
-
مىللەت ئىزدەش ئېلانى - [تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر]
مىللەت ئىزدەش ئېلانى
دىققەت ! بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئۈچيۈز يىگىرمە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر دېگەن بىرمىللەتنى يىتتۈرۈپ قويىدۇ ق.بۈگۈنكى كۈندە خاتا ھالدا (شىنجاڭلىق يانجۇقچى،ياكى پائىشە)دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بىرزەئىپ، بوشاڭ،مەسئۇلىيەتسىز بىرتۈركۈم ئادەملەرنى يەنىلا خاتا ھالدا مۇشۇ بۈيۈك نام بىلەن چاقىرىپ ،ھاياتىمىزدىن قەدىرلىك بۇنامنىڭ شەنىگە داغ يىتىۋاتىدۇ.تېپىۋالغۇچىلارغا ھازىرۋەكەلگۈسى،ئۇرۇ ق ئەۋلادلىرى،بىلەن قوشۇلۇپ مەڭگۈلۈك بەخت،ۋە خاتىرجەم باياشات تۇرمۇش،ۋە پارلاق كەلگۈسى سۈيۈنچە بىرلىدۇ.تېپىۋالغۇچىلار ۋىجدانى بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتۇرۇپ كەلسۇن.........تىپىۋىلىشىڭىزغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بۇ مىللەتنىڭ بىرقانچە ئالاھىدىلىكىنى دىقىتىڭلارغا سۇندۇم.
1-تارىخىدا ئەزەلدىن دۈشمەنگە باش ئەگمىگەن،جەڭدە ئەمەس،ئۈستەلدە مەغلۇپ بولىدىغان.
دۇنياغا يىپەك يولى بىلەن مەدەنىيەت تارقاتقان.مەسئۇلىيەت،ۋىجدان،غۇرۇرنى جاندىن ئەزىز بىلىدىغان،ھە ق ئۈچۈن جاندىن كىچىدىغان ئوغلاننى تەربىيىلىيەلەيدىغان ئانىلارغا ،تىرىشچان ۋە نومۇسچان ،مىللەت ۋە ۋەتەنگە خەۋپ كەلگەندە جەڭگىۋارلىقى يىگىتلەردىن قىلىشمايدىغان ساھىبجامال قىزلارنى تەربىيىلەيدىغان روھقا ئىگە بىر قەۋىم ئىدى.
2-ئۆزتارىخدابىرقانچە ئىمپىراتۇرلۇ ق قۇرغان،قۇدرىتى 4ئىقلىمغا كەڭ تارقالغان قەۋىم بولۇپ.قىسقىغىنە 10يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم دۈشمەننى ئانا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرا لىغان.بىراق ئۈستەل يۈزىدە مەغلۇپ بولغان قەۋىم بولۇپ قىنىدا ئەجدادلىرىنىڭ قىزىق قىننى ئىلىپ يۈرگەن ھىيلە نەيرەڭلەر دەستىدىن باتۇرلۇقىنى دۈشمەنگە ئەمەس بىر-بىرىگە ئىشلىتىدىغان روھى خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
3-مەدەنىيەت جەھەتتە ھەرقانداق مىللەتتىن ئۈستۈن بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ ،دۈشمەنلەرنىڭ ئىچى تارلىقى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ بىخۇد،مەسۇلىيەتسىزلىكى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە تىل-يىزىق ،ۋە ئاشۇ بۈيۈك مەدەنىيەتلەربىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ بۈيۈك نامنىڭ، مۇزىخانىنىڭ بوسۇغىسىدا بىچارىلەرچە تەمتىرەپ يۈگەن بەرباد ،ئالتۇن تاۋاقلىق تىلەمچى بولۇپ قالغان.
4-تارىختا ئۆزىنى بۆرە ئەۋلادى دەپ ئىتپاقلىشىپ،شىريولۋاس،تۈلكىلەرنى غال-غال تىترەتكەن،جاھان تەرەققىي قىلىپ بۆرىدىن ئىتقا ئايلانغان ،تۈلكە غوجىسىغا قۇللۇ ق قىلىپ،بىر-بىرىنى تالايدىغان ئەسلىنى ئۇنتۇغان كىملىكىنى بىلىشنى خالىمايدىغان ،بىلدۈرگەنلەرنى بىرپارچە سۆڭەك ئۈچۈن چىقىپ قويىدىغان پەسكەشلىكلەرنى ئۆزىگە مىجەزقىلۋالغان.
يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر گەرچە ھەممىسى بولالمىسىمۇ بىرا ق ئەسلىنى، ئاپئاق غوجا ،سەيپىدىن گە ئوخشاش پەسەندى مەخلۇقاتلار تەرىپىدىن غايىب بولغان ۋە يوقىتىلغان ئاشۇ سەرسان روھنى ئىزدەشكە ياردىمى بولسۇن دېدىم.
ئەۋلادلىرڭىزسىزدىن ئەنسىرەپ كەتتى.قىز ئوغۇللىرڭىز كېسەل بولۇپ كوچا دوقمۇشلاردا يىتىپ قالدى.ئاتا ئانىڭىز يوقسۇزلۇ ق،غىرىپلىق ۋە كەمسىتىلىنىشتە ھا لى بەك خاراب. دوختۇرلار ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ دەيدۇ.مەزكۇر ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن چاققان قايتىپ كىلشىڭىزنى سورايمىز.پۈتۈن تورداشلارنىڭ بۇ ئېلانى تارقىتىپ ئاشۇ بىگۇناھ ئاتا -ئانا ئەۋلادلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.ئۇيغۇر ئەگەر ۋىجدانىڭىز بولسا مۇشۇ ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن چاققان ئۈيىڭىزگە كېلىپ تارىخ ۋە كەلگۈسىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ.مەنبە شەبنەم تورى
随机文章:
ئېنگىلىزچىنى قانداق ئۈگىنىش كېرەك؟ - 2010-04-20مۇۋەپپەقىيتىڭىز ئۈچۈن 50 جۈمىلە 2010-04-08تۇغۇلۇش ئۈچۈن ئۆلۈش !!! 2010-04-08ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى قانداق ئىنقىلاپ ؟! 2010-04-05