سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى
ھەممىمىزگە ئايانكى،سىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلىم ئىگەللەيدىغان سورۇن.سىنىپ مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى سىنىپ مۇھىتىنى ياخشىلاش،ياخشى سەرەمجانلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.
1.سىنىپنىڭ ئومۇمىي تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائاليىتىنىڭ 90% تىن كۆپىرەكى سىنىپتا بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ،سىنىپنىڭ تازىلىقىنى كۈندە ئىككى قېتىم،يەنە ئەتىگەن مەشۈۇلات باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا سىنىپ ئىچى،سىنىپ ئەتراپىنى پاكىز تازىلاش،پار،ئورۇندۇق،ئىشىك،دىرىزىلەرنى سۈرتۈش،گۈل تەشتەكلىرىگە سۇ قويۇش،سىنىپ ئىچىنىڭ پاكىز بولۇشىنى،سىنىپنىڭئومۇمىي مۇھىتىنى ياخشىلاشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
2.ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى رەتلىك قويۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدىكى پارتا-ئورۇندۇق رەتلىك تىزىلىشى،دىجورنىلار دەرس ئارىلىقىدا دوسكىنى پاكىز سۈرتۈ پ قويۇشى،بور،كۆرسىتىش تايىقى،دوسكا ئۆچۈرگۈچ،ھەر خىل چېرتيوژ،گىلوبۇس قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا كېرەكلىك نەرسىلەر مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك. دېرىزىلەرگە چىرايلىق گۈل تەشتەكلىرى قويۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدە كېرەكسىز داس،چېلەك،بۇزۇلغان تازىلىق ئەسلىھەلىرى،بوزۇلغان پارتا-ئورۇندۇق ۋە ئۇنىڭ پارچىلىرى،ئىشلىتىشكە بولمايدىغان تەشۋىقات تاختىيى،تەشۋىقات شوئارلىرى،كېرەكسىز قەغەز قاتارلىقلار بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.
3.سىنىپ قىرائەتخانىسىنى كۆزگە چىلىقىدىغان ئورۇنغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. سىنىپ قىرائەتخانىسى شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ،تۈرلۈك پەننى،ئەدەبىي كىتابلارنى،يىڭى خەۋەر،يىڭى بىلملەرنى كۆرۈپ،مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان سورۇن،شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ،ئۇلار پايدىلىنالايدىغان،ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كىتاب،گىزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشى ۋە سېتىۋىلىشى كېرەك.
4. سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەرنى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق رەسم،جەدۋەل،شۇئارلار ۋە قائىدە-تۈزۈملەر بولۇشى كېرەك.1)سىنىپ ئىچىدە دەرس جەدىۋىلى،مەشغۇلات جەدىۋىلى ۋە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت جەدىۋىلى بولۇشى كېرەك.بۇ ئۈچ تۈرلۈك جەدۋەل بولغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلەرگە ئالدىن تەييارلىق قىلدۇرغىلى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ. 2)سىنىپ ئىچىدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرگە دائىر جەدۋەل،خەرىتىلەر بولۇشى كېرەك.يەنى جۇغراپىيە دەرسى ئۆتۈلىدىغان سىنىپلاردا خەرىتە؛خىمىيە دەرسى ئۆتۈلىدىغان سىنىپلاردائېلېمىنىتلار دەۋرىي جەدۋەلى؛باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۈۋەن يىللىقلىرىدا ئېلىپبە جەدۋەلى،كەررە جەدۋەلى بولۇشى كېرەك.3)سىنىپ ئىچىدە داھىيلار،ئالىملارنىڭ رەسىملىرى،دۆلەت بايرىقى ۋەمۇتەپەككۈرلارنىڭ ئەقىليە سۆزلىرى شېئىر-قوشاقلىرى بولۇشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-تۈزۈملەر،ئۆگىنىش باغچىسى ۋە قارا دوسكا گېزىتى مۇاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدە سىنىپ مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قالايمىقان رەسىم،شوئارلار بولماسلىقى كېرەك.
دېمەك،سىنىپ مۇھىتى ئرقىلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ھەم ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە دەرس ئىسلاھاتىدىكى مۇھىت ئارقىلىق كەيپىيات تۇراقلاشتۇرۇپ،ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت تۈپكى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : admin)
«سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى