ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > سىنىپ باشقۇرۇش ۋە مۇدىرلىق > تولۇق مەزمۇنى

سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقت

ۋاقىت : 2012-07-05 21:32 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار

 

ئەخمەتجان دۆلەت

 

سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار
 

 

سىنىپ يىغىنى سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى بولۇپ، سىنىپ يىغىنىدا سىنىپتىكى ساقلانغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى قوزغىتىلىدىغان، بۇ ئارقىلىق سىنىپنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىغان يىغىن بولغاچقا، سىنىپ مۇدىرى سىنىپ خىزمىتىدىكى يولۇققان مەسىلىلەر ۋە تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئالدىن تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، سىنىپ يىغىنىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ ئېچىش بىلەن بىللە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ يىغىنىدا يەتمەكچى بولغان مەقسەتنى ئالدىن بېكىتىۋېلىشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى ھەر قېتىم ئېچىلىدىغان سىنىپ يىغىنىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تېزىس تەييارلاپ، مەقسىتى ئېنىق بولغان ئاساستا سىنىپ يىغىنىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سىستېمىلىق ئېچىشى كېرەك.

2. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ يىغىنىنىڭ ئىجابىي قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ يىغىنىدا سىنىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېپىپ، ئۇنى تۈزىتىش توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن كېڭەش قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، ئورۇنسىز ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا چېچىلماسلىق كېرەك.

3. سىنىپ مۇدىرى ئاچقان سىنىپ يىغىنى بىر سائەتلىك ئىدىيەۋى ئەخلاق دەرس تۈسىنى ئېلىشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسى، ئەنئەنە تەربىيەسى، ئۆرپ - ئادەت تەربىيەسى بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ئادەم بولۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

4. سىنىپ مۇدىرى غايە تەربىيەسىنى سىنىپ يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. غايىسىز كىشى نىشانسىز قېيىققا ئوخشايدۇ، ئەگەر ئىنساندا غايە بولمىسا، ئۇنىڭدا يۈكسەك ئىرادە، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغان بۈيۈك ئارمانلار بولمايدۇ. قايسىبىر ئوقۇغۇچىدا غايە كەمچىل بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆگىنىشى نەتىجىلىك بولمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى سىنىپ يىغىنىدا تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئۇلارغا بالىلىق دەۋرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار غايىلىك، مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، ئاقىل، مەرد - مەردانە كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئۇلۇغ ھەم نازۇك خىزمەت. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى بولغان ئوقۇتقۇچىدا مول بىلىم، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلەت، يېتىلگەن تەشكىللەش ماھارىتى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى، بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، كەسىپنى قىزغىن سۆيۈپ، ھەقىقىي «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(11)
84.6%
ناچاركەن
(2)
15.4%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ