ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > سىنىپ باشقۇرۇش ۋە مۇدىرلىق > تولۇق مەزمۇنى

سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىدىلىكى

ۋاقىت : 2012-04-08 19:03 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 635241 | تەھرىر : قۇياش ئوغلى | كۆرۇلىشى : قېتىم

سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىدىلىكى



 

نېمە ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى بىر خىل سەنئەت دەپ قارايمىز؟ مائارىپ ئەمەلىيىتىدە مائارىپچىلارنىڭ تەربىيىسنىڭ ھەممىسى توغرا بولسىمۇ، بىراق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىنىڭ ھېسسىياتى قارىمۇ قارىشى، ئوقۇغۇچىلار مائارىپچىلارنىڭ تەربىيە تەسىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلمىسا، ھەتتا زېرىكسە، بىزار بولسا، مائارىپ خىزمىتىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلمىيىلققا دىققەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇسۇل ۋە تەدبىرنىڭ سەنئەتچانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەم ئەقىللىق ھايۋان بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل ھېسسىياتلىق يەككە. ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ئەقىلنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچراپلا قالماستىن يەنە ھېسسىياتنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. ئۈنۈملۈك تەربىيە كىشىگە ئىدىيە جەھەتتە ئىلھام بېرىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كىشىگە گۈزەللىك ھوزۇرى بېرىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى بىر خىل سەنئەت.


 

بىراق، سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت سەنئىتى ئادەتتىكى خىزمەت سەنئىتىگە ئوخشىمايدۇ، ئادەتتىكى خىزمەت سەنئىتى يارىتىپ چىققان سەنئەت ئەسىرى بولسا نەرسىلەردۇر، بىراق سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت سەنئىتى يارىتىپ چىققىنى بولسا قەلبى گۈزەل، بەدىنى ساغلام تەرەققىي قىلغان ياش – ئۆسمۈرلەردۇر. ئۇ بولسا ئىلىمىي قانۇنىيەتكە ئاساسلانغان ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشكەن بىر خىل يارىتىلىغا سەنئەت. سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى نىمە؟


 

تەربىيىلەشچانلىق – سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى سەنئىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، تەربىيىلەشنىڭ ئوبيېكتى ئادەم، شۇڭا قوللىنىدىغان ماتېرىيال ۋە سايمانلار ئادەم، شۇنداقلا بىلى، ئەخلاق ۋە خاراكتېردۇر. پۈتكۈل سەنئەت جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن ئەڭ گەۋدىلىك ئامىل ئادەم، ئ.ۇلار ياراتقان سەنئەت ئەسىرى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەللىك قەلبى. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت سەنئىتى ئادەم تەربىيىلەيدىغان سەنئەت بولۇپ، ئۇنىڭ تەربىيىلەشچانلىقى ناھايىتى روشەندۇر.


 

سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت سەنئىتى ھەرگىزمۇ كونكرېت، يەككە بولغان شەكىل ۋە ئۇسۇلنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى سىسىتېمىسىنىڭ ئىقتىدارى قابىلىيىتىنى ئۇنىۋېرىسال پايدىلىنىشىنىڭ، ھەر خىل ئىقتىدار قابىلىيىتىنىڭ پىششىق قوللىنىلىشىدۇر. سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت سەنئىتى ئادەملەرنىڭ ھەر خىل ساپاسىنىڭ ئۇنىۋېرسال سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمىتى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ توقۇش سىستېمىسىدا رول ئوينايدۇ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىيات سىستېمىسىدا رول ئوينايدۇ.


 

سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت سەنئىتى ئوقۇتقۇچىلاردىن مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ئادەم تەربىيىلەش، باشقۇرۇش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ئادەم باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي يەنە گۈزەللىك قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ئادەم يارىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ ئېستېتىكلىكى (گۈزەللىكى) ۋە ھېسسىياتچانلىقى، ئوقۇتۇش تەسىرى بىلەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ماس ھالدا بىر تەرەپ قىلىشتا گەۋدىلىنىپ قالماي، يەنە مائارىپ جەريانىدىكى سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىدىيىنىڭ ئالمىشىشى، ھېسسىياتنىڭ ماسلىشىشى، ئورتاق ھالدا ھەقىقىي، ئوبدان، گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.


 

سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى يەنە بىر خىل يارىتىشچان ئەمگەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتىدىغان مەسىلىدە، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇبى ھەر خىل بولغان شەكىل، قۇرۇلمىلار ئەركىن تەرەققىي قىلىشى كېرەك، سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشى، بىر سەنئەتكارنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ، مائارىپ ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشى شەك – شۇبھىسىزكى، بىر سىنىپ مۇدىرىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى، ئۆزىنىڭ مائارىپ ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرىدا يارتىشچانلىق بولۇش كېرەك. ناۋادا يارتىشچانلىق بولمىسا، مائارىپنىڭ سەنئەت ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ.

(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ