-
2010-06-13
مۇھةببةت قاتصلص (4- بۆلةك )
*** **** *** **** ****
مۇھەببەت ئاخىرى جۈرئەتكە كىلىپ ،زۇلفىرە ئارقىلىق مۇھەببەت قىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى،مۇھەببەت قىز نەچچە ئاي ئىچىدىلا خېلى بەك ياداپ قالغان بۇلۇپ،بۇلاقتەك كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى،بۇرۇنقى ياسىنىپ يۈرۈشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.
-ھازىر نىمە دىيىشىمنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن،بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى ،كەچتە ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز ،بىز پاراڭلىشايلى،بۇلامدۇ،-مۇھەببەت مۇھەببەت قىزغا يىلىنىش نەزىرى بىلەن قارىدى.
-پاراڭلىشىشىمىزنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟،-مۇھەببەت قىز ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن مۇھەببەتكە قارىدى.
-ئۇنداق دىمەڭ،سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم بار ،كەچتە سوراپ چىقىپ ماڭا تىلىفۇن قىلىڭ،كەچلىك تاماقنى بىرگە يەپ ،ئاندىن پاراڭلىشىپ كىلەيلى.
مۇھەببەت قىز چىقىپ كەتتى،چىقىپ كەتتىلا ئەمەس مۇھەببەتكە باشقا گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتتى،بۇنىڭدىن مۇھەببەتنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى.
-ئۇنىڭ ماڭا مۇشۇنچىلىك قىلغىنىغا مىنىڭ يۈرىكىم يېغلاۋاتقان يەردە،نەچچە ئايدىن بىرى ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلەم ئۇنى قانچىلىك يېغلاتقاندۇ؟
ئىختىيارسىز مۇھەببەتنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى،ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىدىن پەسكە قارىدى،مۇھەببەت قىز ئىنتايىن چۈشكۈنلەشكەن بۇلۇپ،بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە دەرسخانا تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتاتتى،مۇھەببەت توختىماي سىرتقا قارايتتى،ئەتىيازنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى ئۇنىڭ بۇرنىغا باھارنىڭ خۇش ھىدىنى ئۇراتتى،ئوقۇتۇش بېناسىنىڭ ئەتراپىدىكى مەجنۇنتاللارئىزغىرىن شامالدا توختىماي تەۋرىنەتتى،دەرسى يوق ئوقۇغۇچىلار ،ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن تۆتقۇلاق ئىزدىشىپ يۈرەتتى.
-مۇھەببەت !!!بۈگۈن سىزگە ھەقىقى ئەھۋانى ئېيتىمەن،سىزنى چىن دىلىمدىن سۈيىدىغانلىقىمنى ئېيتىمەن.....
مۇھەببەت قىز دەرستىن چۈشۈپ ياتىقىغا كەلدى،ئۇ مۇھەببەتنىڭ پاراڭلىشايلى،دىگىنىدىن ئازراقمۇ بولسا كۆڭلى كۆتۈرۈپ قالغان بولسىمۇ ،بىراق يەنىلا ئۈزىگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتى،چۈنكى ئۇ سۈرىيەدىن قورقۇپ قالغانىدى،سۈرىيە بىر نەچچە قېتىم ئۇنى ئونۋىرستقا ئىزدەپ كىلىپ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدىلا ھاقارەت قىلغانىدى،ئۇ كارۋىتىغا چىقىپ سۇزۇلۇپ ياتتى،شۇ تاپتا ئۇنى خىيال چىرمىۋالغانىدى،ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىماي دىسىمۇ ،ئۇ ئىشلار ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇنى بىئارام قىلاتتى،شۇ ئەسنادا ياتاق ئىشىكى ئېچىلىپ ،زۆھرە كىرىپ كەلدى.
-بىز نىمانداق بىچارە،سەنمۇ يالغۇز قاپسەن ،مەنمۇ يالغۇز قالدىم،قىزلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ كىتىپتۇ،-زۆھرە ئىشىكتىن كىرىپلا قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ سۆزلەپلا كەتتى.
-زۆھرە ،ماڭا بىر ئىشتا مەسلىھەت بەرگىن ،مۇھەببەت ماڭا پاراڭلىشايلى دەيدۇ،قانداق قىلاي؟ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە قارىغاندا مەن بىلەن يارىشىپ قالغۇسى باردەك قىلىدۇ،بىراق مەن قورقىۋاتىمەن،سەن بىلىسەنغۇ؟سۈرىيە بىر نەچچە قېتىم مىنى ئىزدەپ كىلىپ ،باشقىلارنىڭ ئالدىدىلا مىنى تىللاپ كەتمىدىمۇ؟
-ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارنى شۇنداق ياخشى كۈرۈپ تۇرۇقلۇق ،يەنە بۇنداق يۈرسەڭلار بولمايدۇ،نەچچە ئايدىن بىرى ئۇنىڭ روھى –ھالىتىگە دىققەت قىلىپ باقتىڭمۇ؟بەكلا چۈشكۈن،ساڭا باش كۆتۈرۈپ قارىيالمايدۇ،ئەگەر كۆزلىرىڭلار ئۇچرىشىپ قالغۇدەك بولسا،ئۇنىڭ قانداق بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ؟مىنىڭچە ،ئۇنىڭ ساڭا دىيەلمەيۋاتقان نۇرغۇن سۆزلىرى بار ،سەن ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان بىر پاراڭلىشىپ باققىن ،بەلكىم ئاراڭلاردىكى تۈگۈن يىشىلىپ كىتەر .
زۆھرەنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن مۇھەببەت قىز ئەقىل تاپقاندەك بولدى.
-رەھمەت ساڭائاداش،ماڭا كۆپ ياردەم قىلدىڭ،سەن بەك ئالىيجاناپ ئىكەنسە ،مەندىن يۇشۇرمىغىن ،مەن سىنىڭ مۇھەببەتنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن،لىكىن سەن ئۈزۈڭنى ئويلىماي مىنىلا ئويلاپ كەلدىڭ ،ساڭا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن،يەنە بىر ئىش كەچتە كەپ بۇلالماي قالسام.....
-دىمىسەڭمۇ چۈشىنىمەن ،رۇخسەت سوراپ قۇياي،-زۆھرەنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزارغان بۇلۇپ ،نىمە دىيىشنى بىلەلمەي مۇھەببەت قىزنىڭ گىپىنى تارتىۋالدى.
مۇھەببەت قىز مۇھەببەتكە تىلفۇن قىلىىپ بۇلۇپ، ياسىنىشقا تۇتۇش قىلدى ،ئۇ تىز سۈرئەتتە ئۈزىنى توزدەك ياساپ زۆھرە بىلەن خوشلىشىپ ياتاقتىن چىقتى.*** **** *** **** ****
شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ،كاتتا بىر مىھمانساراينىڭ ئەڭ ئۈستى قەۋىتىدىكى بىر ياتاقتا ،مۇھەببەت بىلەن مۇھەببەت قىز بىر-بىرىگە مەھكەم گىرەلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ،شىرىن مۇھەببەتنىڭ لەززىتىدىن ،ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلغانىدى،مۇھەببەت قىزنىڭ ئالتۇنرەڭ ئۇزۇنچاچلىرى ياستۇققا يېيىلغان بۇلۇپ،بۇ چاچلارنى مۇھەببەت توختىماي سىلايتتى،پۇرايتتى.
-مىنى ھىچنىمىنى ئېيتقىلى قويمىدىڭىز ،دىمىسەم بولمايدىغان يەنە بىر ئىش بار ئىدى.
-ئېتىپ بولدىڭىزغۇ؟ئەسلىدە سىز باشتىلا ئۇ ئىشلارنى ماڭا ئېيتقان بولسىڭز ،مەنمۇ بۇنداق ئازاپلىنىپ يۈرمىگەن بۇلاتتىم،لىكىن سىز توغرا قىلدىڭىز ،سۈرىيە سىزدىن رازى بولغاندۇ؟
-لىكىن ئۇ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئەتە-ئۆگۆن دەپ بارغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ،يەنە بىر ئىش بار ئىدى ،سىز بىلسىڭىز چۇقۇم مەندىن نەپرەتلىنىسىز ،-مۇھەببەت مۇھەببەت قىزنىڭ يۈزلىرىدىن تۇتۇپ ،ئۈزىگە قاراتتى.
-مىنىڭچە ھەر قانچە باشقا قىزلار بىلەن ياتقان ئىشىڭىز بولسىمۇ ،كۆڭلىڭىزدە ساقلىنىپ قالسۇن ،ئەگەر ئۇ ئىشنى ماڭا ئېيتسىڭىزبەلكىم سىزگە بولغان ھۆرمىتىم سۇسلاپ كىتىشى ياكى مۇناسىۋىتىمىز يىرىكلىشىپ قېلىشى مۇمكىن ،شۇڭلاشقا ئېيتمايلا قۇيۇڭ.
-رەھمەت سىزگە مەلىكەم،سىز مەن ئيلىغاندىنمۇ بەكرەك ئاقكۆڭۈل ئىكەنسىز ،-مۇھەببەت ئاشۇنداق دەپ بولغۇچە كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ كەتتى ،ئۇ يېشىنى مۇھەببەت قىزگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ،ئۇنى چىڭ قۇچاغلىدى.
ئۇلار بىر –بىرىگە قانمايتتى،تىنىچ ،قاراڭغۇ ياتاقتا ئۇلارنى ھىچ كىشى ئاۋارە قىلمايتتى،شىرىن مۇھەببەت بولسا ئۇلارنى مەست قىلغان ئىدى، ئاشۇ مەستلىك ئىلكىدە مۇھەببەت ئۈزىنى تۇتىۋالالماي ،مۇھەببەت قىزنىڭ كىيىملىرىنى بىر-بىرلەپ سالدۇردى،مۇھەببەت قىز بولسا خۇددى مەست كىشىدەك بىھۇش ھالەتتە ياتقان بۇلۇپ،چىرايىدىن بىر خىل خۇش تەبەسسۇم چىقىپ تۇراتتى.
ئۇلار ئۆز ھىسياتىنىڭ ئالدىدا ئاجىز كەلدى،شىرىن مۇھەببەت ئۇلارنى راستىنلا مەست قىلغانىدى،ئۇلار ئاشۇ شىرىن ھىسياتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ، خاتا ئىشتىن بىرنى سادىر قىلىپ قويدى،چەكلەنگەن مىۋىگە ئاخىر قول ئۇزىتىلدى......
ناھايىتى تىزلا كېچە قاراڭغۇسى يۇرۇقلۇق بىلەن ئالماشتى،تاڭ ئەمدى سۈزۈلۈكە باشلىغان ۋاقىتتا، مۇھەببەت قىز ئۇيقۇدىن ئويــغاندى،مۇھەببەت بولسا مۇھەببەت قىزنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئۇخلاۋاتاتتى،مۇھەببەت قىز ئۈزىنىڭ ھىسياتنىڭ ئالدىدا ئاجىز كەلگەنلىكىگە ئىشىنەلمەيۋاتاتتى،لىكىن مۇھەببەت ئىككىسىنىڭ يالىڭاچ تۇرنى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى،ئۇ يىنىڭ ئۇھ تارتىپ قويدى.
ۋاقىت ئۈتۈپ تاڭ سۈزۈلۈپ ،ئەتىگەنلىك شەپەق نۇرى دېرىزىغا چۈشتى،مۇھەببەت ئاستا قىمىرلاپ كۈزىنى ئاچتى،ھەمدە كۈزىنى ئېچىپلا، مۇھەببەت قىزنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۈيۈپ قويدى.
-بۈگۈن سىزنى ئۈيۈمگە باشلاپ باراي ،ئانام كىلىنىنى كۈرۈپ باقسۇن،بۇلامدۇ؟
- راستمۇ؟ئۇنداقتا چۈشتە بارايلى،-مۇھەببەت قىز خوشلىقىدىن مۇھەببەتنى چىڭ قۇچاغلىدى.
-مۇھەببەت قۇشۇلدى ،ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ يۇيۇنۇپ چىقىش ئۈچۈن ،يوتقاننى قايرىۋىدى،ئاپئاق كىرلىك ئۈسىتىدىكى قان دېغى مانا مەن دەپلا كۈرۈندى،بۇنى كۈرۈپ مۇھەببەت قىزنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ ،ئىتتىك دېرىزە تەرەپكە قاراپ يېتىۋالدى،بۇنىڭ ئەكسىچە ،مۇھەببەتنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى.
-بىلەمسىز ،مۇھەببەت قىز ؟ھازىرقى قىزلارنىڭ ئىچىدە پاك قىزلارنى تاپماق تولىمۇ مۈشكۈل،سىز خىجىل بولماڭ،بۇنى كۈرۈپ مىنىڭ سىزگە بولغان مەسئۇليەت تۇيغۇم تېخىمۇ كۈچەيدى،ئۆزىڭىزنى پاك تۇتۇپ كەلگىنىڭىزگە مىڭ تەشەككۈر ،ئەمدى سىزگە شۇنداق ۋەدە بىرەيكى،ئۈزۈم تىرىكلا بولسام ،سىز بىلەن خۇدايىم بۇيرىسا چۇقۇم توي قىلىمەن،ئەگەر ئۈلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسا، سىز بىلەن بىللە ئۈلۈشكە رازىمەن.
باياتىن بىرى خىجىللىقتىن يوتقانغا بېشنى پۈركىۋالغان مۇھەببەت قىز ،بېشىنى يوتقاندىن چىقىرىپ ، مۇھەببەتكە تاتلىق كۈلۈمسىرىدى.*** **** *** **** ****
كۈنلەر بىر –بىرىنى قوغلىشىپ ،باھار كىتىپ ياز كەلدى،سۈرىيە ئاخىرى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بېرىشقا قۇشۇلدى،ئۇ مۇھەببەتنىڭ ھەمرالىقىدا شەھەر سىرتىدىكى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا باردى.
-ئاۋال قان تەكشۈرىمىز،-دىدى داۋالاشقا مەسئۇل ئايال خادىم.
-تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاچان چىقىدۇ؟،-مۇھەببەت ئالدىراپ سورىدى.
- چۈشتىن كىيىن چىقىدۇ.
سۈرىيە دوختۇرغا ئەگىشىپ قان تەكشۈرتۈش ئۈيىگە كىرىپ كەتتى،ھەمدە نەچچە مىنۇتلاردىن كىيىن ئۇلار چىقتى.
-سىلەر ھازىر قايتىپ چۈشتىن كىيىن كىلىڭلار.
ئۇلار قايتتى،ھەمدە ئۇتتۇر مۇھەببەتنىڭ ئۈيىگە يىتىپ كەلدى،گۈلنىسا ئانا قوشنىلارنىڭ ئۈيىگە چىقىپ كەتكەنمۇ ،ئەيتاۋۇر،ئۆيدە يوق ئىدى.
-مۇھەببەت ،ئېيتىڭە ،زەھەرنى تاشلىيالارمەنمۇ ؟تۇرمۇشۇم ئىزىغا چۈشەرمۇ؟،-ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن سۈرىيە ئۈزىنى كىرىسلوغا تاشلاپ شۇنداق دىدى.
-چۇقۇم تاشلىيالايسىز،غەيرەتلىك بۇلۇڭ،ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ.
مۇھەببەت سۈرىيەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى،سۈرىيە ئاستا ئۇنىڭ مۆرىسىگە بېشىنى قويدى،ھەمدە ئۈزىنىڭ كەچۈرمىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى.
-بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىسام ،بەكلا پۇشايمان قىلىمەن، شۇ ۋاقىتلاردا تۇرمۇشۇم بەك كۆڭۈللۈك ئىدى،يەنە كۆڭلۈمدىكىدەك خىزمىتىم بار ئىدى،ئوقۇتقۇچى بۇلۇش –مىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم بۇلۇپ،چوڭ دادام مىنىڭ پۈتۈن ئوقۇش چىقىمىمنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۇقۇتقان،ئانام ،داداممۇ مىنىڭ دىگىنىمنى قىلىپ بىرەتتى،ئاخىر ئارزۇيۇمغا يەتكەن ئىدىم ،بىراق بىر يىل بۇلا-بولمايلا ،نەزەر دىگەن ھايۋان مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا پەيدا بۇلۇپ،تۇرمۇشۇمنى بۇزدى،مىنى پۇلغا قىزىقتۇرۇپ،ئۈزى بىلەن بىللە گۇاڭجۇغا بېرىشقا كۆندۈردى،شۇ ۋاقىتتا ،مىنىڭ پۈتۈن ئەس-يادىم ھەر كۈنى يېتىپ يىسىمۇ تۈگىمەيدىغان پۇلدىلا قالغان ئىدى ،سىزنىڭ دوسلىرىمنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي ،ئۇنىڭ بىللە گۇاڭجۇغا باردىم ،ئۇ يەرگە بارغان تۇنجى ئاخشىمى ئۇ ماڭا زورلۇق قىلىپ ،قىزلىق ئىپىتىمنى نابۇت قىلدى،ئەتىسى ،ئەتىگەندە ،ئۇ چىقىپ كىتىپ ،پاكار ،سىمىزلىكتىن قورساقلىرى ساڭگىلىغان،يۈزلىرى گۆشلۈك بىرەيلەن كىلىپ ،مىنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ماڭا زورلۇق قىلدى،ئاندىن مىنى پىكابىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى،كىيىن بىلسەم نەزەر مىنى ئاشۇ پور سىمىزغا سېتىۋەتكەن ئىكەن،ئۇ زەھەر سودىسى قىلاتتى،قول ئاستىدا نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى،مەن بېرىپلا ئاشۇلارنىڭ يۇپىغا قۇشۇلۇپ قالدىم ،كۈنلىرىم زەھەر سېتىش بىلەن ئۆتتى،ئارىدىن ئىكى يىل ئۆتكەندە ،ئۈزۈم ساتقىلى ئاچىققان زەھەرنى تېتىپ باققۇم كەلدى،كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردى،ئۈزۈممۇ بىلمەيلا زەھەرگە خۇمار بۇلۇپ قالدىم ،كىيىن باشقىلارنى دوراپ ئۇكۇل قىلىپمۇ ئۇردۇم، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مەن ساتقىلى ئاچىققان مال مەندىن ئاشمايدىغان بۇلۇپ قالدى،بۇنى پور سىمىز بىلىپ قېلىپ ،مىنى قاتتىق ئۇرغاندىن كىيىن ھەيدىۋەتتى،مەن قەيەرگە بېرىشنى بىلمەيتىم ،توختىماي خۇمارىم تۇتاتتى،ئاخىر ئامال بولماي تىنىمنى سېتىشقا مەجبۇر بولدۇم،شۇنداق قىلىپ تۇرمۇش يۇلۇم شۇنداق باشلىنىپ كەتتى،كىيىن ۋاقىت ئۆتكەنسرى يۇرتۇمنى سېغىندىم،ئاتا-ئانامنى سېغىندىم،شۇڭا قايتقۇدەك پۇل تېپىپ ،بۇ يەرگە قايتىپ كەلدىم ،بىلىمەن ،سىز ئەينى ۋاقىتتا مەندىن قاتتىق رەنجىگەن ،ئەمدى بولسىمۇ سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن ،مىنى كەچۈرۈڭ.
شۇ تاپتا مۇھەببەت قاققان قۇزۇقتەك ئولتۇراتتى،سۈرىيەنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئۇنى ئايلاندۇرۇپلا قويغانىدى،ئۇئۆز-ئۈزىگە توختىماي«نەزەر»دەپ پىچىرلايتتى.
-سىز نەزەر دىدىڭىزمۇ ؟،-مۇھەببەت يەنىلا ئىشەنمەي سۈرىيەدىن سورىدى.
-شۇنداق ،نەزەر ،سىز ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكەن،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خەلىق مەيدانىدا ،ئىسىڭىزگە كەلدىمۇ؟دەل ئاشۇ نەزەر دىگەن ھايۋان مىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىمغا سەۋەپچى بولغان،لىكىن ئۇمۇ قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىنىپتۇ.....
سۈرىيەنىڭ ئاخىرقى گەپ-سۆزلىرى مۇھەببەتنىڭ قۇلىقىغا كىرىپمۇ قويمايتتى،ئۇ شۇ تاپتا ئۆز گۈشىنى ئۈزى يىگۈدەك بۇلىۋاتاتتى،كاللىسىدا بىرلا ئۇقۇم يەنى،نەزەر سەن ئەينى ۋاقىتتا ئانامنىمۇ ۋەيران قىلغان ئىدىڭ ،ئەمدىلىكتە،مىنىمۇ ۋەيران قىلدىڭ،دىگەن سۆزلەر ئەكىس ئىتەتتى.
-توۋا!!!،-دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۈزىگە ،-ئۇ ھايۋان بىللە ياتقان قىز بىلەن ،مەنمۇبىللە يېتىپتىمەن،نىمىدىگەن نۇمۇسسىزلىق بۇ......
ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نوقتىدا قېتىپ قالغانىدى ،خياللىرى قالايمىقان بۇلۇپ ،ھېلى ئۇ ئىش ،ھىلى بۇ ئىش كاللسىغا كىرىۋالاتتى،ئۇ ئۈزىنى ئانىسىغىمۇ يۈز كىلەلمەيۋاتقاندەك ھىس قىلدى.
-مۇھەببەت ،ئەمدى ماڭايلى،سائەت ئىككى بۇپتۇ.
سۈرىيەنىڭ چاقىرىشى بىلەن خيال دەرياسىغا غەرق بولغان مۇھەببەت ،چۈچۈپ سۈرىيەگە قارىدى.
-نىمە ئويلاۋاتىسىز؟
-ھىچنىمە،ماڭايلى ئەمىسە.
ئۇلار ياندىشىپ ئۆيدىن چىقىپ ماشىنا تۇسۇدى ،يول بۇيى سۈرىيە توختىمىاي سۆزلەپ ماڭدى ،بىراق ،ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى مۇھەببەتنىڭ قۇلىقىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى،ئۇنى يەنە تۈگىمەس خىياللار چىرمىۋالغانىدى.
*** **** *** **** ****
-قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتىمۇ؟،-سۈرىيە مەسئۇل دوختۇردىن سورىدى.
-ئىسمىڭىز سۈرىيە شۇنداقمۇ ؟قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى،سىز چىقىپ رەسمىيەت ئۆتىگەچ تۇرۇڭ،مىنىڭ يىگىتىڭىزگە دەيدىغان گىپىم بار ،-مەسئۇل دوختۇر شۇنداق دەپ سۈرىيەنى ئىشخانىسىدىن چىقىرۋېتىپ مۇھەببەتنى ئېلىپ قالدى.
-سىز سۈرىيەنىڭ يىگىتىمۇ؟،-دوختۇر سىنچى كۆزلىرىنى مۇھەببەتكە تىكتى.
-بۇرۇن شۇنداق ئىدى،ھازىر پەقەتلا دوستۇم،نىمە،بىرەر ئىش بولدىمۇ؟،-مۇھەببەت قورقۇپراق دوختۇردىن سورىدى.
دوختۇر باشقا گەپ قىلماي ،ئىشخانىنىڭ سىرتىغا قاراپ بېقىپ ئىشىكنى ئىتىۋەتتى،بۇنىڭدىن مۇھەببەتنى بىر خىل ۋەھىمە چىرمىۋالدى.
-ھازىر راستىنلا باشقا مۇناسىۋىتىڭىز يوق شۇنداقمۇ ؟لىكىن شۇنداق بولسىمۇ قان تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
مۇھەببەتنىڭ يۈرىكى سۇقۇشتىن توختاپ قالغاندەك قىلاتتى.
-ئۇ قىز زەھەر چىكىشنى قاچان باشلىغان ؟سىز بىلەمىسز؟
-تۆت يىلچە بولدىمىكىن ،مەنمۇ بەك ئېنىق بىلمەيمەن.
-سىزگە بىر ئىشنى ئېتماقچىمەن،لىكىن ئۇ قىزدىن قەتئى مەخپى تۇتىشىڭىز كېرەك،بۇنىڭغا قۇشۇلامسىز؟
مۇھەببەت بېشىنى لىڭشىتتى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەزايى تىترەپ ،سوغۇق تەرلەپ كەتكەنىدى.
- ئۇ قىز ئەيدىس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپتۇ.........
-نىمە؟ئەيدىس........
مۇھەببەت ئايلىنىپ چۈشكىلى تاس قالدى،«ئاھ خۇدا.....مەن ئالدىڭىزدا قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگەندىمەن؟ئەيدىس.......ئۇ –ئەيدىس دىگەنلىك ،مەن ئەيدىس دىگەنلىك ئەمەسمۇ؟....»
دوختۇرنىڭ ئاخىرقى گەپ –سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئەسلا كىرىپ قويمايتتى،ئۇنىڭ كاللىسىغا «ئەيدىس »دىگەن سۆزلا كىرىۋالغانىدى،ئۇ ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈ بەردى،يۈز بەردىلا ئەمەس ،ئۈزى ھەم ئۈزى چىن دىلىدىن سۆيگەن كىشىنىمۇ ھالاك قىلدى،ئۇ دوختۇرنىڭ يېنىدىن قانداق قايتىپ چىققىنىمۇ بىلمەيتتى،قەدەملىرى ھالسىزلانغان بۇلۇپ،ئۈزىگە بويسۇنمايتتى،ئۇنى خۇددى دوزاققا ئېلىپ ماڭغاندەك تۇيۇلاتتى،كۆزلىرىدىن پۇشايمان،ھەسرەت ياشلىرى توختىماي قۇيۇلاتتى،ئۇنىڭ ياشلىرىغا قۇشۇلۇپ ھاۋامۇ بىردەمدە ئۆزگىرىپ شارقىراپ يامغۇر قۇيىۋەتتى،ئۇنىڭغا نە يامغۇر،نە كۈچلۈك شامال تەسىر قىلمايتتى،ئۇ بۇرۇن يامغۇرغا ئامراق ئىدى،يامغۇر ياغسىلا سىرتقا چىقىپ يامغۇردا تۇراتتى،لىكىن بۈگۈن يامغۇردىن ھۇزۇرلانغۇدەك ھالى قالمىغانىدى.
-مەن تۈگەشتىم،مەنلا ئەمەس مۇھەببەت قىزمۇ تۈگەشتى ،ھەممەيلەن تۈگەشتۇق،بۇ ماڭا نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى؟ئاھ خۇدا!!!......
مۇھەببەت چاچلىرىنى قاماللاپ يەردە تىزلانغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى،كوچىدا ئاندا –ساندا ئۈتۈپ كىتىۋاتقان ماشىنىلار ،ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ سىگنال بىرىپ باقاتتىيۇ،بىراق يەنە كىتىپ قالاتتى.
-مۇھەببەت قىز ،مىنىڭ ئاقكۆڭۈل پەرىشتەم ،مىنىڭ يۈرىكىم ،سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى مەن نابۇت قىلدىم،مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن.
ئۇ توۋلايتتى،ۋارقىرايتتى،يېغلاۋىرىپ ئۈنىمۇ پۈتۈپ كەتتى،ئۇ توختىماي ئۆز-ئۈزىگە نىدا قىلاتتى،مۇھەببەت قىزنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى.
-ياق!!!بىزنىڭ ئەيدىس بۇلۇپ قالغىنىمىزنى ھىچ كىشى بىلمىسۇن ،مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،سىز بولسىڭىز تىببى ئونۋىرستنىڭ كۆزگە كۈرىنەرلىك ئوقۇغۇچىسى ،ئەگەر كىشىلەر بىزنىڭ «ئەيدىس »ئىكەنلىكىمىزنى بىلسە ،بۇ نىمىدىگەن سەتچىلىك ھە؟ئەڭ ياخشىسى بىزنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغانلىقىمىزنى ھىچكىم بىلمىسۇن،ھىچكىم.....بىز ئىككىمىز بىراقلا بۇ نېجىس كىسەلدىن قۇتۇلايلى!!!
مۇھەببەت ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك ،ئۈزىنىڭ قارارىنى ئىشقا ئاشىرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپلا ،«مۇھەببەت قىز »دەپ توۋلىغىنىچە ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى.*** **** *** **** ****
ئازادە پاكىز كەلگەن قىزلار ياتىقى ،ھەربىر كارۋاتتا ئىككىدىن-ئۈچىن بۇلۇپ قىزلار ئولتۇرۋالغان بۇلۇپ،ئۆز-ئارا پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى،ياتاقنىڭ ئىچى سالقىن بۇلۇپ ،دېرىزىدىن يازنىڭ ئىزغىرىن شامىلى كىرىپ تۇراتتى،ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كىيىن نىمە ئىش قىلىش توغرىسىدا مۇلاھىزىگە چۈشكەنىدى،قىسقىسى ئۇلار ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ،ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى قوللىرىغا ئېلىپ ،خوشاللىقىدىن قېن-قېنىغا پېتىشماي قالغانىدى،ھەتتا ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىگە تىلىفۇن قىلىپمۇ ئۈلگۈرۈشكەنىدى.
-يەنە قەيەرگە ئۇچرىشىشقا ماڭدىڭ ،گۈزەل پەرىشتەم؟-زۇلفىرە پاراڭغا قۇشۇلماي ياسىنىپ ئولتۇغان مۇھەببەت قىزگە شۇنداق دىدى.
-ئېيتىپ بەرمەيمەنغۇ تازا؟،بۇ دىگەن مەخپى،-مۇھەببەت قىز شوقلۇق بىلەن زۇلفىرەنىڭ مەڭزىنى بوشقىنە چىمداپ قويدى.
-بۇلىدۇ،ئۇچرىشىشىڭنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇلىشىنى تىلەيمىز ،شۇنداقمۇ قىزلار،-زۇلفىرە شۇنداق دەپ ھەممە قىزلارنى ئۈزىگە قاراتتى.
ياتاقتىكى ھەممە قىزلار خۇددى مۇھەببەت قىز بىلەن ئەمدى مەڭگۈ كۈرىشەلمەيدىغاندەك ،ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم –ئايرىم قۇچاغلىشىپ چىقتى.
بۈگۈن مۇھەببەت قىز باشقا كۈنلەردىكىگە قارىغاندا بەكلا چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ،ئالتۇنرەڭ بۈدۈر چاچلىرىنى قۇيىۋەتكەنىدى،ئۇچىسىغا بولسايېڭىدىن ئالغان قىسقا ئاق كۆينىكى بىلەن ئىگىز پاشنىلىق ئاق ئايىقىنى كىيىۋالغانىدى.
ئۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ «ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى»نى سومكىسىغا سالدى دە،قىزلار بىلەن خوشلىشىپ ياتاقتىن چىقتى،ئۇ شۇ تاپتا مۇھەببەت بىلەن كۈرۈشۈشكە كىلىشكەن جايغا قاراپ كىتىۋاتاتتى،يۈرەكلىرى بولسا تىز-تىز سۇقاتتى،ئۇ ۈزىنى قانداق قىسمەتلەرنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى،پەقەت مۇشۇ ئاي ئۈتۈپ كەتسىلا،مۇھەببەت بىلەن تويى بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى،ئۇ ئالدىراپ ماڭاتتى،جۈپ خوشخەۋەرنى ئۆزسۆيگۈنىگە يەتكۈزۈشكە ئالدىرايتتى،ئۇ ئاخىرى كۈرۈشۈشكە كىلىشكەن مىھمانخانىغا يىتىپ كەلدى،ھەمدە بىر ياتاقنىڭ ئىشىكىنى بوشقىنە چەكتى.
-يائاللا ،ئەجەپ ئۇزۇندا كەلدىڭىز ،سىزنى بەك ساقلاپ كەتتىم،-مۇھەببەت ئىشىكنى ئېچىپلا شۇنداق دىگەچ مۇھەببەت قىزنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ ياتاققا ئەكىردى.
-ئۇنى بىر دىمەڭ،مەن خۇددى بىر يەرگە كىتىدىغاندەك ،دوسلىرىمنىڭ ھەممىسى مىنى قۇيۇپ بەرمەي ھايال قويدى،كەچۈرۈڭ ھە،-مۇھەببەت ئىشىكتىن كىرىپلا قوللىرى بىلەن ئۈزىنى يەلپۈپ كارۋاتقا بېرىپ ئولتۇردى،-ھاۋا نىمىدىگەن ئىسسىق ،قىزىپ ھالىمدىن كىتەي دەپ قالدىم.
مۇھەببەت باشقا گەپ قىلمايلا مۇھەببەت قىزنى چىڭ قۇچاغلىدى،ئۇ بۈگەۈن ئۈزىنىڭ قارارىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھەببەت قىزنى بۇ يەرگە چاقىرتقانىدى،ئۇ مۇھەببەت قىزنى بىر ھازا قۇچاغلاپ تۇرغاندىن كىيىن ،شىرە ئۈستىدىكى بىر قۇتا ئىچىملىكتىن ئىككى ئىستاكانغا لىقلاپ قۇيۇپ ،بىرىنى مۇھەببەت قىزگە سۇندى،مۇھەببەت قىز ئىستاكانننى قۇلىغا ئېلىپ ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن مۇھەببەتكە قارىدى.
-سەل ھەيران قېلىۋاتىمەن،بۈگەۈن دوسلىرىممۇ غەلىتە بۇلۇپ قاپتۇ ،سىزمۇ ھەم شۇنداق ،ماڭا تۈزۈك گەپ قىلمايلا ،ئۇزۇنغىچە قۇچاغلاپ تۇردىڭىز ،خۇددى مەن بىر يەرگە كىتىدىغاندەك.....
-ئۇسساپ كەتكەنسىز ،قېنى بۇ ئېچىملىكنى تېتىپ بېقىڭ ،ئاندىن پاراڭلىشايلى.
مۇھەببەت قىز تېخىمۇ ھەيران بۇلۇپ ،ئىستاكاندىكى ئىچىملىكنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى،مۇھەببەت ئىچملىكتىن ئىچىپ تۈگەتتى ھە،ئىچىملىكتىن يەنە ئىستاكانغا لىقلاپ قۇيدى.ئۇلار باشقا گەپ-سۆز قىلىشماي بىر قۇتا ئىچىملىكنى ئىچىپ تۈگەتتى.
-مۇھەببەت قىز ،بىز ئوبدان بىر پاراڭلىشايلى،سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپ-سۆزلىرىم بار....
-ئاۋال مىنىڭكىنى ئاڭلاڭ،بۇلامدۇ؟،-مۇھەببەت قىز ئەركىلەپ مۇھەببەتنىڭ بوينىغا گىرە سالدى.
-بۇلىدۇ،ئاۋال سىزنىڭكىنى ئاڭلاي،ئايىقىڭىزنى سېلىپ كارۋاتقا چىقىپ ئولتۇرۇڭ.
ئۇلار ئاياغلىرىنى سېلىشىپ كارۋاتقا چىقىپ ئولتۇردى.
-سىزگە ئېيتىدىغان ئىككى خوشخەۋەر بار .
-قانداق خوشخەۋەر ؟مىنى تەقەززا قىلماي تىزراق دەڭچۇ؟
-بىرى ،مەن ئاخىرى «ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى»نى قۇلۇمغا ئالدىم ،بۇ بىرىنچى خوشخەۋەر ،يەنە بىرى.....يەنە بىرى......
-يەنە بىرىچۇ؟
-يەنە بىرى....راست گەپ قىلسام خىجىل بۇلىۋاتىمەن.
-خىجىل بولماڭ،ئىككىمىز بىر-بىرىمىزدىن تارتىساق قانداق بۇلىدۇ؟،-مۇھەببەت ئۇنى تىزراق دىيىشكە ئۈندىدى.
-يەنە بىرى....مىنىڭ بۇيۇمدا قاپتۇ،ئىككى ئاي بۇلاي دەپ قاپتۇ.
-نىمە دىدىڭىز!!!!،-مۇھەببەت چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-مەن تېخى سىزنى خوشال بۇلارمىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن ،ئەگەر سىز خاپا بولغان بولسىڭىز ،ھازىرلا بېرىپ بالىنى ئالدۇرۋىتەي،-مۇھەببەت قىزنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ مۇھەببەتكە كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۋالدى.
مۇھەببەت ئاسا مۇھەببەت قىزنىڭ كەينىدىن قۇچاغلاپ ،ئۇنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويدى،شۇ تاپتا ئۇ كۆز ياشلىرىنى تۇتىۋالالماي قالغانىدى.
-نىمە بولدى مۇھەببەت ؟يېغلاۋاتامسىز؟مىنى ھەيران قالدۇرماڭ،ئەركىشىمۇ يېغلامدۇ،-مۇھەببەت مۈرۈسىنىڭ ھۆل بۇلىشىدىن ئەندىكىن ئىتتىك ئۆرۈلۈپ مۇھەببەتكە قارىدى.
-مەن ئۈزۈمنى نابۇت قىلدىم ،سىزنى نابۇت قىلدىم ،ھەم ئۆ يۈرەك پارەمنىمۇ نابۇت قىلدىم .
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟مەن پەقەت چۈشىنەلمىدىم،-مۇھەببەت تېخىمۇ ھەيران بولدى.
مۇھەببەت گەپ قىلماي ،مۇھەببەت قىزنىڭ مۆرىلىرىدىن تۇتۇپ ،ئاستا ياتقۇزدى،ھەمدە كارۋاتتى چۈشۈپ دېرىزە پەردىلىرىنى ھىم ئىتىپ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋىتىپ ،مۇھەببەت قىزنىڭ يېنىغا چىقىپ ياتتى.
-بىلەمسىز ،پەرىشتەم ؟بىر بايا ئىچكەن ئىچىملىك ئۆتكۈر زەھەرلىك ،مەن ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا ئېتىل ئېفىر ئارلاشتۇرىۋەتكەن ئىدىم ،نىمىشقا دەپ سورىماڭ،سىز ماڭا نەپرەتلىنىڭ ،بىر قېتىملىق خاتالىقىم تۈپەيلىدىن سۈرىيە بىلەن بىللە بۇلۇپ قالدىم ،بىراق ...بىراق بىلەمسىز ؟ئۇ ئەيدىس ئىكەن ،مەنمۇ باشتا بۇنى بىلمەيتتىم ،تېخى بىلگىلى نەچچە كۈن بولدى،ئۇ ماڭا يۇقتۇردى ،مەن سىزگە ،ئۆزبالامغا يۇقتۇردۇم.......
مۇھەببەت قىز گەپ-سۆز قىلمايتتى،ئۇنىڭ كۆزلىرى قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرگەن بۇلۇپ ،مۇھەببەتكە قادالغانىدى،مۇھەببەت بولسا سۆزلىرىنى تۈگىتىپ بۇلۇپ يۇم –يۇم يېغلاپ كەتتى،مۇھەببەت قىزنىڭ كۆزلىرىمۇ لىق ياشقا تولغانىدى.
-كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ھاقارەتلىنىپ سەت نام بىلەن ياشىغۇچە ئۈلىۋېلىشنى لايىق تاپتىم ،مەن باشتىلا سىزگە ۋەدە بەرگەن ،ئەگەر ئۈلىدىغان ئىش بولسا سىز بىلەن تەڭ ئۈلىمەن دىگەن ئىدىم ،سىزگە قىلغان ۋەدەم ئەمەلگە ئاشتى.......
......
-بىر ئېغىز بولسىمۇ گەپ قىلىڭ ،مىنى تىللاڭ ،ئۇرۇڭ ،مەندىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىڭ،مىنى نىمە قىلىۋەتسىڭىز ئەرزىيدۇ.....
......
-سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى مەن نابۇت قىلدىم ،ئەگەر ئۇ ئىشلار بولمىغان بولسا سىز بىر ياراملىق دوختۇر بۇلاتتىڭىز ،بىراق ،ئەمدى ھەممىسى تۈگىدى.....
......
-بۇيىڭىزدا قالغىنىنى بىلمەپتىمەن ،مەن قاتىل ،سىزنى ،ئۆز يۈرەك پارەمنى ئۆلتۈردۈم......
......
-گەپ قىلىڭ مۇھەببەت قىز ،ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمىز قالغۇچە پاراڭلىشايلى ،سىزنى قىلغان ھەر بىر سۈزىڭىز مەن ئۈچۈن بەك قىممەتلىك ،بۇنى بىلەمسىز ،سىزنى بۇرۇنمۇ ياخشى كۆرگەن ،ھازىرمۇ ياخشى كۈرىمەن ،بۇندىن كىيىنمۇ ياخشى كۈرىمەن،گەپ قىلىڭە.....
......
مۇھەببەت قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇھەببەتنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ ئۇنى چىڭ قۇچاغلىدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان بۇلۇپ ،چىرايىدىن بىرخىل سۇس تەبەسسۇم چىقىپ تۇراتتى.
-مىنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت ،مىنى ئالدىمىغىنىڭزغا رەھمەت ،سىز بىلەن بىللە ئۈلۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ....ئاللاغا رەھمەت ،سىز بىلەن بىرگە ئۈلۈشكە نىسىپ قىلغىنىغا رەھمەت ......
ئۇلار توختىماي پىچىرلايتتى،لەۋلەر توختىماي بىر-بىرىگە ھارارەت ئۆتكۈزىشەتتى،تەنلەر چىڭ چىرمىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ،بەخىتىىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدەكۈلكە ئەكىس ئىتەتتى.
ۋاقىت ئىنتايىن ئاستا ئۈتىۋاتاتتى،ھاۋا تەڭشىگۈچتەن چىقىۋاتقان سوغۇق شامال ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى يىنىك ئۇچۇرۇپ تۇراتتى.
ۋاقىت ئۆتتى،ئۇلارنىڭ قۇچاغلىشىپ ياتقان تۇرقى بەئەينى ھەيكەلگىلا ئوخشاپ قالغان بۇلۇپ،ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى بىر-بىرىگە قىيىشمىغاندەك،ئۆز-ئارا قاراشقىنىچە قېتىپ قالغانىدى،چىرايىدىن بولسا تەبەسسۇم كەتمىگەنىدى،ئۇلار خۇددى ئۆزلىرىگە كېپەنلىك تەييارلىغاندەك ھەر ئىككىلىسى ئاق كىيىم كىيىۋالغانىدى.
ۋاقىت ئۆتتى،ھاۋا تەڭشىگۈچتىن تېخىچىلا سوغۇق شامال چىقىپ ،قېتىپ مۇزلاپ كەتكەن بۇ بىر جۈپ ئاشۇق-مەشۇقنىڭ كىيىملىرىنى ،چاچلىرىنى يەڭگىل ئۇچۇرتۇپ تۇراتتى.
تۈگىدى.
2008-يىل 8-ئاي(ئاۋات)
评论