• 2010-04-21

    قاباھەتكە تولغان كېچە

        
    ئۇ يەنە چۈشىدىن چۈچۈپ  ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،ئۇنىڭ ئۈستى –بېشى چىلىق –چىلىق قارا تەرگە چۈمۈپ كەتكەنىدى،ئەتراپ تېخىچە تۈن پەردىسى ئىچىدە ئىدى.ئۇ بىر ھازا ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى،بىراق ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان بۇلۇپ،كۆز ئالدىغا كۆرگەن چۈشى يەنى ئاشۇ كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار كىلىۋالغانىدى.
    ئاشۇ كۈنى ئۇ يېقىن دوستى شەھىدەنى ئېلىپ توي قىلماقچى بولغان يېگىتىنىڭ يۇرتىغا كەلدى،يىگىتى ئۈزىنىڭ بىر دوستىنى ئېلىۋالغان بۇلۇپ ،ئۇلار كاتتا بىر ئارامگاھنىڭ ئايرىمخانىسىدا سۇرۇن تۈزۈپ ئولتۇردى،قىزلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ ھەرخىل سەيلەردىن ئالغاچ ئولتۇردى،ئوغۇللار بولسا ئاق ھاراق ئىچىشتى.
       -ئەلى ،بەك كۆپ ئىچىۋەتتىڭلار ،ئەمدى ئىچمەڭلار،بىزمۇ بۈگۈن كەلدۇق،ھەم تېخى ياتاققىمۇ ئۇرۇنلاشمىدۇق ،بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئالساق بۇلاتتى.
    -رەنا ،مەن تۇرسام يەنە نىمىگە ئەنسىرەيسىز؟ياتاققا ئۈزۈم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيىمەن،-ئارىدىن بويلىرى ئىگىز ،ئۇرۇق ،قارا-قۇمچاق كەلگەن بىر يىگىت شۇنداق دىدى.

  • 2010-04-20

    ئېنگلىز تىلىنى تىز ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىم

     

    پەقەت ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسىلا، ئېنگلىز تىلىنى 5-6 ئاي ئۆگىنىپلا ئاددىي ھىكايىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆز مەقسىتىڭىزنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇش ئانچە قىيىن ئەمەس. مېنىڭ ئېنگلىزچە ئۆگىنىش جەريانىم يەنە بىر جەھەتتىن ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش جەريانى بولۇپ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۆگىنىش ئۈنىمىنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىممۇ ئېشىپ باردى. مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان، ئېنگلىز تىلى ئۆگەنمەكچى بولىۋاتقان بىرنەچچە ساۋاقدىشىمغا ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھىس قىلغانلىرىمىنى سۆزلەپ بىرىۋىدىم، ئۇلار شۇ بويىچە ئۆگىنىپ 6-7 ئاي ئىچىدىلا ئېنگلىز تىلىدا يىزىلغان ئاددىي ھىكايىلەرنى ئوقۇپ زوقلىنالايدىغان بولۇپ قالدى.

  • 2010-04-20

    ئېنگىلىزچىنى قانداق ئۈگىنىش كېرەك؟ -

    بىر خىل تىلنى ئۈگىنىشتە،خىجىللىق تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ تىل ئۈگىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلا ھىساپلىنىدۇ.ئۈگەنگۈچىلەر خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن ياكى ئوسال ئەھۋالدا قېلىشتىن ئەنسىرىگەچكە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سۆلىيەلمەيدۇ.بۇنداق قىلىش خاتا!بىر نەرسىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن،تاكى سىز مۇۋاپىقىيەت قازانغىچە قايتا-قايتا تىرىشىشىڭىز كېرەك.ھەر قانداق نەرسىنى ئۈگەنگەنگە ئوخشاش،ئېنگىلىز تىلىنى ئۈگىنىشمۇ قايتا-قايتا مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.كىچىككىنە خىجىللىق تۇيغۇسىنىڭ كاساپىتىدىن،ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزگە ئېرىشىشىتىن ۋاز كەچسىڭىز بولمايدۇ.

    The biggest problem most people face in learning a new language is their own fear. They worry that they won’t say things correctly or that they will look stupid so they don’t talk at all. Dont do this. The fastest way to learn anything is to do it – again and again until you get it right. Like anything, learning English requires practice. Don’t let a little fear stop you from getting what you want

     

  • 2010-04-20

    ھەرقانداق تىلنى تېز ئېگەللەش

     

    تىل تەپەككۇر ئەينىكى، بىر تىلنى كۆپ بىلسە شۇ تىلنىڭ تەپەككۇرىنى بىلدى دېگەنلىك. ئەلۋەتتە تۇرمۇشىمىزدىكى تىلنىڭ زۆرۈرىيەت ھەم مەجبۇرىيەتلىكى ھەممىمىزگە ئايان، بۇ توغرىسىدا ئارتۇقچە سۆزلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇيەردە ئېيتىدىغىنىم تىل ئارقىلىق شۇ مىللەت مەدەنىيىتى، شۇ مىللەت ئىدىيىسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا شۇ مىللەتتىكى نۇرغۇنلىغان دوستلار بىلەن تونۇشۇپ ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى، نەزەر دائىرىمىزنى، دۇنيا قارىشىمىزنى تېخىمۇ بەك توغرىلىۋالالايمىز. شۇ مىللەت دىيارىغا بېرىپ، شۇخىل ئۆزگىچە يات مەدەنىيەتتىن گۈزەللىك، ھەم ھۇزۇر ئالالايمىز. بىرەر شەيئى ياكى ھادىسىگە بىر مىللەت خەلقى بىر نۇقتىدىن قارىغان، تەپەككۇر قىلغان بولسا، يەنە بىر مىللەت خەلقىمۇ ئۆزىگە خاس نۇقتىدىن قارايدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، ھۆكۈم قىلىدۇ. بىز دەل تىل ئېگەللەش ئارقىلىق باشقىلارنى چۈشىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرىمىزنى خەقنىڭكىگە سېلىشتۇرالايمىز، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ بەك ئالغا باستۇرۇپ تاكامۇللاشتۇرالايمىز.

  • 2010-04-20

    تۇغۇلغان كۈنۈم

     

    مانا بۈگۈنكى كۈندە تەۋەللۇت بولدۇم. بۇندىن يىگرمە بەش يىل مۇقەددەم دەل بۈگۈنكى كۈندە خاتىرجەملىك مېنى تالاش - تارتىش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىلەن تولغان بۇ دۇنيا قوينىغا تاشلاپ قويدى.

    زېمىن، ئاي، قۇياش ۋە يۇلتۇزلار بىلەن بۈيۈك قانۇنىيەت ئەتراپىدا يىگىرمە بەش قېتىم سەير قىلدىم. بىراق، روھىم ھازىرمۇ ئەشۇ قانۇنىيەت ئىسىملىرىنى پىچىرلاۋاتىدۇ. دېڭىز دولقۇنى غار - ئۆڭكۈرلەردىن ئەكىس سادا قايتۇرىۋاتىدۇ. 

    يىگىرمە بەش يىلدىن بۇيان زامان قولى مېنى بۇ كەڭ، يوچۇن دۇنيا كىتابىنىڭ بىر بېتىگە بىر جۈملە سۆز قىلىپ پۈتتى. بىراق ئۇ سۆز بەكلا گۇڭگا. بىر قارىسا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ، يەنە بىر قارىسا كۆپ نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ.

  • 2010-04-19

    توردىكى <<ئۇكاش >> (7)

    ئايگۈزەلدە كەچكىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈچىلىمىز بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدۇق ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،كارىۋات بېشىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن . دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشنى ئېيتتى ، لىكىن ئۇنداق قىلمىدۇق ھەم قىلالمىدۇق ، ھەتتا ئاپىسى تىلفۇن قىلىپتىكەن يالغان سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
      ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلماي يۈرگىچە زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام بوپتىكەن ، ئۈتۈپ كەتكەنمەن دۆتكەنمەن ، ئادەم بىر ئىشنى ئىچىگە ئېلىۋەرسە مۇشۇنداق بۇلۇشىنى بىلەتتىمغۇ  ، ئۇنىڭ ئاپاق بىلەن مەندىن باشقا ھەممە گەپلىرىنى ئېيتىپ سىرداشقۇدەك ئادىمى بولمىسا نىمىشقىمۇ ؟؟؟نىمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن سورىمىغاندىمەن ، بەلكىم ماڭا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ھەممە گەپلىرىنى دەۋالسا بۈگۈنكى ئىشلار يۈز بەرمەستى...

  • 2010-04-19

    توردىكى <<ئۇكاش >> (6)

    مىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىم ئايگۈزەلنى بەكرەك خوشال قىلغانىدى .ئۈزۈممۇ خوشال ئىدىم .ئىلھامنىڭ كۈيىنىشىدىن كۆڭلۈمدە ئۇزۇندىن بىرى ھىس قىلىپ كىلىۋاتقان بوشلۇقنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغاندەك ھىس قىلاتتىم ، كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلاتتى ، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ، تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىمنى ، چارچىغان-چارچىمىغانلىقىمنى سورايتتى ، «مەن ساڭا بەك ئامراق»دەيتتى ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ، ئۇ شۇنداق مىنى ئەركىلەتكۈسى كەلگەندە سەنلەپ قۇياتتى.
      بىر ئاي ئەنە شۇنداق ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .
      ئايگۈزەل بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى ، تاماقنى ئاساسەن مەن ئىتىدىغانلا بولدۇم ، ئۇ ھەم ئىشلەپ ھەم ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنىدى.

  • 2010-04-19

    توردىكى <<ئۇكاش >> (5)

    ئايگۈزەلنى ساقلىغاچ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ، تۇرۇپلا كۈلگۈم كىلىپ قالدى ، ئۇكاش بىلەن پاراڭلاشقىلى تېخى بىرەر ئايمۇ بولمىغانىدى ، بۇ تۇنجى قېتىم توردا تۇنۇشقان ئادىمىم بىلەن ئۇچراشقىنىم ھىساپلىناتتى ، توردىغۇ بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي ئولتۇرۇپ گەپنى قىلىۋىرىمىز ، ھېلى ئۇ كەلسە قانداق بۇلار...
    ــ تىلفۇننى قۇيۇپ بوپسەنغۇ ھوي ! ،ــ تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئايگۈزەلگە چاخچاق قىلغۇم كەلدى،ــ يائاللا تىلفۇننى بىر قۇلۇڭغا ئالدىڭمۇ بولدى ، نەچچە سائەتكىچە خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمىسىدە لەيلەپ يۈرگىنىڭ يۈرگەن ، تۇر ئورنۇڭدىن ، تاماق يىگىلى سىرتقا چىقىمىز .
    ــ ساراڭ ، نىمانداق جىق گەپ قىلىسەن ؟

  • 2010-04-19

    توردىكى <<ئۇكاش >> (4)

    توۋا...بىر چاغلاردا مەنمۇ شۇنداق ئويتلايتتىم ھە ! پەقەت ئۇنىڭلا خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتسەم ، ئالدىدا مۇلايىم ، خۇشپىچىم بولسام ، ھەر قېتىم ماڭا گەپ قىلغىنىدا <ماقۇل نىجاتىم > دەپلا تۇرسام ، مۇلايىملىقىمدىن سۈيۈنۈپ ، خوش بۇلۇپ كەتسە دەپ ئويلايتتىم...
    ــ گۈزەل ، سەندىن بىر سۇئال سورىسام بۇلارمۇ ؟
    ــ گەپ تېشىلىپ قالدى ھە ، سوراۋەرگىن .
    ــ سەن بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ ؟
    ــ بىرەرسى دەيسەنغۇ...
    ــ چاقچاق قىلماي دەپ بەرگىنە ، مىنىڭ بەك ئاڭلاپ باققۇم بار.
    ــ ھەئە .
    ــ كىيىن قانداق بولدى ؟
    ــ بۇلارنى دىسەم بىر ھىكايە پۈتۈپ كىتەرمىكىن .

  • 2010-04-19

    توردىكى <<ئۇكاش >> (3)

    بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلدىم ، ئايگۈزەل بىلەن بىرگە تاماق ئەتتىم ، تاماقتىن كىيىن ئۇنىڭدىن قاچا-قۇچىلارنى تالىشىپ يۇدۇم ، ئۇ كومپىيوتۇر ئالدىغا كەتتى . قارىسام بېشىنى كۆتۈرمەي كوت-كوتتا خەت يىزىشىۋېتىپتۇ ، ئادەتتە يىگىتى بىلەنلا ئاۋازلىق پاراڭلىشاتتى ،بۈگۈن كىم بىلەن پاراڭلاشتىكىنە بۇ ؟!
    قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ، بۇ چاغدا ئۇ مۇنبەردە بىر نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتقانىكەن.
    ــ قارىغىنە گۈزەل ، مۇنۇ شېئىر بەك ياخشىكەن ، مەن نىمىشقا يازالمايدىغاندىمەن .
    ــ ئاددىلا شېئىركەنغۇ،،،مەن بۇنداق شېئىرلارغا قارىغاندا چاچما ، گۇڭگا شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن ، بۇلۇپمۇ ئوسمانجان ساۋۇت ، ئادىل تۇنىياز دىگەنلەرنىڭكىنى .
    ــ ما ئەدەبىياتچىنىڭ ئاددىكەن دەپ كەتكىنىنى ، ئۈزۈڭ يازالمايسەن ، يازغانلارنىڭكىنى ياراتمايسەن!

  • 2010-04-19

    توردىكى <<ئۇكاش >> (2)

     

    ئۆيگە كەلسەم ئايگۈزەل تېخىچە ئۇخلىماي كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرمۇنچە گېپىگە «بەك چارچاپ كەتتىم، كىرىپ ئۇخلىۋالاي» دەپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم، سەۋەبى ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدى. ئەگەر يېنىمغا كەلسىلا تاماكا ئىسى، ھاراق پۇراپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ!
    ئەتىسى ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئۇ ئىشقا كېتىپتۇ. ئەتىگەنلىك ناشتامنىمۇ تەييارلاپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بىرسى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەتلىرىمنى بۇزۇپ، ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىم، قارىسام مېھمانخانا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ئەپچىلگىنە قىلىپ كومپيۇتېر ئۈستىلىنى قۇيۇپ قۇيۇپتۇ، قارىغاندا ئىككىنچى قول كومپيۇتېر ئالغاندەك قىلاتتى.
    كەچتە ئىشتىن كېلىپلا ئۇنىڭ تەييار قىلىپ قويغان تامىقىنى يېدىم،
    ــ يېڭى خىزمىتىڭىز قانداقراقكەن؟

  • 2010-04-19

    توردىكى <<ئۇكاش >> (1)


    تۇنجى خەت

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم سىڭلىم، تۇيۇقسىزلا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھە قاچان، تېمىلىرىڭىز، ئىنكاسلىرىڭىز دىققىتىمنى تارتقىلى خېلى بولغان، مەنمۇ بىر چاغلاردا توردا، مۇنبەردە سىزگە ئوخشاش ئەسەر يوللاپ يۈرەتتىم، نۇرغۇن دوستلىرىممۇ بولغان ... ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇشنى، توغرا يولنى ماڭا مۇشۇ تور كۆرسەتكەن دېسەممۇ بولىدۇ... شۇڭا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ھېچ بولمىسا سىزگە بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم ... يېقىندا يوللىغان بىر تېمىڭىزدا يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپسىز... شۇ تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن كاللامغا باشقىچە بىر ئوي كەلدى، ئويلىساممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىم، قىسقىغىنە كۈلكە ئاتا قىلغان، ئەمما ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قويغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىم، چىراقلىرى كۆزلىرىمنى چاقناتقان، ئويۇنلىرى قەلبىمنى ئۆزىگە تارتقان ئاشۇ كۈنلەر...

  • 2010-04-19

    ئەتە ؟! (2)

     

    ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﺎﭘﺎﺋﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﻟﺪﻯ .
    ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﻏﯘﺳﯩﺰ ﺑﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
    ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺗﭽﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰ؟!
    ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻏﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﯞﺍﻱ !

    ﺗﯜﻧﯜﮔﯘﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ  ﺗﯘﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ  ﺳﯘﺭﺍﻳﻤﯩﺰ.
    ﺑﯜﮔﯜﻥ ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯘﻥ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺗﯘﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻐﺎ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.

  • 2010-04-19

    ئەتە ؟! (1)


    - ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ !  ﻛﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ! ﻳﺎﺷﯩﯟﯨﻠﯩﯖﻼﺭ !

    ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﻠﺲ ، ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ  ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﺎﺳﺘﯘﺗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻜﺮﯗﻓﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻥ ﺟﻪﮬﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﯞﻟﯩﻤﺎﻗﺘﺎ .....
    ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮ ﻛﯚﺯﻯ ﭼﻪﻛﭽﻪﻳﮕﻪﻥ، ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺩﺍﻱ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯚﻟﮕﻪﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻧﺎﺯﯨﻨﯩﻦ ، ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ ...

    ‏- ﺋﻪﺗﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺭ! ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﺒﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺳﯩﺰ . ﺑﯘ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯩﻠﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻳﯘﺳﯩﺰ ! ﺑﯩﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﯩﻚ! ﺩﻭﺯﺍﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯓ ! ﺗﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺳﯩﺘﯩﯟﯨﻠﯩﯔ !

  • 2010-04-19

    ئىنگىلىزچە ناخشىلار (8)