-
2010-04-18
مۇجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك
ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شىنخۇا يولىغا جايلاشقان كاتتا رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدىن چىقتىم، سورۇن ئىگىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ مېڭىپ كەتتىم. كۈتكىنىمدەك، بۈگۈنكى سورۇندا ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىشىمغا ئەرزىيدىغان بىر نەچچە خىل ئەھۋال كۆزگە چېلىقتى؛ بىرىنچىسى، مېھمانلارنىڭ غەرىق مەس بولۇپ تۇرۇپ تاماققا «ئامىن» دەپ دۇئا قىلىشى؛ ئىككىنچىسى، سورۇندىكى ئىچمەيدىغان بىر- ئىككى مېھماندىن باشقىلارنىڭ (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) نۆۋەت بىلەن بىرىپ باشلىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ھاراق ئىچىشى، ئەمما باشلىقنىڭ ئۇلارغا ھاراق تۇتماسلىقى؛ ئۈچۈنچىسى، باشلىق جالال شوپۇرغا بۇيرۇپ x o ماركىلىق چەتئەل ھارىقىنى سورۇنغا ئەكىرگۈزگەندە نەچچەيلەنىڭ ھاراقنى ھەۋەس بىلەن سىيلاپ كېتىشى ۋە ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئاغزىنى تامشىتىپ، سۈزۈپ تۇرۇپ ئىچىشى؛ تۆتىنچىسى، مېنىڭ سورۇندا باشتىن-ئاخىر ئىچمەي، چەكمەي، ھېچكىمگە ھاراق سۇنماي ئولتۇرشۇمدىن ئىچى پۇشقان باشلىقنىڭ:«يا ئىچمىسىڭىز، يا چەكمىسىڭىز، سىزنى قاندق ئەر كىشى دەيمىز!» دەپ چاقچاققا يۆلەپ چىقىۋىلىشى؛ -
2010-04-18
پاھىشە چىۋىننىڭ ساياھىتى (ھىكايە)
مەن بىر چىۋىنمەن. مەن بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇرۇمچىدە شامالباغ دىگەن يەردە سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇك كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ما جەنيىڭ ئاتلىق تۇنگاننىڭ ئىجارىگە ئالغان قوروسىدا ئاتامنىڭ كىملىكىنى بىلمەي تۇغۇلدۇم. ئۇلار ئۆي ئىجارىكەشنى « فاڭدوڭ » دەيدىكەن، مەن تۇغۇلۇپ تۇنجى ئاڭلىغان سۆزۇم «فاڭدۇڭ ، ئۆي ئىجارىسىنى ئەتە بىرەي ، بۇگۇن تىجارىتىم ياخشى ئەمەس ! » -دىگەن سۆز بولغاچقا ، ئۆزۇمگە «فاڭدۇڭ » دىگەن ئىسىمنى قويىۋالدىم.
سىلەر دەپ بىقىڭلار ...ماڭا ئەرزان توۋلاپ ئىسىم قويىدىغان ئاتام بولمىغاندىكىن شۇنداق قىلغىنىم توغرۇدۇ ؟! ... مەن بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئاشۇ يەردىكى مەينەت ھەم يىرگىنىشلىك دۇنيادا ياشىدىم. ياتار يىرىم شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلەت تۇڭى بولدى. سەگىدەيدىغان يىرىم قان يۇقى سىسىق تازلىق قەغىزى تاشلانغان ھاجەتخانا بولدى.
-
2010-04-17
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەڭ يېڭى ئىتوتلىرى
-
2010-04-17
تاركان ناخشىلىرىدىن تاللانما
-
2010-04-17
مەن ئاق بايراق ئەمەس
1ﻛﯘﻣﯘﺵ ﻛﻪﺑﻰ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ،
ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﺘﻪﻙ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ .
ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭ ئاﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺑﯧﺸﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ.
ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﻯ ،ﺗﯩﻴﺎﻧﺸﺎﻧﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ.
ﻣﻪﺷﺮﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎ ئاﭘﺘﺎﭖ،
ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ئاﯞﺍﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ.
ﺷﯘﭼﯘﻗﻘﯩﻨﻰ ﺳﯘﻳﯩﺪﯗ.ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻣﻪﯕﺰﯨﻦ،
ئۇﺗﯘﭖ ئۇﻧﯩﯔ ﻗﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻣﺎﯕﺎﺭ ئەﻧﺪﯨﻦ. -
2010-04-17
تۈرۈكچە ناخشىلاردىن تاللانما (2)
-
2010-04-17
تۈرۈكچە ناخشىلاردىن تاللانما (1)
-
2010-04-17
İsmail YK ناخشىلىرىدىن تاللانما
-
2010-04-16
لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ
لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ (قاتتىق ئاگاھلاندۇرش بىرىلدى ،ئەگەر سىناپ بىرەر مەسىلە چىقسا مەن ئىگە ئەمەس )
تەيۋەننىڭ لامپۇچكىسى ئەنگىلىيەنىڭكىگە ئوخشامدۇ ئۇقمىدىم ،ئەنگىلىيەنىڭ لامپۇچكىسىنىڭ سىرتقى ئورالمىسداDo not put that object into your mouth.مەنىسى :«لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ »دىگەن ئەسكەرتىش بار .
نەدىمۇ بۇ نەرسىنى ئاغزىغا سالىدىغان ئادەم بولسۇن ؟ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ كاللىسى ئىششىپ قالغان ئوخشايدۇ .
دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق
بىر كۈنى مەن بىر ھېندىستانلىق بىر دوستۇم بىلەن ئۆيدە تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىش توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم ،ئۇ ماڭا باشلانغۇچ دەرسلىك كىتاپىدا لامپۇچكىنى ئاغزىغا سالسا كەپلىشىپ قىلىپ قانداق قىلسىمۇ چىقارغىلى بولمايدىغانلىقى توغۇرلۇق مەزموننىڭ بارلىقىنى قەتئىي قىلىپ سۆزلەپ بەردى . -
2010-04-16
ئانا تىل- يېزىقىنىڭ كۆز يېشى
مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا.
تىل ــــــ بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر.
بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك يوقۇتىشنىڭ ئاساسىمۇ، ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى بولغان يېزىقىنى يوقۇتۇشتا.مۇشۇ يېقىندىن بېرى، يېزىقىمىز توغرىسىدا غەيرى ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى بىر بوۋاينىڭ كۆز يېشى ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلماقچىمەن:
-
2010-04-10
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ
5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-9-ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ “ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ” ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻣﺪﻭﺳﺘﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭ 9-ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ 63 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﻻﻳﻰ-ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﯩﺪﻯ.
2-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﺍﺭﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻕ 61 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ 37 ﺳﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻲ 50 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ 70 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.
-
2010-04-10
مىللەت ئىزدەش ئېلانى
دىققەت ! بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئۈچيۈز يىگىرمە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر دېگەن بىرمىللەتنى يىتتۈرۈپ قويىدۇ ق.بۈگۈنكى كۈندە خاتا ھالدا (شىنجاڭلىق يانجۇقچى،ياكى پائىشە)دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بىرزەئىپ، بوشاڭ،مەسئۇلىيەتسىز بىرتۈركۈم ئادەملەرنى يەنىلا خاتا ھالدا مۇشۇ بۈيۈك نام بىلەن چاقىرىپ ،ھاياتىمىزدىن قەدىرلىك بۇنامنىڭ شەنىگە داغ يىتىۋاتىدۇ.تېپىۋالغۇچىلارغا ھازىرۋەكەلگۈسى،ئۇرۇ ق ئەۋلادلىرى،بىلەن قوشۇلۇپ مەڭگۈلۈك بەخت،ۋە خاتىرجەم باياشات تۇرمۇش،ۋە پارلاق كەلگۈسى سۈيۈنچە بىرلىدۇ.تېپىۋالغۇچىلار ۋىجدانى بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتۇرۇپ كەلسۇن.........تىپىۋىلىشىڭىزغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بۇ مىللەتنىڭ بىرقانچە ئالاھىدىلىكىنى دىقىتىڭلارغا سۇندۇم.
-
2010-04-10
ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2) 2 _ بۆلەك
تەقدىرنىڭ ئۇيۇنلىرى ئاجايىپلا قىزىق ، ئەينى ۋاقىتتا ئاشخانا خوجايىنىنىڭ شۇنچە يالۋۇرۇشلىرىغا ئۇنىماي ،ئىچكىردە ئۇسسۇلچى بۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەگىشىپ يەنە ئون نەچچە قىزلار بىلەن چىڭدۇغا يىتىپ كەلدۇق . توۋا...خۇدايىم بەندىلەرنىڭ بېشىغا ، بۇلۇپمۇ قىزلارنىڭ بېشىغا ھەرگىز ئۇنداق كۈننى سالمىغاي . ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى ، پاھىشخانىغا سېتىۋىتىلگەنلىكىمنى بىلگىنىمدە ئۆز گۈشىمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بۇلۇپ كەتتىم، نەچچە قېتىم يىغلاپ ھۇشىمدىن كەتكەن ۋاقتىممۇ بولدى . بۇلارنى سىزگە سۆزلەپ بەرگەن . لىكىن سىزگە بەزىبىر ئىشلارنى ئەينەن ، راست سۆزلىمىگەن ئىدىم . قىزلار شۇنداق ئاجىز بۇلىدىكەن ، تەقدىرىمگە ، ئۆز بېشىمغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرگە تەن بىرىپ ، لېۋىمنى چىشلەپ ئامالسىز خوجايىننىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە ، قىيناپ ئېسشلىرىغا چىداپ كەلدىم . ۋاقتى كەلگەندە ئادەمگە ئۆز جېنىدىنمۇ قەدىرلىك نەرسە بولمىسا كىرەك ، ئاشۇ قۇرت-قوڭغۇز جېنىدىمۇ ھاياتلىق ئۈچۈن تىنىم تاپماستىن كۈرەش قىلىدىغۇ .. ئادەم بەك قىينالغاندا ئۆزى خالىمىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بۇلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن مىھمان كۈتۈشكە باشلىدىم . ئىچكىردىكى ھاياتىم ئەنە شۇنداق باشلاندى .
-
2010-04-10
ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2) 1 _ بۆلەك
ئاسماندا نۇر چېچىپ تۇرغان تۇلۇنئايغا قاراپ ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالىمەن . ئۇيان –بۇيان ئۆرۈلىمەن ، ئۇخلىيالمايمەن . كاللامغا ئاشۇ ئىچكىردە ئۆتكەن قاباھەتلىك ، ئېچىنىشلىق كۈنلىرىم ، ئاخىرى چىقمىغان ۋىسالسىز تۇنجى مۇھەببىتىم كىرىۋالىدۇ . مەن قەلبىمدە چوڭقۇر يارا قالدۇرغان ئاشۇ كۈلپەتلىك مۇھەببىتىمنى ،ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىپ ئىت –ئىشەكتەك كۈن ئۆتكۈزگەن شۇ رەھمىسىز يىللاردىكى ھاياتىمنى ئۇنتۇپ كىتىشكە قانچە تىرىشسام ، كىچىك بالىلارنى ئالداپ ئۇلارنى ئۇغۇرلۇققا سېلىۋاتقان ئىپلاس لوبەنلەردىن قانچە يىرگەنسەم ، نەپرەتلەنسەم شۇ ئىشلار دائىم كاللامغا كىرىۋالىدۇ . چۈشلىرىمگە كىرىپ مېنى ئازابلايدۇ ...
چىڭدۇدىن قايتىپ كەتسەملا ئاشۇ ئازابلىق ، ئېچىنىشلىق كۈنلىرىمنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر ھاياتىمنىڭ ماڭا خۇشال ھالدا قۇچاق ئېچىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم . ھاياتىمنىڭ ئاخىرىنى بولسىمۇ بەخت ئىلكىدە ئۆتكۈزۈشكە نىيەت باغلىغان ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ ئويلىغانلىرىمنىڭ ، ئارزۇ قىلغانلىرىمنىڭ پەقەت باش -ئاخىرى يوق شىرىن خىيال بۇلۇپ قېلىشنى ، جەمئىيەتنىڭ ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇنچە مۇرەككەپ بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يىتەلمىگەن ئىكەنمەن . -
2010-04-09
قىزلىرىمىز قـــانداق خــــورلىنىۋاتىدۇ؟
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،كەلگۈسىنىڭ ئانىسى ،ۋەتەننىڭ ياراملىق ئەۋلاتلىرنى يىتىشتۈرگۈچى ھەم يىتىشتۈرۋاتقان خانم
قىزلار، ھەممىڭلارنىڭ كۈنلىرىڭلارغا خوشاللىق يار بولسۇن!
مەن سىلەردىن يىراق بىر دۆلەتتە پىسخكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ، ۋەتەندىن ئايرىلغىلى خىلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ،ۋەتىنىمدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولۇپ تۇرۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن،2005-يىلى مەن ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋاقىت بىلەن 2009 -يىلىغىچە ئارلىقتا ئاسمان- زىمىن ئۆزگۈرۈشلەر كۆپ بوپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىغىر بولغىنى قىزلىرىمىزنىڭ شىددەت بىلەن بۇزۇلىشى، ئوغۇللىرىمىزنىڭ قىلغۇلۇقنى قىلىپ قويۇپ،سەن <قىز ئەمەسكەنسەن> دەپ يىراق-يىراقلاردىن قىز ئىزدىشى. ئوغۇللارنىڭ قوقمايلا ھازىر 80% توي قىلمىغان قىزلار <قىز ئەمەس> دىيىشى مېنى ھەيران قالدۇردى،(بۇ سىتاتىسكلىق سان ئەمەس،بەزىبىر يىگىتلىرنىڭ باھاسى،)ھەيران قالدۇردى ئەمەس، مېنى ھەتتا نەچچە كىچە ئۇيقۇسىز قويدى.