سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەرھىز
1-پەرھىز :ھەممىگە چات كېرىۋېلىشتىن ساقىلىنىش.ئوقۇغۇچىلارغا زىيادە قاتتىق تەلەپ قويغاندا قاتمال ۋەزىيەت پەيدا بولىدۇ ،ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ زىغىرلاپ كەتكەندە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇت-قولى چۈشۈلۈپ قالىدۇ-دە،تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغىتىشقا تەسىر يېتىدۇ
2-پەرھىز:ھوقۇقىنى زىيادە قويۇۋىتىشتىن ساقلىنىش.سىنىپ خىزمەتلىرىنى سىنىپ ھەيئەتلىرىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۆزى ھېچ بولىمىغاندەك كارى يوق يۈرسە،يېتەكچىلىك قىلمىسا،ئوقۇغۇچىلاردا قارىغۇلارچە ئىش قىلىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قالىدۇ –دە،سىنىپ كوللىكتىپىدا ئۇيۇشۇش كۈچى بولمايدۇ.
3-پەرھىز:ئاددىي ۋە قوپال بولۇشتىن ساقلىنىش .ئوقۇغۇچىلارنى ھە دېسە ئۇرۇپ تىللىسا،دېموكراتىيە ۋە مەدەنىيلىكنى ئىپادە قىلمىسا،ئوقۇغۈۇچىلار چىن كۆڭلىدىن قايىل بولمايدۇ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك ۋەزىيىتى،قارىشىلىشىش پەيدا بولىدۇ،زىددىيەت كەسكىنلىشىدۇ .
4-پەرھىز:جاھىللىق،مەنمەنلىك خاھىشىدىن ساقلىنىش.ئۇستازلىق سالاھىيىتىنىى پەش قىلىپ،ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋېلىپ مۇستەبىتلىك قىلغاندا،ئاسانلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ئىكراملىرىدىن مەھرۇم بولۇپ،يالغۇز قالىدۇ .
5-پەرھىز:شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىش: بۇ خىزمەت جەريانىدا ئۆزگىچىلىك يارىتىش،چوڭ تۆھپە يارىتىش،كۆپچىلىكنىڭ ئەتىۋارلىشىشىغىلا ئېرىشىش كويىدىلا بولۇپ،ياسالمىلىق قىلىش،خىزمەتتە شەكلەن راۋانلىققا ئەھمىيەت بېرىش،ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ .بۇنداق بولغاندا،ئوقۇغۇچىلار تاقابىل تۇرۇش بىلەنلا ھەلەك بولۇپ كېتىپ،ئەمەلىي تەربىيىگە ئېرىشەلمەيدۇ .
6-پەرھىز؛ كونىلىققا ئېسىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش.يېڭىلىش يارىتىش روھى كەمچىل،جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەشكە جۈرئەت قىلالماي،ھازىرىقى ھالىتىگە شۈكۈر قىلىپ،قائىدە –قېلىپ بويلاپ ماڭغاندا،ئوقۇغۇچىلار بېسىم ھېس قىلىدۇ،سىنىپ پائالىيەتلەرىگە بولغان قىزىقىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ .
7-پەرھىز: ھە دېسىلا قائىدىنى ئۆزگەرتىشتىن ساقلىنىش.سىنىپ قائىدىسى ،سىنىپ ئەھدىنامىلىرى ئۆزگىرىشچان،تۇراقسىز بولۇپ،لەۋزىدە تۇرمىغاندا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيىسىدە جىدىيچىلىك پەيدا بولغانلىقتىن،ماسلىشالماي قالىدۇ-دە،سىنىپ مۇدىرىدىن رايى يېنىپ كېتىدۇ.
8-پەرھىز: زەربە بېرىش،ئۆچ ئېلىشتىن ساقلىنىش .كۆڭلى-كۆكسى تار،باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى بىلمەسلىك،سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىغا غۇم ساقلاپ،پۇرسەت تېپىپ ئەدىپىنى بېرىشتەك قىلمىشلار ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ مۇدىرىدىن قورقىدىغان،بىزار بولىدىغان قىلىپ قويىدۇ-دە،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىپ،ئۆزئارا دۈشمەنلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ .
9-پەرھىز :ئىككى ياقلىما خاراكتېردىن ساقلىنىش.بۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سالماق،ئالىيجانابلارچە بولۇپ،ئارقىسىدا پىرىنىسپنى بۇزۇپ،ئەخلاقتىن يىراقلىشىش،،ئىش-ھەرىكىتىدە يولدىن چەتنەپ كېتىش،ھەتتا قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
10-پەرھىز : ئىش بېجىرىشتە ئادىل بولماسلىقتىن ساقلىنىش :ئوقۇغۇچىلارغا بەزىدە ئىللىق،بەزىدە سوغۇق مۇئامىلە قىلىنسا،مۇكاپات بىلەن جازا ئېنىق بولمىسا،ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنمىسا،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ياتلىشىپ كېتىدۇ ،ئوقۇغۇچىلاردا گۇرۇھۋازلىق پەيدا بولۇپ،سىنىپ باشقۇرۇش قالايمىقانلىشىدۇ . 11
-پەرھىز: قانات ئاستىغا ئېلىش،كەڭ قوللۇق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ،ياخشىچاق بولۇۋالغاندا،ئۇلار ئۆزىنى توغرا تونۇيالمايدۇ .ئىلمىي قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ يېتىلىشى تەسكە چۈشىدۇ.
12-پەرھىز :قۇسۇر ئىزدەشكە ئۇرۇنۇشتىن ساقلىنىش .ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنىلا كۆرۈش،ھەرقانداق خاتالىق ۋە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشىگە يول قويماسىلىق،تەنقىدلەش كۆپ،تەقدىرلەش ئاز بولۇش ئۇلارنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھىغا زەربە بېرىپ،ئىلگىرلەش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقىتىدۇ .
(تەھرىر : بەشتاش)
« سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: سىنىپ مۇدىرى ۋە پەن ئايرىمىسىنىڭ ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى