-
2010-05-09
قوشكىزەكلەر (2-بۆلەك )
*** **** ***** ***** *****
بۈگۈن چۈشتىن كىيىن دەرس بولمىغاچ ، نەرگىزە سىرتقا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىقتى . ئۇ يول بۇيىدا ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىپ بارغان قىز -يىگىتنى كۈرۈپ تۇيۇقسىزلا ئەخمەتنى ئويلاپ قالدى .لىكىن نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئويلاپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيتتى . ھېلىقى كۈنى ئەخمەتنى ئۇچراتقاندىن بۇيان ئۇنى مەكتەپتە كۈرۈپ باقمىغانىدى ، << ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئاللىقانداقتۇر پەلسەپىسىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارىدۇ >> نەرگىزە كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ مېڭىۋىتىپ تۇيۇقسىز بىرىگە يىنىك سۇقۇلۇپ كەتتى . ئۇ كەچۈرۈم سورىماقچى بۇلۇپ بېشىنى شۇنداق كۆتۈرۈپلا چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئالدىدا ئەخمەت مۇلايىم ھالدا ئىللىق كۈلگىنىچە نەرگىزەگە قاراپ تۇراتتى . بۇ ھالدىن نەرگىزە ھەم ھۇدۇقۇپ ھەم ھەيران قالدى .
_ توۋا ، زامان ئاخىرى بۇلىۋاتامدۇ نىمە ؟
ئۇ بۇ گەپنىڭ ئېغىزىدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى .
_ راست ..راست ...زامان ئاخىرى بۇلىۋاتقان ئوخشايدۇ . كىمنى خىيال قىلسا شۇ كۆز ئالدىدا پەيدا بۇلىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ __ دېدى ئەخمەت كۈلگەچ نەرگىزەنىڭ گىپىنى تۇلۇقلاپ ،_ تېخى ھازىر سىزگە تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرغانىدىم ..
بۇ گەپتىن نەرگىزەمۇ كۈلۈپ كەتتى .
_ بۈگۈن ئۆزىڭىز يالغۇز بازارغا چىقىپسىزغۇ ؟ __ سورىدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ تېخىچە خىجىل بۇلۇپ تۇرغىنى كۈرۈپ .
_ھەئە ، چۈشتىن كىيىن دەرس يوق ئىدى ، ئۆزۈمچە سىرتقا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىققان ئىدىم ، ئۆزىڭىزمۇ يالغۇز بازارغا چىقىپسىزغۇ ؟
_ بۈگۈن ئۆيدىكىلەر پۇل سېلىپتىكەن . ئازراق ئالىدىغان نەرسىلىرىم بار ئىدى ، شۇڭا چىققان ئىدىم .
ئىككىسى بىر -بىرىگە ھەمراھ بولغاچ بىللە بازارغا چىقتى ، ئەخمەت نەرگىزەنى قورۇنۇپ قالمىسۇن دەپ يول بۇيى قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى كۈلدۈرۈپ ماڭدى ، نەرگىزەمۇ بۇ ئۆگۈنۈشتە تىرىشچان ، ئۆزى كىلىشكەن ، شوخ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى .
ئۇلار ئۆزىگە كىرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن بىللە مەكتەپكە يېنىپ كەلدى .
_ نەرگىزە ، ھازىر كىرىپ ئوبدان ئارام ئېلىڭ ، كەچ بۇلىدىغانغا يەنە خېلى بار ئىكەن ،ئەگەر خالىسىڭىز كەچتە بىللە تاماق يەيلى ، بۇلامدۇ ؟ __ سورىدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ قۇشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرگەندك قىلىپ ..
_ بۇ .. مەيلى ئەمىسە . ئۇنداقتا كەچتە بىللە تاماق يەيلى .
ئەخمەت نەرگىزەنىڭ بۇ ئۇماق تۇرقىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى .
- بۇلىدۇ ، ئۇنداقتا سىزنى سائەت 6 دە 1- ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن .
ئۇلار خوشلىشىپ ئۆز ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىشتى .
نەرگىزە ئەمدى ياتاققا كىرىپ تۇرىشىغا ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان قوشنا ياتاقتىكى ساۋاقدىشى شەھىدە كىرىپ كەلدى . ئىككىسى ئادەتتە بەك يېقىن بۇلۇپ قانداق گەپلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئېيتىشىپ مەسلىھەت سورىشاتتى . بۇرۇن نەرگىزە ئەخمەتنى تۇنۇمايدىغان ۋاقىتتا شەھىدە ئۇنىڭ گەپلىرىنى بەكراق قىلاتتى . ئىككىسى بىر - بىرى بىلەن مەڭزىلىرىنى يېقىشىپ كۈرۈشتى .
_ سىنى ئىزدەپ ياتىقىڭغا بۇنىڭ بىلەن تۆت قېتىم كىردىم ، سەن كالۋا نەگە كەتتىڭ ، تېلفۇن قىلسام ئىتتىك ئىكەن ، قارسام توك قاچىلاپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىپسەن ..
شەھىدە كىرە -كىرمەيلا ئۇنى سوتلاپ كەتتى .
- شۇ بازارغا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ ھازىر كىرىشىم .. سەن كالۋا ، ئۆزۈڭ چۈشتىن كىيىن ئىشىم بار دىگەن ئەمەسمىدىڭ ؟
- شۇ.. ئەسلى يېزا -ئىگىلىك ئۇنۋىرستىتىدىكى بىر دوستۇم بىزنىڭ مەكتەپكە چىقماقچى ئىدى ، ساقلىسام -ساقلىسام كەلمەي تېخى بايا بارالمايدىغان ئوخشايمەن دەپ ئۇچۇر يېزىپتۇ . ئاچچىقىمدا يېرىلغۇدەك بولدۇم ... ھەراس . كەچتە بىزنىڭ سىنىپتىكى نۇربىيە بىلەن ئېرشات يۈرگىنىنىڭ بىر ئايلىقىنى تەبرىكلەپ سىنىپتىكى ئۇيغۇر ساۋاقداشلارنى مېھمان قىلىدىغان بۇلۇپتۇ . تاماقنى شۇ يەردىن يەيدىكەنمىز ، بىللە چىقىمىز جۇمۇ !!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەرگىزە نىمە قىلارىنى بىلمەي قىزىرىپ كەتتى .
- ئاداش ... مەن ..مەن ..._ ئۇ كەچتە ئەخمەت بىلەن تاماق يەيدىغان ئىشنى ئۇنىڭغا قانداق دىيىشنى بىلمەي قالغانىدى .
- ۋاي . سەن نىمۇ ؟ تولا تىلىڭنى چىشلىمەي دىمەمسەن تېز ؟
- مەن كەچتە بىرسى بىلەن تاماق يەيدىغان بۇلۇپ دىيىىشىپ قويغان ئىدىم .
- ئوھوي ... _ ئەزەلدىن ناھايىتى تارتىنچاق نەرگىزەنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان شەھىدە ھەيران قېلىپ ،__ مۇنداق دە ! سەندەك قار مەلىكە بىلەن تاماق يىيىشكە جۈرئەت قىلالىغان قايسى ئاق ئاتلىق شاھزادىكەن ئۇ ؟
بۇ گەپتىن نەرگىزە تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتى ،
_ ھېلىقى ئەخمەتنى بىلىسەنغۇ . سەن دائىم گىپىنى قىلىدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ، شۇ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى .
- ھەئە ؟ _ بۇ گەپتىن شەھىدە ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر گەپنى ئاڭلىغاندەك ھەيران بۇلۇپ چىرايى باشقىچە تۈس ئالدى ، نەرگىزە بۇلارغا دىققەت قىلمىغانىدى ، شەھىدە تېزلا يالغاندىن كۈلگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى .
__ ھۇي ، ھېلىقى چىرايلىق ئەخمەت سېنى تاماققا تەكلىپ قىلدىمۇ ؟ مەن تېخى ئۇنى كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان تازا كىتاببۇرش بالا ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، سېنى تاماققا قانداق تەكلىپ قىلالىغاندۇ ؟ ئۇمۇ قىزلارغا گەپ قىلالايدىكەن ھە ؟ !!
شەھىدە نەرگىزە بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭ چىرايىنى قاپقارا بۇلۇتلار قاپلىغان بۇلۇپ ، ھازىرلا يىغلىۋىتىدىغاندەك قىلاتتى . نەرگىزە ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئەخمەت بىلەن كۈرۈشۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى . ئۇ ئۆزى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان چىرايلىق ئەتلەس كۆينىكىنى ، چىمەن دوپپىسىنى كىيدى .ۋاقىت ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ 6 بۇلۇپ قالغانىدى ، نەرگىزە ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا ئەخمەت بىلەن دىيىشكەن جايغا قاراپ يول ئالدى ، ئۇ بارغىنىدا ئەخمەت ئاللىبۇرۇن كىلىپ بولغان ، نىمىنىىدۇر خىيال قىلغان ھالدا نەرگىزەنى ساقلاۋاتاتتى . ئۇلار بىللە مەكتەپنىڭ غەربى ئىشك تەرىپىگە يېڭىدىن ئاچقان خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق يىدى ، تاماقتىن كىيىن مەكتەپنىڭ گۈللۈك باغچىلىرىدا بىللە ئايلاندى ، ئەخمەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسى غايىلىرىنى ، بۇندىن كىيىنكى يەتمەكچى بولغان نىشانىنى سۆزلەپ نەرگىزەنى تېخىمۇ جەلپ قىلىۋالغانىدى ، نەرگىزە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىتىپ بارغىنىدىن ئالەمچە شادلىققا چۈمۈپ ئۆزىنى شۇنچە ئەركىن ، خۇشال ھىس قىلماقتا ئىدى .
*** **** ***** ***** *****
ئادىلە ناھايىتى ھارغىن ھالدا بازاردىن يېنىپ ئۆيگە كىتىپ باراتتى ، يولدا بىر نەچچە ياش بالىلار يىغىلىۋىلىپ قەرت ئويناۋاتقان ئىدى ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن كىتىپ بارغىنىدا تۇيۇقسىز بىرى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئىسىقىرتتى ، ئادىلە بۇنى كۈرۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇلارغا پىسەنتمۇ قىلماي ئۆز يۇلىغا كىتىۋەردى . لىكىن ئارىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى قىلىقسىز گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ جايىدا توختاپ ئارقىسىغا قارىدى ، ئۇلار ئادىلەگە قاراپ كۈلۈشمەكتە ئىدى ، ئادىلە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنى تۇنۇيتتى ، بۇ يىگىت ئادىلە بىلەن قوشنا بۇلۇپ ،ئۇمۇ بازار ئوينايدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى . ئادىلە غەززەپ بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ھومىيىپ قويدى ھەم قول ئىشارىسى بىلەن ئۇنى چاقىرتىپ :
__ مەمەت ، بايا ماڭا ئىسقرتقىنىڭ قايسىڭ ؟
_ ھېېچقايسىمىز ئىسقرتىمىدۇق . كاللاڭ قىزىپ قالدىمۇ سېنىڭ ، بۈگۈن سوداڭ ياخشى ئەمەس ئوخشىمامدۇ ؟ ...__ دېدى مەمەت تېخىمۇ سەت ھىجىيىپ .
ئادىلە ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن غەزەپلىنىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ ئاغزىنى ئۇپرىتىشنىڭ ئورنىغا كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالدى. چاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن مەمەتنىڭ باشقا دوستلىرى تەڭلا پاراقلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى .
__ ساڭا دەپ قۇياي ، بۇندىن كىيىن ماڭا مۇنداق ماز قىلىق قىلىپ بەرمە ، ئاۋۇ ئۆيگە بېرىپ ئاچا -سىڭىللىرىڭغا ئىسقىرتىپ بەر ، بىلدىڭمۇ ؟
ئادىلە شۇلارنى دەپ شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ يان تەرىپىگە قارىۋىدى ، ساقچى باشلىقى ئادىل ئۇلار تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ئادىلە بۇنىڭدىن تېخىمۇ خىجىلچىلىققا چۈمۈپ ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . مەمەتنڭمۇ شۇ تاپتا ئادىلەنى كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالغۇسى بولسىمۇ ساقچىنى كۈرۈپ جايىدا مىدىر قىلماي جىم تۇرىۋالدى . ئادىل ئادىلە تاكى يان تەرەپتىكى تار كوچىغا بۇرۇلۇپ كىرىپ كەتكۈچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى . ئۇ كىرىپ كەتكەندىن كىيىن مەمەتكە قاراپ ئېيتتى :
__ بۇ قىزچاق بەك يامان ئوخشىمامدۇ ؟
__ ھەئە ، بىز كونا تۇنۇشلاردىن .
__ ئىسمىڭ نىمە ؟
__ مەمەت .
__ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ __ ئادىل ئۇنىڭدىن جىددىي تەلەپپۇزدا خۇددى جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقان قىياپەتتە سورىدى .
__ ھازىر ئىشلەيدىغان ئورۇن يوق ، خىزمەت ئىزدەپ يۈرۈيمەن.
__ شۇڭا ساڭا ئىش چىقماي يولدا كىتىپ بارغان قىزلارغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈيدىكەنسەن دە !
بۇ گەپتىن مەمەت قىزىرىپ خىجىل بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭ باشقا دوستلىرىمۇ بىزنى سوراق قىلىپ قالمىغىيدى دەپ تەشۋىشكە چۈشكەنىدى . لىكىن ئادىل ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي بايا ئادىلە كىرىپ كەتكەن كوچا تەرەپكە قاراپ كىتىپ قالدى .ئادىلە يول بۇيى ئادىلنى ئويلاپ ئۆيىگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي قالدى ، ئۇنىڭ ئەس ئىسىيادى مەمەتنىڭ قالايمىقان گەپ قىلىپ ئادىلغا ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىپ يۈرۈيدىغان قىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قۇيۇشى ئىدى ، ئادىلنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپتى -بەشرىسىنى بىلىپ قېلىشىدىن قورقىۋاتاتتى ، ئۇ ئۆيىگە كىرىپ غېرىبانە كۆلبىسگە كىردى -دە ، قانداقتۇر ئۇھ تارتىپ ئاھ ئۇرغىنىچە تامغا ئېسىپ قۇيۇلغان ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئەينەكتە قىرقىم چاچلىق ، يۈزلىرى يۇمىلاق كەلگەن ، قاشلىرى ھىلال ئايغا ئوخشاش ، كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇندىلىرى ئوخچۇپ تۇرىدىغان ، زىلۋا ، ئىگىز بۇيلۇق بىر قىز نامايان بولدى ، بۇ ئادىلە ئىدى . ئۇ ئەينەككە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى ...ئۇنىڭ ھاياتىمۇ ئالدىدىكى مۇشۇ خۇنۇك ، بەزى يەرلىرى پۇچۇلغان ئەينەككە ئوخشايتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئويلاپ ئۆز - ئۆزىدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتى ، ئۇنىڭمۇ باشقا قىزلارغا ئوخشاش ھالال ياشاپ ، ھاياتىنى خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزگۈسى كىلەتتى .ئۇ شۇلارنى ئويلاۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش ئىختىيارسىز سىرغىپ چۈشتى . ئادىلە چىراي دىسە چىرايى بار ، قاملاشقان ، لىۋەن ، كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك قىز ئەمەسمىدى ،لىكىن بۇ جەمئىيەت ، ئۇنىڭ دادىسى بۇ غۇنچىنى ئېچىلدۈرمايلا غازاڭ قىلماقچى بۇلىۋاتىدۇ ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ گۈزەللىكىمۇ ئۆزىگە تالىق ئەمەس ...
ئادىلەنىڭ خىيالىدىن ئادىل تېخىچە كەتمەيۋاتاتتى ، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى خىيالىدىن چىقىرالماي ، ئاخىرى دىقىتىنى بۇراش ئۈچۈن ئۆي يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە توختاپ قالدى . ئۇ دادىسىنى كۈرۈپ قالغانىدى . دادىسى ئۇنىڭغا غەزەپلىك قاراپ تۇراتتى .
_ بۈگۈن بازارغا چىقمىدىڭما ؟ __ دادىسىنىڭ غەزەپلىك ئاۋازى جىمجىتلىقنى بۇزدى .
_ چىقتىم ، تېخى بايىلا يېنىپ كىرگەن . بۈگۈن بازاردا ئادەملەر ئازكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەگىلا قارىسىڭىز ساقچى ...
بۈگۈن ئادىلەگە دادىسى باشقىچە قورقۇنچلۇق كۈرۈنۈپ كەتتى ، ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى تىللاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى . تۇيۇقسىز دەرۋازىنى بىرسىنىڭ ئۇرغان ئاۋازى ئارقىدىنلا << ئادەم بارمۇ >> دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ، ئادىلە تېزلا سىرتقا چىقىپ توۋلىدى .
__ كىمۇ ؟
_ ئادىلەمۇ سەن قىزىم ، مەن ..مەن ...ئەركىن تاغاڭ .
ئادىلە بۇ ئاۋازنى بىر ئاڭلاپلا تۇنىۋالدى ، بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا بەكمۇ تۇنۇش بۇلۇپ ، كىچىكىدىن مۇشۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدى .
ئەركىن دادىسىنىڭ كونا ئاغىينىسى بۇلۇپ ،ئادىلە ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ ئىچكىردە شۇ ئادەمنىڭ باشقۇرىشى بىلەن ئوغۇرلۇق قىلدى ، بەزىدە ۋەزىپىسىنى تولۇق ئۇرۇندىيالمىغانلىرىدا بولسا ئۇنىڭ تاياقلىرى ، تىللاشلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى . شۇنداق قىلىپ ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىپ 16 ياشقا كىرگەندە ئاخىرى دادىسى ئۇنى شىنجاڭغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەنىدى . ئادىلە كىيىن دادىسىنىڭ ئۇنى ئەركىن لوبەنگە ھەريىلىقىنى 10 مىڭ يۈەندىن سېتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ، شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ ئەمدى خوشال بۇلۇپ تۇرىشىغا دادىسى ئۇنى يەنە كونا كەسىپنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى . ئادىلە ھېچ چۈشەنمەيتتى ، باشقىلارنىڭ داد ا- ئانىسى ئۆز قىزلىرىنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇش تۈگۈل ،ئۇلارنى قەدىرلەپ ، ياخشى ئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربييلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . لىكىن ئادىلەنىڭ دادىسى ئۇنى جىنايەت پاتقىقىغا سۆرەپ ئەكىرىدۇ ...
ئەركىن لوبەننى كۆرگەن ئادىلەنىڭ دادىسى پايپىتەك بۇلۇپ، قىلىدىغانغا قىلىق تاپالماي پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك تىپىرلاپ ھېلى ئادىلەنى تاماق ئىتىشكە بۇيرىسا ھېلى ئۇنى سىرتتىن ھاراق ئەكىلىشكە بۇيرۇيتتى . ئادىلە ئەركىن لوبەننى پەقەت ياقتۇرمايتتى ، ئۇنى ھەربىر كۆرگىنىدە ئىچكىرىدە كۆرگەن ئېچىنىشلىق كۈنلىرى ئېسىگە كىلىۋىلىپ ، ئۇنى چايناپ -چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى كىلىپ كەتتى . دادىسىنى ئوبدان بىلەتتى ، ئۇ پەقەت ئەركىن لوبەننىڭ ھەر قېتىم كەلگىنىدە كۆڭلۈم دەپ ئەكىلىدىغان نەچچە مىڭ يۈەن پۇلىنى كۆزلەپلا ئۇنىڭغا شۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى ...
ئادىلە ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئەتكەچ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ تۇردى .
_ گىپىمگە كىر ئاداش ، _ بالىنى ئۇ ئىشقا سېلىۋەرمە ...ئۇنىڭغا قارىغىنە .. قارىساڭ گۈلدەك گۈزەل چىرايلىق قىز بوپتۇ . سەن ئۇنى مەڭگۈ مۇشۇنداق يۈرىۋەرسۇن دەمسەن؟
_ ياق ،ئاداش ... مېنىڭمۇ ئۇنى مەڭگۈ بۇ ئىشقا سېلىىۋەرگۈم يوق .. بەزىدە ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كىتىدۇ . مەن ئۇنى مۇشۇ كۈنگە قۇيۇپ ،تىللاپ -ئۇرساممۇ دادا دەپ مېنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ ..
ئادىلە دادىسىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا بولغان مىھرى نەپرىتىدىن ئېشىپ كىتىۋاتاتتى .
_ ئاداش ، بۇ دىگىنىڭ بەك توغرا بولدى ، ساڭا دەپ قۇياي ، ئۇ ھازىر 18 ياشقا كىرىپ قالدى ، ئۇنىڭ خۇشپۇراق گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان ۋاقتى ، مەن پەقەت سېنىڭ ئاغىينەڭ بولغاندىكىن ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن .. ئەگەر ئادىلەنى ماڭا ياتلىق قىلساڭ ئۇنى ھەرگىز جاپادا قويمايمەن . سېنىڭ تۇرمۇشۇڭمۇ بۇنىڭدىن ياخشى بۇلىدۇ . ھازىر كۈرىۋاتىسەنغۇ .. نۇرغۇن قىزلار باشقا ئوغۇللارنىڭ كەينىدىن قېچىپ ئاتا -ئانىسىنى داغدا قۇيىۋاتىدۇ . سەن دىققەت قىلمايدىغانلا بولساڭ ئۇمۇ بىر كۈنلەردە سېنى تاشلاپ قېچىپ كىتىدۇ ...
ئادىلە ئەركىن لوبەننىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ چۈشەيلا دەۋاتاتتى ، دادىسىدىن چوڭ ئادەمنىڭ تەپتارتماستىن ئۆزىگە قانات سۆرەپ خىجىل بولماي مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىدىن غەزەپلەنمەكتە ئىدى .
_ بۇ دىگىنىڭلىمۇ توغرا ئاداش ... مەن ئويلىنىپ باقاي .. مەن دىسەم ئادىلە ھەرگىز گىپىمنى يىرمايدۇ .شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ رايىنى ئېلىشىمىز كىرەك ، مەن ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىپ باقاي ..
دادىسى بولغان ئادەمنىڭ قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئادىلە ھازىرلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇدەك بۇلۇپ كەتتى ، بايىقى ئۇنىڭغا بولغان مىھرى بىردەمدىلا غايىپ بولغان يۈرىكى مۇز بۇلۇپ قاتتى ، ئىچىدە دادىسىنى قارغىماقتا ئىدى ...ئەتىسى كەچتە ئادىلە ئۆيگە بالدۇر قايتىپ كىلىپ بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ ھېرىپ كەتكەنلىكتىن بالدۇرلا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى . بىر چاغدا ئۆيدىكى تاراق -تۇرۇق قىلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى . دادىسى مەست ھالدا قايتىپ كەلگەنىدى . ئۇ دادىسىنىڭ مەست ھالىتىدىن بەك قورقۇيتتى ، شۇڭا ئۇ تېزلا ئويغىنىپ دادىسىنڭ ئالدىدا بېشىنى ئىگىپ تۇردى .
__ قېنى ئەتكەن تامىقىڭ ؟__ ۋارقىرىدى دادىسى .
_ بۈگۈن تاماق ئەتمىدىم .
_ نىمىشقا ؟
_ ئۆيدە سەيلەر قالماپتىكەن ...
_ ئۇنداقتا ماڭ يۈگۈر ، بازاردىن ئەكەل .
_ يېنىمدا پۇل يوق ... _ ئادىلە قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى .
_ بۈگۈن تاپقان پۇلچۇ ؟
_ بۈگۈن سودا قىلالمىدىم .
_ يالغان ! ماڭا تولا يالغان ئېيتما !
_ راست دادا ، بۈگۈن بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ سودا قىلالمىدىم ..
_ ماڭا تولا يالغان سۆزلىمەي ، تاپقان پۇلنى تېز چىقار !!! _ دادىسى بارغىنىچە ئادىلەنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ سىلكىشلەشكە باشلىدى . .ئادىلە ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى .
دادىسى توختىماي ۋارقىرايتتى .
_ يالغان سۆزلىمەي پۇلنى چىقار دەيمەن ...
__ راست دادا .. بۈگۈن راستىنلا ھېچنىمە جۆندىيەلمىدىم ...
_ۋۇ يارىماس پاسكىنا ! __ ئۇ ئادىلەنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىر كاچات سالدى ، ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆيدىن دەلدەڭشىگەن ھالدا چىقىپ كەتتى ، ئادىلە قاتتىق خورلۇق ،ئەلەم ھېس قىلىپ ھۆكىرەپ يىغلىماقتا ئىدى ....