ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈرۈشكە
ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا بولىدىغان پىسخىك ئاجىزلىقلار ئاساسەن ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇتۇش، ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلمەسلىك ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش، ئالغا بېسىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى توغرا تونۇپ، ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىۋالىدىغان ئىدىيە تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيەلەش سەنئىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
.1 ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەش لازىم. ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلدە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشى شەكىللىنىدۇ ھەم مۇقىملىشىشقا باشلايدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئۆزىنى توغرا تونۇپ يېتەلمىگەن ئوقۇغۇچى مەلۇم جەھەتتە ساۋاقداشلىرنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى سەزگەندە، ئۇنىڭدا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ – دە، بۇ تۇيغۇ ئۇنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم داۋاملىق كەينىدە قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى دەل مۇشۇ نۇقتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارغا ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدە كۈچلۈك ئۆگىنىش ئىرادىسى تىكلەپ، جاپاغا چىداپ تىرىشىشقا جۈرئەت قىلسىلا، ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. قايتا – قايتا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك قاتارلىق پىسخىك ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، ئۇلاردا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىۋالىمەن دەيدىغان رىقابەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
.2 ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئالغا بېسىشقا ئىنتىلمەسلىك ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئاجىزلىقىدۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى ناھايىتى سۇس بولىدۇ. ئۇلارنى ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق پەيت ۋە مۇۋاپىق ئورۇندا ئىلھاملاندۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن: ئۇلارغا مەقسەتلىك ھالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىكى خۇشاللىقنى چۈشىنىدىغان، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان قىلىش لازىم. ئاددىي سوئاللارنى ئالدىن تەييارلاپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىغا جاۋاب بەرگۈزۈپ، توغرا جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇش، ماختاش كېرەك.
.3 ئۈمىدۋار روھقا ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈمىدۋارلىق ئىشەنچنىڭ ئاساسى، ئىشەنچ ئۈمىدۋارلىقنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىنى ئۈمىدۋار روھقا ئىگە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشسىلا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيدىغانلىقىغا، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش لازىم. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە، ئۆزىدە ئىشەنچ، ئۇمىدۋار روھ يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىشى كېرەك.
(تەھرىر : يانتاق)
«ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈرۈشكە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
نازنىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20 22:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-28 23:09
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى