
-
مۇجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك - [تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر]
مۇجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك
زۇلپىقار بارات ئۆز باش
2010-03-29
بىر توپ ئەمما بىز ،
ھەممە نەرسىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ يۈرگەن .
بىر توپ سۆيمىگۈچى بىز ،
ھەممە نەرسىنى لەۋلىرىمىز بىلەن سۆيۈپ يۈرگەن .
رەخىم ياسىن قاينامىينىڭ «كۈندۈز تۇغقان ئاي» ناملىق شېئىرىدىن
1 . مۇقەددىمە: تېمىغا كىرىش
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش (1)
دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورۇنى
سورۇنمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ. قېنى ئەمسە بىر دۇئا قىلىۋېتىپ قوپامدۇق!
سورۇن ئىگىسىنىڭ ۋە تۆردە ئولتۇرغان باشقارما دەرىجىلىك كادىر جالالنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ساقىي ئالدى بىلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى. مەن چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى ئەتراپتا ئۈچ سائەتتىن بىرى ئىچىشىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى غەرق مەست بولغانىدى. بۈگۈنكى سورۇندىكى مەقسىتىم مېھمان بولۇشتىن كۆرە، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر كارتىنىسىنى نەق مەيداندا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىگەللەش ئىدى. ئەمما ئىچمەي ئولتۇرۇپ ھاراق سورۇنىنى كۆزىتىش تولىمۇ تەسكە چۈشتى.
ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شىنخۇا يولىغا جايلاشقان كاتتا رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدىن چىقتىم، سورۇن ئىگىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ مېڭىپ كەتتىم. كۈتكىنىمدەك، بۈگۈنكى سورۇندا ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىشىمغا ئەرزىيدىغان بىر نەچچە خىل ئەھۋال كۆزگە چېلىقتى؛ بىرىنچىسى، مېھمانلارنىڭ غەرىق مەس بولۇپ تۇرۇپ تاماققا «ئامىن» دەپ دۇئا قىلىشى؛ ئىككىنچىسى، سورۇندىكى ئىچمەيدىغان بىر- ئىككى مېھماندىن باشقىلارنىڭ (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) نۆۋەت بىلەن بىرىپ باشلىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ھاراق ئىچىشى، ئەمما باشلىقنىڭ ئۇلارغا ھاراق تۇتماسلىقى؛ ئۈچۈنچىسى، باشلىق جالال شوپۇرغا بۇيرۇپ x o ماركىلىق چەتئەل ھارىقىنى سورۇنغا ئەكىرگۈزگەندە نەچچەيلەنىڭ ھاراقنى ھەۋەس بىلەن سىيلاپ كېتىشى ۋە ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئاغزىنى تامشىتىپ، سۈزۈپ تۇرۇپ ئىچىشى؛ تۆتىنچىسى، مېنىڭ سورۇندا باشتىن-ئاخىر ئىچمەي، چەكمەي، ھېچكىمگە ھاراق سۇنماي ئولتۇرشۇمدىن ئىچى پۇشقان باشلىقنىڭ:«يا ئىچمىسىڭىز، يا چەكمىسىڭىز، سىزنى قاندق ئەر كىشى دەيمىز!» دەپ چاقچاققا يۆلەپ چىقىۋىلىشى؛
ئادەملەر ئۆزىنى جەمئىيەتنى بەك چۈشىنىۋىتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.ئەمما، بۇ – بىر خىل خاتا تۇيغۇ بەلكى نۇرغۇن ئوقۇرمەن «شەھەر ۋە يىزا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كۆرۈنىشنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟»دەپ سورىشى مۇمكىن.ئەمما، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىلىرى ھەممىگە نۇرمال، تەبئىي بىلىنىپ كەتكەن ئۇششاق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا قىزىقىدۇ ۋە كۆپرەك «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ ئەمەس، «نېمىشقا بۇنداق بولمايدۇ؟» دەپ سۇئال قويىدۇ. داڭقان پۇتى سۇئالدىن كىشىلەرگە ئاددىي تۇيۇلغان رېئاللىقنىڭ كەينىدىكى ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى سۆكۈش ئەمەس، بىراۋغا گۇناھ ئارتىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئادەت كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، مۇرەككەپ تۇرمۇش قاتلاملىرىنىڭ ئۆركەشلىرىدە نېمە بارلىقىنى ئىچىىپ بىرىش. بىز يۇقارقى نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي، ئاۋۋال مۇنداق بىر قانچە داڭقان پۇتى سۇئالنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ باقايلى: بىرىنچى، مېھمانلار نېمە ئۈچۈن مەس بولۇپ تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشنى ئۇنۇتمايدۇ؟ ئىككنچى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنيىتىدە ئەسلىدىن مۇرەسسەگگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئىككى سموۋللۇق بەلگە – ھاراق بىلەن دۇئا قانداقسىگە بىر سورۇندا كۆزگە چېلقتى؟ ئۈچۈنچى، نېمە ئۈچۈن باشلىق باشقا مېھمانلارغا ھاراق تۇتمايدۇ؟ تۆتىنچى، ئەگەر ئاشۇ سورۇنغا چەتئەلنىڭ x o ھارىقى ئەمەس، باشقا ئادەتتىكى ھاراق قۇيۇلغان بولسا مېھمانلار ئۇ ھاراقلارنىمۇ ئەنە شۇنداق ھەۋەسلەر بىلەن سىلاپ كېتەرمىدى ياكى تىلىنى تامشىتىپ تۇرۇپ ئېچەرمدى؟ يۇقىرقى سۇئاللار قارىماققا داڭقان پۇتتىدەك، كۈلكىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ماقالىنىڭ بىشىدىلا پىكىر قىلىشقا ئۈندەش مەقسىتىدە تېمنى ئېنىق، ئوچۇق، لوگىكىلىق مۇھاكىمىلەر بىلەن يورۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق داڭقان پۇتى، تومتاق سۇئال قويۇشقا مەجبۇرمىز. ئىجتىمائىي تۇرمۇش سموۋوللۇق بەلگىللەر بىلەن تولغان. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئىجتىمائىي ئالاقىدە سىموۋوللۇق بەلگىللەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئورنىمىزندىن، يۈرۈش – تۇرشىمىزدىن ۋە يەنە كىملىكىمىزدىن بىشارەت بىرىمىز، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ كىملىكىنىمۇ سىموۋوللۇق بەلىگىللەر ئارقىلىق چۈشىنىمىز. مىسالەن، سموۋوللۇق بەلگە بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن كۆزەتسەك، ئۇيغۇرلار ئەتراپىدا – ئۆزى بىلەن بىر خىل ئىجتىمائىي تۈرۈم، ئۆزىگە خاس ئادەتلەر بىلەن ياشاۋاتقان ۋەتەنداش مىللەتلەرنىڭ سىموۋوللۇق بەلگىلىرىدىن پوجاڭزا ئىتىشنى خەنزۇلارنىڭ، «قىز قۇۋار» ئويۇننى قازاقلارنىڭ، ئادىنوشكىنى تاتارلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشىندۇ. باشقا ۋەتەنداش مىللەتلەرمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەتئەللىكلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى بەلگىلىك سىموۋوللۇق بەلگىللەر ئارقىلىق تونۇيدۇ. خەنزۇلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى دائىرىسى ئىچىدىكى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان. ھەر قۇربان ھېيىت، روزا ھېيىت كىلىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھېيتلىق دەم ئىلىش توغرىسىدا رادىئو –تېلىۋىزىيە ۋە «شىنجاڭ گىزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گىزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» قاتارلىق ئورگان گىزىتلىرىدە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېر تورلىرىدا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «مۇسۇلمان ئاممىسى» دېگەن گەپنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى كىملىكىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەتمۇ، خەنزۇلارمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەتئەللىكلەرمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمدى بىز ئازرىراق ئىچكىرىلەپ يۇقىرقى سورۇندىكى بىر قانچە سىموۋوللۇق بەلگىنى ساناپ باقايلى، بىرىنچىسى، ھاراق؛ ئىككىنچىسى، دۇئا؛ ئۈچۈنچىسى، x o ھارىقى؛ تۆتىنچىسى، باشلىققا ھاراق سۇنۇش؛ بەشىنچىسى، «ئەرلىك» ئۆلچىمى. ئەمدى بىز بۇ كىملىك بەلگىلىرىنى ئوخشاش بىر نۇقتىدا قويۇپ كۆزەتسەك ۋە «ئۇيغۇرلاردا پەرىزلەر» (ئەنۋەر سەمەت قورغان، 2007)، «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيسى» (ئابدۇرېھىم ھەببۇللا، 1999)، «ئۇيغۇرلاردا ئەدەپ – ئەخلاق» (مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم، 2003 )، «ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك – ئىچمەك تارىخى» (ئىسىراپىل يۈسۈپ، 2006) قاتارلىق فولكىلور، مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن جاۋاب ئىزدىسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ھاراق سورۇنىدا دۇئا قىلىشقا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپالمايمىز. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ھاراق بىلەن دۇئادىن ئىبارەت ئىككى سموۋوللۇق بەلگە بۇ يەردە شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىكى زىدىيەتلىك كىملىك (矛盾认同,Identity Ambiwalent) نى ئاشكارىلايدۇ. بىز يۇقىرقى كۆرۈنۈشكە ئادەتلەنگەن نەزەر بىلەن ئەمەس، بىر چەتئەللىكىنىڭ ياكى جەمئىيەتشۇناسنىڭ كۆزى بويىچە قارىساق، چۈشىنەلمەيمىز ۋە مۇجمەللىك ھېس قىلىمىز. توغرىسى،ئالدىمىزدا بىر توپ مۇجمەل زىدىيەتلىك ئادەم پەيدا بولىدۇ. ئەمدى بىز سۇئال قويىمىز: مۇجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك نېمنىڭ مەھسۇلى؟ بىز بۇ باش سۇئال ئاساسىدا «شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئجتىمائىي ئالاقىدا نېمە ئۈچۈن زىدىيەتلىك كىملىكى ۋە مۇجمەل خاراكتىرىنى ئاشكارىلايدۇ؟ قانداق ئاشكارىلايدۇ؟ زىدىيەتلىك كىملىكىنىڭ ئۇيغۇر رىيالىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نېمە؟ بۇ ھاددىسىنىڭ ئجتىمائىي يىلىتىزى نېمە؟» دېگەندەك يانداش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تېرىشىمىز. تەتقىقات سۇئالىنى تاپقان ئىكەنمىز، شۇ سۇئالنى يورۇتۇپ بىرىشكە ماس كېلىدىغان تەتقىقات مىتودلىرىنى تاللاش كېرەك. زىدىيەتلىك كىملىك ۋە مۇجمەل ئادەم دېگەن باش تېما سموۋوللۇق ئالاقىلىرىدا نامايان بولىدىغان زىدىيەتلىك بەلگىلەر ۋە مەنىلەرنى تەكشۈرۈشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە «سانلىق مىقتدار مىتودى» (定量研究方法, Quantitative Approach) دىن كۆرە، «سۈپەت تەتقىقاتى» (质量研究,Qualitive Approach) نىڭ تارماق مىتودلىرىدىن بولغان «ياندىن كۈزۈتۈش» (参与性观察, participant Observation)، «زىيارەت قىلىش» (访问, Interview)، «پاراڭ تەھلىلى» (话语分析, Discourse Analysis) ۋە شەخسىنىڭ بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى تەھىلىل ئوبېيكتى قىلىدىغان «ھايات كەچمىشى» (生活史, Life History) قاتارلىق بىر نەچچە ئۇسۇلدىن ئارىلاش پايدىلىنىمىز.زىدىيەتلىك كىملىكىنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىدا ئىپادە بولىدىغان، بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان پەرقلىق ئىپادىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن،ئۇيغۇر تۇرمۇش كارتىنىسىدىن خەۋەر بىرىدىغان بەزى ئۇچۇرلارنى – ئۇرۇمچىدىكى بىر – ئىككى تۈنەكخانا (دىبا) دا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى بىلەن يىغقان ماتىرىيالىرىمىزنى، 2008 – يىلى مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزگەن بەزى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىموۋوللۇق ئىپادىلىرىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئايالىنىڭ ئىت يېتىلەپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى، ئامىرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئىسمى ئەرەبچە بوپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋىزىسى رەت قىلىنغان ئابدۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ كەچۈرمىشىنى، ئۆزۈمنىڭ ھاۋاي ھونوللو ئايروپورتىدا زىدىيەتلىك كىملىكتىن دالالەت بەرگەن قىسقا سەزگۈزەشتەمنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاغزىدىن چۈشەرمەيدىغان ۋە ھازىرغىچە تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالماي ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل ئەر» دەپ قارايدىغان بىر پاھىشىنىڭ ئاغزاكى بايانىنى ۋە « بىز مۇسۇلمانمۇ – ئۇيغۇرمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئۆتكەنكى مەزگىللەردە ئىنتېر تورلىرىدا بولۇنغان مۇنازىرىنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىمىز ھەم ئۈرۈمچىدە ئوخشىمىغان ياشتىكى، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئالغان ئىنكاسلىرىمىزنى تەھلىلىمىزگە يانداشتۇرىمىز.ماقالىنىڭ نەزەرىيىۋى تەھلىل بۆلىكىدە زىدىيەتلىك كىملىكىنىڭ يىلتىزى ۋە ماھىيىتىنى جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى، ماكرو جەمئىيەتشۇناسلىق، مىكرو جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ قىرلىق نۇقتىدىن تۇرۇپ كۈزىتىمىز، مۇھاكىمە قىلىمىز؛ ئاندىن ئۇيغۇر تۇرمۇش ئەمەليىتىنى يېشىپ بىرىدىغان جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيلىرىنى چېقىشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلايمىز؛ ئاخىرىدا تەتقىقاتىمىزدىكى چەكلىمىلىكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بۇ تېمىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىزدەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بەزى تەكلىپلىرىمىزنى بىرىپ، خۇلاسىگە ئۆتىمىز.
2. سمۋوللۇق ئالاقىدە زىدىيەتلىك كىملىك
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(2)
قۇربان ھېيت كۈنىدىكى ئىزتىراپلىرىم
2008 – يىللىق قۇربان ھېيت ئۈرۈمچىدە قۇربان ھېيتقا توغرا كەلدى. بۇ مېنىڭ قىشلىق تەتىلىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقتىم ئىدى. ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن بارغىنىمدا، «غالبىيەت» يولىدىكى «بەيتۇل مەخمۇت جامەسى» نىڭ ئىچى ۋە سەيناسىدا ئورۇن قالمىغان ئىدى. جەينامازنى يولغا سىلىپ ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلدى. ئىمامنىڭ «سەپراس» دېيىشى بىلەن ئەمدىلا دىققەتتە تۇرۇشۇمغا، بىر ئۇيغۇر يىگىتى قستىلىپ كېلىپ يىنىمدا تۇرىۋالدى. يىگىتىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى. ئالدىنمى ئاخشىمى ئېغىر ئىچكىنى ئېنىقتەك ئىدى. مەمسلىكى تېخى يىشىلمىدىمۇ ياكى ناماز تەرتىپىنى بىلمەمدۇ، ئەيتاۋۇر، يىگىت جايىدا جىم تۇرالمايتتى. قول باغلاپ تۇرۇشقا تېگىشلىك دەقىقىلەردە بىردە چىچىنى سىلايتى، بىردە ئالدىغا، يىنىغا قاراپ باشقىلارنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆزىتەتتى. ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ھاراق پۇرىقى خېلى كۈچلۈك ئىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭغا تېلفۇن كەلدى. ئۇ، يانفۇننى بىسىۋەتتى.
قۇربان ھېيت شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدىكى زىدىيەتلىك نۇقتىلارنى كۈزىتىشنىڭ ياخشى پەيىتى بولغاچقا، قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتە ۋاقتىنى چىڭ چىڭ تۇتۇپ جەمئىيەت كۈزۈتۈشكە چىقتىم. ئوتتۇرا ياشلىق شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى كۈزۈتۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە يېڭى ئېچىلغان «ئېڭى روس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى» نى، ئۇنىۋېرىستىت يىشىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۈزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى «خۇڭخې» يولىدىكى «كابانا تۈنەكخانىسى» نى تاللىدىم. بىخەتەرلىكنى ۋە باشقا سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ بىر ئاغىنەمنى ئېلىۋالدىم. «يېڭى روس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى» دا تاماق بۇيرۇتۇۋېتىپ بىر ئىشنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىم. بۇ تۈنەكخانىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار كېلەتتى، ئۇتتۇرا ئاسىيالىق مېھمانلار ۋە خەنزۇ مېھمانلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى روسچە، خەنزۇچە ئېلان قىلىناتتى.ئەمما، قىزىق يىرى، قورۇما تىزىملىكىدە ئۇيغۇرچە خەت يوق ئىدى. مېھمانلار ئۇيغۇر، لېكىن قورۇما تىزىملىكىدە، تۈنەكخانا ۋېۋىسكىدا ئۇيغۇرچە خەت يىزىلمىغان. رىياسەتچى سورۇن باشلىنىش ئالدىدا مېھمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە گەپ ئارلىقىدا «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى ... ئۇلۇغ ئاللادىن .. تىلەيمىز» دېگەن گەپلەرنى ئالاھىدە ئۇرۇغلۇق ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزىدىكى «ئۇلۇغ ئاللا، مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالمىلارنىڭ ئېيتىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلدىم. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۇيغۇر مېھىمانلارنىڭ ئالدىدىكى شىرەلەرنى كۈزەتتىم. ئاياللار ئولتۇرغان ئۈچ – تۆت شىرەدىن باشقا ھەممە شىرەگە ھاراق ياكى پىۋا قويۇلغان. سورۇن ئەۋجىگە چىقىپ راسا قىزىغاندا مۇنداق بىر نەچچە نۇقتا كۆزۈمگە چىلىقتى: بىرى، چەمبەر ھاسىل قىلغان بىر توپ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئەسەبىيلىك بىلەن دىسكو ئوينىشى ۋە چاچلىرىنى ئېتىپ تۇرۇپ بېسىلىپ ياتقان جىنسىي تۇيغۇلىرىنى ھەرىكەتلىرىدە ئاشكارىلىشى؛ ئىككىنجىسى، چىرايىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چېقىپ تۇرىدىغان ئۈچ – تۆت چەتئەللىكنىڭ تۇرغان يىرىدىن ئاستا – ئاستا سۈرۈلۈپ قىزلارنىڭ سىپىغا قېتىلىشى. بىر چەتئەللىك يىگىتنىڭ ئارىدىكى شوخ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بىقىشىپ، كىرىشىپ دېسكو ئوينىشى. ھەممە شۇنداق بىپەرۋا، شۇنداق خاتىرجەم.
«كابانا تۈنەكخانىسى» غا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 بىلەن يېتىپ باردۇق. تونۇش – بىلىشلىرىمىزدىن ئاڭلىغىنىمىزدەكلا، بۇ تۈنەكخانىغا كېلىدىغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك قىلاتتى. مېھىمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر. پۇكەيدە، پۇل ئالىدىغان يەردە نەچچە خەنزۇ بالا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بالا ئىچىملىك تىزىملىكىنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى. قىزىق يىرى، بۇ يەردىكى تىزىملىككە ئۇيغۇرچە خەت يىزىلغان ئىدى. مەن نەرسە – كېرەك بۇيرۇتۇپ بولۇپ كۈتكۈچى بالىدىن سورۇدۇم:
- ئۇيغۇر خوجايىن ئاچقان يەرمۇ بۇ؟
- ياق، خوجايىنىمىز خەنزۇ، - كۈتكۈچى بالا پوكەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن سەھنىگە قارىدىم. كىچىك قىزلار ئۇسۇلىرىنى قىلىق چىقىرىپ، نازاكەتلىك ئويناشقا تىرىشاتتى.ئەمدى يېنىپ، لەرزان مۇزىكا باشلاندى. ياش بالىلار جۈپ – جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشتى. بەزى جۈرئەتلىك قىزلار يىگىتلىرى (مەن شۇنداق دەپ پەرەز قىلىدىم) نىڭ بويۇنلىرىدىن قوللىرىنى ئۆتكۈزىۋالغان، بەزىلىرى چاپلىشىپ دېگۈدەك ئوينايتتى. ئۇدۇلۇمدا ئىككى جۈپ قىز – يىگىت ئولتۇراتتى. بۇ ئىككى قىزنىڭ دەھشەت كۆتۈرگىنىگە ھەيران قالدىم. يىگىتلىرى ھاراق تەڭلەيتتى، قىزلار ئالاتتى. سائەت 12 بولدى. ئاغىنەم ئىككىمىز قايتىش ئۈچۈن چاپانلىرىمىزنى كېيىپ سىرىتقا ماڭدۇق. چېقىپ كېتىش ئالدىدا كالامدىن ئالدى بىلەن:« ئۇنىۋېرىسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىدەك كۆرىنىدىغان بۇ بالىلار كەچتە نەگە بارىدىغاندۇ؟» دېگەن خىيال ئۆتتى. چۈنكى، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ياتاق بىنالىرى سائەت ئونلار بىلەن تاقىلىپ بولاتتى. شەھەرلىشىش، يەرشارىلىشىش قەدىمنىڭ تىزلىشىشى، ئجتىمائىي كونتىرول ۋە خىلمۇ – خىل ئىدىلوگىيىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسىدا تۇتۇرۇقسىزلىق، كىملىك تۇيغۇسىدا زىدىيە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شەھەر ئۇيغۇرلىرى كۆپ خىل كىملىك ئېھتىياجىغا بىرلا ۋاقىتتا دۇچ كېلىپ، دۆلەت كىملىكى جەھەتتىن جوڭگۇلۇق، دىنى كىملىك نۇقتىسىدىن مۇسۇلمان، مىللى كىملىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولۇشتەك كۆپ قاتلاملىق ئجتىمائىي كىملىكى ئىچىدە كۆپ قاتلاملىق رېئاللىقتا ئۆزلىرىنىڭ ئجتىمائىي كارتىنىسىنى يارىتىشقا تىرىشتى. كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك شەھەر جەمئىيىتىدە ئۇلارنىڭ رېئاللىقنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى، تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كەلدى. بۇ جەرياندا تەبئىي ھالدا بەزى زىدىيەتلىك تىڭىرقاشلار كېلىپ چېقتى. بۇ ھال شەھەر جەمئىيىتىدە مۇجمەل ئادەم زىدىيەتلىك كىملىكىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئجتىمائىي ئاساس ھازىرلىدى ھەم مەلۇم مەنىدىن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى خىلمۇ – خىل ئىدېئولوگىيە تەلىپى ئوخشىمىغان قىممەت ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر قىلىدى.ئىجتىمائىيەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تىزلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى، تۇرمۇش، ئەخلاق نىزانلىرىدا كۆرۈلگەن تەۋرىنىش ھەم زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە(گەرچە بۇ شەكلەن زامانىۋىلىشىش بولسىمۇ)ھەر قانداق مىللەت ساقلىنالمايدىغان دىلغۇللۇق كىشىلەرنىڭ كىملىكىدىكى زىدىيەتلىك نۇقتىلارنى، مۇجمەل ئادەملەرنى ئاۋۇتسا، رېئاللىقتىكى ئىلاجىسىزلىق تۇيغۇسى ھەتتا بەزىلەردە ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
قۇربان ھېيت نامىزىغا مەسلىكى تولۇق يېشىلمەي كەلگەن يىگىتمۇ، تۈنەكخانىلاردا قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئېچىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ مۇرەسسەگە كەلمەيدىغان سىمۋوللارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادە قىلىپ، زىدىيەتلىك كىملىكنى ئىپادە قىلىدۇ. دىنىي كىملىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇسۇلمان بولۇش ھاراق ئېچىشكە بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر؛ ھاراق ئېچىپ بولۇپ دۇئا قىلىشقا بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر.لېكىن، بۇ زىدىيەتلىك كىملىكلەر شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ رېئاللىقىدا بىرلا ۋاقىتتا نامايەن بولىدۇ ۋە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىدۇ. بىز ئاۋۋال بۇ بايانىمىزغا دەلىل تېپىش ئۈچۈن ھاراق ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك – ئېچمەك مەدەنىيىتى توغۇرلۇق بايانلار تېپىلىدىغان مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى، «ئى مۆمىنلەر، ھاراق ئېچىش، قىمار ئويناش پاسكىنا قىلىقلاردۇر. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى. سىلەر ئەمدى ھاراقتىن يانمامسىلەر؟» (سۈرە مائىدە، 15 – سۈرە 90-91 ئايەتلەر)، «ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ھالاكەتكە باشلىماڭلار.» (سۈرە بەقەرە، 22 – سۈرە ) <1> « ھاراق پاراكەندىچىلىكنىڭ ئاچقۇچى، بالا – قازانىڭ سەۋەبچىسىدۇر. ھاراق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ مەنبەسىدۇر.» <2> «ھاراق بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى، ئجتىمائىي مەرەز. ھاراقكەشتىن ئاۋۋال خۇدا بىزار، ئىككىنچىدىن پەيغەمبەر بىزار، ئۈچۈنچىدىن، پەرىشتىلەر بىزار، تۆتىنچىدىن، جىمى ئەل –يۇرت بىزار.» <3> ئەنۋەر سەمەت قورغان «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك – ئېچمەك مەدەنىيتىدە ھاراقنى نېمىشقا پەرھىز قىلىنغانلىقى توغۇرلۇق مۇنداق يازىدۇ :«ئۇيغۇرلار كۈچلۈك مەست قىلىش رولىغا ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئېچىشتىن پەرھىز قىلىدۇ ... ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغاندىن كېيىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئېچىش چەكلەنگەن ... مەيلى ئىلگىرىكى دەۋرلەر بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، ئاياللارنىڭ ھاراق ئېچىشى ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق ھىسابلىنىپ قاتتىق چەكلەنگەن ۋە چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.» <4>
دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورۇنىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قىلىدىغان ئىككىنچى بىر مۇھاكىمە نۇقتىسى بار.ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ باشلىققا ھاراق تۇتۇپ، باشلىقنىڭ سۈكۈتتە ئولتۇرىشى. بۇ يەردە ئىشخانىدا، مەمۇرى ئورگانلاردا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان بيوروكرتلىقنىڭ، توغراقى سىياسىنىڭ كۆلەڭگىسى ئەكس ئېتىدۇ. بۇ – سىياسىلاشقان ھەرىكەت بولۇپ، سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىيلىشىش ئوربىتىسىدا بۇنىڭغا خاس ھالدا ئۆزلۈك يىتىشتۈرگەن باشلىق ئون نەچچە ئۇيغۇر ئولتۇرغان سورۇندا زىدىيەتلىك كىملىكنى سىمۋوللۇق ئۇسۇللار بىلەن نامايەن قىلىۋاتىدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىيلىششتۇر. بۇ ئاخىرى بىرىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ تۈپكى ئىنسانلىق ئۆلچىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بىلەن زىتلىشىۋاتىدۇ.بەزى ئورگانلاردا، يىغىنلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان باشلىققا ھاراق تۇتۇش ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش ھەرىكىتى بىرلا ۋاقىتتا سىمۋوللۇق يوسۇندا پەيدا بولۇپ، بىر خىل زىدىيەتلىك رېئاللىقتىن بىشارەت بىرىۋاتىدۇ.
«يېڭى روس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى» (توغرىراقى - «ئشرەتخانىسى» - مەسئۇل مۇھەىرىردىن ) دا رىياسەتچى شۇ كۈننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى مۇراسىم كۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ۋە « ئاللاھ، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت» دېگەن گەپلەرنى ئۇرغۇلۇق ئېيىتىدۇ. ئەمما، ھايال ئۆتمەي كۈلكىلىك تۈستە، «ئاللاھ، مۇسۇلمان» دېگەنگە ئوخشاش دىنى تۈسكە ئىگە سمۋوللار بىلەن كومېدىيىلىك سىلىشتۇرما پەيدا قىلىپ، ئېچىشۋازلىق باشلىنىدۇ؛ شەھۋانىي تۇيغۇنى ئاشكارىلايدىغان ئەسەبىي دىسكولار ئوينىلىدۇ. «خۇاڭخې» يولىدىكى «كابانا تۈنەكخانىسى» دا ئەھۋال باشقىچە. يىگىتلەر «قىز دوستلىرى» غا ھاراق تۇتىدۇ، قىزلار ھاراقنى قايتۇرماي ئېچىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، بىرىنچى كۆرۈنۈشتىكى چەت ئەل ھارىقىنى ھەۋەس بىلەن ئېچىۋاتقانلارمۇ، «كابانا تۈنەكخانىسى» دىكى قىزىل ھاراقنى قايتۇرماي ئېچىۋاتقان قىزلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكى، تەسسەۋۇرىدىكى كىملىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.ياۋورۇپا ئۈرۈمچىدىن تولىمۇ يىراق.ئەمما، بەزى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى تېلۋېزوردىن، كىنودىن، رومانلاردىن ياۋورپالىقلارنىڭ قىزىل ھارىقىنى سۈمۈرۈپ تۇرۇپ نازاكەتلىك بىر يوسۇنداق ئېچكىنىنى كۆرگەن ۋە چىن رېئاللىقتا ئۆزلىرىنى ئەنە شۇنداق «مەدەنىيەتلىك» كۆرسىتىشكە تىرىشقان. بۇ خىل روھىي ھالەتنى فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ژان بوردىلىيارد «مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە نۇسخىلانغان سۈنئىي رېئاللىق» <5> دەپ ئاتىسا كىملىكىنى سمۋوللۇق ئالاقە نۇقتىسىدىن كۈزىتىشنى تەكىتلەيدىغان ئامىرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن مېككال بىلەن سىممونىس مۇنداق دەيدۇ:«ئادەم ئۆز نۆۋىتىدە بىر چۈش كۆرۈگۈچى، غايىۋىلىك ئىچىدە ياشايدىغان بىر مەخلۇق، ئۆزىنى خىيالىدىكى غايىۋى ئوبراز ئۈچۈن بىزەپ كۆرسىتىدىغان بىر مەخلۈق. ئۇ، ھاياتتا رول ئېلىپ ياشايدۇ. لېكىن، بۇ ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ.ئۇ، خىيالىدىكى ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن غايىسىگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان ئۇچۇرلارنى قىدىرىدۇ، قىياس قىلىدۇ، ئاندىن ئېرىشكەنلىرىنى مۇقىمسىز بازاردا تەجرىبە قىلىدۇ.»<6>
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش<3>
مىلاد بايرىمىدىكى ئۇيغۇرلار
2008 – يىللىق مىلاد بايرىمى (ئىلگىرى روژدسىۋا بايرىمى دەپ قىلىپلاشقان) ئۈرۈمچىدە قاتتىق تۇمانلىق بىر كۈنگە توغرا كەلدى. مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار كىرىش مۇنكىنچىلىكى بولغان بىر قانچە رېستوران، تۈنەكخانىنى كۈزەتتىم. جەنۇبىي قوۋۇق (نەنمېن) بىلەن داشىزى (تۆت كوچا) ئارىلىقىدىكى خەنزۇ خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلغان قاۋاقخانىلارنىڭ بىرسىدىمۇ ئورۇن قالمىغان.بەزى قاۋاقخانىلاردا بىشىغا مىلاد بوۋاينىڭ باش كىيمنى كىيىۋالغان ئۇيغۇر يىگىتىلىرىنى، مىلاد بايرىمىغا خاس ھالدا تولۇق خرىستئانچە كىيىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.مۇسۇلمانچە بىر كاتتا رېستۇراننىڭ ئالدىدىن ماشىنىلىق ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، مىلاد بوۋاينىڭ رەسىمىي قىيىلىپ، رېستوراننىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان دېرىزىسىگە چاپلىۋىتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. يېڭى ئېىچلغان يەنە بىر مۇسۇلمانچە كاتتا رېستوراننىڭ ئالدىغا كەلدىم. رېستوران ئىشكىنىڭ ئۈستىگە «قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ خەنزۇچە خەت يىزىلغان (قۇربان ھېيت ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىككى ھەپتىچە بولغان ئىدى)، رېستوران پەلەمپىيىنىڭ ئىككى يىنىغا مىلاد دەرىخى قويۇلغان. يەنە بىر مۇسۇلمانچە كاتتا رېستوراننىڭ پەلەمپىيىدە ئۆزۈمنى ئورۇن تاپالمايۋاتقان خىرىداردەك كۆرسۈتۈپ، سۇخانىدىن چىقىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن ئەتەي سورۇدۇم:
- نېمانداق ئادەم جىق بۈگۈن !
- بۈگۈن دېگەن پىڭ ئەن يە (تىنىچلىق كىچىسى) تۇرسا، - دېدى قىز ۋە «نېمانداق مەتۇ ئادەم بۇ !» دەپ ئويلىدى بولغاي، باش – ئايغىمغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش (4)
ئىت يىتلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال
2009 – يىل ماي ئىيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنىم بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ «يەنئەن» يولىدا كېتىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمىزدىن زاڭزۇ ئىتى يىتلەپ، بىر قولىدا كىچىك پىستە كۆتۈرۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايال چىقىپ كەلدى. ئايال 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، پۇزۇر كىيىنگەن ئىدى. يىتىلىۋالغان ئىت بەك چوڭ بولغاچقا، دەسلىپىدە كۆزۈمگە بۆرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يىقىن كەلگەندە سەپىسلىپ قارىساق، ئۇ ئايالنىڭ يىتىلىۋالغىنى بەدەنلىرى تانىدا قاتمۇقات باغلانغان زاڭزۇ ئىتى ئىكەن. ئايال يىنىمىزندىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ قولىدىكى پىستىسىنى سۆيۈشكىمۇ ئۈلگۈردى.
- سۈرئەتكە تارتىۋالغۇدەك كۆرۈنۈش ئىكەنىدۇق، - دېدىممەن.
- ئەمسە مەن بىرىپ دەپ باقاي، - دېدى ئىنىم ۋە ئارقىسىدىن يېتىشىپ بىرىپ سىپايە ئاھاڭدا، ئۇ ئايالدىن سۈرئەت تارتىشقا بولدىغان – بولمايدىغانلىقنى سورىدى.
- دۈيبۈچى، ۋو مېيۇ شىجىيەن (كەچۈرۈڭ، ۋاقتىم يوق)، - دېدى ئۇيغۇر ئايال خەنزۇچە. ۋە شۇنداق دېگىنىچە يىراقلاپ كەتتى.
يۇقۇرقى ئىككى كۆرۈنۈشتىن بىز مۇنداق بىر داڭقان پۇتى سۇئال قويۇپ باقايلى: بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ھەم خرىستئان بولالامدۇ؟ ئاندىن بىز يەنە ئىلگىرىلەپ:«ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن بىر چەتئەللىك مۇسۇلمان بۇلىۋىلىشى، قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟»دەپ سۇئال قويساق، يۇقارقى ئىككى كۆرۈنۈشنڭ قانداق رېئاللىقتىن دېرەك بىرىدىغانلىقى ئاشكارە بولىدۇ.ئىت يىتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال مىسالىغا كەلسەك، «ئىتنى ئاساسەن ئوۋچىلىقتا، پادىچىلىقتا ئىشلەتكەن، ئىت بىقىلسا بەرىكەت قاچىدۇ، ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، دەپ قارايدىغان»<7> ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۇنداق تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، مۇجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىككە سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر موھىم ئامىلنى روشەنلەشتۈرۈپ بىرىدۇ. يەنى، كىشىلەر دۇنيادىكى تۈزۈك ئورۇنى يوق ئۇششاق – ئاجىز مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىنى، مەدەنىيەتتىكى سمۋوللۇق بەلگىلىرىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما، كۈچلۈك، زامانىۋى مىللەتلەرنى دورايدۇ، شۇلاردەك بولۇشقا تىرىشىدۇ. بىر تەرەپتىن، بۇ – شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىكى تايانچىسىزلىق، مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى غايىۋى ئوبرازغا ئىنتىلىش ئارقىلىق بىسىشقا ئۇرۇنغانلىقنىڭ نەتىجىسى. يەنە بىر تەرەپتىن، «لايىقىدا زامانىۋىلىشايلى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئامىرىكىلىق ئىنسانشۇناس مارىك لىچىنىڭ گىپى بويىچە چۈشەندۈرگەندە، تەرەققىي تاپمىغان جايلاردىكى كىشىلەر زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش دەپ چۈشىنىدۇ ۋە غايىسىدىكى ئوبراز بىلەن مۇمكىنسىز رېئاللىق ئوتتۇرسىدا تىپىرلايدۇ.» <8> بىر ئىجتىمائىي تەپ ئەنە شۇ غايىسىدىكى ئوبراز ئۈچۈن كۈچىگەندە، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت كىملىكى بىلەن قوبۇل قىلىش ئالدىدا تۇرغان مەدەنىيەت كىملىكى ئارىسىدا زىدىيەت كۆرىلىدۇ. مىسالەن، ماڭا رېستوران پەلەمپىيىدە ئۇچراپ «بۈگۈن پىڭ ئەن يە تۇرسا» دېگەن ئۇيغۇر قىزى ئائىلىسىدە ئاتا – ئانىسىنىڭ قېشىدا تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش؛ خىزمەت ئورۇنلىرىدا مۇسۇلمان بولمىغان بىرەر خىزمەتداشنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى تۈگەپ كەتسە جەسسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا چىقىشى؛ شۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ۋە ھەتتا شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە چىركاۋغا بىرىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئىت يىتلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال بولسا بەلكىم پىستىسىنى سۆيگەن لەۋلىرى بىلەن ئۆيدە قىزى، ئوغلىنى سۆيۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ تامامەن تەساۋۇرغا سىڭىدىغان ئەھۋال. زىدىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولۇش دېگەنلىك، يۇقارقىدەك ئىجتىمائىي موھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىتىراتىگىيە بەلگىلەپ، رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ماكرولۇق كونتىرولۇق، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بۇ جەرياننى تىزلىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىغا باغلىق بولمىغان ھالدا چىن، مۇقىم كىملىككە ئىگە بولۇش قىيىنلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رېئاللىقتا زىدىيەتلىك.随机文章:
«ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» 2010-05-02تۇغۇلۇش ئۈچۈن ئۆلۈش !!! 2010-04-08دىلو تۈرلىرىدىن ئەخلاق كىرزىمىزگە نەزەر (2) 2010-04-06چىگرا ھالقىغان خىياللار 2010-04-06