشقانسېرى ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان قىز – چوكانلار، مەھەللە ئىچىدىكى ئۆي – قورالاردىن ئىشىك ئالدىغا چىققان ئاياللارنىڭ پارىڭى قۇلىقىغا كىردى.
—نەدىن كەلگەن خېنىمدۇ بۇ؟
—شەھەردىن كەلگەن ئوخشايدۇ!
ئۇ يېقىنلاشقانسېرى جامائەت ئۇنى تونۇپ ھەيران قېلىشتى.
—ۋاي، بۇ شەھەردىكى قاسىم باشلىقنىڭ قىزى پەرىدەخانكەنغۇ؟
-
2010-04-25
قېنى، خوشە!
ئۇ ساقى سۇنغان پىيالىنى قولىغا ئېلىپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ ھاراق ئىچىپ باقمىغانىدى. ھاراق سورۇنىغا قاتنىشىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. شۇڭا سەل قورقۇپ قالدى.
خوشە!
يەتتە – سەككىز جۈپ كۆز ئۇنىڭغا تىكىلگەنىدى. ئۇ تېخىمۇ ھودۇقتى. توۋا، ‹‹خوشە!›› دېگەن بۇ سۆز نېمە دېگەن سۈرلۈكھە؟! ئۇ بۇرۇن ھاراقكەشلەر ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇ سۆزگە پەقەتلا دىققەت قىلمىغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن ئىكەن. قارا، قارا...توۋا، ۋىجدانغا، ئەخلاققا، ھاياغا، سالامەتلىككە...ئىشقىلىپ جىمى ئېسىل پەزىلەتلەرگە خوش! دەيدىغان گەپكەنغۇ بۇ...
قېنى خوشە!
-
2010-04-25
ئانامدىن ئالغان پۇل
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىنىمىزگە خېلى بولدى. ئالىم ئىككىمىز كىچىك ئىشنى ياراتماي، چوڭراق ئىشنى تاپالماي خىزمەت كۈتۈپ يۈردۇق. باشقا ساۋاقداشلار قانداقلا بولسۇن ئىش تېپىپ بولغانىدى.
— ئىشلەۋېرەيلىمىكىن دەيمەن، – دېدى ئالىم بىر كۈنى ماڭا مەسلىھەت سالغاندەك تەلەپپۇزدا.
— نېمە؟ ئۆيمۇ ئۆي گاز توشۇيدىغان ئىشنى بىزدەك ئالىي مەلۇماتلىقلار قىلساق قانداق بولىدۇ؟ – دېدىم مەن ئالىمنىڭ رايىنى رەندىلەپ.
— ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن ئانام كېسەلچان، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا، سىڭلىمنىڭ ئوقۇشىغا پۇل كېرەك، دادام يالغۇز مائاشى بىلەن بۇلارغا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ لاغايلاپ يۈرسەم بولمىغۇدەك، شۇڭا ئىشلەۋېرەي. گاز توشۇسام نېمە بوپتۇ، بىنالارغا چىقىپ – چۈشۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇۋالىمەن تېخى، – دېدى ئۇ قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ.
-
2010-04-25
ئاتىنىڭ يۈرىكى
سەن ، ياق! بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئاخىرلاشتى . شۇ كۈندىن باشلاپ سەن بىر نەچچە كۈن كىتاپقىمۇ قارىماي قانغىچە ئۇخلىۋالدىڭ . ھەممىمىز ئۇھ دەپ تېرىمىز سەل – پەل كەڭىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشتۇق . ئۇزۇن ئۆتمەي ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى ، سەن خېلى يۇقىرى نومۇر ئالغان ئىدىڭ . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇڭ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇراتتى. لېكىن ئارزۇ – ئارمانغا تولغان ئارام بەخش كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. نېمىشقىكىن ساڭا سەن ئارزۇ قىلغان مەكتەپتىن چاقىرىق كەلمەيۋاتاتتى ، ئۇيقۇڭ ئازلاپ قالدى ، يۈزلىرىڭدە پەرىشانلىق بۇلۇتلىرى ئەگىپ يۈرەتتى . كۆزلىرىڭدە تەشۋىشلىك نۇرلار چاقنايتتى. ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل ئاسمىنىنى تەشۋىش بۇلۇتلىرى قاپلىدى . سېنىڭ ، ياق ، ھەممىمىزنىڭلا يۈرىكى جاڭگال كاۋىپىدەك پۇچىلانماقتا ئىدى . نەچچە رەت چاقىرىق سۈرۈشتۈرۈپمۇ ھاردىڭ . ئۈنىڭ بارغانچە ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتى . ‹‹نېمە ئۈچۈن ؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟...›› دېگەن سوئاللار خىيال ئىكرانىڭدا ئەگىپ يۈرەتتى . ‹‹ئۈمىدلىك بول ئوغلۇم، بۇ يىل چاقىرىق كەلمىسە ، قايتا ئوقۇ ، كېلەر يىلى چوقۇم ئەڭ ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلەيسەن›› دەيتتىم ساڭا تەسەللى بېرىپ. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قەلب ئاسمىنىممۇ تۇمانلىق ، كۆڭۈل قەسىرىم ئازاپ ئىسكەنجىسىدە پەرىشان ئىدى .
-
2010-04-25
مېنىڭ ئانام __بىر ‹‹ ئاق ›› چەككۈچىنىڭ بايانى
دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە ، ئۇ 15 ياشلارغا كىرگەندە ، ‹‹ پۇل تاپىمەن›› دەپ مەھەللىسىدىكى بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپتۇ. ئۇ يەردە ئىسسىق– سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپتۇ . كېيىن شۇ يەردىكى مومامنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ قاپتۇ . ئانام بىلەن شۇ يەردە تونۇشۇپ قېلىپ ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ توي قىلىپتۇ . ئانام بىلەن بىرلىكتە تىجارەت قىلىپ ، بىر مەزگىل ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ .
مەن 3 ئايلىق بولغاندا ، دادامنىڭ قەشقەردىكى ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى ‹‹قەشقەرگە قايتىپ كېلىڭلار›› دەپ تۇرۇۋېلىپتۇ . بىراق ئانام پەقەت ئۇنىماپتۇ . ئاخىرى دادام ئانام بىلەن ئاجرىشىپ ، ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىمىزنى ئانام بىلەن ئاچامغا بېرىپ ، مېنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كېتىپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىدىن توي قىلىپتۇ . مەن ئەقلىمگە كەلسەم ، ئۆيدە ئۆگەي ئانام بار ئىكەن. ئۆگەي ئانام ئۆتۈپ كەتكەن ھازازۇل ، قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇردىغان ، ماڭا دادام بار يەردە بىر خىل ، يوق يەردە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدىغان رەھىمسىز ئايال ئىدى.