• 2010-04-09

    ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار

     
        ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 5- ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207- يىلدىن مىلادىنىڭ 216- يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن 46- 216- يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى (375-469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.
    تۈركىي خەلقلەر ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بولغان ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا، چوغاي تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ياشىغان. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە «ھون» سۆزى «كۈن» سۆزىدىن چىققانلىقى مەلۇم.

  • 2010-04-08

    مۇۋەپپەقىيتىڭىز ئۈچۈن 50 جۈمىلە

     

    1.ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
    2.ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
    3.قۇياشقا يۈزلىنىڭ شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
    4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
    5.ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
    6.ئىرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي تەر تۆكىۋېرىڭ،بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
    7.قىش كەلدى.شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
    8.ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ،ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.
    9.ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ.(يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.)
    10.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا،ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.