ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > سىنىپ باشقۇرۇش ۋە مۇدىرلىق > تولۇق مەزمۇنى

سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار

ۋاقىت : 2012-03-12 08:39 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 635241 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار

 

   سىنىپ مەكتەپنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدار بىرلىكى بولۇپ، ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. سىنىپ مۇدىرى ھازىرقى مائارىپ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى دۇنياغا، كەلگۈسىگە، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈش، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ۋە ئۇنى تەشكىللىگۈچى ھەم باشقۇرغۇچى، شۇنداقلا مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك. سىنىپ مۇدىرى ئىلمىي ساپاغا ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى باشقۇرۇش، تەشكىللەش، يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مول بىلىمگە ۋە يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن لاياقەتلىك كوللېكتىپ قىلىپ تەشكىللەپ چىقىش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرى تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك

   1. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئەھۋاللىرىنى، يەنى ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئائىلە ئەھۋالى، قىزىقىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش، سۆھبەتلىشىش، تېلېفون بېرىش ئارقىلىق بىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدىلىكى بويىچە يېتەكلىشى كېرەك. 

   2. سىنىپ مۇدىرى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن بىر قەدەر ئىلغار ھەم بەلگىلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ ھەيئەتلىكىگە تاللىشى، باشقا ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلىشى، پايدىلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشى، سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

   3. سىنىپ مۇدىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

   4. سىنىپ مۇدىرى مېھرىبانلىقىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈشى، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىززەتلىشى، ئۇلارنى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ھالدا ئۇلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ