سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمۇ؟

ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تەربىيەلەش مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى، دەۋرنىڭ تەلىپى. ھازىر پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مەدەنىيەت كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىدىيەلەر ئۆزئارا گىرەلىشىۋاتىدۇ ۋە توقۇنۇشىۋاتىدۇ. شۇڭا، مائارىپ بۇ خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مائارىپنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئېلىمىز مائارىپى خەلقنىڭ مائارىپتىن نەپ ئېلىش تەلىپىگە تېخى تولۇق ماسلىشىپ بولالمىدى، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قارىغاندا ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە، پەزىلەتكە قارىغاندا نومۇرغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ. ئەخلاقىي تەربىيە مەكتەپلەردە يالغۇز سىنىپ مۇدىرىنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى بارلىق ئوقۇتقۇچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا سىنىپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ چوڭ.
ئۇنداقتا سىنىپنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، يېتەكچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازى، دوستى ھېسابلانغان سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مۇدىرىغا ئەڭ چوقۇنىدۇ،سىنىپ مۇدىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىغا تەڭ ئورتاقلىشىشنى خالايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولالايدۇ؟
1 . ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى كېرەك. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشى، كەمسىتمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان، غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.
2 . ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سىنىپ پائالىيىتىنى تەشكىللەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان ئىرادە تۇرغۇزۇشى كېرەك.
3 . ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى شۇ پائالىيەتتە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتتە دۇنيانى، جەمئىيەتنى، ئۆزىنى تونۇپ، ھەمساۋاقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلاردا بۇ ئارقىلىق خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتەك ئىجتىمائىي پەزىلەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى