• 2010-يىللىق ئۆزبەكچە يېڭى ئىتوت - [ناخشا -مۇزىكىلار]

    ئۆزلۈكىمىزنى ساقلايلى ، كىملىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى !

    بۇ بىزگە قېرىنداش بولغان ئۆزبىكلەرنىڭ 2010-يىللىق نۇرۇز پائالىيتىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكى ، ھەممىڭلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
    شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، قۇۋمنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە سالاھىيتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە سالاھىيتى بىلەن بەلگىلىنىدۇ . بىر جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلىنىشى __خۇتۇنلارنىڭ بۇزۇلىشىدىن باشلىنىدۇ .

    يېڭى بىر ئەسىر مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق . تارىخنىڭ ئاۋازى ئەسلىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى يادىمىزغا سالدى . بىز بۇ يېڭى ئەسىر بۇسۇغىسىدا تۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز ، كىلەچەك ۋە ئىستىقبالىمىز ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا توغرا كەلدۇق !!