• 2010-07-12

    ئةزصز ئصمصر يانغصن بصلةن سۆھبةت

     

    مةزكۇر زصيارةت خاتصرصسص باس باس مۇنبصرصنصڭ باشلصقص نةزةر ئةپةندص بصلةن ئېلصپ بېرصلغان .

     

     

     

         تور يازغۇچصمصز ئةزصز ئصمصر يانغصن 1985-يصل 10-ئاينصڭ 1-كۈنص ئاقسۇ ۋصلايصتصنصڭ ئاۋات ناھصيسصدة تۇغۇلغان . كصچصكصدصن باشلاپلا ئةدةبصي ئصجادصيةتكة قصزغصن ئصشتصياق باغلصغان بۇلۇپ ، تۇلۇقسصز ئوتتۇرا مةكتةپنصڭ تۇنجص يصلص شصنجاڭ ئۆسمۈرلصرص گېزصتصدة ئېلان قصلصنغان <<پةخرصم ئانا تصل >> ناملصق نةسصرص بصلةن ئةدةبصي ئصجادصيةت سېپصگة  كصرصپ كةلگةن . ھازصرغصچة ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھةرقايسص گېزصت -ژۇرناللاردا 50 پارچصدصن ئارتۇق ئةسةرلصرص ئېلان قصلصنغان . 2004-يصلص ئاقسۇ ۋصلايةتلصك يازغۇچصلار جةمئصيتصنصڭ ئةزاسص ، شصنجاڭ ئۆسمۈرلصرص گېزصتصنصڭ تةكلصپلصك مۇخبصرص بولغان .

      توردصن ئصبارةت بۇ مةۋھۇم دۇنيادا <<پاھصشة قصز ۋة ئوغرص يصگصت >> ، <<چصڭدۇدصن باشلانغان مۇھةببةت >> ، << مۇز تۇتقان يۈرةك >> قاتارلصق ئةسةرلصرص تورداشلارنصڭ  ياقتۇرۇپ ئۇقۇشصغا ئېرصشكةن ھةم باس باس تورص تةرصپصدصن ئاۋازلصق قصلصپ ئصشلةنگةن .

     

     

     

     




        باس باس تورصمصز باشقۇرغۇچصسص نةزةر ئةپةندص  ، ئةزصز ئصمصر يانغصن بصلةن سۆھبةت ئۆتكۈزگةن بۇلۇپ ،سۆھبةت سۇئال -جاۋاب تةرصقصسصدة ئۆتكۈزۈلگةن ، مةزمۇنص  تۆۋةندصكصچة :


    نةزةر  :  ئةسسصلامۇ ئةلةيكۇم ، يانغصن ئةپةندصم ، سصز ھازصر تور دۇنياسصدا كۆزگة كۈرۈنگةن ، ئةسةرلصرصڭصز نۇرغۇن تورداشلارنصڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشصغا ھةم ئاڭلصشصغا ئېرصشكةن يازغۇچص . ئالدص بصلةن سۆھبةتنص باشلاشتصن بۇرۇن ئۆزصڭصز  ھةم ئةدةبصي ئصجادصيةتكة قانداق قةدةم باسقانلصقصڭصز توغۇرلۇق  سۆزلةپ بةرسصڭصز بۇلامدۇ ؟

    يانغصن  :  ۋةئةلةيكۇم ئةسسصلام ،ئةلۋةتتة  بۇلصدۇ .
    مةن ئاقسۇ ئاۋات ناھصيسصدة تۇغۇلغان  .باشلانغۇچ
    مةكتةپتة ئوقۇۋاتقان مةزگصلصمدصلا كصتاب ئوقۇشقا بةك قصزصقاتتصم. ئۇ ۋاقصتلاردا چۆچةك كصتابلارنص ئوقۇشنص ياخشص كۆرةتتصم ، بصرةر چۆچةك كصتابلارنص تېپصۋالسام قۇلۇمدصن چۈشۈرمةي ئوقۇپ كصتةتتصم . ئۆيدصكصلةرمۇ  كصتاب ئوقۇشۇمنص بةك قوللايتتص ،ئاپام دائصم  ماڭا رةسصملصك چۆچةك كصتابلارنص ئېلصپ بصرةتتص . كصيصن قصسقا ھةجصمدصكص ھصكايصلارنص ئوقۇيدصغان بولدۇم ، ئصشقصلصپ كصتاب ئوقۇشنص بةك ياخشص كۆرةتتصم . ھېلصمۇ ئصسصمدة ، باشلانغۇچ مةكتةپنصڭ 5-يصللصقصغۇ دةيمةن ، بىر دەرس ۋاقتى  مەرھۇم مەخمۇتجان ئىسلامنىڭ ‹‹كاككۇك قونغان تال ›› دىگەن ھىكايىلار توپلىمىنى ئوقۇپ ئولتۇرسام ، ئوقۇتقۇچىمىز كىچىك تۇرۇپ مۇھەببەت ئەسەرلىرى ئوقۇمسەن ،دەپ ئەيىبلەپ كەتكەنىدى . كىيىن مەن تۇلۇقسىز  ئوتتۇرىغا چىقتىم ، ھەم شۇ يىلى تۇنجى قېتىم ئۆزۈم بەك ياخشى چىقتى دەپ قارىغان بىر پارچە نەسىرىمنى ‹‹ شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى ›› گېزىتىغا ئەۋەتتىم . مېنى بەكمۇ خۇشال قىلغىنى ئەسىرىمنى ئەۋەتىپ ئىككى ھەپتە بولمايلا ئېلان قىلىنغىنى بولدى . تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلغىنىم بولغاچ بەك خۇشال بۇلۇپ كەتكەنىدىم ، ئەسىرىمنى قايتا –قايتا ، يېنىش –يېنىشلاپ ئوقۇيتتۇم . كىيىن يەنە داۋاملىق ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ تۇردۇم ، بەزى ئەسەرلەر ئېلان قىلىنمايتتى ، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم ماڭا تېخىمۇ ئىلھام بۇلاتتى . شۇنداق  قىلىپ ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچەيدى . ساۋاقداشلىرىم ، ئوقۇتقۇچىلىرىم مېنى يازغۇچى دەپ بەك ھۆرمىتىمنى قىلاتتى ... كىيىن تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقتىم ، ئەمدى يېشىمنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ مۇھەببەت ئەسەرلىرىنىمۇ يازىدىغان بولدۇم ، ئۇ ۋاقىتلاردا شېئىرلارنى كۆپ يازاتتىم . يازغان شېئىرلىرىمنى بىر خاتىرىگە يېزىپ توپلاپ ماڭغان ئىدىم ، ئەپسۇس ئۇ خاتىرەم كىيىن يوقاپ كەتتى .
     ئەدەبىياتقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغاچ ، ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بەردىم . ئىمتىھان بىرىپ بۇلۇپ ئەسلى ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ تىل –ئەدىبىيات كەسپىنى تاللىماقچى ئىدىم . لىكىن ئۆيدىكىلەر پەقەت قۇشۇلمىدى ، ئەدەبىياتتا ئوقۇماي تۇرۇپمۇ يازغۇچى بولغانلار جىققۇ ، باشقا كەسىپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانساڭ بۇلىدۇ ،دىيىشتى . شۇنىڭ بىلەن دوڭنەن ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ قانۇن كەسپىنى تاللىدىم . كىيىن ئارزۇ تولدۇرۇش جەريانىدا بەزىبىر خاتالىق يۈز بىرىپ ئىلىكتىرۇن پەن –تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش كەسپىدىن چاقىرىق كىلىپ قالدى . مەن ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بولغاچقا ، ئالدى بىلەن غەربى جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىدا ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇيدىكەنمىز . ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە كىتاب ، گېزىت –ژۇرناللارنى تېپىش تەس بولغاچ  يېزىقچىلىقنى تاشلاپلا قويدۇم . بىر نەرسە يازاي دەيتتىميۇ ، ھۇرۇنلۇق قىلىپ يېزىش خوشياقمايتتى  . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇپ ، بۇرۇنقى ئۆزۈمگە زادىلا ئوخشىماي قالدىم .  كۈندە تورغا كىرىپ ئۇيۇن ئوينايتتىم ، ھەتتا كىچە –كىچىلەپ تورخانىدىن چىقماي ئۇيۇن ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان . بىر ۋاقىتتا مەن ئوينايدىغان ئۇيۇن زادىلا ئېچىلماي ئىچىمنى پۇشۇردى . شۇنىڭ بىلەن تور بەتلەردىكى مۇنازىرىلەرنى كۈرۈپ ئولتۇردۇم . بۇرۇنمۇ كۆپ كىرەتتىم ، لىكىن ئىچىدىكى ئۆزۈم ياقتۇرغان تېمىلارنى ئوقۇپلا چىقىپ كىتەتتىم . شۇ ۋاقىتتا قاشتېشى مۇنبىرىدىكى بىر تېما مىنى بەك جەلپ قىلىۋالدى . بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى تېخى يېزىلىپ بۇلۇنمىغان بۇلۇپ ، كۈندە ئاز –ئازدىن ئېلان قىلىنىدىكەن . مەن بۇرۇن كۈندە تورخانىغا ئۇيۇن ئويناش ئۈچۈن كىرسەم ،ئەمدى ئاشۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇش ئۈچۈن كىرىدىغان بولدۇم . ئەسەر پۈتۈنلەي يېزىلىپ بۇلۇنغاندا كاللامدا نۇرغۇنلىغان ئوي –خىياللار پەيدا بولدى ، ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى مەنمۇ يېزىپ باقماقچى بولدۇم . لىكىن تىزىملىتىپ ئەزا بولمىسا
    ئىنكاس يازغىلى بولمايدىكەن . شۇنىڭ بىلەن يانغىن دىگەن ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىردىم . مىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ھاياتىم ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان ئىدى ، كىيىن مەنمۇ تېما يېزىپ ئېلان قىلدۇردۇم ، ئەسىرىم چىقىپ تورداشلارنىڭ يۈرەككە بارىدىغان ئىنكاسلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈمنى  ئەسەرنى يېزىپ بولغىچە
    كەتكەن ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك سىزەتتىم .

     كصيصن باس باس تورص مصنص ئالاھصدة تةكلصپ قصلصپ مةخسۇس ماڭا ئاتاپ  بصر سالۇن ئېچصپ بةردص . بۇ مېنصڭ تو ئةدةبصياتصغا بولغان قصزغصنلصقصمنص تېخصمۇ ئاشۇردص .


     

    نەزەر :  سىزنىڭ يانغىن دىگەن ئىسمنى قوللىنىشىڭىزدا مەلۇم سەۋەب بارمۇ ياكى قانداق قىلىپ بۇ ئىسىمنى قوللىنىشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟
    يانغىن :  مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 1- يىللىقىغا چىققاندا بىر پارچە ئەسىرىم ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى ›› گېزىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجە بۇلۇپ باھالاندى . شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە بېرىپ يىغىنغا قاتىنىش پۇرسىتىگىمۇ  ئېرىشىپ قالدىم . مەن بارغاندا ئۆزۈم ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ‹‹ داغ ›› ، ‹‹ تۈندىكى چاقماق ›› ...قاتارلىق ئېسىل رومانلارنىڭ ئاپتۇرى بولغان ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ئاكىمۇ شۇ يىغىنغا قاتناشقان ئىكەن . مەن يىغىن ئارلىقىدا ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشتۈم . ھەم ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىياتقا بەكمۇ قىزىقىدىغانلىقىمنى ، قانداق بولغاندا ياخشى بىر يازغۇچى بۇلۇپ چىققىلى بۇلىدىغانلىقىنى سورىدىم . ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ماڭا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بەردى . ھەم ئۆزىنىڭ مېنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرىمنى كۆرگەنلىكىنى ،ئۆزۈمدىكى ئارتۇقچىلىقنى  جارى قىلدۇرسام چۇقۇم  ياخشى بىر يازغۇچى بۇلۇپ چىقالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى . مەن ئەبەيدۇللا ئىبراھىمغا بىر تەخەللۇس قۇيۇپ بىرىشنى  ئېيتتىم ، ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ئويلىنىپ ماڭا ھازىر مەن ئىشلىتىۋاتقان يانغىن دىگەن ئىسىمنى تېپىپ بەردى . يانغىن دىگەن ئىسىمنى تېخىمۇ يېنىپ تۇر ، تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقار دىگەن مەنىدە قۇيۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەيلى گېزىت   ـ ژۇرناللاردا ئەسەر ئېلان قىلاي ياكى توردا ئەسەر يازاي مۇشۇ يانغىن دىگەن ئىسىمنى ئىشلىتىمەن . يانغىن دىگەن ئىسىمنى  مېنىڭ تەخەللۇسۇم دىسەممۇ بۇلىدۇ .



    نەزەر  : سىز گېزىت –ژۇرناللاردا ئەسەر ئېلان قىلدىم دىدىڭىز ، ھازىرغىچە قانچە پارچە ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىندى . ئەسىرىڭىز ئاساسلىقى قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىدۇ ؟
    يانغىن  :   مەن ھازىرغىچە 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىم . بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى  مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا يېزىلغان بولغاچقا ‹‹ شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى ›› ، ‹‹ تارىم غۇنچىلىرى ›› ، ‹‹ پەرۋاز ›› قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان . ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹ ئاقسۇ ئەدەبىياتى ›› ، ‹‹ ئاقسۇ گېزىتى ›› ، ‹‹ بىگتۇن گېزىتى ›› ،‹‹ ھاياتلىق ›› ... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىنغان . يېقىندا ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 2010 –يىللىق 2- سانىدا ‹‹ مۇھەببەت مەكتۇپلىرى ›› ماۋزۇسىدىكى ئەسىرىم ئېلان قىلىندى .


    نەزەر  : سىز  ئەسەرلىرىڭىزنى  گېزىت –ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنشتىن سىرت ، تور دۇنياسىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ ، تورداشلارنىڭ ياختۇرۇپ ئوقۇشىغا نائىل بولدى . سىزنىڭ ھىس قىلىشىڭىزچە گېزىت-ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرى ۋە تور ئوقۇرمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟
    يانغىن :  يېقىندا باس باس تورىدا ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئاكىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى كۆردۈم . ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئاكىمىز دەل مۇشۇ سۇئالغا تور مەتبۇئاتقا قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىن، مەتبۇئات، نەشرىيات دېگەنلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ بىر ئادەمنىڭ يازغانلىرىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈش، بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش. تورنىڭ تارقىتىش رولى ھازىر مەتبۇئاتتىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، دائىرىسىمۇ تەسەۋۋۇرىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى، ئۇچۇرلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشى مەتبۇئاتقا قارىغاندا تېز. بۇ ئەۋزەللىك ھازىر بارغانچە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى. مېنىڭچە، ھازىر مەتبۇئات ئوقۇرمەنلىرى بىلەن تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئوقۇيدىغانلار تورغا كىرسىمۇ ئەسەر ئوقۇيدۇ. دەپ جاۋاب بىرىپتۇ . مىنىڭچىمۇ ئەنۋەركامنىڭ  جاۋابى بۇ سۇئالغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بۇلالايدۇ .



    نەزەر   : سىزنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىز تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە سىز ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىقتى دەپ قارىغان ئەسەر قايسى ؟ نىمىشقا ؟
    يانغىن : ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىقتى دەپ قارىغان ئەسەرلىرىم چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت ، پاھىشە قىز ۋە ئوغرى يىگىت ، مۇز تۇتقان يۈرەك ( ئالصم قۇربان  ھىسلىرىم بىلەن بىرلىشىپ يازغان ) قاتارلىق ئەسەرلىرىم . بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسى توردا ئاز –ئازدىن يېزىلىپ ئېلان قىلىندى ھەم تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى . كىيىن باس باس تورى   بۇ ئەسەرلەرلەرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلەپ  نۇرغۇن تورداشلارنى خېلى جەلپ قىلدى .  چۈنكى بۇ ئەسەرلىرىمگە مېنىڭ نۇرغۇن ھىسىياتلىرىم  ، تەپەككۈرلىرىم سىڭگەن . بۇلۇپمۇ چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت ناملىق ئەسىرىمدە ھىسىيات ، تەسۋىر ۋە ئەدەبىياتنىڭ باشقا ئامىللىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى تەسىۋىرلەپ بەردىم دەپ ئويلايمەن .



    نەزەر  : سىز يۇقۇردا چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت دىگەن ئەسىرىڭىزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتىڭىز ؟ ئۇ ئەسەرنى ئوقۇغان نۇرغۇن كىشىلەر ۋەقەلىكلەرنى راستمىكىن دەپ قالىدىكەن ھەم شۇ ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان باش پىرسۇناژ يادىكارنى سىزمىكىن دەپ قالىدىكەن ، بۇ ئەسەر ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
    يانغىن  :  بۇلىدۇ .چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت دىگەن بۇ ئەسىرىم مېنڭچە  باشقا ئەسەرلىرىمگە قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى چىقتى. چۈنكى بۇ ئەسىرىمدە ئەدەبىياتقا بىزەك بۇلىدىغان ئامىللاردىن تۇلۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق باش پىرسۇناژ يادىكار ھەم قۇشۇمچە باش پىرسۇناژ بولغان گۈلزىبا ھەم نەفىسەنىڭ روھىي ھالەت ، پىسخىك تەسۋىرلىرىنى ئىپادىلەپ ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنى روشەن ئېچىپ بەردىم . ئەسەردە ئۆزۈمگە تۇنۇش بولغان چىڭدۇ ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ ھىسىياتىنى سىڭدۈرۈپ تەپەككۈرۈمنى ئەركىن قانات يايدۇردۇم . ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن يادىكار مەن ئەمەس ...



    نەزەر  : ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز دىگەن ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭغا ياخشى باھالارنى بەردى ، ھەم ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ  شۇ ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىچكىردىكى تۇرمۇشنى ھەقىقىي ،ئەينەن ئىپادىلەپ بىرىپتۇ دەپ قاراشتى . بۇ ئەسەردىكى ئوغرى يىگىت مۇرات ھەم ئايگۈللەر تۇرمۇشتا بار ھەقىقىي پىرسۇناژلارمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن شۇ مۇھىتنى تەسۋىرلەشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟؟
    يانغىن  :  مەن ئۆز يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئىچكىردە ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەم ئاڭلىدىم . بەزىدە كوچا ئايلىنىپ كىتىۋاتقىنىمىزدا  نۇرغۇن كىچىك بالىلارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقىنىنى ،ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بىر نەچچە چوڭ بالىلارنىڭ ئەگىشىپ مېڭىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرىمىز . ئاددىيسى ئۇلارنىڭ بىرقىسىم ناچار ئىشى تۈپەيلىدىن  خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر بولغانلىكى كىشىلەر ئوغرى دەپ قارىلىدىغان ئىشلارمۇ بار . مەن كىيىن مەكتىپىمىز ئالدىدا كاۋاپ سېتىپ يۈرگەن بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ، بەزىدە شۇ يەردە كاۋاپ يىگەچ پاراڭلىشىپ تۇرغىنىمىزدا ئۇ بىزگە ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان بىرقىسىم ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەتتى . مەن كىيىن بۇئىشلارنى بىر ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقماقچى بولدۇم . شۇ ۋاقتى بىر دوستۇم ئۆزى بىلەن  بىر يۇرتلۇق قىزنىڭ ئەسەردىكى ئايگۈل ئۇچرىغان قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .بۇ ماڭا تېخىمۇ ئىلھام بۇلۇپ ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز ناملىق ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى .



    نەزەر : سىز ئادەتتە قانداق ۋاقىتتا ئەسەر يازىسىز ؟
    يانغىن :  مەن ئادەتتە كەچ ۋاقىتلىرى ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ئەسەر يازىمەن  ، ئەمدى ئۇخلاي دەپ ياتسام كاللامغا نۇرغۇن نەرسىلەر كىلىدۇ . شۇ ۋاقتىدا مەن دەرھال ئورنۇمدا تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى خاتىرلىۋالىمەن . مېنى بىلىدىغان دوستلىرىم بەزىدە مېنى مۈشۈكياپىلاق دەپمۇ قۇيۇشىدۇ . سەۋەبى مەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كىچىسى ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا كەتكەندە ئەسەر يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن . تىنچ مۇھىت ئىلھامىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ .



    نەزەر : سىز ياخشى كۆرىدىغان ھىكمەتلىك سۆز قايسى ؟
    يانغىن :
    دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ،داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرۈنىدۇ.

    ياخشىلىقنى ئۆگىنىش تاغقا چىقاندەك قىيىن ۋە ئاستا، يامانلىقنى ئۆگىنىش سۇغا سەكرىگەندەك ئوڭاي ۋە تېز بولىدۇ.
    ئادەمنىڭ ئۈچ ھەمراھى بولىدۇ: جېنى،سۆيگىنى ۋە تۇرمۇش يولى .
    ھەددىدىن ئارتۇق مېھىر مۇھەببەتمۇ ئادەمنى بوشاڭ، ئىرادىسىز قىلىپ قويىدۇ.



    نەزەر :  قايسى يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكراق ياقتۇرۇپ ئوقۇيسىز ؟
    يانغىن : مەن ئادەتتە جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكراق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . ئەسەر ئۇرۇنلاشتۇرۇش ، پىرسۇناژلار خارەكتىرىنى يارىتىش ، تۇرمۇشىمىزدىكى تىپىك ۋەقەلىكنى رۇشەن ئېچىپ بىرىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى ماڭا بەك يارايدۇ...



    نەزەر : سىز بىر تور يازغۇچىسى ، سىزگە ئوخشاش توردا ئەسەر يازىدىغان باشقا ئاپتۇرلارغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟
    يانغىن : بىزنىڭ تور ئەدەبىياتىمىز بارغانسىرى يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ گۈللىنىۋاتىدۇ . توردا ئەسەر ئوقۇيدىغانلارمۇ ، ئەسەر يازىدىغانلارمۇ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ . مىنىڭ باشقا تور يازغۇچىلىرىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم : ئاز يازايلى ، ساز يازايلى !
    ئىشىنىمەنكى تور ئەدەبىياتىمىز يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە تېخىمۇ روناق تاپىدۇ !!



    نەزەر : يېقىندا ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىزنىڭ 2- بۆلىكىنى يېزىۋىتىپسىز ، نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاخىرىنى يېزىشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟
    يانغىن : ئەسلى ئۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى مەنمۇ يېزىشنى ئويلىمىغان ئىدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەسەرنى باشلاپ قويغىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قالدى ، لىكىن ھازىر ئويلىسام ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى يېزىش زۆرۈر ئىكەن. نىمە ئۈچۈن ئاخىرنى يېزىشىنى ئويلاپ قالغانلىقىمنى كىيىن ئەسەر پۈتكەندە ئاندىن بايان قىلسام دەپ ئويلايمەن .



    نەزەر : بۇنىڭدىن كىيىن ئىجادىيەتتە قانداق پىلانلىرىڭىز بار ؟
    يانغىن : يېقىندا قوشكىزەكلەر دەپ بىر پوۋىستنى باشلىۋالدىم . ئامال بار بۇ ئەسەرنى پات يېقىندا ئاخىرلاشتۇرۇپ تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرىمەن . كاللامدا بىر روماننىڭ ۋەقەلىكى بار ، ئەگەر ۋاقتىم يار بەرسە شۇ روماننىمۇ باشلاپ بىر رومان يېزىش پىلانىم بار.


    نەزەر :  رەھمەت ، يانغىن ئەپەندى ، سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت ، ئۇتۇق تىلەيمەن .

    ئةزصز ئصمصر يانغصن ئةپةندصنصڭ تېخصمۇ كۆپ ئةسةرلصرصنص كۆرمةكچص بولسصڭصز تۆۋةندصكص ئادېرصسقا مةرھةممةت! 

    http://www.basbas.cn/yanghin/




    2010 -يصل 10- ئصيۇل