ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە
sirkipi يوللانغان ۋاقتى 2012-01-31 08:41 كۆرۈلۈشى:91 قېتىم
- ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدەنەزىرە مۇھەممەد سالىھ
كۆكتە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش، ھەممىگە شاھىد ئاسمان – زېمىن ئۆزگەرگىنى يوق، ئەمما تەرەققىيات چۆچەكلەردىكى «جاھاننەما ئەينەك»، «ئۇچار گىلەم» دەك نۇرغۇن ئاجايىباتنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. توپىدىن ئۈنۈپ چىققان ئىنسان ئۆز قىياسىدىكى سائادەتنىڭ زېمىندا چاقنىغان شولىلىرىغا قاراپ يول ئالدى. بۇ شولىلار بەزىلەر ئۈچۈن ئالغاندا ئېتىقاد ۋە مەرىپەت ئىدى؛ بەزىلەر ئۈچۈن مال – دۇنيا ۋە مەئىشەت ئىدى؛ يەنە بەزىلەر ئۈچۈن خۇددى كۆلەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەنسەپ ۋە شان – شۆھرەت ئىدى.