-
2010-05-02
چولپان بىلەن توي قىلدىم
تۇنجى خىىزمەت ھاياتىمنى «چولپانلار» ژورنىلىدا مۇخبىرلىق قىلىشتىن باشلىدىم.
نىمە ئۈچۈن بۇ ژورنالدا ئىشلىگىنىمنى، قانداقلارچە مۇخبىر بولۇپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
سودا كەسپىنى پۈتتۇرگەندىن كىيىن دادام ھەر قايسى شىركەتلەرگە قاتراپ ماڭا خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدى.
بۇ ئاردا كۈنلىرىم، «ھىلال» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى دوستۇم ئابدۇ جەۋۋاد بىلەن بېرىش-كىلىش، سۆھبەت قۇرۇشلار بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى.
بىر كۈنى جەۋۋاد مىنى مەلۇم بىر فىلىم ئىشلەش شىركىتىگە ئېلىپ باردى، مەن ئۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئايال كىنو چولپىنى فاتىن ھەمامىنى كۆردم. ئۇنىڭ قاملاشقان تەق-تۇرىقىنى يېقىندىن كۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقىنىمۇ بىلىپ ئۈلگۈردۈم. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىكراندا كۆرۈنگىنىدەك غەمكىم، مۇڭ چىراي ئەمەس ئىدى.
مىنى ئۆزىگە ئەڭ تارتقىنى فىلىم ئىشلەش، سۈرەتكە ئېلىش، رولغا چىقىش، رولچىلارنىڭ دىئالۇگلىرى ۋە رىژىسسورلۇق بولدى. -
2010-05-02
قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە
مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭايغانچە رېئاللىق تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. قورسىقىم بەك ئاچاتتى، دەرس سائىتى توشۇپ بولغىچە قورساق ئالدىرىتىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە چولا، نەپسىم موما-سەي.. كوكا-كولانى تارتىپلا تۇراتتى. ياتاققا كىرىپلا زېرىكىشلىك كىتابلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاشخانىغا چاپاتتىم، قىزلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىمۇ تاماققا تاقىلدايتتى، بىزنىڭمۇ شۇنداق. ھېسسىيات دېگەن قورساق تويغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىغان نەرسە. قورسىقىم تويغاندا ئاندىن قىزلارغا سەپسېلىشقا باشلايتتىم، كۆزۈم ئوغۇللارنى پەقەت كۆرمەيتتى. كىم ئاقسا، كىم بىچارە... بەرىبىر ئىدى. ھەممىسىنىڭ خىيالى مەندەك، ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەندەك ئىدى، قىزىقتۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ئاشۇ رەڭگارەڭ قىزلار ئىدى. گۈزەللەرنىڭ بوينى، بېلى، ساغرىسى خۇنۇك ھېسسىياتلىرىمنى چاقنىتىۋېتەتتى. كىنوغا، تانسىغا ئامراق ئىدىم، شۇ يەردىمۇ قىزلار بار ئىدى، غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەردەك توپ-توپ قىزلار مەيلىمنى شۇنچىلىك تارتىپ تۇراتتىكى، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلانغاندەك قاراپ تۇراتتىم. مەكتەپتىكى ھەقىقىي چىملىق ۋە گۇلزارلىق، ئەڭ ھاياجانلىق مەنزىرە يەنىلا قىزلار ئىدى. تانسىخانىدىكى قىزلار ئېتىزلىقتىكى يۇمران گۈل-چېچەكلەرگە ئوخشايتتى، ھەممىسى ئەمەس، كۆپلىرى غۇنچىسى تۆكۈلگەن، غولى قالغان ياۋا گۈللەر ئىدى، قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ئەمما تۈۋىدىن سېسىپ چىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق.
-
2010-04-25
ﺋﺎھ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭ
ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻳﻮﻝ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ھﺎﯞﺍ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻗﯘﺷﻼﺭ...
ﮔﺎھ ﺋﻮﯕﯘﻣﺪﺍ، ﮔﺎھ ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﻩ ﺭﻭھﯩﻤﻐﺎ ھﺎﻣﺎﻥ ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ. ﮔﺎھ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﺍ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻏﻪﻟﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﺳﻪ، ﮔﺎھ ﺗﯩﻠﯩﻤﺪﺍ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪﻙ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﻐﯘﺑﺎﺭ ھﺎﻳﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﮔﺎھ ھﻪﺳﻪﻥ - ھﯜﺳﻪﻧﻨﻰ، ﮔﺎھ ﺗﺎﯓ ﺷﻪﭘﯩﻘﯩﻨﻰ، ﮔﺎھ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ - ﻳﯧﺸﯩﻨﻨﻰ، ﮔﺎھ ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻢ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ھﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ، ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻝ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.
-
2010-04-25
‹‹بالا باققۇچى›› بىلەن ‹‹كالا باققۇچى››
كۈن چۈشتىن ئۆتۈپ، قۇياش غەربكە قايرىلغان ئىدى. بوستانلىققا پۈركەنگەن ئېتىز – دالالار ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتقان ئەگرى – بۈگرى يولدا يېزا قىزلىرىدەك كىيىنگەن، 20نەچچە ياشلاردىكى چىرايلىق بىر قىز ئەتراپقا زوقلىنىپ نەزەر سالغىنىچە كېلىۋاتاتتى. ئۇ مەھەللىگە يېقىنلاشقانسېرى ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان قىز – چوكانلار، مەھەللە ئىچىدىكى ئۆي – قورالاردىن ئىشىك ئالدىغا چىققان ئاياللارنىڭ پارىڭى قۇلىقىغا كىردى.
—نەدىن كەلگەن خېنىمدۇ بۇ؟
—شەھەردىن كەلگەن ئوخشايدۇ!
ئۇ يېقىنلاشقانسېرى جامائەت ئۇنى تونۇپ ھەيران قېلىشتى.
—ۋاي، بۇ شەھەردىكى قاسىم باشلىقنىڭ قىزى پەرىدەخانكەنغۇ؟
-
2010-04-25
قېنى، خوشە!
ئۇ ساقى سۇنغان پىيالىنى قولىغا ئېلىپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ ھاراق ئىچىپ باقمىغانىدى. ھاراق سورۇنىغا قاتنىشىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. شۇڭا سەل قورقۇپ قالدى.
خوشە!
يەتتە – سەككىز جۈپ كۆز ئۇنىڭغا تىكىلگەنىدى. ئۇ تېخىمۇ ھودۇقتى. توۋا، ‹‹خوشە!›› دېگەن بۇ سۆز نېمە دېگەن سۈرلۈكھە؟! ئۇ بۇرۇن ھاراقكەشلەر ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇ سۆزگە پەقەتلا دىققەت قىلمىغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن ئىكەن. قارا، قارا...توۋا، ۋىجدانغا، ئەخلاققا، ھاياغا، سالامەتلىككە...ئىشقىلىپ جىمى ئېسىل پەزىلەتلەرگە خوش! دەيدىغان گەپكەنغۇ بۇ...
قېنى خوشە!
-
2010-04-25
ئانامدىن ئالغان پۇل
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىنىمىزگە خېلى بولدى. ئالىم ئىككىمىز كىچىك ئىشنى ياراتماي، چوڭراق ئىشنى تاپالماي خىزمەت كۈتۈپ يۈردۇق. باشقا ساۋاقداشلار قانداقلا بولسۇن ئىش تېپىپ بولغانىدى.
— ئىشلەۋېرەيلىمىكىن دەيمەن، – دېدى ئالىم بىر كۈنى ماڭا مەسلىھەت سالغاندەك تەلەپپۇزدا.
— نېمە؟ ئۆيمۇ ئۆي گاز توشۇيدىغان ئىشنى بىزدەك ئالىي مەلۇماتلىقلار قىلساق قانداق بولىدۇ؟ – دېدىم مەن ئالىمنىڭ رايىنى رەندىلەپ.
— ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن ئانام كېسەلچان، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا، سىڭلىمنىڭ ئوقۇشىغا پۇل كېرەك، دادام يالغۇز مائاشى بىلەن بۇلارغا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ لاغايلاپ يۈرسەم بولمىغۇدەك، شۇڭا ئىشلەۋېرەي. گاز توشۇسام نېمە بوپتۇ، بىنالارغا چىقىپ – چۈشۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇۋالىمەن تېخى، – دېدى ئۇ قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ.
-
2010-04-25
ئاتىنىڭ يۈرىكى
سەن ، ياق! بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئاخىرلاشتى . شۇ كۈندىن باشلاپ سەن بىر نەچچە كۈن كىتاپقىمۇ قارىماي قانغىچە ئۇخلىۋالدىڭ . ھەممىمىز ئۇھ دەپ تېرىمىز سەل – پەل كەڭىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشتۇق . ئۇزۇن ئۆتمەي ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى ، سەن خېلى يۇقىرى نومۇر ئالغان ئىدىڭ . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇڭ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇراتتى. لېكىن ئارزۇ – ئارمانغا تولغان ئارام بەخش كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. نېمىشقىكىن ساڭا سەن ئارزۇ قىلغان مەكتەپتىن چاقىرىق كەلمەيۋاتاتتى ، ئۇيقۇڭ ئازلاپ قالدى ، يۈزلىرىڭدە پەرىشانلىق بۇلۇتلىرى ئەگىپ يۈرەتتى . كۆزلىرىڭدە تەشۋىشلىك نۇرلار چاقنايتتى. ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل ئاسمىنىنى تەشۋىش بۇلۇتلىرى قاپلىدى . سېنىڭ ، ياق ، ھەممىمىزنىڭلا يۈرىكى جاڭگال كاۋىپىدەك پۇچىلانماقتا ئىدى . نەچچە رەت چاقىرىق سۈرۈشتۈرۈپمۇ ھاردىڭ . ئۈنىڭ بارغانچە ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتى . ‹‹نېمە ئۈچۈن ؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟...›› دېگەن سوئاللار خىيال ئىكرانىڭدا ئەگىپ يۈرەتتى . ‹‹ئۈمىدلىك بول ئوغلۇم، بۇ يىل چاقىرىق كەلمىسە ، قايتا ئوقۇ ، كېلەر يىلى چوقۇم ئەڭ ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلەيسەن›› دەيتتىم ساڭا تەسەللى بېرىپ. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قەلب ئاسمىنىممۇ تۇمانلىق ، كۆڭۈل قەسىرىم ئازاپ ئىسكەنجىسىدە پەرىشان ئىدى .
-
2010-04-25
مېنىڭ ئانام __بىر ‹‹ ئاق ›› چەككۈچىنىڭ بايانى
دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە ، ئۇ 15 ياشلارغا كىرگەندە ، ‹‹ پۇل تاپىمەن›› دەپ مەھەللىسىدىكى بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپتۇ. ئۇ يەردە ئىسسىق– سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپتۇ . كېيىن شۇ يەردىكى مومامنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ قاپتۇ . ئانام بىلەن شۇ يەردە تونۇشۇپ قېلىپ ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ توي قىلىپتۇ . ئانام بىلەن بىرلىكتە تىجارەت قىلىپ ، بىر مەزگىل ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ .
مەن 3 ئايلىق بولغاندا ، دادامنىڭ قەشقەردىكى ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى ‹‹قەشقەرگە قايتىپ كېلىڭلار›› دەپ تۇرۇۋېلىپتۇ . بىراق ئانام پەقەت ئۇنىماپتۇ . ئاخىرى دادام ئانام بىلەن ئاجرىشىپ ، ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىمىزنى ئانام بىلەن ئاچامغا بېرىپ ، مېنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كېتىپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىدىن توي قىلىپتۇ . مەن ئەقلىمگە كەلسەم ، ئۆيدە ئۆگەي ئانام بار ئىكەن. ئۆگەي ئانام ئۆتۈپ كەتكەن ھازازۇل ، قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇردىغان ، ماڭا دادام بار يەردە بىر خىل ، يوق يەردە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدىغان رەھىمسىز ئايال ئىدى.
-
2010-04-25
يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر
قار يىغىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى.ئاپئاق قارغا كۆمۈلگەن زىمىن قىتىپ ئۇيۇپ قالغاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ.ھۇشقۇيتۇپ سۈر كۆرسىتىۋاتقان شىۋىرغان قارلارنى ئۇچۇرتۇپ يۇرۇيدۇ.تەبىئەت مۇزلىغان،جاھاننى سوغۇقلۇق ئىلكىگە ئالغان.شۇ ھالدا ئالەم_ جاھاننىڭ جاراڭلاپ تۇرغان سوغۇقىدىن كۆرە ئاچچىق زەربىسىدىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇدھىش بىر سوغۇقلۇق ھەم غەزەپ ئىگىلىگەن .قارنىڭ سوغۇقىدىنمۇ بەكرەك جاننى قىسىدىغان پاجىئەنىڭ كۆيدۈرۈپ ،چاياندەك چىقىپ ،قاخشىتىپ ،جانغا ۋەھىمىلىك قىيناق سالىدىغان ئوغىدەك سىزىمىدىن گاراڭ بولغان بىرتوپ جامائەت مەھەللىنىڭ كۈچىقىش تەرىپىدىكى ياداڭلىق ئارىسىدىكى زاراتگاھتىن قايتىپ مەھەللىگە كىرىپ كىلىشتى.بىر -بىرىدىن ئىغىر ئۈچ جىنازا ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى ئەمەس يۈرىكىنى،روھىنى بىسىپ يانجىپ تۇرغاندەك،قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەلەم ۋە خورلۇقتىن كۆڭۈك ئالىمى غىرىبلىقنىڭ كۈلرەڭ توزۇندىلىرى بىلەن بۇلغۇنۇپ كەتكەندەك ئىدى.ئۆلۈم -يىتىم بولۇپ تۇرىدۇ.لىكىن بۇنىڭدەك كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىپ،قەلبىدە ئوت بولۇپ يانىدىغان ،غالىپلىق تۇيغۇلىرىنى پايخان قىلىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ باقمىغان ئىدى.
-
2010-04-25
يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى
چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى.
كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. كۆڭلۈمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چۇلغۇۋالدى. بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن دادام دۇدۇقلاپ ئېغىز ئاچتى:
– بالام، نەتىجەڭ نومۇر چېكىدىن ئون نومۇر يۇقىرىكەن، قايسى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتۇۋالالماپتىمەن. قايتىشىمدا دىققەتسىزلىكىمدىن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، چاقىرىق قەغىزىڭ...
-
2010-04-21
قاباھەتكە تولغان كېچە
ئۇ يەنە چۈشىدىن چۈچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،ئۇنىڭ ئۈستى –بېشى چىلىق –چىلىق قارا تەرگە چۈمۈپ كەتكەنىدى،ئەتراپ تېخىچە تۈن پەردىسى ئىچىدە ئىدى.ئۇ بىر ھازا ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى،بىراق ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان بۇلۇپ،كۆز ئالدىغا كۆرگەن چۈشى يەنى ئاشۇ كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار كىلىۋالغانىدى.
ئاشۇ كۈنى ئۇ يېقىن دوستى شەھىدەنى ئېلىپ توي قىلماقچى بولغان يېگىتىنىڭ يۇرتىغا كەلدى،يىگىتى ئۈزىنىڭ بىر دوستىنى ئېلىۋالغان بۇلۇپ ،ئۇلار كاتتا بىر ئارامگاھنىڭ ئايرىمخانىسىدا سۇرۇن تۈزۈپ ئولتۇردى،قىزلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ ھەرخىل سەيلەردىن ئالغاچ ئولتۇردى،ئوغۇللار بولسا ئاق ھاراق ئىچىشتى.
-ئەلى ،بەك كۆپ ئىچىۋەتتىڭلار ،ئەمدى ئىچمەڭلار،بىزمۇ بۈگۈن كەلدۇق،ھەم تېخى ياتاققىمۇ ئۇرۇنلاشمىدۇق ،بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئالساق بۇلاتتى.
-رەنا ،مەن تۇرسام يەنە نىمىگە ئەنسىرەيسىز؟ياتاققا ئۈزۈم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيىمەن،-ئارىدىن بويلىرى ئىگىز ،ئۇرۇق ،قارا-قۇمچاق كەلگەن بىر يىگىت شۇنداق دىدى. -
2010-04-20
تۇغۇلغان كۈنۈم
مانا بۈگۈنكى كۈندە تەۋەللۇت بولدۇم. بۇندىن يىگرمە بەش يىل مۇقەددەم دەل بۈگۈنكى كۈندە خاتىرجەملىك مېنى تالاش - تارتىش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىلەن تولغان بۇ دۇنيا قوينىغا تاشلاپ قويدى.
زېمىن، ئاي، قۇياش ۋە يۇلتۇزلار بىلەن بۈيۈك قانۇنىيەت ئەتراپىدا يىگىرمە بەش قېتىم سەير قىلدىم. بىراق، روھىم ھازىرمۇ ئەشۇ قانۇنىيەت ئىسىملىرىنى پىچىرلاۋاتىدۇ. دېڭىز دولقۇنى غار - ئۆڭكۈرلەردىن ئەكىس سادا قايتۇرىۋاتىدۇ.
يىگىرمە بەش يىلدىن بۇيان زامان قولى مېنى بۇ كەڭ، يوچۇن دۇنيا كىتابىنىڭ بىر بېتىگە بىر جۈملە سۆز قىلىپ پۈتتى. بىراق ئۇ سۆز بەكلا گۇڭگا. بىر قارىسا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ، يەنە بىر قارىسا كۆپ نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ.
-
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (7)
ئايگۈزەلدە كەچكىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈچىلىمىز بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدۇق ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،كارىۋات بېشىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن . دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشنى ئېيتتى ، لىكىن ئۇنداق قىلمىدۇق ھەم قىلالمىدۇق ، ھەتتا ئاپىسى تىلفۇن قىلىپتىكەن يالغان سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلماي يۈرگىچە زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام بوپتىكەن ، ئۈتۈپ كەتكەنمەن دۆتكەنمەن ، ئادەم بىر ئىشنى ئىچىگە ئېلىۋەرسە مۇشۇنداق بۇلۇشىنى بىلەتتىمغۇ ، ئۇنىڭ ئاپاق بىلەن مەندىن باشقا ھەممە گەپلىرىنى ئېيتىپ سىرداشقۇدەك ئادىمى بولمىسا نىمىشقىمۇ ؟؟؟نىمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن سورىمىغاندىمەن ، بەلكىم ماڭا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ھەممە گەپلىرىنى دەۋالسا بۈگۈنكى ئىشلار يۈز بەرمەستى... -
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (6)
مىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىم ئايگۈزەلنى بەكرەك خوشال قىلغانىدى .ئۈزۈممۇ خوشال ئىدىم .ئىلھامنىڭ كۈيىنىشىدىن كۆڭلۈمدە ئۇزۇندىن بىرى ھىس قىلىپ كىلىۋاتقان بوشلۇقنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغاندەك ھىس قىلاتتىم ، كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلاتتى ، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ، تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىمنى ، چارچىغان-چارچىمىغانلىقىمنى سورايتتى ، «مەن ساڭا بەك ئامراق»دەيتتى ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ، ئۇ شۇنداق مىنى ئەركىلەتكۈسى كەلگەندە سەنلەپ قۇياتتى.
بىر ئاي ئەنە شۇنداق ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .
ئايگۈزەل بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى ، تاماقنى ئاساسەن مەن ئىتىدىغانلا بولدۇم ، ئۇ ھەم ئىشلەپ ھەم ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنىدى. -
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (5)
ئايگۈزەلنى ساقلىغاچ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ، تۇرۇپلا كۈلگۈم كىلىپ قالدى ، ئۇكاش بىلەن پاراڭلاشقىلى تېخى بىرەر ئايمۇ بولمىغانىدى ، بۇ تۇنجى قېتىم توردا تۇنۇشقان ئادىمىم بىلەن ئۇچراشقىنىم ھىساپلىناتتى ، توردىغۇ بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي ئولتۇرۇپ گەپنى قىلىۋىرىمىز ، ھېلى ئۇ كەلسە قانداق بۇلار...
ــ تىلفۇننى قۇيۇپ بوپسەنغۇ ھوي ! ،ــ تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئايگۈزەلگە چاخچاق قىلغۇم كەلدى،ــ يائاللا تىلفۇننى بىر قۇلۇڭغا ئالدىڭمۇ بولدى ، نەچچە سائەتكىچە خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمىسىدە لەيلەپ يۈرگىنىڭ يۈرگەن ، تۇر ئورنۇڭدىن ، تاماق يىگىلى سىرتقا چىقىمىز .
ــ ساراڭ ، نىمانداق جىق گەپ قىلىسەن ؟