-
2010-06-29
ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2) 4-بۆلەك
بىرىنچى بۆلەكنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ :
ئىككىنچى بۆلەكنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ !
3-بۆلەكنى بۇ يەردىن ئۇقۇڭ :
ئايگۈل گىپىمنى ئاڭلاپ ماڭا مەنىلىك قاراپ قويدى ، شەھلا كۆزلىرىنى كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە تىكتى . مەن ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىغا چىداپ بۇلالماي كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچقاچ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چىكىشكە باشلىدىم .
_ ئەسلىدە ئاخشام ئويلىنىپ ئۇ ئىشلارنى سىزگە دىمەي دىگەن ئىدىم . لىكىن سىز ئاڭلاشنى خالىسىڭىز مەن يەنىلا سىزگە سۆزلەپ بىرەي ،_ ئۇ شۇنداق دىگەچ قۇلۇمدىكى چاقماقنى ئېلىپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى ھەم ئېغىر بىر خۇرسىنۋاتقاندىن كىيىن سۆزلىرىنى باشلىدى :
_ شۇنداق قىلىپ ئەتىسى پاھىشخانىدا چوڭ يىغىن ئېچىپ لى ئۆزىنىڭ مىنى كىچىك خۇتۇنلۇققا ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ، بۇگەپتىن ھەممەيلەن ھاڭ -تاڭ بۇلۇپ قېتىپ تۇرۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ خۇتۇنى باشتا ئىپادە بىلدۈرمىدى ، مەن ئەسلى ئۇنى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ مەن بىلەن بىر قەپەس ئېلىشىپ كىتەرمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم .. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىر ئېغىز گۈلىنى كىچىك خۇتۇنلۇققا ئالدىم دىگەن گىپى بىلەن مەن ئۇنىڭ كىچىك خۇتۇنى بۇلۇپ قالدىم . توي مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى ، پەقەت كەچتە پاھىشخانىنى بىر كۈن تاقاپ بارلىق قىزلار بىلەن ھاراق ئىچىشىپ تەبرىكلىشىپ ئولتۇرۇشتۇق . شۇ ۋاقىتتا ئۆز -ئۆزەمدىن قانچىلىك نەپرەتلەنگەنلىكىمنى ، ئۆزۈمنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزىغا مۇناسىپ ئىش قىلمىغانلىقىمغا ئېچىنغانلىقىمنى سىز ھەم باشقىلار ھىس قىلالمايدۇ . لىكىن مەن پەقەت ئۆز -ئۆزەمدىن نەپرەتلىنەلەيتتىم ،ھېچقانداق ئىشنى قىلىشقا قۇربىم يەتمەيتتى ، قارشىلىققمۇ قىلالمايتتىم ھەم قىلغۇممۇ يوق ئىدى .
شۇنداق قىلىپ مەن لوبەننىڭ كىچىك خۇتۇنى بولغاندىن بېرى كۈنلىرىم بۇرۇنقىدەك ئازابلىق ھەم ئېچىنشلىق ئۆتمەيدىغان بولدى . سىز بىلمەيسىز ، ئىچكىردىكى ئۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەنزۇ لوبەنلەر پۇل ئۈچۈن ھەتتا ئۆز ئايالىنىمۇ باشقىلار بىلەن بىرگە بۇلۇشقا زورلايدۇ ، بىر نەچچە قېتىم مىنىڭ بۇرۇنقى خېرىدارلىرىم كىلىپ مەن بىلەن بىرگە بۇلۇشنى ئېيتقىنىدا ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن مېنى ئۇلارغا قۇشۇپ قۇياتتى . مەن گەرچە ئۇنىڭ كىچىك خۇتۇنى بولساممۇ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىدىغان ھېچقانداق ھۇقۇقۇم يوق ئىدى ، ھەم پەقەت بويسۇنۇشنىلا بىلەتتىم ...
لوبەنگە كىچىك خۇتۇن بولغاندىن كىيىن بەزىدە لوبەن ئايالىدىن يۇشۇرۇن مېنى باشقا شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ ئوينىتىپ كىلەتتى . ئۇنىڭدىن قىلچە كۆڭلۈم بولمىسىمۇ ھەم ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنسەممۇ مۇشۇ ئىشتا ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم سۈيۈنۈپ قالاتتى . ئۇ تېخى مىنى نەچچە قېتىم شىنجاڭغىمۇ ئاپىرىپ ئەكەلدى ... مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆزۈم ئارزۇ قىلغاندەك خېلىلا ئەركىنلىككە ئېرىشىپ قالغانىدىم . كىيىن بۇ ئىشلارنى لوبەننىڭ بۇرۇنقى ئايالى بىلىپ قاپتۇ ، بىر كۈنى پاھىشخانىدىكى يېقىن ئارلىشىدىغان دوستۇم گۈليار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام لوبەننىڭ ئايالى كۆزلىرىدىن غەزەپلىك ئۇچقۇنلارنى چاچرىتىپ كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى ھەم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن كاچىتىمغا بىر دەستەك سالدى . دەسلەپ مەن ئۇنىڭغا قول ياندۇرماي جىم تۇردۇم ، ئۇ چوشقا مېنىڭ قول ياندۇرمىغىنىمنى كۈرۈپ مېنى بوش چاغلاپ قالدىمۇ قانداق ، يەنە يۇپۇرلۇپ كىلىپ يۈزلىرىمگە نەچچە كاچات سېلىۋەتتى . قاتتىق شاپىلاقنىڭ دەستىدىن كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتكەنىدى ، مەن بۇ خۇرلۇقلارغا زادىلا چىداپ بۇلالماي ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۇنىڭ چاچلىرىغا ئېسىلىپ ئۇنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە ئۇرۇشقا باشلىدىم . ئىككى ئايال يەردە پومداقلىشىپ ئۇرۇشۇپ كىتىشتۇق ، باشقا قىزلار بىزنى ئاجرىتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى ، لىكىن ھېچقايسىمىز بىر -بىرىمىزگە يول بىرىشمەي ئاغزىمىزغا كەلگەن ئەڭ سېسىق گەپلەر بىلەن تىللىشاتتۇق . بىر چاغدا لوبەن پەيدا بۇلۇپ بىزنى ئاجراتتى ، ئۇ كىلىپلا ئايالىنىڭ كاچىتىغا نەچچىنى سېلىۋەتتى ، بۇنىڭدىن لوبەننىڭ ئايالى ھۆركىرەپ ئۈن سېلىپ پاھىشخانىنى بىر ئالدى .
كىيىن بىر نەچچە قېتىم ئىككىمىز يەنە ئۇرۇشۇپ كىتىشتۇق ، لوبەن ئايالىدىن بەكراق مېنى ياخشى كۆرسە كىرەك ، ھەر قېتىم ماڭا چىرايلىق تەربىيلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۈتۈشكە نەسىھەت قىلاتتى ، مىنىڭ ئۇ چوشقىغا ھەرگىزمۇ تەن بەرگۈم كەلمەيتتى . ئاخىرى لوبەن مېنى ئۆزىنىڭ يېقىن بىر دوستى ئاچقان تانسىخانىدا ئۇسۇل ئويناپ بىرىشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بىر جايدىن ماڭا ئۆي ئىجارە ئېلىپ بەردى . بۇمۇ بىر ھسابتا مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كۈتكىنىم ئىدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇ مېنى سېغىنغان ۋاقىتلىرى مەن بار ئۆيگە كىلىپ قۇنۇپ كىتەتتى ھەم ماڭا خەجلەش ئۈچۈن پۇللارنى بىرەتتى . مەن كۈندۈزى ئۆيدە يېتىپ كەچتە تانسىخانىدا ئۇسۇل ئويناپ كۈن كەچۈرمەكتە ئىدىم ...
شۇنداق ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە تانسىخانىدا بىر يىگىتنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، ئۇ ئىلگىرى پاھىشخانىغا بىر قېتىم كەلگەن ھەم مەن بىلەن ئۇ ئىشلارنى قىلىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن چىقىپ كەتكەنىدى . ئۇ مېنى ئۇسۇل ئويناپ بولغاندىن كىيىن ئۆزى ئولتۇرغان ئۇرۇنغا تەكلىپ قىلدى . كۈنلەر ھەش -پەش دىگۈچە تېز -تېز ئۆتمەكتە ئىدى . ئۇ دائىم تانسىخانىغا كىلىپ تۇراتتى ، بىزنىڭ ئۇچرىشىلىرىمىزمۇ كۆپەيدى ، ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە باشقا ئوغۇللارغا ئوخشىمايتتى . مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالغانىدىم ، گەرچە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسام ئۆزەمنى خۇشال ھىس قىلاتتىم . بىز بەزىدە مېھمانخانىلاردا بىرگە ياتاتتۇق ، ئۇنىڭ ئىسمى رۇستەم بۇلۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكىردە ئوغۇرلار شايكىسىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى ، ئانچە -مۇنچە ئاق سېتىپمۇ يۈرىدىغانلىقىنى دەپ بەردى . ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى بىلگەندىن كىيىن دەسلەپ ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى ئېلىپ قاچتىم ، لىكىن كۆڭۈل دىگەن يەنىلا كۆڭۈلدە ... مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم ، ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى ئېلىپ قاچقانسىرىم ئۇنى كۆرگۈم كىلەتتى ،ئۇنى سېغىناتتىم . ئاخىرى ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلمىگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ يۈرىۋەردىم ...
لوبەن مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىشلىرىمنى بىلمەيتتى ، مېنى يەنە بۇرۇنقىدەك ئاياپ ياخشى مۇئامىلىلەرنى قىلاتتى .. بىر كۈنى مەن لوبەن بىلەن بازاردا كىتىۋاتقىنىمدا تۇيۇقسىز رۇستەمگە ئۇچراپ قالدىم . قېرىشقاندەك مەن لوبەننىڭ قۇلىغا چىڭ ئېسىلىپ ئۇنىڭغا چاپلىشىپ دىگۈدەك ماڭغان قىياپىتىمنى ئۇ كۈرۈپ قالدى . مەن جىددىيچىلىكتە نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالغانىدىم ، مېنى تېخىمۇ قورقۇتقىنى ئۇ بىزگە ئېتىلىپ دىگۈدەك كىلىپ ، لوبەننىڭ يۈزىگە مۇشتى بىلەن نەچچىنى ئۇرىۋەتتى ، ھەم كىلىشتۈرۈپ كىلىپ مىنى نەچچىنى سالدى . مەن دەماللىققا ئۆزەمنى كونترول قىلالمايلا ئارقامغا يىقىلىپ چۈشتۈم . ئۇ ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ، مېنىڭ بوينۇمنى سىققىنىچە قورسىقىمغا نەچچىنى دەسىۋەتتى . مەن ئاغرىققا چىدىماي قاتتىق چىقىرايتتىم ...
_ ۋۇ ..نۇمۇسسسىز سېسىق پاھىشە جالاپ .. _ ئۇ ئاغزىنى بۇزۇپ مېنى تىللاشقا باشلىدى ،- ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈزىنى تۆككىنىڭنى ئاز دەپ يەنە شۇ مۇشۇ چوشقا بىلەن بىرگە مېڭىشتىن خىجىل بولمىدىڭما ؟ تېخى سېنى ئۇ ئىشتىن قول ئۈزگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، پۇلغا تويمايدىغان نۇمۇسسسىز پاسكىنا قانجۇق !!!!!!!
ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ گەپلەرگە چىداپ تۇردۇم ، ئۇنى مەنمۇ ئىچىمدە ئەڭ سېسىق تىللار بىلەن تىللايتتىم لىكىن ئۈنۈمنى سىرتىغا چىقىرالمايتتىم ... ئەجىبا ئۇ ئوغرى گۇيمۇ ئىچكىردە ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ يۈرۈپ مېنى تىللاشقا سالاھىيتى تۇشامدىكەن ؟ دىگەنلەرنى ئويلايتتىم . بىر كەمدە ئۇ مېنى تىللاپ -تىللاپ كىتىپ قالدى . شۇ كۈنى لوبەن مەندىن زادى نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا يالغاندىن گەپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىشلىرىمنى يۇشۇردۇم .
ئاخىرى رۇستەم بىلەنمۇ ئايرىلىپ كەتتىم ، لىكىن ھاياتىمدا يەنە بىر ئىش يۈز بەردى ، مېنىڭ قورسىقىمدا قالغان ئىدى ، بۇرۇن پەقەت سەزمەپتىكەنمەن ، كىيىن رۇستەمدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئۆزۈمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈرۈپ دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىنىمدە دوختۇر قورسىقىمدا قالغانلىقىنى ، بەش ئايلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ ئىشنى لوبەنگە ئېيتقىنىمدا ئۇ بەكمۇ خۇشال بۇلۇپ كەتتى ھەم ماڭا تېخىمۇ كۈيۈنۈشكە باشلىدى .....داۋامى بار !!
评论