• ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2) 3_ بۆلەك - [پوۋىستلىرىم ]

     

    بىرىنچى بۆلەكنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ :

    logs/61887180.html

    ئىككىنچى بۆلەكنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ !

    logs/61887235.html

     

    چۈشكىچە دۇكانغا يېڭى كەلگەن پىلاستىنكىلارنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش يۈردۈم. بىر چاغدا ئەمدى ئارام ئېلىپ تاماق يىيىش ئۈچۈن دۇكانغا يېقىن ئاشخانىغا كىتىۋاتسام تېلفۇنۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى ، تېلفۇننى دوستۇم ئادىل ئۇرغانىدى .ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق . بىر چاغدا خوشلىشىپ تېلفۇننى قۇياي دەپ تۇرسام ، ئۇ ماڭا ئالاھىدە تەلەپپۇزدا ئېيتتى :
     _ ئاداش ، ئاڭلىسام تايسىن تۈرمىدىن چىقىپتىمىش ..
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم ، تۈنۈگۈن ماڭا تېلفۇن قىلغان تايسىن ئوخشىمامدۇ ؟ بۇلارنى ئويلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . ئەجىبا ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى قانداق بىلگەندۇ ؟ ...
     _ بۇنى كىمدىن ئاڭلىدىڭ ئاداش ، _ سورىدىم ئادىلدىن .
     _ ھېلىقى بىز بىلەن بىللە تۇرغان تۇرسۇننى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن ؟قايسىبىر كۈنى تايسىن تۇرسۇننى ئىزدەپ بېرىپتىكەن ، تېخى ئۇنىڭغا  يەنە شۇ ئىشنى قايتىدىن باشلاش توغۇرلۇق سۆزلەرنىمۇ قىلىپتۇ .. لىكىن تۇرسۇن رەت قىلغان ئوخشايدۇ . كىيىن بىزنى سوراپتىمىش ...
     _ يەنە ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىشنى باشلىماقچىمىكەن ؟ ..._ خېلى ئۇزۇندىن بېرى تىنىچلىنىپ قالغان روھىم بىردىنلا تىنچسىزلىشىپ ، تايسىن ۋە ئىچكىردە ئۆتكەن بىر قاتار ئىشلار ئىسىمگە كىلىۋالدى .
     _ شۇنداق ...ئىشقىلىپ ئاداش ، بۇندىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز پەخەس بۇلۇپ يۈرەيلى .
     ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ تېلفۇننى قۇيۇپ تۇرسام ، ئارقىدىنلا ئايگۈلدىن تېلفۇن كەلدى ، ئۇ مىنىڭدىن تاماق يىگەن -يىمىگەنلىكىمنى ، ئەگەر يىمىگەن بولسام بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلىشىنى ئېيتتى . مەن قۇشۇلدۇم ، ئەسلىدە ئۆزۈممۇ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ كىلىشنى ئويلاپ تۇراتتىم . ئۇنىڭغا ئۇ ياتقان مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان << خۇشناۋا رىستۇرانى >>نىڭ ئايرىمخانىسىدا مېنى ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتتىم .
        مەن ئارقامغا يېنىپ   دۇكاندىكى ئىشلارنى بىر قۇر  ئۇرۇنلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ،ئايگۈل بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن يول ئالدىم .
       ئايرىمخانىغا كىرىپ كەلگىنىمدە ئۈستەل ئۈستى تاماق -سەيلەر بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئايگۈل مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن . 
     _ھەممە نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ بولۇپسىزغۇ .. ئەسلى بۈگۈن مەن مىھمان قىلسام توغرا بۇلاتتى ..._ دېدىممەن ئۇنىڭغا .
     _ ھېچقىسى يوق ..._ ئۇ شۇنداق دەپلا ماڭا تىكىلىپ قارىدى . مەن كۆزلىرىمنى باشقا يەرگە ئېلىپ قاچتىم .
     _ قانداق ، ئاخشام ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ ؟ _ سورىدى ئۇ مەندىن .
     _ يامان ئەمەس .. خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالماي تاڭغا يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن .ئۆزىڭىزچۇ ؟
     _ مەن ئاخشام بىر كىچە كىرپىك قاقماي چىقتىم . ئىشقىلىپ مۇشۇ يېقىندىن بۇيان كاللام بەك قالايمىقانلىشىپ كەتتى. _ ئۇ شۇلارنى دەۋىتىپ ماڭا مەنىلىك بىر تۈستە قاراپ قويدى . مەن چۈشنىكسىز ھىسىيات ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ قالدىم . ھەم گەپنى باشقا يەرگە ئېلىپ قېچىپ :
     _ بەك جىق تاماقلارنى بۇيرىتىۋەتتىڭىزمۇ نىمە ؟ بۇلارنى ئىككىمىز قانداق يەپ بۇلىمىز ؟
     _ يىگىنىمىزچە يىمەمدۇق ... يەپ بۇلالمىغىنىمىز قالىدۇ شۇ ...
     ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدىم .
     _ ھەراست ...سىز بىرەر نەرسە ئىچەمسىز ؟
     _ مەيلى ..ئىچەي . ئىچمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپ كىتىپتىكەن .  بىر نەچچە بۇتۇلكا پىۋا بولسۇن  ،_ مەن شۇنداق دەپ ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ قالدىم . تۈنۈگۈن ئانچە سەپسالمىغان ئىكەنمەن ، ئايگۈل بۇرۇنقىدىن قارىغاندا جىق ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ جۇمۇ .. بۇرۇنقى تەبىئىي كۈلۈشلىرىنىڭ ئورنىغا ساختا كۈلۈشلەر ، شەھلا كۆزلىرىدىن كىشى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان چۈشنىكسىز ئىپادىلەر چىقىپ تۇراتتى .
     _ پىۋا ئەركىشىگە زىيانلىق جۇمۇ ..._ ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتى  ،_ئىچكەندىكىن ئاق ئىچمەمسىز ؟
     مەنمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىگە جاۋابەن  سۈنئىي كۈلۈپ :
     _ مەيلى ئەمىسە . ئاق ھاراقتىن بىر بۇتۇلكا بولسۇن ،_ دېدىم .
     ئايگۈل كۈتكۈچىگە قاراپ ئېيتتى :
     _ بىر بۇتۇلكا ئاق ھاراق ، يەنە بىر بۇتۇلكا قىزىل ھاراق كەلتۈرۈڭ ...
     مەن ئۇنىڭ قىزىل ھاراق دىگىنىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قايتىدىن نەزەر سالدىم . راست ،ئۇ بەك ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ . مەن ياخشى كۆرگەن بۇرۇنقى ئايگۈلگە تۈپتىن  ئوخشىمايۋاتاتتى .ئۇ مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ ، ئالدىمدىكى تاماكىدىن بىرنى ئالدى -دە ، ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىكىشكە باشلىدى .
    _ مۇرات .... ھەيران قالدىڭىز شۇنداقمۇ ؟ ئەمىلىيەتتە مەن بۇرۇندىن تارتىپ سىز بىلەن تۇنۇشماسنىڭ ئالدىدىلا تاماكا چىكەتتىم .بەزىدە ئۆزۈم يالغۇز ھاراقمۇ ئىچىپ قۇياتتىم .  پەقەت سىزگە يامان تەسىر بىرىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ بۇ ئىشلارنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قىلمايتتىم . بۈگۈن مېنىڭ بۇ ئىشلىرىمنى كەچۈرۋىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .ئەمىلىيەتتە بەزىلەرنىڭ دىگىنى بەك ئۇرۇنلۇق ئىكەن ، ئوغۇللار ھەسرەت چەككەندە ئازابىنى ھاراق -تاماكىدىن ئالىدىكەن . بىز قىزلار پەقەت يىغلاشنىلا بىلىدىكەنمىز ... ھازىر بىلسەك مۇشۇ ھاراق -تاماكىمۇ ياخشى نەرسە ئىكەن .
     مەن تېخى تاماكا -ھاراقنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيانلىق تەرىپىنى تۇنۇپ يىتىپ ، ئۇنى تاشلىماقچى بولۇپ تۇرسام ، ماۋۇ ئايگۈلنىڭ قىلغان قىلىقى بىلەن  دىگەن گەپلىرىدىن ئۇنىڭغا بولغان كۆز قاراشلىرىمنىڭ ھەممىسى سەلبىي تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى .
      _ قېنى ئەمىسە ، بىزنىڭ يەنە كۈرۈشكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىر رومكىدىن كۆتۈرۋىتەيلى .
     ئايگۈل بىر رومكىغا لىق ئاق ھاراق ، يەنە بىر رومكىغا قىزىل ھاراق تولدۇرۇپ ، ناز قىلغىنىچە ئېيتتى .
     مەن قانداق بۇلۇپ مۇشۇ قىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمغا ھەيران بۇلىۋاتاتتىم .توۋا ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ ، كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ، سەمەر قەنتنىڭ ئالمىسىدەك ، ئاپىرىپ چۆلگە تاشلايدۇ ، دىگىنى ئەجەپ توغرا ئىكەن . ئەمىلىيەتتە ئايگۈل بىلەن ئىككىمىز تۈپتىن ئىككى دۇنيادىكى كىشىلەر ئىدۇق ، پەقەت ئىككىمىزنىڭ بىرلا ئوخشاشلىقى باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ ئىچكىرگە بارغان، مەن باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلايدىغان ئوغرى ، ئۇ بولسا ئۆز تېنىنى ساتىدىغان پاھىشە ئىدى .  مەن شۇ ئاچچىقىمدا رومكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۇقۇشتۇرغاندىن كىيىن گۈپپىدە قىلىپ كۆتۈرۋەتتىم . ھاراق ئىچىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ ، ئاچچىق ھاراق كارنىيىمنى ئېچىشتۇرۇپ ، پۈتۈن بەدەنلىرىمنى كۆيدۈرۋەتكەندەك بۇلۇپ قالدىم . ئايگۈلمۇ بىر كۆتۈرۈپلا رومكىنى قۇرۇقداپ قويدى .


      ئارىمىزنى بىر پەس سۈكۈت قاپلىماقتا ئىدى ، خۇددى ئىككىمىز ئەزەلدىن تۇنۇشمايدىغاندەك ، ئەمدى كۈرۈشۈپ بىللە ئولتۇرۇشقان كىشىلەردەك ئايگۈلمۇ ، مەنمۇ گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي تۇرۇپ قالغانىدۇق ...
         ئايگۈل رومكىغا يەنە   لىق ھاراق تولدۇرۇپ  بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە گۈپپىدە قىلىپ رومكىنى قۇرۇقداپ قويدى . قەلبىمنى تېخىمۇ چۈشنىكسىز تۇيغۇلار ، باش -ئاخىرى چىقماس سۇئاللار قاپلىۋالغان ئىدى .
      _ مۇرات ...سىزدىن بىر گەپنى سوراي . ماڭا چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ راست گەپ قىلىڭ ، بۇلامدۇ ؟_ ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى .
     مەن بېشىمنى يىنىك لىڭىشتتىم . لىكىن ئۇنىڭ مەندىن نىمىنى سورىماقچى ئىكەنلىكىگە ئانچە بەكمۇ قىزىقىپ كەتمىدىم .
     _ سىز مېنىڭ ھېلىقىدەك ئىشنى قىلىدىغان قىز ئىكەنلىكىمنى بىلمەستە ، مېنى راستنىلا ياخشى كۈرەمتىڭىز ؟ كىيىن مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا قانداق ئويلاردا بولدىڭىز ؟
      ئۇنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان بۇ سۇئالىغا دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلمەي قالدىم ،  ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ تۇنۇشقان ھەم كىيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلارنى كۆز ئالدىمدا پەيدا بۇلىشقا باشلىدى . ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنى راستىنلا چىن كۆڭلىمدىن ياخشى كۆرگەن ، مېنىڭ تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن ئادىمىممۇ دەل ئايگۈل ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا سەمەت لوبەن قەلبىمگە  نۇرغۇن ئازاب،  ئۆچمەس يارا قالدۇرغان چاغلاردىمۇ ،پەقەت دەردىمنى ئۆزۈم بىلىپ ھېچنىمە بۇلۇپ قالمىغان ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قۇيۇشىممۇ پەقەت ئايگۈلنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەسمىتى ؟؟...
        _ قانداق ؟ جىمىپ كەتتىڭىزغۈ ؟ تۇيۇقسىز سورىغان بۇ سۇئالىمغا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلمەي قالدىڭىزمۇ ياكى نىمە دەپ جاۋاب بەرسەم بۇلارمۇ دەپ ئويلاۋاتامسىز ؟ ئەگەر جاۋاب بەرگىڭىز بولمىسا ...
      _ ياق .. مەن جاۋاب بىرىمەن ! _ ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا كەسكىن تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا قاراپ ئېيتتىم ،_ مەن سىزنى ياخشى كۆرگەن ، بەزى كىشىلەرگە ئوخشاش ۋاقىتلىق ، بىردەملىك ئەمەس چىن كۆڭلىمدىن ياخشى كۆرگەن ! تېخى بىر ئۆمۈر سىز بىلەن بىللە بۇلىشنىمۇ ئويلىغان .. لىكىن ھەممە ئىشلار مەن ، سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي بولمايدىكەن ، دىمەكچىمەنكى ، سىزنىڭ ھەممە ئىشىڭىزنى بىلىپ بولغاندا سىزنى ياخشى كۆرمىدىم ئەمەس ، يەنىلا ئۇنتىيالمىدىم . چۈنكى سىز مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم ئىدىڭىز ، شۇ ۋاقىتلاردا سىزگە ئۆز يۈرىكىمنى قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قۇيۇشقىمۇ رازى ئىدىم .. ئەمما ..
     _ ياق  ، مۇرات . گىپىڭىزنى بۈلىۋەتكىنىمگە كەچۈرۈم سورايمەن . ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ بەك پۇشايمان قىلدىم  . ئەسلى سىزگە ھەممە ئىشلارنى بالدۇر دىيىشىم ، ئۆزۈمنىڭ ناپاك بىر قىز ئىكەنلىكىمنى سىزگە ئەسكەرتىپ قۇيىشىم كىرەك ئىدى ، ئەمما ئادەملەر ۋاقتى كەلگەندە بەك شەخسىيەتچى كىلىدىكەن ، باشتا سىزنى كۆڭلىمدىكى ئۈجمە كۆڭۈل ، بىردەملىك ھەۋەس ئۈچۈن قىزلارنى ياخشى كۈرۈپ قالىدىغان ئوغۇللارغا ئوخشىتىپ سىزنى ئالداشنىمۇ ئويلىغان ئىدىم ، ئەمما سىز مەن ئويلىغاندەك ئوغۇللارغا ئوخشىمايدىكەنسىز ... بىز تۇنجى كۈرۈشكەن چاغلاردىلا سىزنىڭ ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلەتتىم . گەرچە ئۆزۈممۇ ئۆز تېنىمنى ساتىدىغان ناپاك قىز بولساممۇ ، سىلەرگە ئوخشاش ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىدىغان كىشىلەرنى ياقتۇرمايتتىم ، ياراتمايتتىم ، ھەر قېتىم كوچىلاردا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئوغۇرلارنى كۈرۈپ قالسام ئىچىمدە مىڭنى تىللايتتىم ... كىيىن ئۆزۈممۇ بىر ئوغۇرنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمغا ھەيران قالدىم ، ئىشەنمەيمۇ قالدىم .كىيىن سىز بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۈرۈپ قالدىم . سىزنى بەك ھۆرمەتلەيتتىم ، ھەر قېتىم سىزنىڭ ماڭا قىلغان سەمىمىي مۇئامىلىڭىزدىن ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كىتەتتىم . ئەڭ قورقىدىغىنىم بولسا سىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىدى ، لىكىن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنىڭ باشقا چىقمايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىپ يەتكەنىدىم ، چۈنكى بۇ دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق ، سىز ھامىنى بىر كۈنى مېنىڭ كىشىلەر ئىچ پۇشىقىنى چىقارغاندا ھەممىنى ئۇنتۇشۇپ ، نامىنى ئاڭلىسا تېنىنى شۈركىنىدىغان پاھىشە ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالاتتىڭىز ...
      ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى تىترەپ چىقىشقا باشلىدى ، ئۇ ھېلىلا يىغلىۋىتىغاندەك قىلاتتى . مەن رومكىدىكى ھاراقنى ئۇنىڭغا خوش دىگەندەك قىلىپ تەكلىگىنىمچە كۆتۈرۈپلا كارنىيىمغا ئۇردۇم . ئاچچىق ھاراق بەدەنلىرىمنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىلىنى كۆيدۈرۈپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايگۈلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى . تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ زەردە بىلەن چىكىشكە باشلىدىم .
         - بولدىلا ، ئۇ ئىشلارنى دەپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى غەش قىلماي .. ھەراست مەن ئەتە ئۈرۈمچىگە ماڭىمەن . بەلكىم بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۈرۈشكىنىمىز بۇلۇپ قالار ، خۇدا نىسىپ قىلسا كىيىن يەنە كۈرۈشۈپمۇ قالارمىز ..سىزدىن ئۈتۈنىدىغىنىم مەندىن نەپرەتلەنمەڭ ، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ ! _ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە بايا قۇرۇقداپ قويغان رومكامغىمۇ لىق ھاراق تولدۇرۇپ ماڭا تەڭلىدى ،_ قېنى بىزنىڭ سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن ، سىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىڭىز ئۈچۈن !
        شۇ تاپتا مېنىڭ ھېچنىمە ئويلىغۇم ، ھېچنىمە دىگۈم كەلمىدى ، ئەمما ئايگۈلنىڭ تۈنۈگۈن ماڭا ئېيتقان كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئاخىرىنى بىلىشكە يەنىلا قىزىقماقتا ئىدىم ، ئۇ خوجايىنىغا خۇتۇن بولغاندىن كىيىن يەنە نىمە ئىشلار يۈز بەردى ، قانداق بۇلۇپ يەنە مېنى ئىزدەپ بۇ شەھەرگە كىلىپ قالدى ؟ بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە تاقەتسىزلەنمەكتە ئىدىم ..
      _ تۈنۈگۈن ماڭا ئېيتقان گەپلىرىڭىزنىڭ ئاخىرى تۈگىمىدىغۇ دەيمەن ،_دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ ..


    داۋامى بار !!!