قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟
سنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى مۇرەككەپ ھەم مەسئۇليەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك خىزمەت،شۇنداقلا مەكتەپ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. سنىپ مۇدىرىرى– سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ تەربيلىگۈچىىسى ۋە يىتەكلىگۇچىسى . ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقلىق،غايلىك،مەدەنىيەتلىك،ئىنتىزامچان قىلىپ تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇشتە سىنىپ مۇدىرىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم.
-ھازىر دۇچ كىلىۋاتقان ئىسلاھات بىسىمى،جەمئىيەت بىسىمى،ئوقۇغۇچىلار بىسىمى،ئائىلە بىسىمى ۋە تۈرلۈك تۈزۈملەر بىسىمىگە نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيە تۇتۇپ ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان،ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ياخشى پىسخىك روھىي ھالەتكە ئىگە بولىشى كىرەك.ھەرگىزمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزىنى كەمسىتىدىغان،ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇتىدىغان ياكى پىشقەدەم،تەجىربىلىك ئوقوتقۇچىلاردىن مەسلىھەت سورىمايدىغان،باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشمايدىغان،پىكىرلەشمەيدىغان،ئۆزىنىڭكىنى راسىت دەيدىغان جاھىللىق پوزىتسىيەسىدە تۇرۇشتىن ساقلىنىشى كىرەك.
1-ياش سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتە تەتقىقاتچىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى جەھەتتىمۇ تەتقىقاتچىغا ئايلىنىشى كىرەك.
بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەكلىك،غورۇرى كۈچلۈك،ئۆز پىكىرىنى قورقماي ئوتتۇرغا قويالايدىغان،يىڭىلىق يارىتىش روھىىغا باي ،قىزىقىشى كۆپ،ھىسياتى تۇراقسىز،ئۆز ئابرۇيىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان،ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ماھىر،ئۆزىگە ئىشىنىدىغان،ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش قىزىقىشى كۈچلۈك بولغان ئۆز خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان،خىىيال سۈرۈشكە ئامراق،دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بىرىش ۋە بايقاشقا ماھىر بولۇش بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىكى جىسمانىي جەھەتتى يىتىلىشى تېز،پىسخىكا جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشى ئاستا،كىشلىك مۇناسىۋەتتە ئالاھىىدە ئاجىز ،ئەركىن بولۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان،باشقىلارغا تايىنىۋىلىش ئىددىيىسى كۈچلۈك بولۇش مەسىللىرىگە قارىتا ئەتراپلىق،ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىۋاتقان ناچار تەسىرلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قىچىشى،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى،مودا قوغلىشىشى،جىنايەت ئۆتكۈزۈش يېشىنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەپ كىتىش ئەھۋالى،ئەدەپ-ئەخلاق جەھەتتە سۇسلۇشۇش،بۇزۇلۇش،پىسخىك ساغلاملىقىدا نۇرمالسىزلىق ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرىلىشىدىكى تۈپ مەنبە ئۈستىدە ئىزدىنىپ قانائەتلىك جاۋابقا ئىرىشمىگۈچە بولدى قىلماسلىق كىرەك.
2.سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۇمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرشى لازىم.
سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۇندىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن بىرگە بولۇپ
ئۇلارنىڭ ئۇگۇنۇش، تۇرمۇش، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە ئارلىشىپ،ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدلىكىنى ئىگەنلەپ،ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تىگىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى،ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتى ۋە ئائىلە ئەزالىرىدەك كۆرۇپ ،ئۇلارغا ئۆز مېھرىنى سىڭدۇرۇشى كىرەك.
3.سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيەنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىۋىزىملىق كۆز قارشىنى تىكلەش ئۈچۈن كوللىكتىپنى قىزغىن سۆيۇش ھىسياتىنى قوزغاش،سىنىپ كوللىكتىپىنى ئاساس قىلغان ھالدا كوللىكتىپنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش، كوللىكتىپنىڭ مال-مۇلكىنى ئاسراش قاتارلىق ھەرتۇرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ،ئۆز تۇرمۇشى ئارقىلىق ،ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەپ،كوللىكتىپقا كۆڭۇل بۆلىدىغان ۋە كوللىكتىپنى قىزغىن سۆيىدىغان روھنى يىتىلدۇرۇشى لازىم.
4 .سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئيەتتىكى ئەھۋالىنى ۋاختىدا ئىگەنلەپ تۇرۇشى لازىم.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن سىرىتقى ۋاختى ئاساسەن ئائىلىسىدە ۋە جەمئيەتتە بولىدۇ.سىنىپ مۇدىرلىرى چوقۇم ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پائالىيتىنى بىلىپ تۇرۇشى،ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانسىنى بىلەن قەرەرلىك ھالدا سۆھبەتلىشىشى،ساۋاقداشلىرى ۋە دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرىدىن ئەھۋال ئىگەنلەپ تۇرۇشى لازىم.چۈنكى،مەكتەپ،ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەربىيسىنى زىچ بىرلەشتۇرگەندە ئاندىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى بىر قەدەر تولۇق ئىگەنلەپ،ئوقۇغۇچىنى ئەتراپلىق تەربىيلەش مۇھىتىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
5. سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
رىغبەتلەندۇرۇش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ باردىغان ئىديىۋى-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئۇسسۇلى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى ۋە ئەقلىنىڭ ئۆسشىگە ئەگىشىپ،فىزولوگىيەۋە پىسخىكا جەھەتتىن پىشىپ يىتىلىدۇ.لىكىن بەزى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا يەنىلا ھەرخىل پىسخىك توسالغۇلار بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن رىغبەتلەندۇرۇش ئۇسۇلى قۇرۇق،ئابىستىراكىت تەربىيەلەردىن ئۇنۇملۈك بولۇپ،ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.چۇنكى،ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىش، تەن جازاسى بىرىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن،بەلكى ئوقۇغۇچىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۇرۇپ قويىدۇ.شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلقىنى نامايەن قىلىشقا ئىلھام بىرىپ ئۇلارغا غەلبە قىلىش پۇرسىتى يارتىپ بىرىشى لازىم.
6-ياش سىنىپ مۇدىرلىرى ئەنئەنىۋىيلىك ۋە زامانىۋىيلىق بىلىملىرى بىلەن قوراللىنىشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
ياش سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقوغۇچىلارغا بۇ خىل تەربىيەنى بىرىشتە ئالدى بىلەن ئۆزىدى نۇتۇق قابىلىيىتى ،مۇنازىرە قابىلىيىتى ۋە سۆھبەت قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەك،ئەخلاق-پەزىلەت،مىللىي ئۆرپ-ئادەت ھەققىدىكى ئىسىل ئەنئەنىلىرىنى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش،خەلقنى سۆيۈش ،يۇرتنى سۆيۈش،مۇقۇملۇق،ئىتتىپاقلىق ،كوللىكتىۋىزىملىق،بىخەتەرلىك ،ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئوقوغۇچىلارغا جانلىق ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق سۆزلەپ ئۇلارنى مىللىي ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ئوقوغۇچىلارغا زامانىۋىيلاشقان ،ئۇچۇر دەۋرىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىش،جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ،بىسىپ ئۆتكەن يوللاردىن قىزىل گۈللەرنى ئىچىلدۇرۇش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ،مۇھىملىقىنى جانلىق ئەمەلىىي مىساللارغا باغلاپ سۆزلەش ۋە مۇناسىۋەتلىك پەن-تىخنىكا ۋە مائارىپقا دائىر كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقوپ بىرىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش ،كىشلىك تۇرمۇش قارشى،ۋە قىممەت قارشى تۇرغۇزىشىغا يىقىندىن يىتەكچىلىك قىلىش ۋە ئاساس سىلىش كىرەك.
7-ياش سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىلىك رولچى ئىكەنلىكىنى تونوپ يىتىشى كىرەك.
سىنىپ مۇدىرلىرى ئەخلاق فورمىسىنىڭ ئۈلگىسى،مىللىي روھنى تارقاتقۇچى،مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغۇچى،ئائىلە تەربىسىنىڭ يىتەكچىسى،ئوقوغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى ،بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچى ،سىنىپ كوللىكتىۋىنى ماسلاشتۇرغۇچى،ئوقوغۇچىلار پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقۇچى،كۈندىلىك ئىشلارنى باشقۇرغۇچى ،ئورۇنلاشتۇرغۇچى،ئوقوغۇچىلار ئۆگىنىشىگە ياردەم بەرگۈچى،ئوقوغۇچىلار قەلبىنى ساپلاشتۇرغۇچى....سىنىپ مۇدىرلىرى ھەقيقەتەن يۇقىرقىدەك روللارغا ئىگە ،ئۇنداقتا ياش سىنىپ مۇدىرلىرى ھەقىيقەتەن ئۆزنىنىڭ ئۈلگىلىك رولچى ئىكەنلىكىنى تونوپ يەتكەن ئىكەن ئالدى بىلەن ئوقوغۇچىلارغا ئەخلاق جەھەتتە ئۈلگە بولوپ ئوقوتقۇچىغا خاس كىيىنىشى ،كەسىپكە ئۆزىنى بىغىشلاش روھى بىلەن ئوقوغۇچىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ،قوللايدىغان ،ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئىشىنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىشى كىرەك.
قىسقىسى،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت سالمىقىنى،خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تولۇق چۈشۈنۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلىپ ئوقۇغۇچىلار ئارسىغا چۇڭقۇر چۆككەندە ۋە جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى بولغاندىلا،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ .
(تەھرىر : يانتاق)
«قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئىتى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلە
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس ق
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئا
- ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە سەل ق
- لاياقەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلى
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن – تۈزۈم تەر
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوز
- سىنىپ تەربىيەچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى م
- قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەر
- سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغان
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىد
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى 12 پەر
- سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچ
- سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار
- سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتى