-
2010-05-13
ئىلتىجا
يۇپۇرماقلار پىچىرلىماڭلار ،
پىچىرلاشتىن بۇلىمەن بىزار .
ئەسكە سېلىپ قۇتلۇق كۈنلەرنى ،
يۈرىكىمنى تىلماڭلار بىكار .ئارامىمنى بۇزماڭلار بۈگۈن ،
يۈرىكىمدە ھېسلار ئويغىتىپ .
پىچىرلاشنى قۇيۇڭلار ئەمدى ،
چۈنكى ، ئۇنى كەتكەنمەن ئۇنتۇپ ... -
2010-05-09
بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !
ئانىلار دۇنيانىڭ زىننىتى، كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئىگىلىرى، ئەۋلادلار ئەقىللىق، كۆيۈمچان، مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىيىسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئانىلارنىڭ ساپاسى، ئانىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسى نۇرغۇنلىغان تارىخى جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك پەن تېخنىكا دۇنياسىغا قەدەم قويدى. بۇ جەريان دەل ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش جەريانىدۇر. يەنى ماددىۋىي يۈكسەكلىك بىلەن مەنىۋى يۈكسەكلىكنى تەڭ قوغلىشىۋاتقان بىر جەريان. لېكىن بىز شۇنى بايقىدۇقكى مەنىۋى يۈكسەكلىك ماددىۋىي يۈكسەكلىكنى بېسىپ چۈشكەن جەمئىيەت ناھايىتىمۇ گۈزەل بولغان، مېھرى مۇھەببەتكە تولغان بىر جەمئىيەت. ئەكسىچە بولغىنى كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان جەمئىيەت. ئانىلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ مېھرى مۇھەببىتى، سۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق بىز ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ، بىز كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىمىزنى قاندۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەنىۋى يۈكسەكلىكنىڭ تارقاتقۇچىسى دەل ئانىلاردۇر.
-
2010-05-09
سۇمبۇل چاچ
ھۆر پەرىدەك جىلۋە ئەيلەپ باقتىڭ ماڭا ، سۇمبۇل چاچ ،
ئەس ھۇشۇمنى يوقاتتىم مەن كۆيدۈم ساڭا ، سۇمبۇل چاچ .
يەتتە ئىقلىم بازارىدا يوقتۇر سەندەك نازىنىن ،
شېرىن سۆزلۈك ، ئاي يۈزلۈكۈم ئەي دىلرەبا سۇمبۇل چاچ .
ئەۋرىشىمدەك بويلىرىڭغا خويمۇ ياراشقان كۆڭلىكىڭ ،
لىپ -لىپ قىلىپ كىرپىكىڭدە ئاتتىڭ ئوقيا ، سۇمبۇل چاچ .
كىيىپ گۈلگۈن چىمەن دوپپا ئوينىساڭ نەپىس ئۇسسۇل ،
جان قويغۇدەك يەر تاپالماي قالدىم ئاڭا ،سۇمبۇل چاچ . -
2010-04-25
ﺋﺎھ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭ
ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻳﻮﻝ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ھﺎﯞﺍ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ، ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻗﯘﺷﻼﺭ...
ﮔﺎھ ﺋﻮﯕﯘﻣﺪﺍ، ﮔﺎھ ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﻩ ﺭﻭھﯩﻤﻐﺎ ھﺎﻣﺎﻥ ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ. ﮔﺎھ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﺍ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻏﻪﻟﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﺳﻪ، ﮔﺎھ ﺗﯩﻠﯩﻤﺪﺍ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪﻙ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﻐﯘﺑﺎﺭ ھﺎﻳﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﮔﺎھ ھﻪﺳﻪﻥ - ھﯜﺳﻪﻧﻨﻰ، ﮔﺎھ ﺗﺎﯓ ﺷﻪﭘﯩﻘﯩﻨﻰ، ﮔﺎھ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ - ﻳﯧﺸﯩﻨﻨﻰ، ﮔﺎھ ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻢ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ھﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ، ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻝ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.
-
2010-04-25
يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى
چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى.
كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. كۆڭلۈمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چۇلغۇۋالدى. بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن دادام دۇدۇقلاپ ئېغىز ئاچتى:
– بالام، نەتىجەڭ نومۇر چېكىدىن ئون نومۇر يۇقىرىكەن، قايسى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتۇۋالالماپتىمەن. قايتىشىمدا دىققەتسىزلىكىمدىن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، چاقىرىق قەغىزىڭ...
-
2010-04-25
چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت
ئەسەر ئاپتۇرى :ئەزىز ئىمىر يانغىن
يادىكار ئاۋازىدا : ئابدۇسالام
گۈلزىبا ئاۋازىدا : زاھىرە
نەفىسە ئاۋازىدا : رەنا
تۇرسۇن ئاۋازىدا : ئەكرەم
باشقا ئاۋازلاردا : رۇزى ، كېرەم ....باس باس تورى ئاۋازغا ئېلىش ، تەھرىرلەش ئىشخانىسى ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان .
-
2010-04-22
ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز
ئەسەر ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
مۇرات ئاۋازىدا : ئابدۇسالام
ئايگۈل ئاۋازىدا : زاھىرە
سەمەت لوبەن ئاۋازىدا : ئەكرەم
تايسىن ۋە باشقا پىرسۇنازلار ئاۋازىدا : كېرەم ، رۇزى ...باس باس تورى بىلەن خىيال مىدىيا تورى بىرلىشىپ ئاۋازغا ئالغان .
-
2010-04-20
تۇغۇلغان كۈنۈم
مانا بۈگۈنكى كۈندە تەۋەللۇت بولدۇم. بۇندىن يىگرمە بەش يىل مۇقەددەم دەل بۈگۈنكى كۈندە خاتىرجەملىك مېنى تالاش - تارتىش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىلەن تولغان بۇ دۇنيا قوينىغا تاشلاپ قويدى.
زېمىن، ئاي، قۇياش ۋە يۇلتۇزلار بىلەن بۈيۈك قانۇنىيەت ئەتراپىدا يىگىرمە بەش قېتىم سەير قىلدىم. بىراق، روھىم ھازىرمۇ ئەشۇ قانۇنىيەت ئىسىملىرىنى پىچىرلاۋاتىدۇ. دېڭىز دولقۇنى غار - ئۆڭكۈرلەردىن ئەكىس سادا قايتۇرىۋاتىدۇ.
يىگىرمە بەش يىلدىن بۇيان زامان قولى مېنى بۇ كەڭ، يوچۇن دۇنيا كىتابىنىڭ بىر بېتىگە بىر جۈملە سۆز قىلىپ پۈتتى. بىراق ئۇ سۆز بەكلا گۇڭگا. بىر قارىسا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ، يەنە بىر قارىسا كۆپ نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ.
-
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (7)
ئايگۈزەلدە كەچكىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈچىلىمىز بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدۇق ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،كارىۋات بېشىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن . دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشنى ئېيتتى ، لىكىن ئۇنداق قىلمىدۇق ھەم قىلالمىدۇق ، ھەتتا ئاپىسى تىلفۇن قىلىپتىكەن يالغان سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلماي يۈرگىچە زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام بوپتىكەن ، ئۈتۈپ كەتكەنمەن دۆتكەنمەن ، ئادەم بىر ئىشنى ئىچىگە ئېلىۋەرسە مۇشۇنداق بۇلۇشىنى بىلەتتىمغۇ ، ئۇنىڭ ئاپاق بىلەن مەندىن باشقا ھەممە گەپلىرىنى ئېيتىپ سىرداشقۇدەك ئادىمى بولمىسا نىمىشقىمۇ ؟؟؟نىمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن سورىمىغاندىمەن ، بەلكىم ماڭا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ھەممە گەپلىرىنى دەۋالسا بۈگۈنكى ئىشلار يۈز بەرمەستى... -
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (6)
مىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىم ئايگۈزەلنى بەكرەك خوشال قىلغانىدى .ئۈزۈممۇ خوشال ئىدىم .ئىلھامنىڭ كۈيىنىشىدىن كۆڭلۈمدە ئۇزۇندىن بىرى ھىس قىلىپ كىلىۋاتقان بوشلۇقنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغاندەك ھىس قىلاتتىم ، كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلاتتى ، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ، تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىمنى ، چارچىغان-چارچىمىغانلىقىمنى سورايتتى ، «مەن ساڭا بەك ئامراق»دەيتتى ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ، ئۇ شۇنداق مىنى ئەركىلەتكۈسى كەلگەندە سەنلەپ قۇياتتى.
بىر ئاي ئەنە شۇنداق ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .
ئايگۈزەل بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى ، تاماقنى ئاساسەن مەن ئىتىدىغانلا بولدۇم ، ئۇ ھەم ئىشلەپ ھەم ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنىدى. -
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (5)
ئايگۈزەلنى ساقلىغاچ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ، تۇرۇپلا كۈلگۈم كىلىپ قالدى ، ئۇكاش بىلەن پاراڭلاشقىلى تېخى بىرەر ئايمۇ بولمىغانىدى ، بۇ تۇنجى قېتىم توردا تۇنۇشقان ئادىمىم بىلەن ئۇچراشقىنىم ھىساپلىناتتى ، توردىغۇ بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي ئولتۇرۇپ گەپنى قىلىۋىرىمىز ، ھېلى ئۇ كەلسە قانداق بۇلار...
ــ تىلفۇننى قۇيۇپ بوپسەنغۇ ھوي ! ،ــ تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئايگۈزەلگە چاخچاق قىلغۇم كەلدى،ــ يائاللا تىلفۇننى بىر قۇلۇڭغا ئالدىڭمۇ بولدى ، نەچچە سائەتكىچە خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمىسىدە لەيلەپ يۈرگىنىڭ يۈرگەن ، تۇر ئورنۇڭدىن ، تاماق يىگىلى سىرتقا چىقىمىز .
ــ ساراڭ ، نىمانداق جىق گەپ قىلىسەن ؟ -
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (4)
توۋا...بىر چاغلاردا مەنمۇ شۇنداق ئويتلايتتىم ھە ! پەقەت ئۇنىڭلا خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتسەم ، ئالدىدا مۇلايىم ، خۇشپىچىم بولسام ، ھەر قېتىم ماڭا گەپ قىلغىنىدا <ماقۇل نىجاتىم > دەپلا تۇرسام ، مۇلايىملىقىمدىن سۈيۈنۈپ ، خوش بۇلۇپ كەتسە دەپ ئويلايتتىم...
ــ گۈزەل ، سەندىن بىر سۇئال سورىسام بۇلارمۇ ؟
ــ گەپ تېشىلىپ قالدى ھە ، سوراۋەرگىن .
ــ سەن بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ ؟
ــ بىرەرسى دەيسەنغۇ...
ــ چاقچاق قىلماي دەپ بەرگىنە ، مىنىڭ بەك ئاڭلاپ باققۇم بار.
ــ ھەئە .
ــ كىيىن قانداق بولدى ؟
ــ بۇلارنى دىسەم بىر ھىكايە پۈتۈپ كىتەرمىكىن . -
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (3)
بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلدىم ، ئايگۈزەل بىلەن بىرگە تاماق ئەتتىم ، تاماقتىن كىيىن ئۇنىڭدىن قاچا-قۇچىلارنى تالىشىپ يۇدۇم ، ئۇ كومپىيوتۇر ئالدىغا كەتتى . قارىسام بېشىنى كۆتۈرمەي كوت-كوتتا خەت يىزىشىۋېتىپتۇ ، ئادەتتە يىگىتى بىلەنلا ئاۋازلىق پاراڭلىشاتتى ،بۈگۈن كىم بىلەن پاراڭلاشتىكىنە بۇ ؟!
قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ، بۇ چاغدا ئۇ مۇنبەردە بىر نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتقانىكەن.
ــ قارىغىنە گۈزەل ، مۇنۇ شېئىر بەك ياخشىكەن ، مەن نىمىشقا يازالمايدىغاندىمەن .
ــ ئاددىلا شېئىركەنغۇ،،،مەن بۇنداق شېئىرلارغا قارىغاندا چاچما ، گۇڭگا شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن ، بۇلۇپمۇ ئوسمانجان ساۋۇت ، ئادىل تۇنىياز دىگەنلەرنىڭكىنى .
ــ ما ئەدەبىياتچىنىڭ ئاددىكەن دەپ كەتكىنىنى ، ئۈزۈڭ يازالمايسەن ، يازغانلارنىڭكىنى ياراتمايسەن! -
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (2)
ئۆيگە كەلسەم ئايگۈزەل تېخىچە ئۇخلىماي كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرمۇنچە گېپىگە «بەك چارچاپ كەتتىم، كىرىپ ئۇخلىۋالاي» دەپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم، سەۋەبى ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدى. ئەگەر يېنىمغا كەلسىلا تاماكا ئىسى، ھاراق پۇراپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ!
ئەتىسى ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئۇ ئىشقا كېتىپتۇ. ئەتىگەنلىك ناشتامنىمۇ تەييارلاپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بىرسى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەتلىرىمنى بۇزۇپ، ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىم، قارىسام مېھمانخانا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ئەپچىلگىنە قىلىپ كومپيۇتېر ئۈستىلىنى قۇيۇپ قۇيۇپتۇ، قارىغاندا ئىككىنچى قول كومپيۇتېر ئالغاندەك قىلاتتى.
كەچتە ئىشتىن كېلىپلا ئۇنىڭ تەييار قىلىپ قويغان تامىقىنى يېدىم،
ــ يېڭى خىزمىتىڭىز قانداقراقكەن؟ -
2010-04-19
توردىكى <<ئۇكاش >> (1)
تۇنجى خەتئەسسالامۇئەلەيكۇم سىڭلىم، تۇيۇقسىزلا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھە قاچان، تېمىلىرىڭىز، ئىنكاسلىرىڭىز دىققىتىمنى تارتقىلى خېلى بولغان، مەنمۇ بىر چاغلاردا توردا، مۇنبەردە سىزگە ئوخشاش ئەسەر يوللاپ يۈرەتتىم، نۇرغۇن دوستلىرىممۇ بولغان ... ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇشنى، توغرا يولنى ماڭا مۇشۇ تور كۆرسەتكەن دېسەممۇ بولىدۇ... شۇڭا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ھېچ بولمىسا سىزگە بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم ... يېقىندا يوللىغان بىر تېمىڭىزدا يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپسىز... شۇ تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن كاللامغا باشقىچە بىر ئوي كەلدى، ئويلىساممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىم، قىسقىغىنە كۈلكە ئاتا قىلغان، ئەمما ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قويغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىم، چىراقلىرى كۆزلىرىمنى چاقناتقان، ئويۇنلىرى قەلبىمنى ئۆزىگە تارتقان ئاشۇ كۈنلەر...