• 2010-05-25

    قوشكىزەكلەر (4)


    جانغا ئارامبەخش ئىتىدىغان كۈز ئايلىرى ...بۇ ۋاقىتتا بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى تۇلىمۇ ياخشى بۇلۇپ  ساياھەت قىلىشقا تۇلىمۇ ماس كىلەتتى .
     مەكتەپتە ئۈچ كۈنلۈك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى .مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ كۈن ئارام ئېلىۋالاتتى.
    ئەخمەت بىلەن نەرگىزە بۇ كۈندىن پايدىلىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى مەنزىرلىك جايغا ساياھەتكە چىقىشنى پىلانلاشقانىدى .
    ئۇلار ئەتىگەن سەھەردىلا يولغا چىقىشتى .  گۈزەل مەنزىرلەر ھەر ئىككەيلەننىڭ بۇ خۇشال كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، قانداقتۇر ھاياجانغا سالماقتا ئىدى .
     ئۇلار تاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ مېڭىپ كۆزلىگەن مەنزىلگە قانداق يىتىپ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قېلىشتى .
    يېشىل يۇپۇرماقلارغا كۆمۈلگەن دەرەخلەر ، ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن خۇشپۇراق گۈللەر ... ئۇلارنىڭ زوقىنى قوزغاپ ، ھاياجانلىق كۆڭلىنى مەستخۇش قىلماقتا ئىدى . شارقىراتمىدىن  پەسكە ئېقىپ چۈشىۋاتقان سۇنىڭ شارقىرغان ئاۋازى گويا يېقىملىق ناخشىدەك تەسرات بىلەن ئەتراپقا چېچىلاتتى . سۈزۈك سۇ دولقۇنلىرى ، چىملار قاپلاپ كەتكەن قىرغاققا نازۇك ،ئاجىز ھەركىتى بىلەن ئۇرۇلاتتى . ئورمانلارنىڭ قۇيۇق يۇپۇرماقلىرى ئارىسىغا مۈكۈشىۋالغان كاككۇكلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشقى ۋىسالىنى چاقىرىشىپ يېقىملىق مەستخۇش بىلەن << كاككۇك ، كاككۇك ، كاككۇك >> دەپ تىنماي سايرىشاتتى .
        ئۇلار خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنى شۇنچە ئەركىن ، بەختىيار سەزمەكتە ئىدى ، ئۇلار يول بۇيى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ مېڭىشتى .
      - قاراڭ ، نەرگىزە ، ئۇلار نىمىدىگەن رومانتىك ھە ! _ دېدى ئەخمەت قۇلى بىلەن كۆل بۇيىنى  كۆرسىتىپ .
     ئاپئاق جىنەستە گۈللىرى بىلەن پۈركەنگەن ، سۈيى  سۈزۈك كىچىك بىر كۆلنىڭ بۇيىدا ياشقىنا بىر جۈپ ئاشۇق -مەشۇق يالىڭاياق پۇتلىرىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇشقان ھالدا بىر -بىرى بىلەن شىرىن سۆھبەت قۇرۇشقانىدى .
     نەرگىزە ئۇلارغا بىر قارىدىيۇ ، يەنە تېزلا يەرگە قارىۋالدى . ئۇ ئۇلارغا ھەۋەس قىلغانىدى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ ئەخمەتتىن خىجىل بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدى .
     - بىزمۇ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئالمامدۇق ؟ _ دېدى ئەخمەت  .
    نەرگىزە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيلا ئەخمەتكە ئەگىشىپ كۆل بۇيىغا كىلىپ ئولتۇردى .  ئەخمەتنىڭ  كاللىسىدا تۈمەنمىڭ خىيال ئەگىيتتى . ئۇ بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن نەرگىزەگە تەلەپ قۇيۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتماقچى بولغان .. لىكىن ھەربىر قېتىم ئۇنىڭغا قارىغىنىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي قالغانىدى .
     ئەخمەت شۇ تاپتا كۆلگە قاراپ ھەم ئۇيۇلۇپ ھەم چىرايلىق كۈلۈمسىرگىنىچە قۇلىدىكى كاككۇك گۈلىنى ئويناپ ئولتۇرغان نەرگىزەگە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن مەھلىيا بۇلۇپ ،ۋىسالىنى ئۇقۇشقا تەلپۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەيمىنىش تىزگىنى بىلەن تارتىپ تۇرۇلغان جۈرئەت ئېتى مۇددىئا پەللىسىگە قاراپ چايچىيالماي قالغانىدى .
     نەرگىزە تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندەك سومكىسىنى ئاختۇرۇپ ، ئەخمەتكە قارىدى .
     _ ئۇساپمۇ قالغانسىز ، ئازراق ئىچىملىك ئىچىۋىلىڭ .
    ئۇ  ئەخمەتكە بىر بۇتۇلكا مىنىرال سۇنى سۇندى . ئەخمەت قۇلىنى ئۇزىتىۋىتىپ نەرگىزەنىڭ سومكىسىدىن كۈرۈنۈپ قالغان
    بىر كىتابنى كۈرۈپ قالدى .
    - قايسى كىتابنى ئوقۇۋاتىسىز ؟ _ ئۇ قىزىقىش ئىلكىدە نەرگىزەدىن سورىدى .
    - ناۋايىنىڭ <<لەيلى -مەجنۇن >> داستانىنى .
     _ مەن كۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ ؟ _ ئەخمەت كىتابنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېيتتى .
     نەرگىزە كىتابنى ئېلىپ ئەخمەتكە شۇنداق سۇنىۋىدى ، خەت يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەز يەرگە چۈشۈپ كەتتى . نەرگىزە ئەمدى قۇلىنى ئۇزىتىپ ئالاي دەپ تۇرىۋىدى ، ئەخمەت چاققان چىقىپ قەغەزنى ئاۋۋال ئېلىۋالدى . بۇ ئەسلىدە خېلى تۇنۇشلۇق بولغان بىر شائىرنىڭ  چۈش ھەققىدە يېزىلغان بىر لىرىكىسى ئىدى .

     
    ئۇيقۇدا ئېرىشسەم نىگار ۋەسلىگە ،
    جەملىنەر لەززىتى شۇئان ئۇيقۇمغا .
    چۈشۈمدە نامايان بولغىن چىن سۆيگۈ ،
    ئويغانسام قۇشۇلار ئاققان يېشىمغا .

    ئال مېنى ئىلكىڭگە ئۇيقۇ ئىلاھى ،
    پاتقۇزغىن كۆزۈمنى  گۇگۇم قوينىغا .
    رازىمەن بۇ كىچە ئۆتسە شۇ يەڭلىغ ،
    سۇ بەرسەڭ سۆيگۈدىن چاڭقاق دىلىمغا .

    بەزىلەر ئۆزىچە ئۇيقۇنى دەيدۇ ،
    ئۆلۈمگە باراۋەر سەگەك ياتمىسا .
    ئۇيقۇدىن سۆيگۈمنى تاپساملا مەيلى _
    مەن پاتاي ھازىرلا شېرىن ئۇيقۇغا .

     

    ئەخمەت شېئىرنى ئوقۇپ بۇلۇپلا لەسسىدە بۇلۇپ قا لدى . << ھەي ، بىرەرسىگە كۆڭۈل بىرىۋىتىپتۇ - دە! كۆڭلۈمنى بالدۇرراق ئىزھار قىلسام بوپتىكەن ئەمەسمۇ ؟ >> دىگەن خىيال كۆڭلىدىن كەچتى . ئۆتكۈر ھەسەت خەنجىرى يۈرىكىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى .
     - پاھ ، نەرگىزە ، بىرسىگە كۆڭۈل بىرىۋىتىپسىز دە ! _ دېدى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇپ ئالالماي .
     _ قانداق ؟
     _ شۇنداقلىقى مۇنۇ شېئىردىن چىقىپ تۇرۇپتىغۇ !
    نەرگىزەنىڭ چىرايى ۋىللىدە قىزاردى .
    - قەلب كۆزىڭىز بەك ئۆتكۈر ئىكەن سىزنىڭ .
     _ نەرگىزە ،_ دېدى ئەخمەت بىرئاز ھۇدۇققان ھالدا ( ئۇ قانداقلا بولمىسۇن نەرگىزەگە كۆڭلى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچى بولغانىدى ) بىر گەپنى ئېيتسام بۇلارمۇ ؟
    نەرگىزەنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى ، ئۇ گەرچە ئەخمەتنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاشنى ئۇزۇندىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن بولسىمۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر يەنە قورقۇپ تۇراتتى . مانا بۈگۈنمۇ ھالقىلىق پەيتتە ۋۇجۇدىنى ئەنە شۇنداق روھىي تۇيغۇ قاپلىۋىلىشقا باشلىدى . نەرگىزە چىرايلىق كۆزلىرىنى ئەخمەتكە قىيا تىكتى . كۆز ئالدىدا سۆيگۈ ۋاپاسىنىڭ ھەقىقىيلىكىگە مەردانە سىماسى ، جاسارىتى بىلەن گۇۋاھلىق بىرىپ ، ئىشەنچ تىكلەپ تۇرغان ئەخمەت ئۆزىدىن جاۋاب كۈتۈپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى .
     - قانداق گەپ ئىدى ،_ نەرگىزەنىڭ نۇرلۇق چېھرىىسى ھۇدۇقۇشتىن سەل تاتاردى .
     _ راست گەپ قىلسام نەرگىزە ، گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەي قالدىم . لىكىن شۇنداقتىمۇ ئاڭلاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . گەپلىرىم تاقا -تۇقۇ چىقىپ قالسا كەچۈرۈڭ ... مەن ..مەن نىمە دىسەم بۇلار .. مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم . بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولغان ، مەن ئەسلى بالدۇرلا سىزگە دىمەكچى ئىدىم ، لىكىن جۈرئەت قىلالمىدىم ، مەن ..مەن بەك دۆت ئىكەنمەن  ،سىز باشقا بىرسى بىلەن ئارلىشىۋاتمىغانسىز ھە ! _ ئەخمەت ھۇدۇقۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى قېتىم بىر قىزغا كۆڭۈل سۆزىنى ئىزھار قىلىۋاتقان بولغاچقا ، گەپلىرىمۇ قولاشماي قالغانىدى . لىكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ ئۆز كۆڭلىدىكىنى نەرگىزەگە دەۋالغىنىغا ئۆزىنى ئەركىن ھىس قىلىۋاتاتتى .
    نەرگىزەنىڭ قەلبىنى ھەرخىل تۇيغۇلار چىرمىۋالغان ئىدى ، ئۇ بىر ھازا ئۈنچىقماي ئولتۇرغاندىن كىيىن ، ئەخمەتكە بىر قاراپ قويدى -دە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئېيتتى .
     - راست گەپ قىلسام مەن بىرسىنى ياخشى كۆرىمەن !
    ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ياپراقتەك تىترەپ كەتتى . مەيلى كىملا بولمىسۇن ئۆزى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن نەرگىزەنىڭ زادى كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ كەتتى .
     - ئېيتىڭا ، كىمنى ياخشى كۆرىسىز ؟ _ ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتكەنىدى . ئۇنىڭ دەردىنى ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىم چۈشەنمەيتتى .
     _ بىرسىنىڭ ئىشقىدا ، لىكىن ئۇ مېنى ياقتۇرامدۇ -يوق .. بۇنى بىلمەيمەن .
     _ مەن ياردەم بىرەلەيمەنمۇ -يوق ؟ _ سورىدى ئەخمەت . ئۇنى دىلى قاتتىق يىغلىماقتا ئىدى .
     - سىزلا ياردەم بەرگەن بولسىڭىز ھەممە ئىشلار كۈتكىنىمدەك بولغان بۇلاتتى ،_ نەرگىزە بىر ئاز جۈرئەتكە كىلىپ شۇنداق دىدى-دە شەھلا كۆزلىرىنى ئەخمەتكە تىكتى .
     - سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا!
     - راستمۇ ؟
     - ئەلۋەتتە . سىز ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى ماڭا دەپ بىرەلەمسىز ؟ مەن ...مەن ...مەن ئۇنى چۇقۇم ماقۇل كەلتۈرىمەن .
     - ئۇ ...
     نەرگىزە گەپ قىلالماي قالدى ، تىلىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان سۆزىنى يۈتىۋەتتى . ئۇ يەنىلا خىجىل بۇلىۋاتاتتى ھەم قاتتىق ئوڭايسىزلىنىۋاتاتتى .
     - ئۇ ...ئۇ ..ئۇ ...دەل سىز !
    _ نىمە ؟ مەن ؟
    ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى . ئۆزىنىڭ ئوڭى ياكى چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى ، قۇلاقلىرىغىمۇ ئىشەنمەيۋاتاتتى . يۈرىكى ۋىسال شادلىقىدىن دۈپۈلدەپ ئۇردى .
    _ نەرگىزە ...رەھمەت سىزگە . سىزگە كۆپ رەھمەت .
     ئۇ نەرگىزەگە قايتا -قايتىلاپ رەھمەت ئېيتىپ كەتتى . نەرگىزەنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىدىن چەكسىز سۈيۈنمەكتە ئىدى . ئۇنىڭچە بولغاندا ھازىرلا ئېتىلىپ بېرىپ نەرگىزەنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرىگە قانغۇچە سۆيگۈسى كەلگە
    نىدى ، لىكىن ئۇ خىجىل بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى . ھەمدە نەرگىزەگە بىر قاتار ۋەدىلەرنى بىرىپ ئۇنى مەڭگۈ بەختلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
      ئۇلار بىر كۈنلۈك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى . ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پات -پات ئۇچرىشىپ قالاتتى . نەرگىزەنىڭمۇ ، ئەخمەتنىڭمۇ چېھرىدە يېقىملىق بىر تەبەسسۇم جىلۋىلەنمەكتە ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئالەمچە شادلىققا چۆكمەكتە ئىدى . كۆل ئۈستىدە بىر جۈپ ئاققۇلار ئۈزۈپ يۈرمەكتە ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئەنە شۇ كۆل  بۇيىدىن باشلانغان ئىدى .

    ***              ***                         ***                               ***

    قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ساداسى ، كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭگارەڭ چىراقلار ...
      بۈگۈن ئادىلەنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا تاسادىپىي بىر يىغىلىشتا تۇنۇشۇپ قالغان دوستى دىسكۇخانىدا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەنىدى . سۇرۇنغا ئادىلەنىمۇ چاقىرغان ، لىكىن  ئادىلەنىڭ بىر ئوغرى قىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى . ئادىلە سۇرۇنغا ئۇزۇن چاچلىرىنى قۇيۇۋىتىپ   ،  ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىنەپشە رەڭ كۆينىكىنى كىيىپ كەلدى .  ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنى بىرەر داڭلىق ئۇنۋىرستتا ئۇقۇيدىغان ، بىلىملىك قىزمىكىن دەپ ئويلاپ قالاتتى .
       سۇرۇندا ئولتۇرۇشقان ھەممە ئوغۇللارنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلگەن ، ھەربىر مۇزىكا باشلانغاندا بەس -بەس بۇلۇشۇپ ئۇنى تانسا -ئۇسۇلغا تارتىپ تۇراتتى . ئادىلە ئۆز بېشىغا كەلگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشىۋاتاتتى . شۇڭا ئۇغۇللار ئۇنى تانسا -ئۇسۇلغا تارتقىنىدا ھېچقانداق نازلىنىپمۇ ئولتۇرمىدى ،ناھايىتى قىزغىن ھالدا ئۇلار بىلەن تانسا ئوينىدى .
      ئارىدىن بىر بەستلىك ، خۇشچىراي ، بۇغداي ئۆڭ ، كىلىشكەن بىر يىگىت ئۇنى تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلدى .  مۇزىكىنىڭ رىتىمغا ئەگىشىپ ئادىلەنىڭ يۈرىكىمۇ گۈپۈلدەپ  سۇقۇۋاتاتتى . پۇتلىرىمۇ يەردە توختىماي پىقىرايتتى .
     _ ئىسمىڭىزنى بىلسەم بۇلامدۇ ؟ __ سورىدى يىگىت .
     _ ئادىلە . _ ئۇ ناھايىتى ئەركىن جاۋاب بەردى .
    يىگىت ئۇنىڭ گۈزەل چىرايىغا مەپتۇنلارچە تىكىلىپ قالغانىدى ، لىكىن ئادىلە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا دىققەت قىلمايتتى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدا تانسا ئويناۋاتقان بىر قىزنىڭ بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرگە تىكىلىپ قالغانىدى . ئادىلە پۈتۈن ئېسيادى بىلەن ئۇنى قولغا چۈشۈرۋېلىشقا شۇنچىلىك ئىنتىلىپ ، يېنىدا تانسا ئويناۋاتقان يىگىتنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى .
     _ نىمە ئىش قىلىسىز ؟ _ سورىدى يىگىت قايتىلاپ . بايا ئۇ بىر قېتىم سورىغانىدى ، لىكىن ئادىلەنىڭ ئىپادە بىلدۈرمىگىنىنى كۆرۈپ ئاڭلىمىغان بولسا كىرەك دەپ قايتا سوراۋاتاتتى .
     ئادىلە ئۇنىڭ گىپىدىن ئەسلىگە كەلگەندەك بۇلۇپ، نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلمەي قالدى . ھەم تېزلا يىگىتكە سۇس كۈلۈمسىرەپ :
     _ ھازىرچە خىزمىتىم يوق ، ئۆيدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىمەن ،_ دەپ جاۋاب بەردى . يىگىت ئۇنىڭ سۆزىدىن رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ :
     _ باياتىن ئىسمىڭىزنى سورىسام ، مېنىڭ ئىسمىمنى سوراپمۇ قويمىدىڭىز . شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ، ئىسمىم يارقىن ، ئۆزۈم ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ، يېقىندا قايتىپ كەلدىم .ھازىر پىراكتىكا ساقچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىمەن ...
    _ ساقچى ؟! _ ئادىلە ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن چۆچۈپ كەتتى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ كۈلۈمسىرگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى ...
    يارقىن ئۇنىڭ بىردىنلا چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ، كۈلۈپ تۇرسىمۇ كۆزلىرىدىن بىرخىل قورقۇنچقا ئوخشاش ئۇچقۇنلارنىڭ پىلدىرلاپ تۇرغانلىقىنى سىزىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېيتتى :
     _ شۇنداق ، ساقچى . ساقچى دىسەم نىمانچىلا چۆچۈپ كىتىسىز ؟ چۇقۇم بىرەر قانۇنغا خىلاپ ئىشتىن بىرنى سادىر قىلىپ قۇيۇپسىز دە ! _ يارقىن بۇلارنى دەۋىتىپ كۈلۈپ كەتتى .
    - نەدە چۆچۈپ كەتتىم . شۇ مۇزىكىنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك بوپ كەتكەچكە ئاڭلىماي قايتا سورىدىم ،_ دېدى ئادىلە تېزلا ئۇنىڭ سۆزىگە رەدىيە بىرىپ .
    يارقىن تېخىچە كۈلۈۋاتاتتى .
    _ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئادىلە . سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن ...خالىسىڭىز ئىزدىشىپ ئۆتەيلى ، مەن ھەل قىلىپ بىرىدىغان قانداقلا ئىش بولمىسۇن مېنى ئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ .
    يارقىن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى سورىماقچى بۇلۇپ تۇرغىنىدا مۇزىكا  ئاخىرلىشىپ قالدى . ئادىلە تېزلا ئۇنىڭغا يىنىك ئاۋازدا <<رەھمەت >> دىگىنىچە ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى .
     - توۋا ،دەيتتى ئۇ ئۆز -ئۆزىگە.. مەن تۇنۇشقان يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ساقچىمۇ نىمە ؟ ئۇلاردىن قانچە ئۆزەمنى ئېلىپ قېچىۋاتسام ماڭا ئۇچراپ تۇرغىنىنى ...
    شوخ ، يۈرەكنى تىترىتىدىغان ئۇسۇل  مۇزىكىسى  ياڭرىماقتا ئىدى . ئادىلە بايا ئۇنى بىر پەدە ئۇسۇلغا  تارتقان يارقىنغا << كەچۈرۈڭ ، بەك ھېرىپ كەتتىم . بىردەم ئارام ئېلىۋالاي >>دىگەننى باھانە قىلىپ ھېلىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىزنى كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ قىز ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن ھالدا مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا كەلتۈرۈپ ئەسەبىيلەرچە سەكرەپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى .
      تۇيۇقسىز  زالنىڭ بىر يېرىدە مالىمانچىلىق كۆتۈرۈلدى .. مۇزىكىمۇ توختاپ قالدى . ئەسلىدە بىر يىگىت ئۇسۇل ئويناۋىتىپ ئۇنىڭ قۇلى تاسادىپىيلىقتىن ھېلىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىزنىڭ  يۈزىگە تىگىپ كەتكەن ، ئۇ قىز بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان يىگىت بۇنى كۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان ئىدى . ھەممەيلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىنى تاماشا قىلىپ تۇراتتى . بىر كەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھلىرى بىر -بىرىگە ئېتىلىپ كىلىشتى . ھەش -پەش دىگۈچە دىسكۇخانا ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى . ئۈستەللەر ئۆرۈلۈپ ، ئۇرۇندۇقلار ئۇيان -بۇيان ئۇچۇپ ئادەملەر پاتپاراق بۇلۇشۇپ كەتكەنىدى .
     يارقىن ساقچى بولغاچ ئۇلارنى ئاجرىتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى ، بىر كەمدە ساقچىلار تېزلا نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىشتى . ھەم ئۇلارنى ئاجرىتىپ ئۇرۇشقانلارنى ئېلىپ مېڭىشتى . يارقىن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىپ بۇلۇپ ، ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى . ئۇ ئادىلە ئولتۇرغان ئۇرۇنغا قارىۋىدى ، ئادىلە كۈرۈنمەيتتى . يارقىننىڭ يۈرىكى ئۆزىمۇ ھىس قىلىپ باقمىغان بىر تۇيغۇغا كىلىپ قالدى ، ئۇ بەلكىم ئادىلەنى بايىقى قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇپ سىرتقا چىقىۋالغان بولسا كىرەك ،دەپ ئويلاپ سىرتقا قاراپ ماڭدى .
     _ ۋاي ، مېنىڭ زەنجىرىم يوق تۇرىدۇ ؟
    بىر قىز ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ كەتتى . ھەممەيلەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى . بايىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىز بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئالتۇن زەنجىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇنى تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا نەچچە تۈمەنگە ئالغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى . بىر نەچچە ساقچىلار ئۇ قىزدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ خاتىرە قالدۇرىۋاتاتتى .
    يارقىن سىرتقا چىقىپ قارىۋىدى ، ئادىلەنىڭ سايىسىمۇ كۈرۈنمىدى . ئۇ بۇنىڭدىن كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ باشقا ھەمراھلىرىغا ئېيتىپمۇ قويماي قايتىش ئۈچۈن ماڭدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە سائەتمۇ كېچە 11 دىن ئېشىپ قالغانىدى .
       ئادىلە چوڭ -كىچىك ماشىنلارنىڭ ئارىسىدىن  ئۈتۈپ يۈگۈرۈپ كىتىۋاتاتتى . خۇددى بايا ئالتۇن زەنجىرنى ئېلىۋالغاندا باشقىلارنىڭ كۈرۈپ قېلىپ ئارقىسىدىن قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ تېخىمۇ ئىتتىك يۈگۈرۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ يۈرىكى تېخى ئورنىغا چۈشمىگەن ئىدى .
      - ئادىلە !!
    ئادىلە ئالدىدىكى بىر گۈللۈكتىن ئاتلاپ ئەمدىلا يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەي دەپ تۇرىشىغا بىرى ئۇنى چاقىردى . ئۇ چۆچۈپ كەينىگە قارىدى ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا  بىر قېتىم ئادىلە  پورتمىنىنى ئوغۇرلىۋالغاندا  سىزىپ قالغان ئابلەت ساقچى تۇراتتى . ئۇ ئابلەت ساقچىنى كۈرۈپلا ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىسىگە كىلىپ تېخىمۇ ئالاقزادىلىككە تۇلۇپ كەتتى .
    _ قىزىم ، سالاھىيەت كىنىشكەمنى قايتۇرۇپ بىرىپ پورتماننى ئۆزىڭىز ئېلىپ قالسىڭىز ...
    ئابلەت ساقچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ھەربىر ئېىسگە ئالغان ئادىلە ئۆز-ئۆزىدىن ، دادىسدىن نەپرەتلىنىپ كىتەتتى .
     - قىزىم ، بۇ كىچە بولغاندا سىرتتا نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ _ سورىدى ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ . گەرچە ئۇ ئادىلەنى چۇقۇم كىچىدە سودا ئىزدەپ مېڭىۋاتقان بولسا كىرەك ،دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ئۆزىدىن سورىغۇسى كەلگەنىدى .
     _ مەن ...مەن ..._ئادىلە تەمتىرەپ كەتتى ، ئارقىدىنلا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى .
     _ ۋۇي قىزىم ، زادى نىمە ئىش بولدى ؟ _ ئابلەت ساقچى ئۇنىڭغا مىھرىبانلاچە ، ئاتىلىق مىھرى بىلەن تىكىلدى .
     _ سىزگە راست گەپ قىلسام تاغا ، بۈگۈن بىرمۇ سودا قىلالمىغانىدىم . دادام مېنى ئۇرۇپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋەتتى . ئادىلە يالغان سۆزلىدى ، ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئىچى ئاغرىپ كەتتى .
     _ ھەي ..بوپتۇ قىزىم ، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ .. ھېچ ۋەقەسى يوق .ئەگەر   خالىسىڭىز بۈگۈن مېنىڭ ئۆيۈمدە قۇنۇپ قېلىڭ ... _ ئابلەت ساقچى قىلچە گۇمان قىلغىلى بولمايدىغان ئالاھىدە تەلەپپۇزدا سۆزلىدى ،_ دادىڭىزنى مەن ئەتە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ تۇتقۇزۇپ كىلەي !
     _ ياق ...ياق ..ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ تاغا ! _ ئادىلە چۆچۈپ كەتتى ، ئەقىلسىزلىق قىلىپ تاپقان بۇ يالغان سۆزىگە پۇشايمان قىلىپ كەتتى .ئۇنىڭغا يېلىنىش ، بىچارىلىك ئارلاشقان كۆزلىرى بىلەن قارىدى ...
     _ بوپتۇ ئەمىسە .. بۇ كىچىدە يالغۇز يۈرسىڭىز ياخشى بولمايدۇ . ئەمىسە مېنىڭ ئۆيۈمدە قۇنۇپ قېلىڭ...
    ئادىلە ئۆيگە قايتمىسا دادىسىدىن ئۆلگۈچە تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،بۇ ئاقكۈڭۈل ساقچىدىن تەسىرلىنىپ ھەم دادام ئۇرۇپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى ، دىگەن يالغان سۆزىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىنى خالىماي ئۇنىڭغا ئەگەشتى .
       ئۇلار بىردەمدىلا ئابلەت ساقچىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كىلىپ قالدى ، ئادىلە ئۈندىمەي بېشىنى ئىگىپ تۇراتتى . ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ قۇرۇنۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ :
     _ قېنى ، ئۆيگە كىرىڭ ،_ دېدى ئۆزى باشتا ئۆيگە كىرىپ .
     ئادىلە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاستا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى .
    ئابلەت ساقچى ئادىلەگە بۇرۇلۇپ سەپسالدى ، رۇشەن چىراغ نۇرىدا ئۇنىڭغا بۇ قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا پەۋقۇلئادە بىر جەزبىدارلىق باردەك بىلىندى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئادىلەگە تىكىلىپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى .
     ئۇ ئادىلەنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ قۇيۇپ ئۆزى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ھايال ئۆتمەيلا ئۇ قۇلىدا مىنىرال سۇ كۆتۈرۈپ كەلدى .
     _ مەڭ ، -دېدى ئۇ مىنىرال سۇنى ئادىلەگە تەڭلەپ ،_ئۇساپمۇ قالغانسىز ...
     _ رەھمەت تاغا ،_ ئادىلە تېخىچە ئوڭايسىزلىنىپ قورقۇپ تۇراتتى .
    _ ھېچقىسى يوق قىزىم، ھەرگىز تارتىنماڭ ، ئەگەر ئۇيقۇڭىز كەلگەن بولسا ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىڭ ...
     ئادىلە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ، تىترىگەن قوللىرى  بىلەن مىنىرال سۇنى ئېلىپ ئابلەت ساقچى كۆرسەتكەن ئۆيگە كىرىپ كەتتى .  ئابلەت ساقچىمۇ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى ...
      ئادىلە ئۆيگە كىرىپ ئىشكنى ياپقاندىن كىيىن ئۆيدىكى ئېسىل سەرەمجانلارنى كۈرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدى .  ئۇ ئۆزىگە ئۇرۇن سېلىپ بۇلۇپ ، يوتقانغا پۈركۈنۈپ ياتقىنىچە خىيالغا چۈمۈپ كەتتى .
      ئىشكنىڭ تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى . ئۇ بۇ كىچىدە ئۆيگە كەلگەن كىمدۇ ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئىشىك يېنىغا كىلىپ تۇردى ..
      _ ۋۇي .. كەل ..كەل ئوغلۇم . بۈگۈن بۇ غېرىبانە خانەمگە قەدىمىڭ يىتىپ قاپتىغۇ ؟ _ ئابلەت ساقچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
     _ بۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاتنىشپ سەل كەچ قالغانىدىم ، ئۆيگە قايتىشقا ئېرىنىپ ،سىزنىڭ ئۆيىڭىز يېقىن بولغاچقا مۇشۇ يەرگىلا كەلگەنىدىم .
     ئادىلە بۇ تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا قېتىپلا قالدى ، بۇ ئېنىق يارقىن ئىدى ...
      _ ھەئە ... ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ئوغلۇم ..قېنى ئولتۇر . ئۇسسۇزلۇق ئىچەمسەن ؟
     - بولدى رەھمەت تاغا ...بۇ يېرىم كىچىدە كىلىپ سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم . بەك چارچاپ كىتىپتىمەن . مەن ئارام ئالاي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە بىجىرىدىغان جىددىي بىر ۋەزىپە بار ئىدى. سىزمۇ بالدۇر ئارام ئېلىڭ ،_ يارقىن شۇنداق دىگىنىچە بايا ئادىلە كىرىپ كەتكەن ئۆيگە قاراپ ماڭدى .
     _ ۋۇي... ئۇ ئۆيدە ئادىلە بار ئىدى .
    _ ئادىلە ؟ _ سورىدى يارقىن ئەجەبلىنىپ .
     دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ئادىلە ئۆيدىن چىقتى . يارقىن ئۇنى بۇ ئۆيدە كۈرۈپ قېتىپلا قالدى. ئادىلەمۇ ھۇلۇقۇپ ئۆزىنى نەگە قۇيۇشنى بىلمەي قالدى . ئابلەت ساقچى ئادىلەنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ :
     _  بۇياق ئادىلە ،_ دېدى ئۇنى يارقىنغا تۇنۇشتۇرۇپ ،_ بىر دوستۇمنىڭ قىزى بۇلىدۇ . بۈگۈن دادىسى سىرتقا چىقىپ كىتىپ يالغۇز قالغاچ بۇ ئۆيگە كىلىپ تۇرغانىدى ...
     _ ھەئە !
     يارقىن قېتىپ تۇرۇپ قالدى .  ئادىلەنى  بۇ ئۆيدە ئۇچرىتىپ قالغىنى ئۇنىڭغا مۆجىزە بۇلۇپ بىلىندى .
     _ بۇ ياق يارقىن ... مېنىڭ ئۆز ھەدەمنىڭ يالغۇز ئوغلى بۇلىدۇ ...  ئادىلە سىز كىرىپ ئارام ئېلىڭ ، بۈگۈن يارقىن بىلەن ئىككىمىز بۇ ئۆيدە ياتايلى .
     ئابلەت ساقچى مىھىر يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئادىلەگە قارىدى ، ئادىلە يەرگە قارىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى .
           كېچىنىڭ سوغۇقى كۈچەيدى ،پۈتۈن ئەتراپ جىمجىتللىققا چۆمگەنىدى ،ئاسماننى قارا بۇلۇتلا قاپلاپ كەتكەن ، بىر تال يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى .
       ئادىلە خىيال ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلاتتى ... ئۇنىڭغا يۇلۇقىۋاتقىنى خۇددى ھىندىستان فىلىملىرىگە ئوخشاش ۋەقەلىك ئىدى ، ئۇ ئۆزىنى كىنودا رول ئېلىۋاتقان ئايال باش قەھرىمانغا   ئوخشاتتى . ئۇ شۇنداق ئوخشاتقانسىرى بۇ ئىشلارنىڭ راستىنلا بىر كىنو ۋەقەلىكى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كەتتى . ئۆزىنىڭ باشقىچە بىر ئادەم بۇلۇپ ،يېڭى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرۈش قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا ئىدى .. ئۇنىڭ خىيالىغا نە  دادىسى  ،نە   بىر كۈن يوقاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يەيدىغان تاياقلىرى كىرىپ چىقمايتتى ...
        يارقىنمۇ ئۇخلىيالماي ئۇيان -بۇيانغا ئۆرۈلەتتى ، ئادىلەنى خىيال قىلاتتى . ئۇنىڭ گۈزەل چىرايى كۆز ئالدىدا نامايان بولغانسىرى ئۇنىڭ چىقىپلا ئادىلە بىلەن كۈرۈشكۈسى ، قانغۇچە مۇڭداشقۇسى كىلەتتى . ئۇلارنىڭ ئارلىقىنى بىر قەۋەت تام تۇسۇپ تۇرماقتا ئىدى ... ئۇ ئادىلەنى خىيال قىلغانسىرى ئۇنى بىر كۈرۈپلا ياخشى كۈرۈپ قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى....