-
2010-05-30
رەنجىمە
كۆيگىنىمنى بىلسە جانان دەپ ،
ئەتراپىڭدىن كەتمىدىم يىراق .
بىشارەتمۇ بەردىم كۆپ قېتىم ،
چۈشەنمىدىڭ قەلبىمنى بىراق .
شۇ يۇسۇندا ئۆتتى نەچچە يىل ،
مېنى ۋەيران قىلدى شۇ پىراق .
كۆيەلمىگەچ سەنمۇ مېنىڭدەك ،
ئاخىر كەتتىم يېنىڭدىن يىراق .
-
2010-05-13
ئىلتىجا
يۇپۇرماقلار پىچىرلىماڭلار ،
پىچىرلاشتىن بۇلىمەن بىزار .
ئەسكە سېلىپ قۇتلۇق كۈنلەرنى ،
يۈرىكىمنى تىلماڭلار بىكار .ئارامىمنى بۇزماڭلار بۈگۈن ،
يۈرىكىمدە ھېسلار ئويغىتىپ .
پىچىرلاشنى قۇيۇڭلار ئەمدى ،
چۈنكى ، ئۇنى كەتكەنمەن ئۇنتۇپ ... -
2010-05-09
بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !
ئانىلار دۇنيانىڭ زىننىتى، كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئىگىلىرى، ئەۋلادلار ئەقىللىق، كۆيۈمچان، مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىيىسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئانىلارنىڭ ساپاسى، ئانىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسى نۇرغۇنلىغان تارىخى جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك پەن تېخنىكا دۇنياسىغا قەدەم قويدى. بۇ جەريان دەل ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش جەريانىدۇر. يەنى ماددىۋىي يۈكسەكلىك بىلەن مەنىۋى يۈكسەكلىكنى تەڭ قوغلىشىۋاتقان بىر جەريان. لېكىن بىز شۇنى بايقىدۇقكى مەنىۋى يۈكسەكلىك ماددىۋىي يۈكسەكلىكنى بېسىپ چۈشكەن جەمئىيەت ناھايىتىمۇ گۈزەل بولغان، مېھرى مۇھەببەتكە تولغان بىر جەمئىيەت. ئەكسىچە بولغىنى كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان جەمئىيەت. ئانىلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ مېھرى مۇھەببىتى، سۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق بىز ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ، بىز كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىمىزنى قاندۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەنىۋى يۈكسەكلىكنىڭ تارقاتقۇچىسى دەل ئانىلاردۇر.
-
2010-05-09
سۇمبۇل چاچ
ھۆر پەرىدەك جىلۋە ئەيلەپ باقتىڭ ماڭا ، سۇمبۇل چاچ ،
ئەس ھۇشۇمنى يوقاتتىم مەن كۆيدۈم ساڭا ، سۇمبۇل چاچ .
يەتتە ئىقلىم بازارىدا يوقتۇر سەندەك نازىنىن ،
شېرىن سۆزلۈك ، ئاي يۈزلۈكۈم ئەي دىلرەبا سۇمبۇل چاچ .
ئەۋرىشىمدەك بويلىرىڭغا خويمۇ ياراشقان كۆڭلىكىڭ ،
لىپ -لىپ قىلىپ كىرپىكىڭدە ئاتتىڭ ئوقيا ، سۇمبۇل چاچ .
كىيىپ گۈلگۈن چىمەن دوپپا ئوينىساڭ نەپىس ئۇسسۇل ،
جان قويغۇدەك يەر تاپالماي قالدىم ئاڭا ،سۇمبۇل چاچ .