نەرگىزە بىلەن
ئەخمەتنىڭ ئارلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن مەكتەپتىكى ئۇيغۇر
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ كىتىشتى . بەزىلەر ئۇلارغا ئەڭ پاك بولغان
بەختلەرنى تىلەشتى ، يەنە بەزىلەر ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشتى . لىكىن بۇلارنى
ئاڭلىغان شەھىدەنىڭ ھەسەت ئوتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، نەرگىزەگە ئۆچ بۇلۇپ
كەتتى . ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئەخمەتنى تارتىۋىلىش ئويلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن
قەلبىدە ئىسيان كۆتۈرمەكتە ئىدى .
ئالتۇن كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ قىش
ئايلىرى يىتىپ كەلدى . بۈگۈن قىشنىڭ بىزىكى بولغان تۇنجى قار ياققان بۇلۇپ ،
نەرگىزە قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن كۇتۇپخانا ئالدىدىكى قارغا كۈمۈلگەن ئارچا
دەرىخى يېنىدا سۇزۇلۇپ ياتاتتى . قىزلار قوللىرىغا بىر پومزەكتىن قار
ئېلىۋالغان بۇلۇپ ، مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان بىر گۈزەل خاتىرىنى قالدۇرۇش
ئىستىكى ئۇلارنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغانىدى. نەرگىزە ئۇزۇن قوڭۇر چاچلىرىنى
يانتۇ تاشلاپ ، نىپىز لەۋلىرىنى چىڭ يۇمغانچە ئاپپاراتقا تىكىلگەنىدى
.‹‹چارس ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىزلار قاھ –قاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى . بۇ
بىر توپ قىزلار خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە ئىدى . ئۇلار يەنە بىر قېتىم باشقا
مەنزىرە يېنىدا چۈشۈش ئۈچۈن ئورنىدىن قوزغىلىشتى . نەرگىزە ئالدىغا
چۈشىۋالغان ھاۋارەڭ شارپىسىنى كەينىگە تاشلىغاندىن كىيىن سەپكە قېتىلدى .
شۇ ئەسنادا كۇتۇپخانا ئىشىكىدىن ئەخمەت چىقىپ كەلدى. ئۇ ساۋاقداش ،
دوستلىرىنىڭ رەسىمگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى –دە ، ئورنىدا توختاپ قالدى .
ـ قانداق سىنىپىمىزنىڭ كويئوغلى ،ـ دېدى نەرگىزەنىڭ يېقىن ساۋاقدىشى
شەھرىبان شوخلۇق قىلىپ ،ـ نەرگىزەنى ماراپ تۇرمىسىڭىزمۇ ئۇنى ئازراق
ۋاقىتتىن كىيىن سىزگە تاپشۇرۇپ بىرىمىز ، خالىسىڭىز كىلىڭ . سىزنى ئوتتۇرغا
ئېلىپ بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈۋىتەيلى ، بۇنى كىيىن بالىلىرىڭلارغا
كۆرسەتسەڭلار قالتىس ھاياجانغا چۈمۈسىلەر !
نەرگىزە ئىززا
تارقىنىدىن شەھرىبانغا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى . بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاق سۈزۈك
بۇيۇنلىرى ۋە ئالۇچىدەك كىچىك ئېغىزى ئادەمنى مەست قىلغۇدەك دەرىجىدە
گۈزەللىككە تولغانىدى . قىزلار ئەخمەتنى مەجبۇرىي دىگۈدەك سەپكە سۆرەپ
كىرىشتى ۋە نەرگىزە ئىككەيلەنگە .وتتۇرىدىن ئۇرۇن بەردى، ھەممەيلەن بۇ
قەدىردان ساۋاقدىشىغا بەخت تىلەيتتى .
قىزلار تارقاپ كىتىشتى ،
ئەخمەت بىلەن نەرگىزە كۇتۇپخانا ئالدىدىكى چىغىر يول بىلەن ئۇلار دائىم
ئۆگۈنۈش قىلىدىغان باغچىغا قاراپ ئاستا مېڭىشتى . پات يېقىندا مەملىكەت
بۇيىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىنگىلىزتىلىدىن 4-دەرىجىنى ئېلىش ئىمتىھانى
باشلىناتتى . ئىككەيلەن خېلى ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ئىمتىھانغا بىللە
تەييارلىق قىلىۋاتاتتى .
ئۇلار تىنچ ئولتۇرۇپ خۇشالللىق ، ئۈمۈد نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى كىتابقا تىكىشتى .
شۇ
تاپتا ئۇلارغا نە سوغۇق بىلىنمەيتتى ، ھەرئىككىلىسى ناھايىتى
ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا ئىدى .
بىر
چاغدا نەرگىزە كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى –دە ،بەل-پۇتلىرىنى
ئىگىپ ھەركەتلەندۈرۈشكە باشلىدى . ئاندىن سائىتىگە قاراپ بىر ئەسنىدى ۋە :
ـ
ئەخمەت ، چارچىمىدىڭىزمۇ ؟بىز تەكرار قىلغىلى ئىككى سائەت بۇلاي دەپ قاپتۇ
،سەل توڭلاپ كەتتىم ،ـ دېدى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىتاب كۈرىۋاتقان
ئەخمەتكە قاراپ . ئەخمەت كىتابقا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم قارىۋالدى –دە ،
ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئۇمۇ قوللىرىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ كىرىلىشكە باشلىدى .
ـ نەرگىزە ، مۇشۇنداق قادىلىپ ئۆگىنىش قىلىش سىز ئۈچۈن جاپامۇ ؟-دەپ سورىدى ئەخمەت .
ـ بىر ئاز ،ـ دېدى نەرگىزە جاۋابەن ۋە ياندۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى :
ـ سىزگىچۇ ؟
ـ
ماڭىمۇ شۇنداق ،ـ دېدى ئەخمەت كۈلۈپ تۇرۇپ ،ـ لىكىن سىز قېشىمدا بولسىڭىز
ھېچقانچە جاپا ئەمەس ، ئەكسىچە پۈتمەس –تۈگىمەس راھەت . ئۆزى ياخشى كۆرگەن
كىشى بىلەن يانمۇ –يان ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلاش ، ماڭا ئوخشاش ئەمدىلا ئۆز
مۇھەببىتىگە ۋە ئۆز سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن يىگىت ئۈچۈن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز
خوشاللىق ۋە بەخت ! نەرگىزە سىز قېشىمدىلا بولسىڭىز بۇ جاھاندا غەم
–ئەندىشە ، ھېرىپ -چارچاش دەيدىغان نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىمۇ ئېسىمدىن
كۆتۈرۈلۈپ كىتىدىكەن .
نەرگىزە مەنىلىك كۈلگىنىچە ئەخمەتكە قاراپ
باش لىڭىشتتى . ئەخمەتنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىدىن بىرخىل كۈچلۈك غەيرەت –جاسارەت
ۋە چەكسىز مىھرى –مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇراتتى .
ـ ئەخمەت ،
سىزمۇ مېنىڭ قىشىمدىلا بولسىڭىز دەرستىن باشقا ھېچقانداق نەرسە خىيالىمغا
كىرمەيدۇ . ئازراق چارچىغاندەك قىلساممۇ يەنە سىزگە قاراپ غەيرەتلىنىمەن
،سىزدىن كۈچ –قۇۋۋەت ئالىمەن . سىز بىلەن ئۈمۈدلىنىمەن . بۇنىڭدىن كىيىن
چۇقۇم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىمەن .
ـ رەھمەت
نەرگىزە ، بىز بىلىم ئىگەللەش ئىستىكى بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت ،
قەدىرلىك ئاتا –ئانا ۋە دوست –يارەنلەردىن ئايرىلىپ ئۆزىمىزگە تۇلىمۇ
ناتۇنۇش بىر مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز . بىزنىڭ بۇ جايدا ئۆگىنىشتىن باشقا
يەنە نىمە ۋەزىپىمىز بار ؟ ئۆگىنەيلى ، باشقا كىشىلەر بىزنىڭ قانچىلىك
ئەقىللىق ،چىداملىق –تىرىشچان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم كۈرۈپ
قويسۇن ! ـ ھاياجاندىن ئەخمەتننىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى .
ـ شۇنداق
،ـ دېدى نەرگىزە قەتئىيلىك بىلەن ،- بىز ياشلارنىڭ يۈرىكىدە ھەردائىم
بىلىمگە بولغان قىزغىن ئىشتىياق ، يالقۇن يېنىپ تۇرىشى كىرەك !!
ئۇلار
بىللە مەكتەپ ئاشخانىسىغا قاراپ مېڭىشتى . شۇ چاغدا قىشنىڭ لەرزان
شاماللىرى بۇ تەشنا يۈرەكلەرگە ھۇزۇر ۋە راھەت بېغىشلىدى . ياشلىق ئوتلىرى
يالقۇنجاپ تۇرغان بۇ بىر جۈپلەرنىڭ كۆزلىرىدە سەمىمىي ، ساپ مۇھەببەتنىڭ
ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى . چوغدەك يۈرىكى بولسا تاتلىق سۆيگۈ رىتىمى بىلەن
سۇقۇپ ئۇرۇپ تۇراتتى .
سەھەر ، ئادىلە بالدۇرلا ئورنىدىن
تۇردى . ئابلەت ساقچى بىلەن يارقىن تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بۇلۇپ ئۆي ئىچى
جىمجىت ، پەقەت ئابلەت ساقچىنىڭ خورەك ئاۋازى بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى
. ئادىلە ئۆز قۇلى بىلەن تاماق ئىتىپ ئۇلارنى خوش قىلىۋىتىشنى ئويلىدى .
ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تاماق ئىتىشكە باشلىدى .
ئابلەت
ساقچى بىلەن يارقىن تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇشقانىدى ،ئۇلار ئۆي ئىچىدىن
چىقىۋاتقان مىزىلىك پولونىڭ ھىدىنى پۇرىشىپ ھەيران قېلىشتى .
ـ ۋاھ
، نىمىدىگەن ئوخشىغان پولۇ بۇ ، بۇنداق ئوخشىغان پولونى يىمىگىلى بەكمۇ
ئۇزۇن بوپتىكەن ، رەھمەت ئادىلە ،ـ دېدى يارقىن تاماقتىن بىر قۇشۇق ئېلىپ.
ئادىلە جاۋابەن كۈلۈمسىرەپ قويدى ھەم :
ـ
رەھمەت ، مەن پولو ئىتىشكە ئانچە بەكمۇ ئۇستا ئەمەس ، يەنە بىر گەپ بۇ
مېنىڭ تۇنجى قېتىم پولو ئىتىپ بېقىشىم . قارىسام ئۆيدە سەۋزە ، پىيازدىن
باشقا سەيلەرمۇ يوق ئىكەن ، شۇڭا پولو ئىتىپ باقاي دەپ...
ـ رەھمەت
قىزىم ،-دېدى ئابلەت ساقچى ئادىلەنىڭ گىپىگە ئۇلاپلا ،ـ بۇ ئۆيدە تاماق
ئىتىپ باقمىغىلىمۇ بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى . تامىقىڭىز بەك ئوخشاپتۇ قىزىم ،
خۇدايىم قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ..
ئابلەت ساقچى بەكمۇ خۇشال ئىدى
، ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان بۇ ئۆيدە بىرەر ئايال كىشى تاماق ئىتىپ
باقمىغان ، ئادىلەنىڭ ئەتكەن تامىقى ئۇنىڭغا ئايالىنى ئەسلىتىپ قويغان
ئىدى .
ئۇلار تاماقنى ناھايىتى ئىشتىھا بىلەن يىيشتى . تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ئادىلە ئۆيگە قايتماقچى بولدى .
ـ قىزىم، سىزنى ئۆزۈم ئۆيىگىڭىزگە ئاپىرىپ قۇياي ،ـ دېدى ئابلەت ساقچى .
ـ
بولدى تاغا ، سىز ئاۋارە بولماڭ ، ـ دېدى يارقىن ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئايىغى
چۈشۈپ بولغىچە ،ـ مەن ئىشقا كىچىكىپ بارساممۇ بۇلىدۇ ، مەن ئادىلەنى
ئاپىرىپ قۇياي .
ـ ئۇنداقتا تېخى ياخشى ،-دېدى ئابلەت ساقچى كۈلۈپ
،ـ ئەمىسە قىزىم ، ۋاقتىڭىز يەتسە ئۆيگە پات –پات كىلىپ تۇرۇڭ ،ـ ئۇ شۇنداق
دەپ مىھىر يېغىىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئادىلەگە قارىدى ، ئادىلە يەرگە
قارىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن يارقىن بىلەن بىللە ئۆيدىن
چىقتى .
سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تۇلىمۇ ئازادىلىككە
تولدۇرماقتا ئىدى . ھەر ئىكىلىسى ئۈن –تىنسىز كىتىپ باراتتى . يارقىن
خىيال بىلەن ماڭغان ئادىلەنى كۆزىتىشكە باشلىدى . ئۇ ھەقىقەتەن بەك
چىرايلىق ئىدى . شەھلا كۆزلىرى كىشىگە تۇلىمۇ يېقىملىق بىر تۇيغۇ
بېشىلايتتى .
ـ سىز جىممىدە نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسىز ؟ـ يارقىن جىمجىتلىقنى بۇزۇدى .
- بىرئىشنى ئويلاۋاتىمەن .
ـ نىمە ئىشنى ؟
ـ
ئادەمگە جاھان بەزىدە بەكمۇ تاردەك بەزىدە بەكمۇ كەڭدەك بىلىنىدىكەن .
بىز ئاخشام تۇنۇشقان ئىدۇق ، كەچتە سىزنى ئابلەت تاغامنىڭ ئۆيىدە كۈرۈپ
ھەيرانلىقتا قېتىپلا قالدىم . شۇڭا دەيمەن ، جاھان بەزىدە بەك تار ئىكەن...
ـ ھا...ھا...ـ يارقىن كۈلۈپ كەتتى ،ـ كىم بىلىدۇ ، تەقدىرىمىز شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانمۇ تېخى ...
ئادىلە قىزىرىپ كەتتى . يارقىنغا قارىۋىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى .
ـ ھەراس ، ئاخشام ئابلەت تاغامنىڭ ماڭا نىمە دىگەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ـ يارقىن ئادىلەدىن سورىدى .
ـ نىمە دېدى ؟
ـ
ئۇ ، ئادىلەنى ھەربىر قېتىم كۆرگىنىمدە قىزىمنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ
قالىمەن ،دېدى . ـ ھە ... ـ ئادىلە خوشال بۇلۇپ كۈلۈمسىردى ، خۇددى كۈتكەن
جاۋابقا ئېرىشكەندەك كۆزلىرىدىن رازىمەنلىك ئالامىتى چاقناپ كەتتى .
ـ ئۇنىڭ قىزى ؟ ... ئۇنىڭ قىزى نىمىشقا ئۆيدە يوق ،ـ ئادىلە ئىككىلەنگەن ھالدا ئۇنىڭدىن سورىدى .
ـ سىز تېخى ئۇنىڭ قىزى توغۇرلۇق ھېچنىمە بىلمەمسىز ؟ ئۇنىڭ قىزى كىچىك ۋاقتىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ كىتىپتىكەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئادىلە ھەيرانلىقتا قېتىپ تۇرۇپ قالدى .
ـ ئۇنى كىيىن تاپالمىدىمۇ ؟
ـ
ئابلەت ساقچى قىزىنى كۆپ ئىزدىدى ، لىكىن ھېچيەردىن تاپالمىدى ،
ئىچكىرگىمۇ قىزىنى ئىزدەپ كۆپ باردى ، لىكىن ئىزدېرىكى بولمىدى . كىيىن
ئايالى كىسەل سەۋەبى بىلەن تۈگەپ كەتتى ، كىم بىلىدۇ ، شۇنچە ئۇزۇن يىللار
بولدى ، ئۇ ھازىر نەدە ، تىرىكمۇ ياكى ...
سوغۇق شامال ئۇرۇلدى .
ئادىلە
يارقىننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ يەنە جىمىپ كەتتى . كۆڭلىدە ئوغۇرلىنىپ كىتىلگەن
قىز مەن شۇمۇ يا ..دىگەنلەرنىمۇ ئويلاشقا ئۈلگۈردى . يارقىن تېخىچە
ئادىلەگە سەپسالماقتا ئىدى . راست ، ئادىلە تۇلىمۇ مۇلايىم ، چىرايلىق بىر
قىز ئىكەن ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن پەۋقۇلئادە بىرخىل جەزبىدارلىق ، ئۇماقلىق
چىقىپ تۇرۇپتۇ. چىرايىدىن ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرۇپتۇ . يارقىن ئادىلەگە
شۇنداق مەپتۇنلۇق بىلەن تىكىلدىكى ، بۇنى سىزىپ تۇرغان ئادىلە ئۇنىڭ
قاراشلىرىدىن خىجىل بۇلۇپ قالدى .
ئۇلار بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئادىلە ئولتۇرۇشلۇق بازارغا يىتىپ كىلىشتى.
ـ
ئۆيۈمگىمۇ كىلەي دەپ قالدۇق ، ئەسلى ئۆيگە كىرىپ بىرەر پىيالە چاي ئىچىپ
ماڭسىڭىز بۇلاتتى . لىكىن ...كىيىن سىزنى چۇقۇم ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىمەن.
سىزگە رەھمەت ، ئەمدى سىزمۇ ئىشقا كىچىكىپ قالماڭ .
ئادىلە شۇنداق
دەپ يارقىن بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى . يارقىن ئامالسىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ
تۇرۇپ قالدى .شۇتاپتا ئادىلە يارقىننىڭ يۈرىكىدىكى ھاياجان ، مۇھەببەتنى
چۈشەنمەيتتى . يارقىن ئىختىيارسىزلا ئادىلەگە تۇيدۇرماستىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ
ماڭدى ، ئادىلە ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي كىتىپ بارماقتا ، يارقىن ئۇنىڭ
ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى بولسىمۇ بىلىۋىلىش ئۈچۈن ئەگەشمەكتە ئىدى .
ئابلەت ساقچى ئۇلار قايتىپ كەتكەندىن كىيىن بىردەم تېلىۋىزور كۈرۈپ
ئولتۇردى . لىكىن تېلىۋىزور كۈرۈشمۇ ئۇنىڭغا خوشياقمىدى ، ئادىلەنىڭ ئەتكەن
تامىقىنىڭ تەمى ھېلىھەم ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەتمەيتتى . ئۇ قىزغا ئالەمچە
بەخىتلەرنى تىلەيتتى ، ئويلاپ –ئويلاپ ئادىلەنىڭ دادىسىغا نەپرەتلىنىپ
كەتتى . شۇنچە چىرايلىق ، ئەقىللىق قىزنى ئوغۇرلۇق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان
قانداق دادىدۇر ...ئۇ خىيال قىلغانسىرى ئۆز قىزى ئىسىگە كىلىپ قالدى .
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئادىلە ، ھەرقېتىم ئادىلەنى كۆرگىنىدە ئۆز قىزىنى
كۆرگەندەك بۇلۇپ قېلىشلىرى ... بۇ ..بۇ .. ئۇنىڭ خىياللىرى بارغانسىرى
قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى . ئادىلە مېنىڭ يوقاپ كەتكەن قىزىم بۇلۇپ
قالمىسۇن يەنە ...دىگەنلەرنىمۇ ئويلىدى . ئۇ تېزلا ئادىلە ياتقان ئۆيگە
كىرىپ كەلدى. يوتقان –كۆرپىلەر چىرايلىق يىغىشتۇرۇلغان ، ئۆي ئىچى پاكىز
تازلانغان بۇلۇپ ، ئادىلە ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينى تازلاپ قۇيۇشنىمۇ
ئۇنۇتمىغان ئىدى . تۇيۇقسىز ئابلەت ساقچىنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا
تىكىلگىنىچە ئورنىدا تۇرۇپ قالدى . ئۇ تىترىگەن قوللىرى بىلەن كۆرپە
ئاستىدا كۈرۈنۈپ قالغان ئالتۇن زەنجىرنى ئالدى . بۇ ئاخشام ئادىلە
دىسكۇخانىدا ھېلىقى قىزنىڭ بوينىدىن ئېلىۋالغان نەرسە ئىدى . ئابلەت ساقچى
قۇلىدىكى ناھايىتى قىممەت ئالتۇن زەنجىرگە قاراپ خىيالغا پېتىپ كەتتى
.ئادىلەگە تېخىمۇ ئىچى ئاغرىدى ، بىچارە قىز دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن
مۇشۇ ئىشلاردىن تېخىچە قۇلىنى ئۈزەلمەپتۇ دە ... ئۇنىڭ دادىسى زادى قانداق
ئادەم ؟ ئادىلەنىڭ كىلىپ چىقىشى قانداق ؟ ...ئۇ بۇلارنى ئېنىقلاپ چىقىشنى
ئويلىدى .
评论