• 2010-07-13

    ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2) 5-بۆلەك

    بىرىنچى بۆلەكنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ :

    logs/61887180.html

    ئىككىنچى بۆلەكنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ !

    logs/61887235.html

    3-بۆلەكنى بۇ يەردىن ئۇقۇڭ :

    logs/65308628.html

    4-بۆلەكنى بۇ يەردىن ئۇقۇڭ :

    logs/67443850.html 

        مېنىڭ قورسىقىممۇ ئاستا -ئاستا چوڭىيىشقا باشلىدى ، لوبەننىڭ بىرمۇ بالىسى بولمىغاچقا ماڭا قىلمىغانلىرى قالمايتتى . مېنى خەينەن ، شاڭخەي ، شاڭگاڭ ...ئىشقىلىپ ئىچكىرنىڭ تەرەققىي قىلغان گۈزەل شەھەرلىرنىڭ ھەممىسىگە  ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلدى . تېخى مېنى ياخشى ئۇزۇقلانسۇن دەپ پاھىشخانىدىكى دوستۇم گۈليارنىمۇ قايتۇرۇپ چىقىپ مېنىڭ تاماق ، باشقا ئىشلىرىمغا ياردەملىشىشكە ئۇرۇنلاشتۇردى . ئۆزۈمنى ئەمدىلەتىن ھەقىقىي ئەركىنلىككە چىققاندەك ،  تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي تەمىنى ، گۈزەللىكىنى ئەمدىلەتىن ھىس قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بۇلاتتىم . كىينىشلىرىممۇ ئىچكىردىكى مودا قىزلاردىن قېلىشمايتتى. قاچان قەيەرگە بارغۇم كەلسە لوبەن ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى.
       ئەمىلىيەتتە بۇ بالىنىڭ ھەقىقىي دادىسى لوبەن بولماستىن رۇستەم ئىدى .  لوبەننى بۇ ئىشلارنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم ، لىكىن كىيىن بىلىشىمچە ئۇ قورسىقىمدىكى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئەمەسلىكىنى بىلىدىكەن . بىر كۈنى لوبەن بىلەن تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق، ئۇ ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا ماڭا قاراپ ئېيتتى :
     _ گۈلى ، سەن مەندىن نەپرەتلىنەمسەن ؟
    مەن لوبەننىڭ تۇيۇقسىزلا ئېيتقان  بۇ گىپىنى  ئاڭلاپ دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم .
    _ ئەمىلىيەتتە مېنىڭمۇ قىزلارنى سولاپ بىرىپ پۇل تاپىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلغۇم يوق ..بىلىمەن گۈلى ، سەن مەندىن نەپرەتلىنىسەن ، گەرچە بىز قانۇنلۇق ئەر-خۇتۇن بولمىساقمۇ سىنى  راستىنلا بەك ياخشى كۆرىمەن . ئۆزۈمنىڭ ئايالىدىن قەتئىي كۆڭلۈم سۇ ئىچمەيدۇ . سەنمۇ ھىس قىلغانسەن ، بەزى ئىشلاردا مەن ئۇنىڭ گىپىنى يىرالمايمەن ... ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان چاغدا ئۇ ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلغان ،   مېنىڭ   ئەسلى يۇرتۇم ۋۇخەن ،كىچىكىمدىلا دادام -ئاپام تۈگەپ كەتكەن  ، مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقىمىغان بولغاچقا جەمئىيەتتىكى يامان كىشىلەر  بىلەن ئارلىشىپ ناچار ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈردۈم . تۈرمىدىمۇ نەچچە قېتىم يېتىپ چىققانمەن . شۇ ۋاقىتلاردا بىر كەچلىكى كەيىب بۇلۇپ پاھىشخانىغا ئىچ پۇچىقىمنى چىقىرىش ئۈچۈن كىردىم . دەل شۇ ۋاقىتتا ھازىرقى ئايالىم پاھىشخانىدا ئىشلەيدىكەن . بىز شۇنداق قىلىپ تۇنۇشۇپ قالدۇق . تۇنجى كۈنىلا ئۇ ماڭا بەك يېقىپ قالدى ، مەن دائىم ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن پاھىشخانىغا كىرىپ يۈردۈم . ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ تاغلىق رايۇندىن بۇلۇپ كىچىكىدىلا باشقىلار تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى بۇلۇنۇپ ، پاھىشخانىغا سېتىۋىتىلگەن ئىكەن . ھەتتا ئۆزىنىڭ دادا-ئاپىسىنىڭمۇ كىملىكى ئېسىدىن چىقىپ كىتىپتۇ ... شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆز لوبىنىدىن يۇشۇرۇنچە جىق پۇللارنى يىغدى ، مەن پاھىشخانىغا دائىم كىرىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ لوبىنى مېنى تۇنۇيتتى . بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ لوبىنىگە بىر كۈنلۈك پۇل بىرىپ ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقتىم ،ئەمىلىيەتتە بىز ئاللىبۇرۇن قېچىپ كىتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانىدۇق . شۇنداق قىلىپ تىنچ ئامان ۋۇخەندىن چىڭدۇغا قېچىپ كىلىۋالدۇق . دەسلەپ بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتالماي بەك قىينالدۇق ، كىيىن پەقەت چىقىش يۇلى تاپالماي پاھىشخانا ئېچىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇلىنىش نىيتىگە كەلدۇق . دەسلەپ ئۇمۇ ، مەنمۇ بۇ ئىشقا كۆنەلمىدۇق ، لىكىن ھېچقانداق دەسمىي سالمايلا تاپقان پۇللارنى كۆرۈپ بۇ ئىشقىمۇ كۆنۈپ كىتىشتۇق . بىز باشقا كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەرقايسى جايلاردىكى چىرايلىق قىزلارنى ئاللىقانداق يالغاندىن بىرنى تۇقۇپ ئالداپ ئېلىپ كەلدۇق ...سودىمىزمۇ كۈنسىرى ياخشى بۇلۇپ بېيىپ كەتتۇق . سەن بىلمەيسەن گۈلى، دەسلەپ سىنى كۆرگىنىمدە كۆزۈمگە بەك ئىسىق كۆرۈنگەن ئىدىڭ . ئەمدى مۇشۇ ئىشنى قىلغانكەنمىز ، قاتتىق قول بولمىساقمۇ بولمايدىكەن . جىق ۋاقىتلاردا سېنى خورلاپمۇ قويدۇم ، مېنى ئەپۇ قىلارسەن . ھازىر بىز نىمىلا دىگەن بىلەن ئەر-خۇتۇن ئەمەسمۇ ؟ ساڭا دىسەم مەن قورسىقىڭدىكى بالىنىڭ ئۆزۈمنىڭ بالىسى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن ، مەن ئايالىم بىلەن ئۇزۇن يىلغىچە بالىلىق بۇلالمىغاندىن كىيىن دوختۇرخانىغا تەكشۈردۇق ، كىيىن دوختۇرلار مېنىڭ ئۇرۇقىمنىڭ پۈچەك ئىكەنلىكىنى ، بالىلىق بۇلالمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى . دوختۇرخانىلاردا كۆپ داۋالىتىش ئېلىپ بارغان بولساقمۇ پەقەت ئۈنۈمى بولمىدى . سەندىن ئۆتۈنىدىغىنىم مۇشۇ بالىنى ساق -سالامەت تۇغۇپ بەرسەڭ نىمە دىسەڭ شۇنى قىلىپ بىرىمەن . بالىغا ئۆز دادىسىدەك كۆيۈنىمەن ...
    لوبەننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانسىرى بېشىم ئايلىنىپ كىتىپ باراتتى. مەن تېخى ئۇنى قورسىقىمدىكى بالىنىڭ دادىسى ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ئۇنىڭ گىپىدىن قارىغاندا ئۇ بۇرۇنلا بىلەتتىكەن ، ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى تەسىرلەندۈرۈپ قويغانىدى . مەن ئۇنىڭغا چۇقۇم بالىنى ساق -سالامەت تۇغۇپ بىرىدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بەردىم ...
       ئاي -كۈنۈم تۇشۇپ بالىمۇ ساق -سالامەت تۇغۇلدى .بالا ئوغۇل تۇغۇلغانىدى ، لوبەن ياق ئېرىم بۇنىڭدىن ئالامچە خۇشال بۇلۇپ قىلىدىغانقا قىلىق تاپالماي قالدى ، ھېلى ماڭا ئالتۇن ئۈزۈكلەرنى سوۋغا قىلسا ھېلى قىممەت باھالىق كىيىملەرنى ئېلىپ بىرەتتى . مەن ئەمدى پۈتۈنلەي ئەركىنلىككە ئېرىشكەنىدىم . بالا بىر ياشقا كىرگەندە مەن لوبەنگە بالىنى بىرىۋەتتىم ، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كەتكۈم بار ئىكەنلىكىنى ، باشقىلارغا ئوخشاش تىنچ ،ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرگۈم بارلىقىنى ئېيتتىم . ئۇ گەرچە ماڭا قىيالمىغان بولسىمۇ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشلىرىمنى ئاڭلاپ ماڭا نۇرغۇن پۇللارنى بىرىپ مەن بىلەن ئايرىلدى .
          لوبەن بىلەن ئايرىلغاندىن كىيىن شىنجاڭقا قاراپ يول ئالدىم . شىنجاڭغا بېرىپ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ كۈنلىرىمنى تىنچ ئۆتكۈزۈش  ئارزۇيۇم بار ئىدى . شىنجاڭغا بېرىپلا ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئالدىم ، كونىلارنىڭ كىشى يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە ، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول،دىگىنى بەكمۇ توغرا ئىكەن . ئىچكىردىكى ئازابلىق ئەسلىمىلىرىم خۇددى رەڭدار چۈشتەك تۇمانلار ئارىسىدا غايىپ بۇلۇشقا باشلىدى . يۇرتۇمغا بېرىپ ئاڭلىغان بىرىنچە خوش-خەۋىرىم ئۆگەي دادام كىسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كىتىپتۇ . مىنىڭچە بولسا  ئاشۇنداق ئىپلاس كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە كىسەل چاپلىشىپ ، كىسەل ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ قىينىلىپ ئۆلسە... قىلچىمۇ قايغۇرۇپ كەتمىدىم ، ئەينى ۋاقىتتىكى قورقۇنچلۇق چۈشكە ئوخشاش ئازابلىرىمنى تېخى ئۇنتۇپ بۇلالمىغانىدىم ، قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي ..شۇ ئىش سەۋەبى مەن ئىچكىردە شۇنچە ئۇزۇن ئازاب ، دەرتلەرنى ئىچىمگە يۇتۇپ ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ ، سېسىق نامى پۇركەتكەن پاھىشە بۇلۇپ قالمىدىممۇ ؟؟!!...
       كىيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش نىيتىگە كەلدىم . ئۇيان ئويلىنىپ - بۇيان ئويلىنىپ ئاخىرى مەخسۇس خانىم -قىزلارنىڭ كىيمىنى ساتىدىغان بىر دۇكان ئېچىۋالدىم . سودام بارغانسىرى ياخشى بۇلۇشقا باشلىدى ، دوستلىرىممۇ كۆپەيدى . ئۆزۈمنى خۇشال تۇتۇشقا ، ئىچكىردىكى ئازابلىق ئەسلىملىرىمنى ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرىشاتتىم . شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئىككىنچى ھاياتىم باشلانغانىدى ...
         شۇ مەزگىللەردە تۇيۇقسىز رۇستەم ئۈرۈمچىدە پەيدا بۇلۇپ قالدى ، بىر كەچلىكى دۇكاننى تاقاپ ئۆيگە ماڭاي دەپ تۇرىشىم بىلەن ئۇ دۇكان ئالدىدا پەيدا بولدى ، ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئۇ قانداق بۇلۇپ مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى بىلىۋالغاندۇ ؟ ..ئىككىمىز ئاددىيلا سالاملىشىپ كۈرۈشتۇق . ئۇ بۇرۇنقىدىن ئۇرۇقلاپ  ، بىرخىل  مۇلايىملىشىپ قالغانىدى . ئىككىمىز بىر ئاشخانىدا تاماق يىگەچ پاراڭلاشتۇق . ئۇ ئۆزىنىڭ مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتالماي شۇنداق قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى . كىيىن پۇشايمان قىلىپ مېنى كۆپ ئىزدەپتۇ . مېنى ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز گۈليار بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ . گۈليار ئۇنىڭغا مىنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىپ يۈرگىنىمنى ئېيتىپ بەرگەندىن كىيىن ، ئىچكىردىكى پۈتۈن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ بۇ يەرگە يېنىپ چىقىپتۇ . 
      ئۇ شۇلارنى سۆزلەپ بىرىپ ئۆزىنىڭ مىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، ئاشۇ قىلغانلىرىغا بەكمۇ پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى . ئۇنىڭ بۇ يالۋۇرۇشلىرىغا چىدىيالماي ،ئىنسان دىگەن خام سۈت ئەمگەن بەندە ئەمەسمۇ ،دەپ ئويلاپ ئاخىرى ئۇنى كەچۈرۋەتتىم  .
       بىر نەچچە ھەپتىگىچە ئىككىمىز بىر ئۆيدە تۇردۇق . ئۇ راستىنلا كۆپ ئۆزگەرگەنىدى ، ھەممە ئىشتا مېنى بەك ئاياتتى ، بۇرۇنقى ئەسكى مىجەزلىرىمۇ قالمىغانىدى . بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولغانىدىم . چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم ، نىمىلا دىگەن بىلەن بالا يېنىمدا بولمىسىمۇ باغرىمنى يېرىپ چىققان بالىنىڭ دادىسى ئەمەسمۇ  ؟! ...
       ئۇ بىر كۈنى مەن بىلەن توي قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. دەسلەپ گاڭگىرىدىم ، كىيىن تېزلا ماقۇل بولدۇم  . مېنىڭمۇ مەڭگۈ بۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكۈم يوق ، مېنىڭمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش بەختلىك بىر ئائىلە قۇرۇپ ھاياتىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ ھەممە تەييارلىقلار پۈتەي دەپ قالغانىدى . ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىگە  ئىشىنىپ ئۆزۈمنىڭ يېنىدا بار پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم . ئەمما بەكمۇ كىچىككەن ئىكەنمەن . ئۇ ئەسلىدىلا ھەممە ئىشلارنى پىلانلاپ بولغان ئىكەن ، مېنىڭ بىلەن توي قىلىش ئويىمۇ يوق ئىكەن . شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن ئالداندىم . ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى  ، ئۆيۈمدىكى پۇلغا يارايدىغان ھەممە نەرسىلەرنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى .ئۇنى ئىزدەپ ھېچيەردىن تاپالمىدىم . كىشىلەردىن بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەنگەن ئىدىم . ھەممە كىشىلەر ماڭا ئالدامچىدەك ، قوي تېرىسىغا ئورىنىۋالغان بۆرىدەك تۇيۇلىدىغان بۇلۇپ قالدى . ئۇنى چۇقۇم چىڭدۇغا قېچىپ كەتتى ،دەپ گۇمان قىلدىم .  دۇكىنىمنى بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىپ ،ئۆيۈمنى سېتىپ  يەنە شۇ قاباھەتلىك كۈنلىرىم ئۆتكەن چىڭدۇغا قاراپ يولغا چىقتىم .





    评论

  • ئاخىرىنى تىزراق يازسىڭىز بۇپتىكەن ، قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بەك بىلگۈم بار ، . ھە راست تۇرايىڭىزنى ئۇلۇنۇشقا قىتىۋالدىم