سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر
سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر
سىنىپ تەربىيەچىلىكى جاپالىق ھەم مۈشكۈل، مەسئۇلىيەتچانلىقى ئېغىر خىزمەت بولۇپ، سىنىپ تەربىيەچىسى شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى ۋە باشلامچىسىدۇر. سىنىپ خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشى سىنىپ تەربىيەچىسىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭا، سىنىپ تەربىيەچىسىگە يۇقىرى سىياسىي، ئىدىيەۋى ساپا، مۇكەممەل كەسپىي ئىقتىدار، شۇنداقلا كۈچلۈك تەشكىللەش، يېتەكلەش ئىقتىدارى بولۇش تەلىپى قويۇلىدۇ.
مېنىڭچە لاياقەتلىك سىنىپ تەربىيەچىسى بولۇش ئۈچۈن:
1. سىنىپ تەربىيەچىسىدە جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەش روھى بولۇشى كېرەك. بىر سىنىپنى كۆڭۈلدىكىدەك باشقۇرۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ھەرگىز ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش سىنىپ تەربىيەچىسىدىن خېلى ئېغىر بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىنىپ تەربىيەچىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىش جەريانىدا روھىي جەھەتتە، جىسمانىي جەھەتتە چارچايدۇ ۋە تۈرلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا، سىنىپ تەربىيەچىسىدە جاپا چېكىش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى ۋە ئىرادىسى بولۇشى كېرەك.
2. سىنىپ تەربىيەچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك دوختۇرى بولۇشى كېرەك. بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار خاراكتېر، مىجەز ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار ھەر خىل ئورۇن ۋە باشقا – باشقا ئائىلىلەردىن كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى ھەر خىل بولىدۇ. قىزىقىش، ھەۋەس، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتلەردىمۇ پەرقلەر بولىدۇ. شۇڭا، سىنىپ تەربىيەچىسى سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىگىلەپ، كۆڭلىدە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا قارىتا ئېنىق چۈشەنچە تۇرغۇزۇشى كېرەك.
3. سىنىپ تەربىيەچىسى ئوقۇغۇچىلارغا ھەممە جەھەتتىن ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇلاردا دوراش، تەقلىد قىلىش پىسخىكىسى نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ. سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى، گەپ – سۆزى، قىياپىتى، ئەخلاقى ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ھەمىشە ئوقۇتقۇچىنىڭ قىياپىتىنى، يۈرۈش – تۇرۇشىنى دورايدۇ، تەقلىد قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا، گەپ – سۆزىگە، قىياپىتىگە، ئەخلاقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
4. سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ تەشكىللەش ماھارىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولسا، شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى، تەشكىلىي ئىنتىزامى ياخشى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىشقا ئىرادە باغلايدۇ. سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولمايدىكەن، ئوقۇغۇچىلار تەشكىلىي ئىنتىزام جەھەتتە چېچىلىپ، ئۆگىنىشكە قىزغىن پوزىتسىيەدە بولمايدۇ. شۇڭا، سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
(تەھرىر : يانتاق)
«سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىشقا كۆ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
نازنىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20 22:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-28 23:09
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى