• 2010-05-30

    رەنجىمە

     

     

    رەنجىمە

     

     

     

    كۆيگىنىمنى بىلسە جانان دەپ ،

    ئەتراپىڭدىن كەتمىدىم يىراق .

    بىشارەتمۇ بەردىم كۆپ قېتىم ،

    چۈشەنمىدىڭ قەلبىمنى بىراق .

     

    شۇ يۇسۇندا ئۆتتى نەچچە يىل ،

    مېنى ۋەيران قىلدى شۇ پىراق .

    كۆيەلمىگەچ سەنمۇ مېنىڭدەك ،

    ئاخىر كەتتىم يېنىڭدىن  يىراق .

     

    ئەپسۇس بۈگۈن قىيناپتۇ سېنى ،

    سەندىن يىراق كىتىپ قالغىنىم .

    گەر رەنجىتىپ قويساممۇ سېنى ،

    ئەمدى مەندىن رەنجىمە جېنىم .

     

    قىزىق ئىكەن تەقدىر چاقچىقى ،

    بەردى ماڭا غەيرىي قىسمەتنى .

    تاپتىم دىسەم ئەمدى بەختىمنى .

    سېلىپ قويدى ماڭا ئازابنى .

     

    بىلىپ قالدىم ئىچكى سىرىڭنى ،

    بۇلۇپ قاپسەن مېنىڭدىن خاپا .

    بىلەلمىدىم ئەجەپ مەن شۇنى ،

    قىلغىنىمنىڭ قايسىسى خاتا .

     

    رەنجىمىگىن بىھۇدە مەندىن ،

    ياشىغۇم يوق مېنىڭمۇ سەنسىز .

    سەن بولمىساڭ يېنىمدا جانان ،
    كۈنۈم ئۆتەر ھېچبىر مەنىسىز .