ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلىپىدە بالا ھەمراھى بالىياتقۇ ئىچىدە تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولۇپ، بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىنسا، ئاسانلا بالىياتقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ (بالىياتقۇ قىسقىراپ)، بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىش ناھايىتى ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى ياكى بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىشنى، بالىياتقۇنىڭ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى مەزگىلدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ جىنسىي ئالاقە چەكلىك بولۇشى، ھەرىكەت سىلىق-سىپايىرەك بولۇشى، زىيادە قوپال،قاتتىق، قارام ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، ئايالنىڭ ئۈستىدىن قورسىقىنى زىيادە بەك بېسىۋالماسلىق لازىم.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !