سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى
مەھەممەت مامۇت
1. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئادەم تەربىيىلىگۈچى. شۇنداق ئىكەن، سىنىپ مۇدىرى بولغۇچىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى، غايە - ئېتىقادى، خىزمەت ئىستىلى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىستىلى، نەمۇنىلىك بولۇشى كېرەك. بۇ سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ زور تەسىر پەيدا قىلىدىغان تەرىپى.
2. سىنىپ مۇدىرى بىرەر پەندە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، ھەممە پەنلەردە، ھېچ بولمىغاندا بىرنەچچە ئاساسلىق پەندە بىرقەدەر مول ئەمەلىي بىلىم ۋە نەزەرىيىۋى بىلىمگە ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا سىنىپ مۇدىرىغا ئوقۇغۇچىلار ئاسان قايىل بولىدۇ ۋە يېقىنلىشىپ باشقا پەنلەرنىمۇ سوراپ بىلگۈسى كېلىدۇ.
3. سىنىپ مۇدىرىدا كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. جەڭ مەيدانىدا جەڭنىڭ غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشى، قومانداننىڭ ئەسكەرلەرگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلغان - قىلمىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندەك، بىر سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەربىيىلەنگەن، ياخشى كوللېكتىپ بولۇپ چىقىشى سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەشكىللەش، مۇۋاپىق قائىدە - تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، ئېرىنمەي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ.
4. سىنىپ مەسئۇلى ئۆز ئوبيېكتىغا، ئۆز كەسپىگە كۈچلۈك مۇھەببەت باغلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە، تۇرمۇشىغا، ھېسسىياتىغا چوڭقۇر سىڭىپ، ئۇلارنى تولۇق چۈشىنىشى، ئۆزىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشى، كۆيۈنۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار بۇ سىنىپ مۇدىرىغا چىن قەلبىدىن قايىل بولىدۇ. ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتىگە، چۈشىنىشىگە ئېرىشەلىسە، ئۇ چاغدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىپ تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ.
5. سىنىپ مۇدىرىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق، ماسلىشىشچان، سۆز - ھەرىكىتى، روھىي ھالىتى جۇشقۇن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكىسى، ھېسسىياتى ۋە باشقا جەھەتتىكى كەيپىياتلىرى تولىمۇ تۇراقسىز بولىدۇ. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكىسى، ھېسسىياتى، كەيپىياتىغا ماسلىشىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشچان كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى، گۈزەل، ئالىيجاناب كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپ مۇدىرىغا بولغان قايىللىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
6. سىنىپ مۇدىرى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبلىرىنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە توغرا يول كۆرسىتىشى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا شۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىشى، ئۇلارغا دەرس تولۇقلاپ بېرىشى، سەۋرچان، كۆيۈمچان بولۇشى، ئاچچىقلانماسلىقى كېرەك. بۇ چاغدا ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ سىنىپ مۇدىرىغا بولغان ھۆرمىتى ئاشىدۇ.
7. سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشىنى ھەقىقىي بايقاپ، ئەسلىدىكى قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئاساسىدا يېڭى قىزىقىش يېتىلدۈرۈشى ۋە تەدرىجىي ھالدا مەقسەتكە يېتەكلەپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بۇ سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە توغرا يېتەكچىلىك قىلىشىغا باغلىق.
8. سىنىپ مۇدىرى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىنىپتا تاكاللىشىپ قالماسلىقى، چوقۇم ئايرىم تەربىيە بېرىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشى، رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى تەربىيىلەپ يېتەكلىشى، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن قەرەللىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش، ئىدىيە ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق تەربىيە ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇل ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا - ئانىلرنىڭ سىنىپ مۇدىرىغا بولغان چۈشەنچە ۋە ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
9. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇشى، سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاسرىشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك قەدرى - قىممىتىنى ھۆرمەت قىلىشى، مەسخىرە قىلماسلىقى، باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
10. سىنىپ يىغىنىنىڭ مەزمۇنى يېڭى، ئەمەلىي، تىپىك، تەسىرچانلىقى يۇقىرى بولۇشى، كۆپ سۆزلەپ ئوقۇغۇچىلارنى زېرىكتۈرمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى دېموكراتىك قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشىغا يېتەكلەپ، ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەش يولىغا باشلىشى، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئىدىيە ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بايقىشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : بەشتاش)
«سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى