قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قى
قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ
سىنىپ مۇدىرىغا نىسبەتەن ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان سىنىپنى بىر ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش - چىقالماسلىق سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ، ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىش كۆپ تەرەپلىك ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەندە، بىر ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
1. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش لازىم. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەپ، سىنىپ كوللېكتىپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ھەق - ناھەق قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلىنى ئەتراپلىق، توغرا ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ، ساغلام ئىدىيىۋى كەيپىياتنى بەرپا قىلىشى لازىم.
2. سىنىپ كادىرلىرىنى تەربىيىلەش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىدا سىنىپ كادىرلىرى خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىش - ئىشلەنمەسلىكى سىنىپنىڭ خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرلىرى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تونۇپ يېتىپ، مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرلىرىنى ئاڭلىق تەربىيىلىشى ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش لازىم. سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ئىشىنىدىغان ئوقۇغۇچىنى سىنىپ كادىرى قىلىپ تاللاش ۋە سىنىپ كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش، يېتەكلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش لازىم.
3. سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىنتىزام، تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىنتىزامى - ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ كاپالىتى، تازىلىق - ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئىنتىزام ۋە تازىلىقنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ياخشى ئىنتىزام، تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سىنىپ كوللېكتىپى ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.
4. ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پايدىلىق پائالىيەتلەرگە دائىم تەشكىللەش كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىدا مۇئەييەن ئۇيۇشۇش كۈچى بولۇشى كېرەك. تۈرلۈك پايدىلىق پائالىيەتلەرنى دائىم ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ شان - شەرەپ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. سىنىپ مۇدىرى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا ۋە ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پايدىلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىشى كېرەك. پائالىيەتنى ۋاقتىدا خۇلاسە قىلىش، پائالىيەتكە ئىدىيىۋى تەربىيە سىڭدۈرۈش لازىم. بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە رىقابەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
5. ئوقۇغۇچىلارنى دادىل سىناپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ مۇدىرى بولۇپ بېقىشقا، ئوقۇتقۇچى بولۇپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر تۈرلۈك خىزمەتنى تاپشۇرغاندا، تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىنى ئىزدىنىش، سىناپ بېقىشقا قوزغاپ، ئۇلارنى ئەمەلىيەت جەريانىدا كۆپرەك تەجرىبە توپلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.
6. سىنىپ مۇدىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئالدىدىكى ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ. مانا بۇ، سىنىپ مۇدىرىدىن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆپرەك ئىگىلەپ، ئەھۋالغا قاراپ تەربىيە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ پائال ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى تەشكىللەش ۋە بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
(تەھرىر : يانتاق)
«قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى مۇستەق
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
nur414 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-29 17:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-19 22:09
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى