سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئىتى
سىنىپ مۇدىرلىق ئەمىلى خىزمەتلەردە ھەمىشە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش،باشقۇرۇش،ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىگى،ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئىددىيىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇنچە مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەنلىگىدىن ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.مەنمۇ ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنى تىزراق نەتىجىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتلانغان ئىدىم،ئۇلارنىڭ تىز ئىلگىرلىمىگەنلىگىدىن ئاغرىناتتىم،لىكىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشۈنىشى ۋە قوللۇشىنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم.قايمۇقۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ھەمىشە ئوقۇتقۇچىلىقنى قانداق قىلسام بولىدىغاندۇ؟ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئوقۇتقۇچى بلغىلى بولىدىغاندۇ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن قايسى ئۇسۇلدا پاراڭلاشقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرگىلى بولىدىغاندۇ؟دەپ ئويلايتىم .ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا ،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىنتايىن موھىم ھالقا،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۈۇچىنىڭ سىردىشىشى سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھىسسىيات ئالماشتۇرۇشى ،ئايرىم پىسخىك يىتەكچىلىك قىلىشىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. سىنىپ مۇدىرى ئەگر ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئئىتىگە دىققەت قىلالىسا،ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى بىر-بىرىگە ئىچىكىپ ،ئايرىم پىسخىك يىتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئۈنۇمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇئارقىلق دىموگىراتىك ،باراۋەر بولغان ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ،سىنىپ خىزمىتىنى تىخمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلاشقاندا ،پەقەت ئاددىغىنا دىئالۇگ شەكىلدىلا پاراڭلاشماشتىن بەلكى دىموگىراتىك ،باراۋەر ھالدا ئوقۇتقۇچى ۋەئوقۇغۇچى بىر بىرىگە ئىشەنگەن، بىر –بىرىنى ھۆرمەتلىگەن،بىر-برىنى چۈشەنگەن ئاساستا دىئالۇگ،يازمىچە قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلانغاندا ،نۇرغۇن ھادىسە ۋە مەسىللەرنى تونۇپ يىتىپ،ئوقۇغۇچى ۋە ئۆزىمىزگە تەلىم تەربىيە ۋە تەرەققى قىلىشنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇتالايمىز.
- كۆز قاراشنى يىڭىلاپ،يىڭى ۋەزىيەتكە ماسلاشقان ئوقۇغۇچىلار قارىشىنى تۇرغۇزۇش.
- ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھۆرمەتلەش ،چۈشىنىش،دىمگۇراتىيە،باراۋەرلىك،ئىشىنىش ئاساسىدا ئالاقە قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش.
تۇنجى قېتىم سىنىپ مۇدىرى بولغان ۋاختىمداپۈتۈن قىزغىنلىقىم بىلەن بۇ خىزمەتكە بېرىلىپ كەتتىم،پەقەت ئۆز ئىرادەم بىلەن ئىشلەپ،ئوقۇغۇچىلارنى ماڭا بوي سۇنىشى،مىنىڭ دىگىنىم بويىچە قىلىشى كېرەك،دەپ قاراپ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمۇدۇم،ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلىپ ،بىسىمنى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيتتىم،نەتىجىدە بىر يىل بولا –بولمايلا ئوقۇغۇچىلار بىلەن يىقىنلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن،بەلكى ئوقۇغۇچىلار مەندىن قاتتىق ئەيمىنىدىغان،مىنى كۆرسىلا سىنىپقا قاچىدىغان ،ئالدىمدا ئەركىن ئازادە گەپ قىلالمايدىغان بولدى.ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان ئارىلىقمۇ بارا-بارا يىراقلىشىپ كەتتى،ھەتتا دەرسخانا كەيپىياتىمۇ سۇسلىشىپ كەتتى،قارىماققا دەرسخانا ئىنتىزامى ياخشىلانغاندەك قىلغان بىلەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئىككىنجى يىلدىن باشلاپ ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتتىم،مەن خۇددى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدىكىدەك ئوقۇغۇچى ئورنىدا تۇرۇپ،مەسىللەرنى ئويلاشقا باشلىدىم،ئۇلارنى چۈشۈنۈشكە،ئۇلار بىلەن دوستلىشىشقا باشلىدىم.مەن ئۇسۇلىمنى ئۆزگەرتىپ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسى،دوستلىرى ،باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان قارىشى ئۈستىدە ئازادەپاراڭلىشىشقا باشلىدىم،بەزى تارتىنجاق ئوقۇغۇچىلارغا دەپتەرگە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى يىزىشقا تەكلىپ بىرىپ،ئۇلارنىڭ تارتىنجاقلىقىنى بارا –بارا تۈگەتتىم.بارا-بارا بۇ دەپتەر سىنىپ ئىچىدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلاردا ئوموملاشتى،مەن بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى سىردىشىش خاتىرىسى بولۇپ قالدى.بۇ ئۇسۇلۇم خىلى ئۈنۇم بەردى،سىنىپ كەيپىياتى جانلىنىشقا،ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرلۈشكە ،بالىلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈشكە باشلىدى،بىر ئوقۇغۇچۇم بۇ سىردىشىش خاتىرىسىگە:«سەن بىر ئەينەك بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى مەن بىلەن مۇئەللىم ئارىسىدىكى ئەلچى ،سەن مىنى سىنىپ مۇدىرىنىڭ دوستى،ئىنىسى،بالىسىغا ئايلاندۇردۇڭ،ئۇ بىزگە شۇنچە قاتتىق قول بولسىمۇ ،مەن يەنىلا بۇنىڭدىن رازى،مەن بۇندىن كېيىن تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ،،مۇئەللىمنى خوش قىلىمەن،ھەممەيلەن تىرىشىپ ئۈگەنسە،مۇئەللىم بەكلا خوش بولىدىكەن…»دەپ يىزىپتۇ.بۇ خاتىرە ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىنىڭ ئارامدىكى كۆۋرۈك،رىشتە بولۇپ قالدى،سىردىشىش خاتىرىسىدە،ئوقۇغۇچىلار پىكىرلىرىنى يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويالىدى،مەنمۇ كىبرىمنى بىر چەتكە قايرىپ قويدۇم،سەمىمىيىتىم ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشتىم.سىنىپ ئىچىدە باراۋەر،ئىناق،قورقۇمسىز كەيپىيات شەكىللىنىپ،مىنىڭ يىتەكچىلىك رولۇم ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك رولى ھەقىقى نامايەن بولدى.
- ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىشتا ،كەيپىياتنى ئىگەللەىش ۋەبىرقىسىم بىر تەرەپ قىلىش ماھارەتلىرىنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم.
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاساسلىق پاراڭلىشىشتا كۆرۈلگەن مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىش مائارىتىنى ئىگەللىشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىشتا تۆۋەندىكى نوختىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
- تىلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش
- پاراڭلاشقاندىكى ئىنتۇناتسىيەگە دىققەت قىلىش
(3) ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاش
پاراڭلىشىش بىزنىڭ كۈتكەن يىرىمىزدىن چىقماسلىقى ، يەنى بەزى ئوقۇغۇچىلار جىم تۇرۇۋىلىشى ، بەزى ئوقۇغۇچىلار دىمىقدا كۈلۈپ قويۇپ ، پىسىەنتمۇ قىلىپ قويماسلىقى ، بەزى ساۋاقداشلار تارتىنمايلا ئاغزىغا نېمە كەلسە شۇنى دىيىىشى ، ھەتتا بەزىلىرى ئاچچىقلىنىپ ، گەپ – سۆزلىرى قىلىپتىن چىقىپ كىتشىمۇ مۇمكىن ،شۇڭا سىنىپ مۇدىرى چوقۇم ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى ۋە ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋىلىشى ،ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانماسلىقى ،ئۇلارغا سوغاق سۆزلىمەسلىكى ،ۋاقىرماسلىقى لازىم . ئەگەر شۇنداق بولسا ، بۇ پاراڭلىشىشقا ،مەسلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن ،ئەكسىچە زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۇرىۋىتىپ ، تىخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
- پاراڭلىشىش جەريانىدا ، سىنىپ مۇدىرى تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك .
- سالاھىيەت پەرقىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىنىڭ ئېھتىيات قىلىش پىسخىكىسى
- ئېغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىكى پەرق كەلتۈۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەر
- تونۇش ئىقتىدارى جەھەتتىكى پەرق كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر
- پاراڭلىشىشتىن كىيىنكى خۇلاسە
1) ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىش ئارخىپى تۇرغۇزۇش ، يەنى،ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىت . جەريان ، ئۈنۈم . ئىنكاس قىلغان مەسىلە قاتارلىلارنى بىرمۇ- بىر رەتكە تۇرغۇزۇپ ئارخىپلاشتۇرغاندا ،ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاسانلا بايقىغىلى ، سىنىپ خىزمىتىدە كۆڭلىدە سان توختاتقىلى بولۇپلا قالماي ، يەنە تەجرىبنىڭ نەزىريىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ
2) تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش . سىنىپ مۇدىرلىق مەلۇم مەزگىللىك خىزمەت ئەمەلىيىتىدىن تەجرىبە توپلاپ ، بۇ تەجرىبىلەرنى نەزىرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەنى ئاساس قىىلىپ تۇرۇپ پېداگوگىكا ، پىسخولوگىيە قاتارلىق قۇرال پەنلەرنى ئۆگىنپ ، نەزىرىيە بىلىملىرىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇپ ، ئۆز- ئۆزىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .
ئومۇمەن ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى پاراڭلىشىش بىلەن بىرگە ،مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولىشى ، تەربىيلەش مەزمۇنىنى ۋاقىتقا قاراپ تەڭشەپ تۇرىشى ، بىر ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئەتراپىغا تارتىپ تۇرىشى ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئالغا ئىلگىرلەيدىغان يېتەكچى ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە بولىدىغان ياخشى دوست بولىشى لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دەۋرنىڭ قەدىمىگە يىتىشەلىشى ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشى لازىم ، شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمتى توختامسىز بۇلاققا ئايلىنىپ ، يىتەكچىلىك رولىمۇ ھەقىقى نامايان بولىدۇ
(تەھرىر : يانتاق)
«سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش ك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى