لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ...
لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ...
سىنىپ مەكتەپنىڭ تەلىم – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان، پەن، مەدەنىيەت تارقىتىدىغان ئاساسلىق ئورۇن. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللېكتىپىنى تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.
سىنىپنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش سىنىپ مۇدىرىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى، سىنىپ خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىسە، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇش ئىشلىرىغا تەسىرى يېتىدۇ.
سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ياخشى بولۇشى سىنىپ مۇدىرىغا باغلىق بولىدۇ. چۈنكى، سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، يېتەكچىسى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى مۇناسىۋىتىنى تەڭشىگۈچى، شۇنداقلا مەكتەپ بىلەن ئوقۇغۇچى، مەكتەپ بىلەن ئائىلە، مەكتەپ بىلەن جەمئىيەت ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈك. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن:
1. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى، ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەربىيە بېرىشى، سىنىپ ھەيئەتلىرىنى تەشكىللەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قىلىشنى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ كادىرلىقىغا تاللىشى كېرەك.
2. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىشى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىمكانقەدەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىشى، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىناق ئوقۇش مۇھىتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
3. سىنىپ مۇدىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىكى كۈچنى سىنىپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا ماھىرلىق بىلەن يېتەكلەپ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، سىنىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
4. سىنىپ مۇدىرى ھەر ۋاقىت سىنىپ كادىرلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. سىنىپ كادىرلىرى سىنىپ خىزمىتىنىڭ يادروسى بولۇپ، بىر سىنىپنىڭ ياخشى سىنىپ ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشى ياكى يېتىلدۈرەلمەسلىكى سىنىپ كادىرلىرىغىمۇ باغلىق بولىدۇ. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتىنى ئېنىق بەلگىلەپ، سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى تىكلىشى كېرەك.
5. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنۈشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، كەمسىتمەسلىكى، تەن جازاسى بەرمەسلىكى، ئۇلارغا سەمىمىي، راستچىل مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك.
6. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئوت، سۇ، توك، گاز قاتارلىقلاردىن بىخەتەر پايدىلىنىش ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى، گەپ – سۆزى، كىيىنىشى، تەقى – تۇرقى، كەسىپتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ساغلام روھىي ھالىتى قاتارلىقلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلگە بولۇشى كېرەك.
(تەھرىر : admin)
«لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ...»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل قارىماسلىقى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى