سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش ك
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
مەمەت ئېلى
مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئارا زىددىيەتلەر يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار ئارا زىددىيەت يۈز بەرگەندە، بۇنى چوقۇم سىنىپ مۇدىرى ھەل قىلىدۇ. سىنىپ مۇدىرلىرى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا قويۇق ئارىلىشىدىغان، ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىدىغان يېقىن ئادىمى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى، تەسىرى چوڭقۇر بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئارا زىددىيەت يۈز بەرگەندە، سىنىپ مۇدىرى مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، ئادىل ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. مېنىڭچە، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارا زىددىيەت يۈز بەرگەندە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك دەپ قارايمەن:
1. «زىرائەتنى كۆكىدە ئورۇۋېتىش»تىن ساقلىنىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئارا زىددىيەت يۈز بەرگەندە، سىنىپ مۇدىرى زىددىيەتنىڭ سەۋەبىنى تېپىشقا، ئۇنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زىددىيەتلەشكۈچىلەرنى تەنقىد قىلىشتىن، ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
2. مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كېچىكتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا زىددىيەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەرھال زىددىيەتلەشكۈچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم سۆھبەتلىشىشى، شۇ مەيداندا بار ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، زىددىيەتنىڭ سەۋەبى، جەريانىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندىن كېيىن، مەسىلىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قانائەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ »دىلىنى يارا قىلىپ قويۇش« تىن ساقلىنىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ياش جەھەتتىن كىچىك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس غۇرۇرى، ئىناۋىتىنى ساقلاش تۇيغۇسى، مەخپىيەتلىك ئېڭى بولىدۇ. ئەگەر، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارا زىددىيەت يۈز بەرگەندە سالماق بولماي، مەكتەپ تەشكىلىگە ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە ئىنكاس قىلىپ قويسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارا زىددىيەت يۈز بەرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋە تەشكىلگە مەلۇم قىلىش مەسىلىسىدە سالماق، يىراقنى كۆرۈشى كېرەك.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئارا زىددىيەت يۈز بەرگەندە، سىنىپ مۇدىرى ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئاقىلانە ئايلىنىشى ۋە ئىزدىنىشى، ئوقۇغۇچىغا ئىجابىي تەربىيە بېرىشنى ئاساس، تەنقىدنى قوشۇمچە قىلىشى؛ مەسىلىنى ئەتراپلىق ھالدا ئاقىلانە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
(تەھرىر : سەپەر)
«سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش ك»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمۇ؟
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى