-
2010-06-13
مۇھةببةت قاتصلص (3- بۆلةك )
*** *** **** ****
قۇياش كۆتۈرۈلۈپ ،كىشىلەرگە يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتەئىدى، ئاپئاق قار زىمىن يۈزىگە لەپىلدىمەكتە ،كىشىلەرنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدىن غىرىس-غىرىس قىلغان ئاۋازلار توختىماي ئاڭلىناتتى،مۇھەببەت ئەتىگەنلىك دەرسىنى ئۈتىۋېتىپ ،ئونۋىرسىت دەرۋازىسىدىن چىقىشى،ئۇنىڭ كەينىدىن بىرى چاقىردى.
-مۇھەببەت مۇئەللىم ،توختاپ تۇرىڭە.
مۇھەببەت كەينىگە بۇرۇلدى،ئۇنى چاقىرغىنى زۇلفىرە بۇلۇپ تۇرقىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى .
-بۇ خەتنى مۇھەببەت قىز سىزگە بىرىشىمنى ئېيتقان ،-زۇلفىرە يېنىدىن بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ مۇھەببەتكە ئۇزاتتى،-بىزگە يەنە دەرس بار ئىدى مەن كىرىپ كىتەي،-زۇلفىرە خەتنى بىرىپلا يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدى.
مۇھەببەت خەتنى يانچۇقىغا سېلىپ ،ئۈيىگە ماڭدى.
-ئوغلۇم سىزگە بىر ئىشنى ئېيتماقچى ئىدىم ،-گۈلنىسا ئانا ئىشىكتىن كىرگەن ئوغلىنى كۈرۈپلا شۇنداق دىدى.
-نىمە ئىش بولسا ئېيتىۋىرىڭ،-مۇھەببەت پەلتوسىنى ئىشىك يېنىىدكى ئىلغۇغا ئىلىۋېتىپ شۇنداق دىدى.
-دادىڭىز ئۇ.....
-مىنىڭ دادام يوق،ئەزەلدىن دادام بولمىغان،-مۇھەببەت ئانىسىنىڭ سۈزىنى بۈلىۋەتتى.
-ئاۋال گىپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ ،دادىڭىز تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ،بەرىبىر سىزنىڭ تۇمۇرىڭىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇنىڭ قېنى ،قايسى كۈنى ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدىم ،ئۇ بىچارە تۈگىشىپلا كىتىپتۇ،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ جىنايىتى ئېغىر بۇلۇپ ،ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن ،سىزنى بىر كۈرىۋالسام دەيدۇ.
مۇھەببەت ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئويغا چۆمدى،ئۇ تۇغۇلغاندىن بىرى ئۆز دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى،ئۇ پەقەت ئانىسىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ ئۈزىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىقىنىلا بىلەتتى.
-ئۆتۈنۈپ قالاي ،جېنىم بالام ،بۈگۈن ئۇنى يوقلاپ كىلەيلى ،يەنە بىر قېتىم كۈرۈشكىچە بەلكىم ئۇ......،-ئانا يېغلىۋەتتى.
مۇھەببەتنىڭ ئانىسىغا ئىچى ئاغرىپ قالدى،ئۇ ئانىسىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ دادىسىنى كۈرۈپ كىلىشكە قۇشۇلدى.
-بۇلىدۇ ئانا ،بېرىپ كىلەيلى.
-مىنىڭ ياخشى ئوغلۇم ،-ئانا ئوغلىنى باغرىغا باستى ،-دادىڭىزنىڭ يېنىغا تاماق ئىتىپ ئاپىرايلى ،بەلكىم ئۇ ئۆي تامىقىنىمۇ سېغىنىپ قالغاندۇ .
گۈلنىسا ئانا تاماققا تۇتۇش قىلدى ،مۇھەببەت ياتاق ئۈيىگە كىرىپلا خەتنى ئاچتى.
«قەدىرلىكىم مۇھەببەت،خىتىمنى كۈرۈپ ھەيران قالماڭ،سىز بىلەن پاراڭلىشىشقا پۇرسەت بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ خەتنى يىزىپ تۇرۇپتىمەن،مۇشۇ مەۋسۈم باشلانغاندىن بىرى ،سىز ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز ،مەن بىلەن پەقەتلا كارىڭىز يوق،ھەپتىدىكى نەچچە سائەت دەرسىڭىزدىلا سىزنى كۈرەلەيمەن،ئاشۇ دەرس ۋاقىتلىرىدا بولسىمۇ ماڭا قاراپ قۇيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلاتتىم ،بىراق ،سىز ....،بولدىلا بۇلارنى سۆزلىمەي ،شۇ تاپتا ماڭا نەزەر كۈزىڭىزنى سېلىپمۇ قويماي دەرس سۆزلەۋاتىسىز ،مەن بولسام سىزگە قاراپ خەت يىزىۋاتىمەن ،دوسلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە سىز سۈرىيە بىلەن قايتا تېپىشىۋاپسىز ،ماڭا بەكلا ئادالەتسىزلىك بولدى ،سىزنى قايتىدىن ئۈزۈمگە قارىتىۋېلىشىمغا ئامالىم بولمىدى ،ئۇقۇشۇم پۈتىشىگە يەنە نەچچە ئاي ۋاقىت قالدى ،مۇشۇ ۋاقىتتا بولسىمۇ ،ماڭا قاراپ قۇيىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن ،شۇنداق قىلسىڭىز ،غېرىب كۆڭلۈم ئازراقمۇ بولسا تەسەللى تېپىپ قالاتتى ،ئۇقۇشۇم پۈتكەندە بۇ يەردىن ئايرىلىمەن ،ئۇ ۋاقىتتا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان مەندەك قىزمۇ قالمايدۇ ،سىزگە يالۋۇراي ،ياخشى كۈرۈش گۇناھ ئەمەس ،مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن بۇنى بىلىسىز ،شۇڭا مەندىن ئايرىلىپ كەتسىڭىزمۇ ،مىنى بۇنداقلا تاشلاپ قويماڭ ،پات-پات قاراپ قۇيۇڭ ،مەن پەقەت سىزدىن شۇنى ئۈمىت قىلىمەن .»
مۇھەببەتنىڭ كۆزلىرى لىق ياشقا تولدى ،ئۇ ئۆزى ياخشى كۈرىدىغان قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى ،لىكىن ئۆزىنىڭ بىر قېتىم خاتا قىلغان ئىشى تۈپەيلىدىن مۇھەببەت قىزگە باش كۆتۈرۈپ قارىيالمايتتى ،ئۇ ھەر كۈنى ۋىجدان ئازابى تارتىپ ئۈتىۋاتاتتى ،ھەتتا شۇ ئىشتىن كىيىن كېچىلىرىمۇ چۈچۈپ ئويغىنىپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى .
-ئوغلۇم ،تاماق يەڭ .
مۇھەببەت ئانىسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن خىيالدىن چۈچۈپ ياتاق ئۈيىدىن چىقتى ،ئانا –بالا ئىككىيلەن جىمجىت ئولتۇرۇپ غىزالاندى .
-ئوغلۇم دادىڭىزنى «دادا»دەپ چاقىرمىسىڭىزمۇ مەيلى،لىكىن ،ئۇنىڭغا ھەرگىز قوپاللىق قىلماڭ بۇلامدۇ؟،-قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ،تەييار بولغان ئانا ئۆتۈنۈش نەزىرى بىلەن ،ئوغلىغا قارىدى .
مۇھەببەت بېشىنى لىڭشىتتى ،ئۇلار ياندىشىپ ئۆيدىن چىقتى ،تېخىچىلا قار توختىمىغان بۇلۇپ ،پۈتۈن زىمىن ئاق لىباسقا ئورانغانىدى ،ئۇلار تاكسى تۇسۇدى ،تاكسى خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن ،شەھەر چىتىدىكى تۈرمىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ،ئۇلارتۈرمە قاراۋۇللىرىغا كىملىكلىرىنى كۆرسىتىپ تۈرمە ئىچىگە كىردى ،ئۇلار كۈتۈش ئۈيىدە نەچچە مىنۇت كۈتكەندىن كىيىن ،قورال تۇتقان ئىككى ساقچىنىڭ ھەمرالىقىدا پۇت-قوللىرىغا كىشەن سېلىنغان ،تۈرمە كىيىمى كىيىۋالغان ،چاچ –ساقاللىرؿى ئالدۇرۋېتىلگەن،ئەللىك ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇرۇق ،ئىگىز كىلىشكەن بىر ئەر ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى .
-بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ ،ئوغلىڭىز سىزنى يوقلاپ كەلدى ،-ئانا ئەرگە شۇنداق دىدى.
ئەر بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇھەببەتكە قارىدى ،قارىدىيۇ ،چۈچۈپ كەتتى ،مۇھەببەتمۇ ئالدىدا تۇرغان ئەرنى كۈرۈپ چۈچۈپ كەتتى ،كۆزلىرى بولسا نەپرەتلىك تۈس ئالدى ،چۈنكى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەلبىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن بىر گەۋدە-تۇنجى سۆيگىنى سۈرىيەنى ئالداپ گۇاڭجۇغا ئاپىرىپ سېتىۋەتكەن ئەر تۇراتتى .
مۇھەببەت نەپرەتلىك كۆزلىرىنى ئۇ ئەردىن ئۈزمەي تۇرۇپ ،ئانىسىدىن سورىدى .
-ئانا ،ئۇ كىم ؟
-ئۇ سىزنىڭ دادىڭىز نەزەر بۇلىدۇ ،ئوغلۇم .
-دادىڭىز ؟ئاشۇ كىشى مىنىڭ دادام بۇلۇشقا مۇناسىپ كىلەمدۇ ؟ئۆزئوغلىنىڭ سۆيگىنىنى ئالداپ سېتىۋەتكەن كىشى دادا بۇلۇشقا مۇناسىپ كىلەمدۇ ؟ئانا مەندىن ئايرىلىپ قالماي دىسىڭىز ،ھازىرلا مەن بىلەن قايتىپ كىتىڭ ،بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم يوق .
.....
ئانا ئامالسىز ئوغلى بىلەن قايتتى ،ھەر ئىككىسى ئۆز ھۇجۇرلىرىدا ئۇياق-بۇياققا ئۈرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتى،ئانا نەزەر بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ئەسلەيتتى،كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلاتتى ....*** *** **** ****
-مەن تىزلا قايتىپ كىلىمەن،پەقەت نۇرغۇن پۇل تاپساملا ،ئاتا-ئانىڭىز ئاندىن مىنى قۇبۇل قىلىدۇ،-بويلىرى ئىگىزكەلگەن ،قارا چاچلىق،كىلىشكەن بىر يىگىت ئۆستەڭ بۇيىدا ئالدىدا تۇرغان قىزغا شۇنداق دەۋاتاتتى.
-تىزراق قايتىپ كىلىڭ نەزەر ،سىزنى ئۇزۇن كۈتەلمەيمەن،بىزنىڭ يېزىدا مەن بىلەن تەڭتۇش قىزلار نەچچە بالىنىڭ ئانىسى،مەن بۇنداق تۇرىۋەرسەم بولمايدۇ،ئاتا-ئاناممۇ مىنى تىزراق ياتلىق قىلىۋېتىشنىڭ كۇيىدا ....
قىز گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي ،ئىسەدپ يىغلىۋەتتى.
-يېغلىماڭ گۈلنىسا ،سىز بۇنداق يېغلىسىڭىز ،مەن سەپەرگە چىقالمايمەن ،شەھەردىكى قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا ،سىز يەنىلا كىچىك ،يىل ئۈرۈلسە ئاندىن يىگىرمەبەشكە كىرىسىز ،ئەنسىرىمەڭ،مەن بىر يىلغا قالماي قايتىپ كىلىمەن.
يىگىت سەپەر سومكىسىنى مۈرىسىگە ئارتقىنىچە كىتىپ قالدى،قىز يېغلىغىنىچە جايىدا قالدى،قىشنىڭ كۈچلۈك شامىلى ئۇنىڭ ۋىجىك گەۋدىسىنى ئۇچۇرتۇپ كىتىدىغاندەك ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەيتتى،چىرايلىق ،بۇلاقتەك قارا كۆزلەر يېغىدىن قىزارغان،ئاق يۇمران يۈزلەر تاتارغانىدى.
-بىر يىل قاچانمۇ تۇشار ،نەزەر قاچانمۇ قايتىپ كىلەر ؟ئاتا-ئانام ئۇنى نامرات كۆرمىگەن بولسا بىزمۇ مۇرادىمىزغا يەتكەن بۇلاتتۇق، ئۇمۇ كىتىپ قالمايتتى،-قىز ئۆز-ئۈزىگە پىچىرلاپ قويدى.
ۋاقىت ئۈتۈپ ،يىل ئۈرۈلدى،گۈلنىسانىڭ بەدىنىدە بەزىبىر غەيرى ئالامەتلەر كۈرۈلۈشكە باشلىدى،ھە دىسىلا قۇرۇك ھۆ بۇلىدىغان بۇلۇپ قالدى،يەتتە پەرزەنت يۈزى كۈرۈپ ،ھەرخىل ئىسىىق-سوقۇقنى باشتىن كەچۈرگەن ئاسىمەخان قىزىدىكى ئۆزگىرىشنى سىزىپ قالدى.
-ئېيتە پاسكىنا،قورسىقىڭدىكى شۇمنى قەيەردىن ئۈندۈرىۋالدىڭ؟
-ئاپا ئۇنداق ئىش يوق......
گۈلنىسا سۈزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتىشقا ئۈلگۈرمەيلا«چاڭ»قىلىپ تەككەن بىر تەستەك بىلەن كاڭنىڭ قىرىغا ئولتۇرۇپ قالدى.
-مەن….مەن…...-گۈلنىسا قىلىدىغان سۆز تاپالماي تەمتىرەپ تۇرۇپ قالدى.
-قورسىقىڭدىكى شۇم ھېلىقى شەھەرلىكنىڭ شۇنداقمۇ ؟
گۈلنىسا تەسلىكتە بېشىنى لىڭشىتتى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۈكۈلۈشكە باشلىدى.
-ۋاي ئاللا ،قانداق قىلاي ،ئەمدى بۇ يۈزۈمنى قەيەرگە قۇياي؟ئۈزۈڭدىن ئالتە ياش كىچىك بىر لۈكچەكنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ يۈردۈڭمۇ ئەمدى.ۋاي ئاللا…..ۋاي توۋا….،-ئاسىمەخان چاچلىرىنى يۇلۇپ يېغلاشقا باشلىدى.
گۈلنىسامۇ ئاپىسىنىڭ يېغىسىغا چىدىماي ،ئانىسىنى قۇچاغلاپ تەڭ يېغلىدى،ئۇلار بىر ھازا يېغلاشقاندىن كىىيىن ،ئانا قىزىنى ئۈزىدىن ئاجراتتى.
-بولدى يېغلىما،ئاتاڭ بىلەن ئاكىلىرىڭنىڭ خۇپتەندىن يانىدىغان ۋاختى بۇلۇپ قالدى،بۈگۈنچە ئۇلارغا بەك كۈرۈنۈپ كەتمە،ئاۋال ئەتە تاڭ ئاتسۇن،بىرەر باھانە بىلەن قوشنا مەھەللىگە بېرىپ ،ئاۋۇ ھارامدىن بولغان شۇمنى كۆزدىن يوق قىلىۋىتىپ كىلەيلى….…
……
گۈلنىسانىڭ كۆزلىرى يۇمۇلغان بولسىمۇ ،كاللىسىنى خىيال چىرمىۋالغانىدى،ئۇ ئۇخلىيالماي ھېلى ئۇياققا ئۈرۈلسە ،ھېلى بۇياققا ئۆرۈلەتتى،ئۇنىڭ خىيالىچە بولغاندا ،بالىنى ئالدۇرۋەتكۈسى يوق ئىدى،نەزەرنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۈزى بىلەن توي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى،ئۇ ئاخىرى بىر قارارغا كىلىپ ،ئۆيدىن چىقىپ كىتىش نىيىتى بىلەن ئورنىدىن تۇردى،دە،ئاي يۇرىقىدا نەرسە –كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇردى،ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسى بىر قىز دەپ ئەزىز بىلىپ ئالتۇندىن ياسىتىپ بەرگەن جابدۇقلىرىنىمۇ قولياغلىققا مەھكەم چەگدى،ھەمدە ،ئۈيىدىكىلەرگە بىر پارچە خەت يازدى،خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداى ئىدى:«ئاتا،ئاپا،مەندەك ۋاپاسىز قىزىڭلارنى كەچۈرۈڭلار ،سىلەرنىڭ مىنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇنۇڭلارغا رەھمەت،تۇلۇق ئوتتۇرنى تۈگەتكۈچە ئوقۇتۇپ بىلىملىك ئادەم قىلغىنىڭلارغا رەھمەت،مەن سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن،مىنىڭ نەزەر بىلەن توي قىلىشغا قۇشۇلمىدىڭلار ،ئۇنى كىچىك،نامرات كۆردىڭلار ،لىكىن مەن نەزەردىن باشقا كىشى بىلەن توي قىلمايمەن،شۇڭا ئۆز بەختىمنى ئىزدەش ئۈچۈن بۇ يۇرتتىن چىقىپ كىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،خەير-خوش ،ئامان بۇلۇڭلار .
ۋاپاسىز قىزىڭلار:گۈلنىسا»*** *** **** ****
-قورسىقىڭىزدا قالغىنى يامان بۇپتۇ،مەندىمۇ تۈزۈك پۇل يوق ،بالىنى تىزراق ئالدۇرۋەتسەك بۇلاتتى.
نەزەرنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن گۈلنىسانىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
-سىزنىڭ مۇشۇ گىپڭىزنى ئاڭلاش ئۈچۈن شۇنچە يىراقتىن ئۈيۈمنى تاشلاپ كەپتىمەن، دە؟ئاپام بالىنى ئالدۇرۋىتىمىز دىگەچكە ئۆيدىن قېچىپ چىقتىم ،شۇنى بىلەمسىز ......
......
-ئىتتىك تۇيىمىزنى قىلايلى،بالا كۈنسىرى چوڭىيىۋاتىدۇ.
-ئۇنداقتا يەنە بىر ئاي ساقلاڭ بۇلامدۇ؟مەنمۇ ئازراق پۇل تاپاي.
نەزەر شىرىن –شېكەر سۆزلەرنى خېلى قىلدى،گۈلنىسامۇ ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە كۆندى.
نەزەر تۇرىۋاتقان ئۆي شەھەرنىڭ ئەڭ چەت كوچىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ،پەقەت ئىچكىرى-تاشقىرى ئىككى ئېغىزلىقلا ئىدى،ئۆي ئىچى شۇنداق رەتسىز ھەم مەينەت ئىدى،گۈلنىسا كىلىشى بىلەنلا ،ئۆي باشكىچە تۈسكە كىرىپ ھەممە يەر پارقىراپ كەتتى،بۇنىڭ بىلەن نەزەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ خېلى رىتىمغا چۈشتى،گۈلنىسا نەزەر تۇرىۋاتقان ئۆيگە كىلىپ ئىككى ھەپتە بولغاندا ،نەزەر ئۇنىڭغا بىر رىستۇراندىن كۈتكۈچىلىك خىزمىتى تېپىپ بەردى،رىستۇران بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى خېلى يىراق بۇلۇپ ،گۈلنىسا پۇلنى تېجەش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئىشقا پىيادە بېرىپ ،پىيادە كىلەتتى،قاتتىق سوغۇق ھەم ھېرىپ-چارچاش ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزىۋىتەي دەپ قالغانىدى،دەل ئاشۇنداق ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ئۇ رىستۇران خوجايىنى بىلەن كۈرۈشۈپ قالدى،رىستۇران خوجايىنى 60ياشلاردىن ھالقىغان ،سالاپەتلىك كىشى بۇلۇپ ھەممەيلەن ئۇ كىشىنى ئەنسەر ئاكا دەپ چاقىرىشاتتى،ئەنسەر ئاكا گۈلنىسانىڭ ئېغىر بويلىقىنى كۈرۈپ ،ئۇنى كۈتكۈچىلىكتىن ئازاد قىلىپ ،پۇكەيدە پۇل ئېلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدى ،ھەمدە،قەيەردىندۇر بىر ئايالچە ۋېلىسپىت تېپىپ ئەكىلىپ بەردى. بۈگۈن گۈلنىسا ھەددىدىن زىيادە خوشال ئىدى،چۈنكى ئۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ھەققىنى ئالغانىدى.
-قەدىرلىكىم ،ئۆگۈنلۈككە رۇخسەت سوراڭ،سىزنى ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا ئاپىراي،-نەزەر ئۇنىڭ مائاش ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ شۇنداق دىدى.
-بۇ گىپىڭىز راستمۇ؟،-ھەيرانلىقتىن گۈلنىسانىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى.
-سىزنى ئالداپ نىمە قىلىمەن؟سىز بۇ شەھەرگە كەلگەندىلا ،بىر ئايدىن كىيىن توي قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدىمغۇ؟
گۈلنىسا خوشاللىقىدىن ئۈزىنى تۇتىۋالالماي ،نەزەرنىڭ بوينىدىن قۇچاغلاپ،سۈيۈپ كەتتى.
-بولدى،بولدى،بالىغا تەسىر يىتىپ قالمىسۇن،ھە راست،ئەتە يەنە ئىشلەيسىز،ئالتۇنلىرىڭىزنى ماڭا بىرىڭ ،يۇدۇرۇپ ئەكىلەي ،ئاندىن بۇ ئايلىق مائاشىڭىزغا كىيىم –كېچەك ئېلىڭ ،ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىغا ئىسىلراق كىيىنىپ بېرىڭ.
شۇ تاپتا گۈلنىسا خوشلىقىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالغانىدى.
-كىيىمنى قانداق ۋاقىتتا ئالىمەن؟،-ئۇ نەزەرگە ئەركىلەپ قويدى.
-يا بولمىسا ،پۇلنى ماڭا بىرىڭ ،ئەتە مەن بازارغا چىقىپ سىزگە ھازىر مودا بۇلىۋاتقان كىيىملەرنى ئېلىپ قۇياي.
گۈلنىسا ئۆزخوشاللىقىدا ھەممىنى ئۇنتۇپ،نەزەرگە ئىشىنىپ ،ئۈزىنىڭ بىردىنبىر بايلىقى بولغان ئالتۇن بۇيۇملىرىنى پۇل بىلەن قۇشۇپ نەزەرگە قۇلىغا تۇتقۇزدى،ئۈزىگە بولسا بىر پۇڭمۇ ئېلىپ قالمىدى.*** *** **** ****
قىشنىڭ سوغۇقى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى،ئاپئاق قار توختىماي ياغاتتى،پۈتۈن كائىنات ئاق لىباسقا پۈرگەنگەنىدى.
شەھەرنىڭ چىتىدىكى كىچىككە ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا گۈلنىسا تىزلىرىنى قۇچاغلىغىنىچە ئولتۇراتتى،ئۇنىڭ مەڭزىدە ياش تامچىلىرى قېتىپ قالغانىدى ،دېرىزىدىن سىرتتا يېغىۋاتقان قارنى كۆرگىلى بۇلاتتى،بىراق ،ئاشۇ ئاپئاق قارلارمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانىدى،ئۇ سوغۇقنى ئەسلا سەزمەيتتى،.ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت«ئۈلىۋېلىش»دىگەن بىرلا ئۇقۇم ئەكىس ئىتەتتى.
-گۈلنىسا قىز .....سىز ئۆيدە بارمۇ؟
سىرتتىن بىرەيلەننىڭ گۈلنىسانى چاقىرىپ سۇزۇپ ئېيتقان ئاۋازى ئاڭلاندى،بىراق ،گۈلنىسا ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سالدىمۇ،قىمىر قىلماي جايىدا ئولتۇراتتى،بىر –ئىككى قېتىملىق چاقىرىشتىن كىيىن ،ئىشىك ئېچىلىپ رىستۇران خوجايىنى ئەنسەر ئاكا كىرىپ كەلدى،ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا قېتىپ ئولتۇرغان گۈلنىسانى كۈرۈپ ھەيران قالدى.
-ۋوي ،سىزگە نىمە بولدى؟سىرتتا قاتتىق سوغۇق بۇلىۋاتسىمۇ ،ئۆيگە ئوت قالىماي ئولتۇرۇپسىزغۇ؟
گۈلنىسا خۇددى ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك ،بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى.
-گۈلنىسا قىز ،مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن،-ئەنسەر ئاكا ئۇنىڭ مۆرىسىدىن تۇتۇپ ئۈزىگە قاراتتى.
-نەزەر....نەزەر ...ئاخىرى قايتىپ كەلدىڭىز ،بىلەمسىز سىزنى ئىككى كۈن ساقلىدىم ،مەن تېخى سىزنى ئەمدى قايىتىپ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ بەك قورقۇپ كەتتىم.
-گۈلنىسا ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك ئەنسەر ئاكىنى چىڭ قۇچاغلىۋالدى.
-گۈلنىسا ،ماڭا قاراڭ،مەن نەزەر ئەمەس ،ئەنسەر ئاكىڭىز.....،-ئەنسەر ئاكا مىڭ تەسلىكتە ئۇنى ئۈزىدىن ئاجراتتى.
گۈلنىسا ئەنسەر ئاكىغا بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىزلا ،ھۆركىرەپ يېغلاپ كەتتى.
-ئۇ مىنى تاشلاپ كەتتى،ئۇ ئادەم ئەمەس ئىكەن،مىنىڭ مىڭ بىر جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم بىلەن مىنىڭ بىردىنبىر بايلىقىم بولغان ئالتۇن جابدۇقلىرىمنى ئېلىپ يوقىلىپ كەتتى،ئېيتىڭە ،ئەنسەر ئاكا ،ئەمدى مەن قانداق قىلاي ؟قورسىقىمدىكى بالىنى قانداق قىلاي؟شۇ تاپتا ئاتا-ئانامغا يۈزسىزلىك قىلىپ ،ئۇلارنى تاشلاپ چىققىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىۋاتىمەن،نەزەر دىگەن ھايۋان مىنىغۇ ئويلاپ قويمىسۇن،تۇغۇلىشىغا ئاز قالغان ئۆز پۇشتىنىمۇ ئويلاپ قويمىدى......مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟
گۈلنىسا ھۆركىرەپ يېغلايتتى،كۆز ياشلىرى دەريا بۇلۇپ ئاقاتتى،ئۆز-ئۆزىنى توختىماي كاچاتلايتتى،چاچلىرىنى يۇلاتتى،ئۇنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك يېغىسى ئەنسەر ئاكىنىڭمۇ كۆزلىرىگە ياش كەلدى،ئۇ شۇ تاپتا گۈلنىساغا نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنى بىلمەيۋاتاتتى،خېلى ئۇزۇندىن گۈلنىسانىڭ يېغىسى خېلى پەسەيدى،ئەنسەر ئاكىمۇ خېلى ئۇزۇن ئويلاندى.
-ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ،تىز نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ.
-نىمىشقا ؟،-گۈلنىسا تەئەججۈپلىنىپ ئەنسەر ئاكىدىن سورىدى.
-ئەجەبا مۇشۇ سوغۇق ئۆيدە ئۈلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرماقچىمۇ؟مىنىڭ ئۈيۈمگە بارىمىز.
......
-ھەيران بولماڭ ،ئۈيۈمدە سىز بىلەن تەڭتۇش قىزىم بار ،ئۇمۇ ئېغىر بوي،سىز بىزنىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇڭ،قىزىمنىڭ ئانىسى كچىكىدە تۈگەپ كەتكەن،ھازىرقى ۋاقتىدا ئۇنىڭ بەزى ھاجەتلىرىدىن مەن چىقىپ بۇلالمايدىكەنمەن.
......
-ئويلانماي تىز بۇلۇڭ،سىز توڭلىمىغان بىلەن،مەن توڭلاپ قېتىپ قالاي دىدىم.
گۈلنىسا ئەنسەر ئاكىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئورنىدىن تۇردى،ھەمدە نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇردى،نەرسە-كېرەك دىگەندىمۇ بىر نەچچە قۇر كىيىم –كېچەكلا ئىدى،ئۇلار بىللە ئۆيدىن چىقىپ ،ئەنسەر ئاكا ھەيدەپ كەلگەن قارا پىكاپقا ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.