
-
ئېنگلىز تىلىنى تىز ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىم - [تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر]
ئېنگلىز تىلىنى تىز ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىم
دىلشات ھېۋزۇللا
پەقەت ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسىلا، ئېنگلىز تىلىنى 5-6 ئاي ئۆگىنىپلا ئاددىي ھىكايىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆز مەقسىتىڭىزنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇش ئانچە قىيىن ئەمەس. مېنىڭ ئېنگلىزچە ئۆگىنىش جەريانىم يەنە بىر جەھەتتىن ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش جەريانى بولۇپ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۆگىنىش ئۈنىمىنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىممۇ ئېشىپ باردى. مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان، ئېنگلىز تىلى ئۆگەنمەكچى بولىۋاتقان بىرنەچچە ساۋاقدىشىمغا ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھىس قىلغانلىرىمىنى سۆزلەپ بىرىۋىدىم، ئۇلار شۇ بويىچە ئۆگىنىپ 6-7 ئاي ئىچىدىلا ئېنگلىز تىلىدا يىزىلغان ئاددىي ھىكايىلەرنى ئوقۇپ زوقلىنالايدىغان بولۇپ قالدى.
گەپنى ئۇنتۇلۇشتىن باشلايلى، تىلنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى ناھايىتىمۇ كەڭ بولغانلىقتىن، باشتىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىپ بولۇپ، كىيىنكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىۋاتقاندا، باشتا ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ئۇنتۇشقا باشلاش مۇقەررەر بولىدىغان ھادىسە، بۇ چاغدا قانداق قىلىش كىرەك؟ باشتىكى مەزمۇنلارنى قايتا تەكرار قىلىش كىرەكمۇ ياكى داۋاملىق يىڭى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىۋىرىش كىرەكمۇ؟ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەرسىنى ئۆگىنىۋىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىۋىرىش كىرەك. بىزنىڭ ئۆگىنىشمىز كىرەك بولغان مەزمۇن ئىككى: بىرى، سۆزلەر؛ يەنە بىرى جۈملە شەكىللىرى. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كىيىنكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزى باشتىكى مەزمۇنلارنى تەكرارلاشتىن ئىبارەت.
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، بىر قېتىمدا بەش، ئالتە دەرسنى بىراقلا ئۆگىنىشنىڭ ئانچە تەسكە توختاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىسىز. مۇسۇنداق مەقسەت بىلەن ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ئۆگىنىشتىكى بەزى ئەگرى يوللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بىز ئاز ئۆگەنسەك، ئۇنتۇلىدىغان مەزمۇن ئاز بولىدۇ؛ بۇ تەبىئىي ئەھۋال. لىكىن بۇنىڭدىن قورقۇپ ئاز ئۆگىنىش ئەخمىقانىلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئېنگلىز تىلىدا قايتا-قايتا تەكرارلىمىغىچە ھېس قىلىۋالغىلى، شۇنداقلا ئەستە ساقلىغىلى بولمايدىغان مەزمۇنلار بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر كۆرۈپلا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغان مەزمۇنلارمۇ بار. شۇڭا كۆپ ئۆگەنسەك، ئۇنتۇلمايدىغان مەزمۇنمۇ كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنتۇلغان مەزمۇنلار ئۆگىنىلمىگەن مەزمۇنغا قارىغاندا، بىزگە خېلىلا تونۇشلۇق بولۇپ قالىدۇ. بىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەرسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللانساق، كۆپ ئۇنتۇش بەدىلىگە كۆپ نەرسىنى ئۆگىنىۋالالايمىز. ئېنگلىز تىئىلىغا بولغان تونۇشلىقىمىزنىڭ ئېشىپ بىرىشى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىزنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆگىنىشىمىزدىكى ئۇنتۇلۇش تۆۋەنلەپ بارىدۇ. دىمەكچى بولغىنىم، ئەگەر مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغان بولسىڭىز، ئۆگىنىش تېزلىكىڭىز ۋە ئۈنۈمىڭىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ماڭىدۇ.
بىز ھەربىر دەرسنى ئۆگەنگەندە، تېكىستتىكى جۈملىلەر ۋە ئۇلارنىڭ جۈملە شەكىللىرى سۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئېسىمىزدە بولسىلا گەرچە كىيىن ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىدىغانلىقىمىزغا كۆزىمىز يىتىپ تۇرسىمۇ، دەرھال قايتىلاپ ئۆگىنىۋىرىش ياخشى ئادەت ئەمەس. تىل باشقا پەنلەردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، باشقا پەن بىلىملىرى، بولۇپمۇ ماتىماتىكا، فىزىكا بىلىملىرى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، كونكرتلىقتىن ئابىستراكىتلىققا يۈزلەنگەن ھالدا، نىسبەتەن تارراق يۈز ئۈستىگە بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى قۇرۇلۇپ ئېگىزلىككە قاراپ تەررەققىي قىلغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇلاردا، كەينىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئالدىدىكى مەزمۇنلارنى پىششىق ئۆگىنىش. ئەمما تىل ئېگىزلىككە قاراپ ناھايىتىمۇ ئاز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كەڭلىككە قاراپ چەكسىز دىگىدەك تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى كۆپ بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ھەرقانداق قىسمى مۇرەككەپلىككە كىرمەيدۇ. ئەگەر ياخشى بىر ئوقۇتقۇچىڭىز بوسا، بىرىنجى قىسىم كىتاپتىن باشلاپ ئۆگىنىش ھاجەتسىز. ئەھۋالغا قاراپ خالىغان قىسىملىرىدىن باشلاپ ئۆگەنسىڭىز بولىۋىرىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر بىرىنجى قىسىم كىتاپنى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا بىر يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىرىنجى قىسىم كىتاپنىڭ رولى سۇ ئۈزۈش ئالدىدىكى بەدەنگە سۇ چىچىپ ئۇنى سۇغا كۆندىرىۋىلىش رولىدىن پەرقلەنمەيدۇ.
ھەر بىر دەرسنى ئۆگەنگەندە، ئۆگىنىشىمىزدىكى ئاساسىي نۇقتا تېكست بولىشى كىرەك. تېكست مەزمۇنى تېكىستتىكى ھەرقايسى جۈملىلەرنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ باشلاپ تۇرىدۇ.؛ شۇنىڭدەك ھەربىر جۈملە ئىپادىلىگەن پىكىرمۇ شۇ جۈملىنى ھاسىل قىلغان سۆزلەرنى باغلاپ تۇرىدۇ؛ سۆزلەر بولسا جۈملە تۈزۈش قانۇنىيىتى بويىچە ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئەستە تۇتۇسقا قولايلىق يارىتىپ بىرىدۇ. چۈنكى، چوڭ مىڭە باشلىنىشسىز ئۇقۇملارغا قارىغاندا باغلىنىشلىق ئۇقۇملارنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېكىست مەزمۇنى تېكىستتىكى ھەرقايسى جۈملىلەرگە ئارقا كۆرىنىش ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرگەن مەنىلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ بىرىدۇ. ئېنگلىز تىلىدىكى كۆپلىگەن جۈملىلەرنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەرجىمىسىنىلا كۆرۈش كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ قانداق بىر ئارقا كۆرىنىشتە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىش كىرەك. سۆزلەردە بۇنداق ئەھۋاللار تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان سۆزلەر ئوخشىمىغان جۈملىلەردە ئوخشىمىغان مەنىلەردە كىلىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ مەنسىنى پەقەت جۈملىلەرنىڭ ئىچىدىلا ئېنىق ھىس قىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا خام سۆزلەرنى ئايرىم ئۆگەنمەستىن تېكىست ئىچىدە تۇرغۇزۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىشىئىمىز كىرەك. ئۆگەنگەن تېكىستلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ ئېشىپ بىرىشى بىلەن، سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ۋە جۈملە تۈزەش قانۇنىيەتلىرىنى تەدرىجىي ھالدا ھىس قىلىپ كىتەلەيمىز. بۇ چاغدا ھىس قىلغانلىرىمىز ئاددىي بولغىنى بىلەن قائىدىلەشتۈرگەندە مۇرەككەپ بىر نەرسىگە ئايلىدۇ. مانا بۇ تىل بىلەن گرامماتىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ يەردە، ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گرامماتىكىسىنى مەخسۇس ئۆگىنىشنىڭ زۆرىرىيىتى قالمايدۇ.
ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگەندە ئوبرازلىق تەپەككۇر ئابىستراكىتنى تەپەككۇرغا قارىغاندا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىشى كىرەك، ئۇنى "چۈنكى...، ...شۇنىڭ ئۈچۈن..." دىگەندەك لوگىكىلىق پىكىر قىلىش جەريانلىرىغا زورمۇ-زور قويماستىن، بەلكى ھېس-تۇيغۇمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشمىز كىرەك. ئەگەر بىز جۈملىلەرنى ئۆگەنگەندە، ئۇلارنى ھېس-تۇيغۇمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا يەنە شۇ جۈملىلەر تەرجىمىسىنى ئارىلاشتۇرماي ئۆگىنىدىغان بولساق، توغرا، راۋان، ئەركىن سۆزلەش سەۋىيىسىگە تىزلا يىتەلەيمىز. مەسىلەن،"ئى'م ۋەري ھۇڭري" دىگەن بۇ جۈملىنى، قورسىقىنىڭ بەك ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىرسىگە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تۇرغان چاغدىكى ھېس تۇيغۇدا تۇرۇپ، قايتا-قايتا تەكرارلاپ ئۆگىنىش كىرەك.
يۇقۇرىدا ئېنگلىز تىلىنى تىز سۈرئەتتە ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئەمەلىيەتتە ئۆگىنىش ئۇسۇلى بۇنىڭدىن خىلىلا كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەنلەرنى سىناپ كۆرۈپ باققاندىن كىيىن، بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارنى ھېس قىلىپ قالىسىز. ئەلۋەتتە، ياخشى ئۇسۇل پەقەت نىسبىيلىكتىنلا ئىبارەت. لىكىن ئىشىنىمەنك، بۇ مەسلئىھەتلەر سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ شەرت شارائىتى ۋە روھىي ھالەت، خاراكتىرىڭىزغا ماس كىلىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقىشىڭىزغا ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولالايدۇ.ئىنگىلىز تىلىنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ ئىنگىلىز تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىچۇ؟
ئەركىن سىدىق
بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنىش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش ھېچكىم ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇڭا باشتىن تارتىپ بۇ توغرىلىق مۇستەھكەم ئىدىيىۋىي تەييارلىق بولۇشى كېرەك. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (XJU) دە ئوقۇغان ۋاقتىمدا، 1-يىلى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2 يىلنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، تەبىئى پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3 يىللىق دەرسلىكىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىنگلىزچىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل جەريانىدا ياپون تىلىنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بولدۇم.
مەن قوللانغان ئۇسۇل مۇنداق: 1) ھەر كۈنى يېڭى سۆزلۈكتىن 20 دانە سۆز ئۆگىنىش. 2) بىر سۆزنى 5 كۈن، ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن يېزىش. 3) تېكىستنى پۈتۇنلەي يادلىۋېلىش. 4) تاپشۇرۇقنى بىرنىمۇ قالدۇرماي ئىشلەش. تۆۋەندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۇستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.1) تىل ئۆگىنىشتە ئەڭ قىيىنغا توختايدىغان بىر نەرسە يېتەرلىك ساندىكى سۆزلۈكنى يادلاپ ئىگىلەشتىن ئىبارەت. سۆز يادلاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق تۇتۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە. شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ۋەزىپە قىلىۋېلىش كېرەك. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى تەييارلاپ قويغان 20 سۆزلۈكنى يادلىدىم. يەنى خەنزۇچە مەنىسىگە قاراپ، ئىنگلىزچىسىنى دەپ بېرەلەيدىغان بولدۇم. ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن سىنىپقا 5-10 مىنۇت بالدۇر بېرىپ، دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۈگۈن ئۆگەنگەن 20 سۆز ۋە ئالدىنقى 4 كۈندە ئۆگەنگەن 80 سۆز بولۇپ جەمئىي 100 سۆزنى خەنزۇچىسىغا قاراپ تۇرۇپ ئىنگلىزچىسىنى يازدىم. بۇنى چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىق تەكراردىن بۇرۇن يەنە 2 قېتىم تەكرارلىدىم. يەنى ھەر كۈنى 5 كۈنلۈك 100 سۆزنى 3 قېتىم يېزىپ چىقتىم. ھەر بىر سۆزنى مۇشۇنداق 5 كۈن تەكرارلىسام، ئۇ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى. بۇنى ئۆزۈمگە ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈم قىلىۋالغان بولۇپ، سۆزلۈكنى يېزىپ بولماي تۇرۇپ كىنوغا بارمىدىم. سۆزلۈكنى يازماي تۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بارمىدىم. ئويۇن-تاماشىدىن ۋاز كەچسەممۇ بۇ تۈزۈمنى قەتئىي بۇزمىدىم.
2) يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ھەر قېتىم 5 كۈنلۈك سۆزنى (يەنى 100 سۆزنى) يازدىم. ھەر كۈنى 3 قېتىم يازدىم: ئەتىگەنلىك دەرستىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن.
3) مېنىڭ ئۆگەنگىنىم تەبىئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ھەر بىر دەرسنىڭ بىردىن رەسمى تېكىست ۋە بىردىن "ئىختىيارىي ئوقۇش تېكىستى" (Reading text) بار ئىدى. مەن ھەر ھەپتىدە بىردىن يېڭى دەرس ئۆگەنگەن بولۇپ، ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېكىستنى يادلاپ، ئاخىرىدا تېكستنى پۈتۈنلەي يادلىۋالدىم. بۇنىڭ پايدىسى، سىز خام سۆزنى پۇختا ئېسىڭىزگە ئېلىۋېلىپلا قالماي، گرامماتىكا قائىدىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يادلىۋالىدىغان بولغاچقا، كېيىنچە گرامماتىكىنى جانلىق ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىسى بولىدىكەن. مەن Reading text نىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئاساسەن ئېسىمگە ئېلىۋالدىم.4) تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەش ھەر قانداق پەندە يېڭى ئۇقۇمنى پىششىق ئىگىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمەن.
بىر داڭلىق ئادەم مۇنداق دېگەن: "ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى سائەت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭكىگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ." بۇ سۆز تىل ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. مەن خجۇ دە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تاماققا ئۆچرەت تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپتوبۇستا ماڭغان ۋاقتىمدا، يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلايتتىم.
ئىنگلىزچە خام سۆزلەرنى قانداق يادلاش كېرەك؟
ئەگەر سىز ئىنگىلىزچە 4-،6-دەرىجە ياكى توفېل ئىمتىھانى بەرمەكچى بولسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەۋىيەرىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك. سىز ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى، قانداق قىلىپ ئىنگلىزتىلىنى قورال قىلىپ باشقا بىلىمگە ئېرىشىش، ئۇنداقتا سىز قانداق قىلىپ تېز ھەم ئۈنۈملۈك ئۆگىنىسىز؟
تۆۋەندە سىلەرگە مەن ئۇچ خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن:
1.مەجبۇرى يادلاش ئۇسۇلى:
1) ئۈنلۈك ئوقۇش، قايتا-قايتا ئىسىدا قالغىچە ئوقۇش.
2) خام سۆزنى قانداق يادلاشتا، مۇنداق بىر جۈملە ئېسىمدە قاپتۇ، ئاساسى مەزمۇنى: بىرىنچى قېتىم يادلاپ بولۇپ، 8 سائەتتىن كېيىن بىرقېتىم تەكرارلاش، 24 سائەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش، 48 سائەتتىن كېيىن يانا بىر قېتىم تەكرارلاش. سىز ئاشۇنداق ئالدى-كەينىگە ئۇلاپ ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، خۇددى قار كۇمىلىچى دۆگىلىگەنگە ئوخشاش.
3) يىغلىغان سۆزلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك، مەن ھازىرمۇ مۇنداق قىلىمەن، مېنىڭ ئىشخانىدا ۋە ئۆيۈمدە بىر تالدىن خام سۆز ئۆكۈنۈش خاتىرە دەپتىرى بار، لىققىدە يېزىقلىق. ئۇ سۆزلەرنى بىكار بولۇپ قالسام ئۆگىنىپ قويىمەن.
4) ئىنگىلىزچە رادىئو-تېلېۋىزىيەلەرگە جىقراق دىققەت قىلىپ تۇرۇش، ھازىر جۇڭگودىكى بۇ خىلدىكى پروگراممىلار خېلە كۆپ.
5) سىز يەنە تورداشتىن بىرنى تېپىپ، ئىنگىلىزچە email ئارقىلىق ئالاقە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.2. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى:
خام سۆز يادلاش خۇددى ئادەملەر بىلەن توشقانغا ئوخشايدۇ. بىر كۆرۈشكەن تونۇش، ئىككى كۆرۈشكەن تۇغقان دېگەندەك. بىرىنچى قېتىم ئۇچراتقاندا، چىرايى ئېسىڭىزدە، لېكىن ئىسمىنى بىلمەيسىز. لېكىن بۇ سىلەرنىڭ كېيىكى ئالاقە قىلىشىڭلارغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە ئىسمىنى بىلىۋالىسىز، لېكىن مىجەز-خۇلقىنى بىلمەيسىز، بۇمۇ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئۈچىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە يۈزەكى بولسىمۇ مىجەز-خۇلقىنى بىلىسىز، بۇ يەنىلا سىلەرگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. كېيىنچە كۆپرەك ئۇچراتسىڭىز، ئاستا-ئاستا ئۇ كىشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى چۈشۈشنى ۋالالايسىز، ھەتتا دوست بولۇپ كېتىسىز. شۇڭا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇچرىشى ئۈچۈن كۆپرەك پۇرسەت ئىزدىشىڭىز كېرەك.3. قەدەممۇ-قەدەم ئۆگىنىش ئۇسۇلى:
1) بىرىنچى قەدەم: ئېنىق بولغان سۆزلۈك ئۆگىنىش كىتابى بولۇش
ھەرقانداق سۆزلۈكنى ئەستە ساقلاش، ھەرگىز ھەممە ھەممە ئىنگىلىزچە خام سۆزنى ئەستە ساقلاشنى بىلدۈرمەيدۇ. ئېھتىياجغا قاراپ، ئۆزىنىڭ سۆزلۈك كىتابىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ھەرخىل سۆزلۈك ماتېرىياللىرى بەك كۆپ. ئۆزىڭىزگە لازىملىقىنى سېتىۋېلىپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى سۆزلۈك مىقدارى 830 (ئۇنىڭغا 157 سۆز بىرىكمىسىنى قوشساق). تۇلۇق ئوتتۇرا ئىنگىلىز تىلى سۆزلۈك مىقدارى 2832 (يېقىندا ئوقۇتۇش پروگراممىسى تۆۋەنلىتىلىپ، 2500 ئەتراپىغا چۈشۈرۈلدىغۇ دەيمەن). ئالىي مەكتەپ 4-دەرىجە سۆزلۈك مىقدارى 4000 سۆز، 6-دەرىجە 5500 سۆز، گەرچە ھەر يىلى ئوقۇتۇش پروگراممىسى ئۆزگەرتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، 4-دەرىجە 4500 سۆز، 6- دەرىجە 7500 سۆزلۈك تولۇق ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىنگلىزتىلى ئېمتىھانلىرىدا سۆزلۈك مىقدارىغا بولغان تەلەپ يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەنلەردىن ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا 6-دەرىجە ئىمتىھاندىكى سۆزلۈك يادىدا بولسىلا بولدى. بۇ چاغدا سۆز ياساش قائىدىسىنى چۈشىنىش ئىتايىن مۇھىم. توفېل، GRE ئىمتىھانىغا كەلسەك، 10000 سۆزلۈك مىقدارى بولسا يۇقىرى نومۇر ئېلىشتا گەپ يوق. 20000 سۆزلۈك مىقدارى بولسا تېخى ياخشى، ئوقۇش سۈرئىتىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.
سۆزلۈك كىتابى تاللاشتا ئاسان، چۈشىنىشلىك، نېپىزرەك بولغان كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن. ياخشى بولغان سۆزلۈك كىتابى كېيىنكى قەدەمنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئىشەنچ، سەۋىرچانلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. بۇ چاغدا چوقۇم ئىككىسىنىڭ پەرقىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. كىتاب ئالغاندا كىتاب توم بولسا مۇكەممەل بولىدۇ، بۇنداق كىتابنىڭ ھەقىقەتەن باھاسىغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ كىتابنى ئېلىشنى قارار قىلىسىز. بىراق كىتابنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا كىتاب قانچە نىپىز بولسا شۇنچە ئاسان ئەستە قالىدۇ، ھەم كەيپىياتىڭىز كۆتۈرەڭگۈ تۇرىدۇ. سۆزلۈك كىتابى ئەسلىدىلا لەززەتسىز بولۇپ، ئۆگىنىش سۈرئىتىڭىز ئاستا بولغاندا ئۆگىنىشتىكى جەڭگىۋارلىقىڭىز قالمايدۇ.
يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە «大学英语教学大纲通用词汇表» دېگەن (大学英语教学大纲词表调整小组编上海外语教育出版社/高等教育出版社) نەشىر قىلغان كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن. 1~4-دەرىجىگىچە باھاسى 8 سوم، 5~6-گىچە 3 سوم. بەزى كىشلەر لۇغەت يادلاشنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى لۇغەتتە ھەر بىز سۆزنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىرقەدەر ئەتراپلىق. بىراق بۇ ئىنگلىزتىلى ئۇستىلىرىغا قارىتىلغان. ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن بۇنداق ئۆگىنىش تازا ماس كەلمەيدۇ.
2) ئىككىنچى قەدەم: خام سۆز كۆرۈش
ئاۋال مەركەزلەشتۈرۈپ سۆزلۈك كۆرۈش، بىراق يادلىماسلىق، بۇ باسقۇچ 7-21 كۈن.
ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى بىرقېتىم كۆرۈپ چىقىش، يادلاشقا بېرىلىپ كەتمەسلىك، بىراق ئەستايىدىل بولۇش، ئىچىمىزدىن ھېسسىياتنى چىقىرىپ تۇرۇپ كۆرۈش.
ئادەتتە، 6- دەرىجە ئىمتىھاندىكى 5500 سۆزلۈكنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرسە يېرىم سائەتتىن 2 سائەتكىچە كۆرۈپ بولىغىلى بولىدۇ، پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئوقۇسىڭىز تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇخىل ئۇسۇل بىلەن ھۇجۇم قىلسىڭىز ئاسان ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. بىراق چوقۇم زېھنىڭىزنى قويۇشىڭىز كېرەك. ئەگەردە زېھنىڭىز ئۇياق-بۇياقلارغا كېتىپ قالسا، قۇرۇق بەت ئۆرىگەن بولىسىزدە، ئازراقمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.خام سۆزنى كۆرگەن ئەممە ئوقۇمىغان بولغاچقا سىز ئوقۇش جەھەتتىكى توسالغۇنى يېڭەلەيسىز. تېكىست ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئوقۇش سۈرئىتى تەبىئىيلا بىزگە تەسىر قىلىدۇ، بىز بۇنداق ۋاقىتتا كۆرۈش سەزگۈمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تەپەككۈرىمىز بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە ئوقۇش دەرىجىسىگە يېتىشىمىز كېرەك. ئىمتىھان، سۆزلەش ۋە ئاڭلاش ئىنگىلىز تىلىنىڭ كەلگۈسىدىكى قوللىنىلىشىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشتىكى مەقسىتى ئېمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشلا بولماستىن، ئىنگىلىز تىلىنى قورال قىلىپ ھەرخىل گېزىت ماتېرىياللارنى شارىلداپ ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىش، ئالايلۇق ئىنگىلىزچە تور بەتلەردىن كۆرۈش ۋە چەتئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە كارخانا باشقۇرۇش تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىش قاتارلىق.
خام سۆزنى كۆرۈش يادلاشقا قارىغاندا ئۈنۈملۈك. چۈنكى خام سۆزنى كۆرگەندە بىرقەدەر ئازادە ھېس قىلىسىز، ئاسانلىقچە ھېرىپ قالمايسىز، بۇنىڭدىن باشقا، ئاسانلا خام سۆزلەرنىڭ ئۇمۇمىي شەكلى تېزلا ئېسىڭىزدە قالىدۇ.3) ئۈچىنچى قەدەم: خام سۆزنى ئەسلەش.
خام سۆزنى كۆرۈپ 3-كۈنىدىن باشلاپ، شۇ خام سۆزنى ئەسلەش كېرەك. خام سۆزلەرنى توختىماستىن مېڭىسىدىن ئۆتكۈزۈش.
خام سۆزنى ئەسلەش سېتىلمىلىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم بىر باسقۇچى. خام سۆزنى ئەسلەش كىتاب بولمىسىمۇ بولىدۇ. بىكار بولۇپ قالسىڭىزلا ئەسلىسىڭىز بولىدۇ. ئامال بار جىقراق مېڭىڭىزدىن ئۆتكۈزۈڭ، بۇنداق بولغاندا چوڭقۇر تەسىر قالىدۇ، ئايلاپ-يىللاپ ئۇنتۇلۇپ قالمايسىز.
دەسلەپتە باشلىغاندا سۆزلۈك كىتابى بويىچە ئەسلەش. بۇ دېگىنىمىز سۆزلۈك كىتابىنى مېڭىمىزدە ئەسكى ئەتتۈرۈش.
خام سۆزنى ئەسلەش جەريانى خام سۆزنى كۆرۈش جەريانىدىن تېز بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا خام سۆزنى كۆگەن ۋاقىتتا، ئەسلەش بىلەن كۆرۈش بىرلا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك بىرلەشكەن بولىدۇ.بۇ ماقالە لى كەيفۇنىڭ تورىدىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.
پرىستان بلوگ تەرجىمىسى随机文章:
ئىچكىرىدە پاسپورت بېجىرىش 2010-04-18مىللەت ئىزدەش ئېلانى 2010-04-10قىزلىرىمىز قـــانداق خــــورلىنىۋاتىدۇ؟ 2010-04-09مېنىڭ ئارزۇيۇم I Have a Dream 2010-03-31