-
2010-05-13
ئىلتىجا
ئىلتىجا
يۇپۇرماقلار پىچىرلىماڭلار ،
پىچىرلاشتىن بۇلىمەن بىزار .
ئەسكە سېلىپ قۇتلۇق كۈنلەرنى ،
يۈرىكىمنى تىلماڭلار بىكار .ئارامىمنى بۇزماڭلار بۈگۈن ،
يۈرىكىمدە ھېسلار ئويغىتىپ .
پىچىرلاشنى قۇيۇڭلار ئەمدى ،
چۈنكى ، ئۇنى كەتكەنمەن ئۇنتۇپ ...غا ....
ئۆزۈڭچىلا يايرىم دەپ مېنى ،
قەسىرىڭگە چىللاپ كېلىسەن .
سۆيگەن يايرىم تۇرسا يېنىمدا ،
يۈرىكىمگە قانداق سىغىسەن ؟...
2010-يىل 13- ماي چىڭدۇ ..