ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈ
ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە ئەمەلىيىتىگە ھەم سىياسىي – قانۇن تارماقلىرىنىڭ سىتاستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىيانەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يىلدىن – يىلغا ئېشىپ، گۇرۇھلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، يېشى كىچىك تۇرۇپ جىنايەت يولىغا مېڭىش ۋەزىيىتى كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرلىرى مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى بىلەن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سىلىشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە قانۇن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئادەتتە ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىق قىلمىشنىڭ خاراكتېرىنى ھەم ئاقىۋىتىنى ئىنىق تونۇپ يېتەلمىگەن. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇنغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھەم باشقىلانرىڭ ئوقۇغۇچىلارنى زەخمىلەندۈرۈشىدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئۇلانرىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كېرەك.
بىز ھازىرقى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويۇۋاتىمىز. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرلىرى سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم دۆلىتى قۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنىق تونۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قانۇن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش – پۈتۈن مىللەتنىڭ قانۇن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ كاپالىتى. ئۇ ساپا مائارىپىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
سىنىپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىنىق تونۇپ يېتىپ، مەكتەپلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈم تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى كۈچەيتىشكە يىقىندىن ياردەملىشىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش، بىخەتەرلىك ئارخىپ سانلىق مەلۇمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇندىن پايدىلىنىش، قانۇننى ئۆگىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسىنى سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت تەربىيىسىگە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە قوبۇل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قاراتمىلىقى بولغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى، قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنى، مۇھىت قوغداش ئېڭىنى، ئۆز – ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ھەمدە ھەق – ناھەقنى پەق ئېتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلانرىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك. دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان قانۇن – قائىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك.
قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا، مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى، مەكتەپ ئىدىيىۋى – ئەخلاق تەربىيە بۆلىمى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىپ، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنى، ھەر ھەپتىلىك سىنىپ يېغىنى، ئىتتىپاق ئەزالىرى پائالىيەت ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مەخسۇس تېمىدىكى قانۇن – تۈزۈم تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە قانۇن بىلىملىرى مۇسابىقىسى، مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش پائالىيىتى، ئەمەلىي سوت يىغىنىغا قاتناشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە تەسىرلىك ، شەكلى كۆپ خىل بولغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيسى ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەكتەپ، جەمئىيەت، ئائىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن – تۈزۈم تەربىيسى ئېلىپ بېرىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
(تەھرىر : admin)
«ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى