• 2010-04-25

    چۈش تەبىرى!!


    چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇ تەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدىنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتىرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە .

  • 2010-04-25

    مەكتەپ ھاياتىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە    -  بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت.
    *مۇئەللىم  -  خاسىيەتلىك ئادەم.
    *سىنىپ يىغىنى  -  ئوچۇق سوت ئېچىش.
    *ئۆگىنىش باشلىقى  -  يالغان ۋولمىس.
    *دەرس ۋاقتى  -  كۈندۈزدىكى ئۇيقۇ.
    *ئىتتىپاق ئەزالىرى  -  بەشىنجى باشقارما ھەركەتتە.
    *تۇيۇقسىز ئىلىنغان ئىمتىھان  -  تەقدىرنىڭ چاقچىقى.
    *ئىمتىھان قەغىزى  -  ھالاكەت ئارخىپى.
    *ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر  -  موسكىۋا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ.

  • 2010-04-25

    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى تېمىغا يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش


    1.مۇشۇ چاغدا مۈگدەپ قالسىڭىز، چۈش كۆرىسىز؛ مۇشۇ ۋاقىتتا ئۈگۈنۈش قىلسىڭىز چۈشىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.

    2.مېنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكەن بۈگۈنۈم تۈنۈگۈن جان ئۈزگەن ئادەمنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى يەتمەكچى بولغان ئەتىسى.

    3.تولىمۇ كېچىكتىم دەپ قارىغىنىڭىز بىلەن ئەمەلىيەتتە بالدۇر باشلىدىڭىز.

    4.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.

    5.ئوقۇۋاتقان چاغدىكى ئازاب ۋاقىتلىق، ئۆگىنەلمىگەندىكى ئازاب مەڭگۈلۈك.

    6.ئۆگىنىش قىلىشتا ۋاقىت يوق ئەمەس، بەلكى سىزدە تىرىشچانلىق كەمچىل.

  • 2010-04-25

    تۇغۇلغان ۋاقتىڭىز بىلەن مىجەزىڭىنىڭ مۇناسىۋىتى

     

     1.ئاي ___مىجەز ئالاھىدىلكى .ھاكاۋۇر ،سوغۇققا چىداملىق .قەيسەر مەردانە ،خۇش پىئىل كىلىدۇ
    ئەخلاق پەزىلىتى__تەبىئىي ئەقىللىق ،چىچەن كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگەجەلىپ قىلىدۇ ،ئىسىل پەزىلەتكە ئىگە.ئىقتىسادىي چىڭ ،باشقىلار .ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ
    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى __بۇ خىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ناھايتى كۆپ .لىكىن ھەقىقى چىن دىلدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ.ئەمەس .
    ئاجىزلىغى__ھەددىدىن زىيادە ھاكاۋۇر بولغاچقا باشقىلارنىڭ سۆز چۆچىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ

    2.ئاي__مىجەز ئالاھىدىلىكى _ئاق كۆڭۈل سەمىمىي بولۇپ ،لىكىن كۆپىنچە باشقىلارنىڭ زەربە ئوبىكتى بولىدۇ ..ئەخلاق پەزىلىتى-قابىلىيەت ۋە سەنئەت بىلىمىگەئىگە،ئۆز ئابرۇيىنى ھاياتتەك قىممەت بىلىدۇ .كىشىلەرگەسەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ ،شۇڭا كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىدۇ

  • 2010-04-25

    بىر قىسىم سوۋغا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ مەنىسى!

    مەن سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن.
    خەت: سىزنى سېغىندىم.
    گۈل: مەن سىزنىڭ مىنىڭ ئىسمىمنى قەلبىڭىزدە ساقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    كىتاپ:مەن ئىشىنىمەن سىز بەك ئەقىللىق.
    سېغىز: مەن سىز بىلەن ئۇزۇق ۋاقىت ئالاقىلاشسام دەيمەن.
    تاماكا: مەن سىزگە ئۆچ.
    ئۈزۈك : سىز مەڭگۈ مىنىڭكى.
    كۈنلۈك: مەن ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا سىزنى قوغدايمەن.
    چاچ قىسقۇچ: غەلبە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • 2010-04-25

    يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر

    قار يىغىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى.ئاپئاق قارغا كۆمۈلگەن زىمىن قىتىپ ئۇيۇپ قالغاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ.ھۇشقۇيتۇپ سۈر كۆرسىتىۋاتقان شىۋىرغان قارلارنى ئۇچۇرتۇپ يۇرۇيدۇ.تەبىئەت مۇزلىغان،جاھاننى سوغۇقلۇق ئىلكىگە ئالغان.شۇ ھالدا ئالەم_ جاھاننىڭ جاراڭلاپ تۇرغان سوغۇقىدىن كۆرە ئاچچىق زەربىسىدىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇدھىش بىر سوغۇقلۇق ھەم غەزەپ ئىگىلىگەن .قارنىڭ سوغۇقىدىنمۇ بەكرەك جاننى قىسىدىغان پاجىئەنىڭ كۆيدۈرۈپ ،چاياندەك چىقىپ ،قاخشىتىپ ،جانغا ۋەھىمىلىك قىيناق سالىدىغان ئوغىدەك سىزىمىدىن گاراڭ بولغان بىرتوپ جامائەت مەھەللىنىڭ كۈچىقىش تەرىپىدىكى ياداڭلىق ئارىسىدىكى زاراتگاھتىن قايتىپ مەھەللىگە كىرىپ كىلىشتى.بىر -بىرىدىن ئىغىر ئۈچ جىنازا ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى ئەمەس يۈرىكىنى،روھىنى بىسىپ يانجىپ تۇرغاندەك،قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەلەم ۋە خورلۇقتىن كۆڭۈك ئالىمى غىرىبلىقنىڭ كۈلرەڭ توزۇندىلىرى بىلەن بۇلغۇنۇپ كەتكەندەك ئىدى.ئۆلۈم -يىتىم بولۇپ تۇرىدۇ.لىكىن بۇنىڭدەك كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىپ،قەلبىدە ئوت بولۇپ يانىدىغان ،غالىپلىق تۇيغۇلىرىنى پايخان قىلىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ باقمىغان ئىدى.

  • 2010-04-25

    يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

     

         چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى.

         كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. كۆڭلۈمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چۇلغۇۋالدى. بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن دادام دۇدۇقلاپ ئېغىز ئاچتى:

       – بالام، نەتىجەڭ نومۇر چېكىدىن  ئون نومۇر يۇقىرىكەن، قايسى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتۇۋالالماپتىمەن. قايتىشىمدا دىققەتسىزلىكىمدىن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، چاقىرىق قەغىزىڭ...

  • 2010-04-25

    خوتۇن_ قىزلىرىمىز بىزنىڭ ۋەتىنىمىز

     

    يېڭى بىر ئەسىر مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. تارىخنىڭ ئاۋازى ئەسلىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى يادىمىزغا سالدى. بىز بۇ يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا تۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز ، كېلەچەك ۋە ئىقبالىمىز ھەققىدە سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلانمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا توغرا كەلدۇق. ئەپسۇسكى، كىرزىسلىرىمىز شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ، بىراق بىز ئۆز كىرزىسلىرىمىزدىن يىراق ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئۆزىمىزگە، تارىخمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، مەۋجۇتلۇقىمىزغا بولغان مەسئولىيەتچانلىق روھىمىز دېگەندەك تىكلەنمىگەچكە، ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ ھەل قىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەڭ ئەقەللىي جاۋابكارلىق كۈنتەرتىپىمىزگىمۇ ئېلىنمىدى. بىز ئەڭ ئادەتتىكى مەسىلىلىرىمىزنى بىر ياقلىق قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ قوشۇلۇپ ، ئۆزىمىزمۇ ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولغاندەك ئەڭ زۆرۈر بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، سانسىز مەسىلىلەر قاتارى ئۆچرەت ساقلاش مالامىتىگە قالدۇق!...... ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ئۆچرەت ساقلايمىزمۇ ياكى ............

  • 2010-04-25

    laura vass and copilul ناخشىلىرىدىن تاللانما

  • 2010-04-25

    ئۆزبەكچە ناخشىلار (3)

  • 2010-04-25

    ئۆزبەكچە ناخشىلار (2)

  • 2010-04-25

    ئۆزبەكچە ناخشىلار (1)

  • 2010-04-25

    چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت

     

    ئەسەر ئاپتۇرى :ئەزىز ئىمىر يانغىن

    يادىكار ئاۋازىدا : ئابدۇسالام
    گۈلزىبا ئاۋازىدا : زاھىرە
    نەفىسە ئاۋازىدا : رەنا
    تۇرسۇن ئاۋازىدا :  ئەكرەم
    باشقا ئاۋازلاردا : رۇزى ، كېرەم ....

    باس باس تورى ئاۋازغا ئېلىش ، تەھرىرلەش ئىشخانىسى ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان .

  • 2010-04-24

    ئابدۇكېرىم ئابلىز يېڭى ئىتوتلىرىنىڭ داۋامى

  • 2010-04-22

    ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز

    ئەسەر ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
     مۇرات ئاۋازىدا : ئابدۇسالام
     ئايگۈل ئاۋازىدا : زاھىرە
     سەمەت لوبەن ئاۋازىدا : ئەكرەم
     تايسىن ۋە باشقا پىرسۇنازلار ئاۋازىدا :  كېرەم ، رۇزى ...

    باس باس تورى بىلەن خىيال مىدىيا تورى بىرلىشىپ ئاۋازغا ئالغان .