• تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات - [تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر]

     

    تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات


    تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە ياۋروپا قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بۇ رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللىق كۆپ تەرەپلىك مائارىپ ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، ئىزچىل تۈردە ئورۇنلاپ كەلمەكتە. بۇ مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتى (يوك=يۈكسەك ئوگرەتىم كۇرۇلۇ ) تور سەھىپىلىرىنى زىيارەت قىلىپ بىلەلەيسىز.
    1) http://www.yok.gov.tr/
    2) http://www.yok.gov.tr/yabanci/Türki.htm
    3) http://www.yok.gov.tr/yabanci/ikili_kulturel.htm
    ئا. تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار
    تۈركىيىدىكى بۇ ئوقۇشقا جۇڭگودىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك ياكى تاتار ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئېنىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

    1. كىشىلىكى (ئەخلاقى-پەزىلىتى)
    تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن، تىرىشچان، غايىلىك ۋە توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە، ئۆز مىللىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاتار ياشلىرىدىن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

    2. كىملىكتە ئۇيغۇر ، ئۆزبېك ياكى تاتار
    سالاھىيەت كىملىكى بولۇشى ۋە سالاھىيەت كىملىكىدە مىللىتى چوقۇم ئۇيغۇر، ئۆزبېك ياكى تاتار دەپ ئېنىق يېزىلغان بولۇشى كېرەك. قازاق ، قىرغىز ۋە باشقا قېرىنداش تۈركلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدۇ.

    3. پاسپورت
    پاسپورت بېجىرگەن بولۇشى كېرەك. ئەگەر پاسپورت بېجىرمىگەن بولسا،ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇپ، 3.ئايدىن بۇرۇن بېجىرىپ بولۇپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.
    ئالىي مەكتەپتە تولۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچلارنىڭ يېشى 22 دىن، ماگىستېرلىقتا (ئاسپىرانتلىقتا) ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 27 دىن، دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 32 دىن ئاشمىغان بولۇشى كېرەك.

    مەسلىھەت:
    پاسپورت ئېلىش ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇنى ھوقۇقى. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، پاسپورت ئېلىۋېلىش ناھايىتى پايدىلىق. تەكلىپنامە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاۋۋال سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەكلىپنامە تەلەپ قىلىنىپ، پەقەت ئامال بولمىسا، تۈركىيىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ تىل بۆلۈمىدىن تەكلىپنامە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەكتەپلەر بۇ تەكلىپنامىگە 100 دوللار ئەتراپىدا تەلەپ قىلىدۇ.

    4. ئىلتىماس جەدۋىلى
    تۆۋەندىكى تۈركىيە ئوقۇشىنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ، ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا تولدۇرۇڭ. ئوز ۋە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئىمزاسىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا قويۇشقا يول قويۇلىدۇ. تەييار بولغان جەدۋىلىنى سكان قىلىپ، قالغان ماتېرىياللار بىلەن تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا بىرگە ماڭدۇرۇپ بېرىڭ:

    ئىلتىماس جەدىۋەلى [مس-ۋورد] ئىلتىماس جەدىۋەلى [پدف]

    5. ئوقۇش نەتىجىسى، سەۋىيە كىنىشكىسى، ئۇنۋان ۋە دىپلوم

    (1) ماگىستىرلىق (ئاسپىرانتلىق)تا ئوقۇش ئۈچۈن:
    1) ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش دىپلومى ۋە دۆلەت بىر تۇتاش تارقاتقان ئۇنۋان كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئوتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بولۇشى كېرەك. ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار دىپلوم بىلەن ئۇنۋاننى 7-ئايدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماس ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلۇم ۋە ئۇنۋان بەرىلدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كوپەيتىلمىسىنى سچان قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.
    2) ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى پۈتۈن دەرسلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىن چىقىرىپ بەرگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا 3 يېرىم يىللىق ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرۇشى كېرەك. گپا=3.0(ئومۇمى نەتىجىسى ئەڭ ئاز 75 بۇلىشى كېرەك.) بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.
    3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلىدىن 4-دەرىجە ياكى 6-دەرىجە (چەت-4،6) سەۋىيە كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.
    تۈركىيىدە ماگىستىرلىق 2 يىلدىن 3 يىلغىچە.ئەگەر توئەفل ياك ئىئەلتس ۋە گرە نەتىجىسى بولسا ئوقۇغۇچى تۈركچە تەييارلىقنى ئوقۇمايلا بىۋاسىتە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرەلەيدۇ. بۇ نەتىجىلىرى يېتەرلىك بولمىغانلار تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق تۈركچە، ئىڭىلىزچە تىل ئىمتىھانلىرى ۋە گرە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ، تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپكە نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
    (2) دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن:
    1) ماگىستىرلىقنى (ئاسپىرانتلىقنى) پۈتتۈرگەن دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە ئۇنۋانى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى ياكى جامائەت گۇۋاھلىق ئورگانلىرىدىن تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك.
    2) ماگىستىرلىق ئوقۇشىدىكى دەرس نەتىجىسى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا دىپلومىنى ۋە ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى 6- ياكى 7-ئايدا ئالغاندىن كېيىن تېزدىن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.
    گپا=3.0(ئومۇمى نەتىجىسى ئەڭ ئاز 75 بۇلىشى كېرەك.) بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.
    3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىزچىدىن 6- دەرىجە (چەت-6) سەۋىيە كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.
    تۈركىيىدە دوكتورلۇق ئوقۇشى 3 يىلدىن 6 يىلغىچە.ئەگەر توئەفل ياك ئىئەلتس ۋە گرە نەتىجىسى بولسا ئوقۇغۇچى بىۋاسىتە تۈركچە تەييارلىقنى ئوقۇمايلا بىۋاسىتە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرەلەيدۇ. بۇ نەتىجىلىرى يېتەرلىك بولمىغانلار تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق تۈركچە، ئىڭىلىزچە تىل ئىمتىھانلىرى ۋە گرە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ، تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپكە نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:
    نەتىجە ، دىپلوم، ئۇنۋەن ۋە سەۋىيە كىنىشكىلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگان ۋە تور بەتلىرىدىن تەكشۈرۈلۈپ راست-يالغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا يالغانچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    6. ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش (چۋ) ۋە ئىلتىماس خەتلىرى (personal statement)
    1) بىر پارچە ئۆز-ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ يازغان تونۇشتۇرۇش خېتى،
    2) بىر پارچە تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنامە بولۇشى كېرەك.
    ئىلتىماسنامە ۋە ئۆزىنى ، ئائىلىسىنى تونۇشتۇرۇش خەتلىرى ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا تەپسىلىي ۋە رەتلىك يېزىلىشى ھەم ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىشى شەرت. ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىلتىماسنامىلەرنى چوقۇم ئۆزى ئەتراپلىق ئويلىنىپ مۇستەقىل يېزىشى ۋە ئىنگلىزچە ئەتراپلىق تەييارلىنىشى كېرەك. ئىنگلىزچىغا نۇسخىسى بولمىغان تونۇشتۇرۇشنامە ۋە ئىلتىماسنامە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

    7. ئوقۇتقۇچى ۋە كەسىپ ئەھلىنىڭ تەۋسىيىنامىسى
    ۋەتەندە تولۇق كۇرسنى ۋە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ۋە پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە دەرس بەرگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ (ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر بولسا، ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە، ئوقۇتقۇچى خەنزۇ بولسا، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ) يۈزىپ بەرگەن تەۋسىيىنامىسى (رەچوممەنداتىئون لەتتەرس) ۋە ئۆزىنى ئوبدان بىلىدىغان ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىر ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان تەۋسىيىنامىسى بولۇشى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئۆزىگە تەۋسىيىنامە يېزىپ بەرگەن يۇقىرىدىكى 2 شەخسنىڭ ئالاقىلىشىش پوچتا ئادرېسى، ئېلخەت ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغانلار كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، بۇ تەۋسىيىنامىلەرگە ئالاھىدە قارىلىپ تاللىنىدۇ.
    تەلەپلەر يۇقىرىقىدەك. بۇ تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ئەمما ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. باھالاشتىن ئۆتۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بارلىق ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەييارلاشنىڭ تاللىنىشقا جىق پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا سەل قارىماڭ!

    8. كاپالەتنامە: ئەگەر بۇ ئوقۇش ھەل بولسا، چوقۇم ئوقۇشقا چىقىدىغانلىقى ۋە ۋاز كەچكەن تەقدىردە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئوز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كاپالەتنامىسى

    9. ئىلتىماس ھەققى 50-دوللار (بۇ ھەق تەلەپكە لايىق بولۇپ تاللانغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدۇ. بۇ ئىشقا يول مېڭىۋاتقانلار سەييارە ئىش قىلىدىغان بولۇپ، بۇ پۇل ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى مەكتەپلەر بىلەن كورۈشۈش ئۈچۈن كېتىدىغان يول كىراسىغىلا ئىشلىتىلىدۇ.)

    ئالاقە ۋە مەسلىھەتتە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدىن يالقۇن تاش  ۋە ئەركىن سىدىق

    ئەركىن سىدىق ۋە يالقۇن تاش بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن، سىز تۆۋەندىكى ئىككى ئېلخەت ساندۇقىغا تەڭلا خەت يېزىڭ. ھەمدە ھەممە ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنىمۇ مۇشۇ ئىككى ئېلخەت ساندۇقىغا بىراقلا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئەركىن سىدىق بەك ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، بەك زۆرۈر بولمىغان ئىشلاردا پەقەت يالقۇن تاشتىنلا مەسلىھەت سورىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز:
    Yalqun Tash: ilimizde@gmail.com
    Erkin Sidiq: ErkinSidiq@gmail.com

    ب. ماتېرىيال ئەۋەتىش ئۇسۇلى:

    يۇقىرىدا تەلەپ قىلىنغان پۈتۈن ماتېرىياللارنى سچاننەر (سائومىئائو) قىلىپ، رەت تەرتىپ بويىچە ئىسىم (مەسىلەن: ئىلتىماس جەدۋىلى، پاسپورت، كىملىك، دىپلوم، ئۇنۋان، دەرىجە كىنىشكىسى، ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتى، ئائىلىنى تونۇشتۇرۇش خېتى، تەۋسىيىنامە دېگەندەك خاس ئىسىملار) قويۇپ، يۇقىرىقى ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ بېرىڭ. يېزىق شەكلىنى تونۇماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بارلىق كومپيۇتېردا يېزىلغان ماتېياللارنى پدف (ئاچروبات) ھۆججىتى ياكى رەسىم (جپەگ) شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىڭ. مۇمكىن بولسا ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېردا يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بارلىق ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا تولۇق ئەۋەتىپ بېرىڭ. شەرتى توشقانلارغا كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېنىق يول كۆرسىتىمىز.
    ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، بۇ يولنى مېڭىپ بېرىمەن دېگۈچىلەرگە پۇل بەرسىڭىز، سىز پۈتۈنلەي ئالدانغان بولىسىز. شۇڭا ئالدى بىلەن ئەركىن سىدىق ۋە يالقۇن تاش بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ ماتېرىيالىڭىزنى كۆرۈپ، رەسمىي لاياقەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىزنىڭ قايسى مەكتەپ ۋە قايسى كەسىپتە ئوقۇش ئىشىدا مەسلىھەت بېرىپ، سىزنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ ئوقۇشىڭىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئەركىن سىدىق بەك ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئالدى بىلەن يالقۇن تاش كۆزدىن كەچۈرىدۇ. شۇڭا سىز ماتېرىيالىڭىزنى بۇ ئىككەيلەنگە تەڭلا (يەنى ئېلخەتكە بۇ ئىككىيلەننىڭ ئادرېسىنى تەڭلا يېزىپ) ماڭدۇرۇڭ. ئۇنداق قىلىشنى بىلمىسىڭىز، سىز ئۇنى ئالدى بىلەن يالقۇن تاشقا، ئۇنىڭدىن قالسا ئەركىن سىدىققا ماڭدۇرۇڭ.

    چ. ئىلتىماس قوبۇل قىلىش مەزگىلى:

    ئىككى تۈرلۈك ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئۇقۇشقا ئىلتىماس قوبۇل قىلىش مەزگىلنى تۇۋەندىكىدەك:

    1-تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار:

    بۇ تۇردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توئەفل (ئەڭ ئاز دېگەندە پاپەر=183، ئىبت=65)، ئىئەلتس=6.0 ۋە گرە (ۋەربال قىسمىدا ئېنىق نومۇر چېكى يوق، قۇئانتىتاتىۋە قىسمىدا ئەڭ ئاز 610 نومۇر تەلەپ قىلىنىدۇ) ئىمتىھان نەتىجىلىرى يېتەرلىك بولغانلار ئۈچۈن تۇۋەندىكىدەك:
    1- كۈزلۈك مەۋسۇم ئۈچۈن ھەر يىلى 2-ئايدىن 6-ئايغىچە
    2- ئەتىيازلىق مەۋسۇم ئۈچۈن ھەر يىلى 8-ئايدىن 12-ئايغىچە

    2-تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار:

    ئا) TOEFL IELTE, ۋە GRI نەتىجىلىرى بولمىغان ۋە تۇركىيەدە 1 يىل تۈركچە، ئىڭىلىزچە ۋە GRI ئىمتىھان تەييارلىقىنى ئېلىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كىيىن مەكتەپلەرگە كىرىشكە مۇۋاپىق كەلگەن (چەت-4 ۋە 6) نەتىجىلەرنى ئالغان، كەسپىدە بىر قەدەر پىششىق بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، تۇركىيەدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تىل چاقىرىقى ئارقىلىق تۇركىيەگە كېلىش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە، توئەفل ۋە گرە تەييارلىقلىرىغا İستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان ھەقسىز ياكى ئەڭ تۇۋەن باھادىكى كۇرسلار ئارقىلىق ياردەم بېرىلىدۇ.

    ب) تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئەلا دەرىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 0.ۋە 1.تۈركۈم نومۇر سىزىقىغا كىرەلىگەن، يېشى 21 دىن تۆۋەن بولغان ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار.
    چ) 2-تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى:
    1- كۈزلۈك مەۋسۇم ئۈچۈن ھەر يىلى 11-ئايدىن 6-ئايغىچە
    2- ئەتىيازلىق مەۋسۇم ئۈچۈن ھەر يىلى 8-ئايدىن 10-ئايغىچە
    1-تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى توغرىسىدا:
    1-تۈركۈمدىكى بىۋاسىتە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، تۈركىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تۇركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئوقۇش پۇلىنى ھەسسىلەپ ئالىدۇ،ئەمما بىزگە ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇلىنى تۇۋەنلىتىپ بېرىشكە ياردەمدە بولالايمىز.ئوقۇش پۇلى مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىر يىللىق ئەڭ ئاز 250 دوللاردىن ئەڭ كوپ 500 دوللارغىچە بولىدۇ. 1.تۈركۈمدىكى بىۋاسىتە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇققا كىرەلىگەن ئوقۇغۇچىلار تۇركىيەدىكى فوندى جەمىيەتلەردىن تەسىس قىلىنغان ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالالايدۇ.
    بىز يەنە تۇركىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلاردىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھۆكۈمەت خىراجىتىنى ھەل قىلىشقا يول مېڭىۋاتىمىز، ئەگەر ھۆكۈمەت خىراجىگە ئېرىشسە ئوقۇش پۇلى تۇلىمەيدۇ ۋە ئايدا بەلگىلى تۇرمۇش پۇلىغا ئېرىشىدۇ،ھۆكۈمەت خىراجىتىنىڭ نەتىجىسى 7-ئايدا ئېنىق بولىدۇ.
    Türkiye Elchihanisi- Bei Jing : http://www.turkey.org.cn/
    1- تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىغا قويغان تەلەپلەر (تۆۋەندىكى تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللىرىڭىز تۇلۇق بولغان ئەھۋال ئاستىدا 1 ئاي ئىچىدە ۋىزىنى ئالالايسىز): http://www.turkey.org.cn/news/news_view.asp?newsid=286
    Foreigners may apply for education visa only after they have enrolled in a Turkish university, school or language course. Education visa is generally valid for one year for single entry.

    Documents required for students desiring to study at a Turkish University
    • Visa application form
    • Valid passport
    • An official acceptance letter from a Turkish university
    • Diploma
    • Health certificate
    • One passport size photograph
    • Visa fee
    2- For the applicants who are not Chinese citizens, valid Chinese residence permit should also be submitted
    学习签证
    外国人只有在土耳其大学,学校或语言培训班注册报名之后方可申请学习签证。学习签证的停留期一般为一年,一次入境。
    前往土耳其大学学习的学生需要提供的签证材料:
    1- 有效护照及护照的复印件(护照有效期至少为六个月)
    2- 签证申请表
    3- 一张申请人的二寸彩色证件照片(照片需粘贴在签证申请表的左上方)
    4- 土耳其大学的正式录取通知书
    5- 学历证书
    6- 健康证明
    7- 签证费
    8- 如果申请人不是中国公民,还需要提供其在中国的有效居留证。

    2-تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى توغرىسىدا:
    ئا) ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ تىل چاقىرىقى ئۈچۈن 100$ ئەتراپىدا پۇلنى بىزگە ئەۋەتكەندىن كېيىن، تىل مەكتىپىنىڭ چاقىرىقى ئارقىلىق بەئى جىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ۋىزىنى ئېلىپ تۇركىيەگە بارغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپكە تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن تىزىملىتىپ تۇرۇشلۇق كىنىشكا(ئىكامەت) ئېلىش كېرەك، بىر يىللىق ئىكامەت ئۈچۈن مەكتەپكە 300$ ئوقۇش پۇلى تۈلەپ 2 ئاي تۈركچە كۇرستا ئوقۇيدۇ. توئەفل/ئىئەلتس ۋە گرە ئىمتىھانى بېرىپ ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئوقۇشىغا رەسمىي كىرگەندىن كىيىن بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇلى تۈلەيدۇ ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.
    ب) تۇلۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغانلار يۆس ۋە تچس ئىمتىھانى بېرىپ ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرس ئوقۇشىغا رەسمىي كىرگەندىن كىيىن 1.تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇلى تۈلەيدۇ ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.
    ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ۋىزىغا قويغان تەلەپلەر (تۆۋەندىكى تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللىرىڭىز تۇلۇق بولغان ئەھۋال ئاستىدا 2-3 ئاي ئىچىدە ۋىزىنى ئالالايسىز):

    http://www.turkey.org.cn/news/news_view.asp?newsid=286

    Foreigners may apply for education visa only after they have enrolled in a Turkish university, school or language course. Education visa is generally valid for one year for single entry.

    Documents required for students desiring to attend a language course in Turkey

    As a pre-condition, the language course should be certified by the Ministry of Education.
    • Visa application form
    • Valid passport
    • One passport size photograph
    • The original copy of the registration document to the language course.
    • Diploma
    • Health certificate
    • The bank slip of the payment for the language course.
    • The statement of account of the applicant’s parents and their notarized financial
    guarantee letter translated into English.
    • Notarized criminal record.
    • Visa fee
    This visa will allow the bearer to enter into Turkey and apply for a residence permit. Education visa holders must also apply to the Alien’s Branch of Local Police Department (Emniyet Mudurlugu Yabancilar Subesi) within 30 days upon their arrival in Turkey for a residence permit. Once the person has obtained the residence permit, he/she can enter into Turkey multiple times as long as his/her residence permit is valid, thus he/she does not need a visa for entry into Turkey. If the extension of the residence permit is required, the extension or renewal should be made timely before the expiry date. If the validity of residence permit is to expire or has already expired, it is recommended to have the validity of the residence permit extended before leaving Turkey.
    Updated on 18 May 2007

    学习签证
    外国人只有在土耳其大学,学校或语言培训班注册报名之后方可申请学习签证。学习签证的停留期一般为一年,一次入境。
    参加土耳其语言培训班的学生需要提供的签证材料
    作为先决条件,语言培训班应该被土耳其教育部所认可。
    1- 签证申请表
    2- 一张申请人的二寸彩色证件照片(照片需粘贴在签证申请表的左上方)
    3- 语言培训班的录取通知书原件
    4- 学历证书
    5- 已交过培训班费用的银行回单(或培训班报名费收据复印件)
    6- 申请人父母的银行存款证明以及他们的英文经济担保公证书
    7- 申请人的无犯罪记录公证书
    8- 健康证明
    9- 签证费
    此类签证允许持有人进入土耳其并申请居留许可证。持学习签证的人必须在抵达土耳其之后30天内到当地的安全局外籍人员处(Emniyet Müdürlüü Yabanclar ubesi)申请居留许可证。一旦取得土耳其居留许可证,该人在居留证有效期内可多次进入土耳其,无需再次申请土耳其的入境签证。如果需要延期居留许可证,应该在到期前及时办理延期或更新手续。如果居留许可证即将到期或已经到期,离开土耳其之前需要延期居留许可证。
    最后一次更新时间为2007年5月18日
    ئەسكەرتىش:
    1. تۇركىيەدە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى تەخمىنەن ئوتتۇرا ھېسابتا 150 – 250 دوللار ئەتراپىدا . ھەر ئىھتىمالغا قارشى تۇنجى يىلى تۇرمۇش ۋە ئوقۇشتا قىينىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن تۇركىيەدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇيغۇر،ئۆزبېك ۋە تاتار ئوقۇغۇچىلار تۇنجى يىلى ئۈچۈن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىنى تولۇق تەييارلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
    2. بۇ ئوقۇشقا مەسلىھەت ئېلىشقا ۋە تاللىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك رەسمىيەتلەرگە ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ.
    بىز پەقەت ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاتار ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ تۇركىيەدە ئوقۇشىغا يول كۆرسەتكۈچىمىز ۋە سىزنىڭ ماتېرىيالىڭىزنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن مۇۋاپىق بولسا، سىزنىڭ بۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم قىلغۇچىمىز.
    تۈركىيە تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاتارلەر ئۈچۈن يات بىر ماكان ئەمەس. تۈرك تىلى ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاتار تىللىرىغا 70% تامامەن ئوخشاش بولۇپ قېرىنداش تىلدۇر.كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنسىڭىز 3 ئايدا خىلىلا ياخشى دەرىجىدە ئۆگىنەلەيسىز.
    تۇركىيەدە ئوقۇسىڭىز نۇرغۇن پەننىي بىلىم ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى تۇرمۇشىڭىزدا سىزگە كېرەكلىك مەدىنىيەت-تۇرمۇش بىلىملىرىگىمۇ ئىگە بولالايسىز.
    3.تۇركىيەدە ئوقۇش پۈتۈنلەي قانۇنلۇق بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقى ئاستىدا، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بىرلىكتە گۈللىنىشنى نىشان قىلغان.
    تۇركىيەدە، ئوقۇشتىن سىرت تەتىل كۈنلىرىدە خەنزۇچە – تۈركچە تەرجىمانلىق قىلىپمۇ تۇرمۇش پۇلىڭىزنى ۋە تەتىلدىكى ۋەتەنگە بەرىپ-كەلىش ئايروپىلان بېلىتى پۇلىنىمۇ تاپالايسىز. ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز!
    تۈركىيە
    تۈركىيە ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن تەز ئىسلاھات قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناۋاتىدۇ. ئىكتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تىز ئوزگىرىۋاتدۇ.
    تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى يوقارقى رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەردىن نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچدە ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاتارلارغىمۇ مەلۇم ساندا ئوقۇش ئىمكانىيەتى بېرىلگەن. شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ!
    تۈركىيە توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە ۋە بىلىمگە ئىگە بۇلاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى تور سەھىپىللىرىنى زىيارەت قىلىڭ!

    http://en.wikipedia.org/wiki/Turkey

    بۇ ئىنگلىزچە تور بېتىدە تۈركىيە توغرىسىدا ناھايىتى مول ئۇچۇرلار بار. http://www.tourismturkey.org/
    بۇ ئىڭىلىزچە تور بەتتىن تۈركىيە مەدىنيەت-سەنىتى، تارىخى ۋە ساياھەت جەھەتلەردىكى مول ئۇچۇرلارغا ئىرشەلەيسىز!

    http://web.inonu.edu.tr/~hturkay/universite.htm

    تۇركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق 10 ئالىي مەكتەپلەر
    1.ئوتتۇرا شەرق تەھنىكا بىلىگيۇرتى
    (ئورتا دوغۇ تەكنىك ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئەنقەرەدە
    تۇركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور ئادرېسلىرى :

    http://www.metu.edu.tr/

    http://www.odtu.edu.tr/

    2. بوغازىچى بىلىگيۇرتى
    (بوغازىچى ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئىستانبۇلدا.

    http://www.boun.edu.tr./index_eng.html

    http://www.boun.edu.tr./

    3.ئىستانبۇل تەھنىكا بىلىگيۇرتى
    (ئىستانبۇل تەكنىك ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئىستانبۇلدا

    http://www.itu.edu.tr/e/

    http://www.itu.edu.tr/

    4.بىلكەنت بىلىگيۇرتى
    (بىلكەنت ئۈنىۋەرسىتەسى، شەھسى ئالىي مەكتەپ)، ئەنقەردە

    http://www.bilkent.edu.tr./

    http://www.bilkent.edu.tr/bilkent-tr/index.html

    5. ھاجىتەپە بىلىگيۇرتى
    (ھاچەتتەپە ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئەنقەرەدە . http://www.hun.edu.tr/english/

    http://www.hun.edu.tr/

    6. يىلتىز تەھنىكا بىلىگيۇرتى
    (يىلدىز تەكنىك ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئىستانبۇلدا

    http://www.ytu.edu.tr/

    http://www.yildiz.edu.tr/english/index2.php

    7. ئىستانبۇل بىلىگيۇرتى
    (ئىستانبۇل ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئىستانبۇلدا.

    http://www.istanbul.edu.tr/

    http://www.istanbul.edu.tr/english/

    8. مەرمەرە بىلىگيۇرتى
    (مارامارا ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئىستانبۇلدا.

    http://www.marmara.edu.tr/

    http://www.marmara.edu.tr/index_en.php

    9. غازى بىلىگيۇرتى
    (گازى ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئەنقەرەدە.

    http://www.gazi.edu.tr/english/indexeng.php

    http://www.gazi.edu.tr/

    10. ئەنقەرە بىلىگيۇرتى
    (ئانكارا ئۈنىۋەرسىتەسى)، ئەنقەرەدە.

    http://www.ankara.edu.tr/english/

    http://www.ankara.edu.tr/

    يۇقىرىدىكىسى تۇركىيەنىڭ 10 داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرىدۇر. بۇلارنىڭ ئالدىنقى 5 ئالىي مەكتەپ ئۇقۇتۇشىنى ئاساسەن ئەڭلىزچە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن قېلىشمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۇركىيەدە ئوقۇشىنى قارشى ئالىمىز! پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماڭ! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز.