بەشىنچى باب دەرس ماتېرىيالى (بايلىقى) نى ئۆزلەشتۈرۈش(ئېچىش) ۋە يۇغۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتلدۈرۈش ۋە مەشق
1- دەرس ۋە دەرس ماتېرىيالى( بايلىقى )ھەققىدە چۈشەنچە
a) دەرس
b) دەرس ماتېرىيالى(بايلىقى)
2- دەرس ماتېرىيالى(بايلىقى) نىڭ تۈرى
3- دەرس ماتېرىيالى(بايلىقى) نى ئۆزلەشتۈرۈش(ئېچىش)
4- دەرس ماتېرىيالى(بايلىقى) نى ئۆزلەشتۈرۈش(ئېچىش) نىڭ پىرىنسىپى ۋە يولى
a) دەرس ماتېرىيالى(بايلىقى) نى ئۆزلەشتۈرۈش(ئېچىش) نىڭ پىرىنسىپى
b) دەرس ماتېرىيالى(بايلىقى) نى ئۆزل...
(دۆلەتنىڭ 2010- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە تەربىيىلەش پىلانى)
جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مائارىپقا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ يۇقۇرىلاپ ماڭماقتا. مائارىپقا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ يۇقۇرىلىشىغا ئەگىشىپ، تەبىىئي ھالدا ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ يۇقۇرى بولىۋاتىدۇ.دۆلەت بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋاملىق تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ مەزمۇنىغا تۆۋەندىكىدەك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوقۇتقۇچىلار مەيلى تەربيىلەشكە قاتناشسۇن ياكى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنسۇن بۇ تەلەپلەر ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن...
مېنىڭچە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئۆز تارىخىغا قىزىقىدۇ،ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.كىچىكىمدىن باشلاپ تارىخقا ئالاھىدە قىزىقاتتىم، تارىخقا ئائىت ھەرقانداق ماقالە ياكى ئەسەر بولسا قالدۇرماي ئوقۇيتتىم،گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك كۆرگەنلا تارىخقا ئائىت كىتاپ ۋە ماقالىنى ئوقۇمىساممۇ ھەر ھالدا بۇ قىزىقىشىمدىن قالغىنىم يوق.يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كاللامدا تارىخىمىزغا ئائىت ئومۇمىي بىر رامكا شەكىللەندى.تەسىراتىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يازدىم.مەن تارىخچى ئەمەس، پەقەت بىر ...
ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم سەھەر ئانسامبىلى ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، ئاكورتلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى ”تېڭىرقىغان سېغىنىش“ دېگەن يازمىنىڭ تېمىسىنى ”سېغىندىم “دىگەن بۇ ناخشا يۇرۇتۇپ بېرەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ناخشىنىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق ھىسسىياتتا بولۇشىغا سۇندۇق.
...
ئۈرۈمچىنىڭ ئىس تۈتەك باسقان كەچ كۈز ياكى زىمىستان قىش پەسلىنى كۆرگەنمۇسىز ؟ئەگەر كۆرگەنلەر بولسا بۇ سۆزنى بۇنداق تەسۋىرلىشىمنىڭ تېگىدىكى ئويۇمنى سەل چۈشەنگەن بولۇشى مۈمكىن .
مانا مەن شۇ تاپتا كۈندىكىگە ئوخشاش ئىشتىن چۈشۈپ قىم-قىم ئادەملەر توپى ئىچىدە قىستىلىپ ئاپتوۋۇزغا چىقىۋاتىمەن. ماشىنىلاردىن چىققان ئاچچىق گاز پۇرىقى، توسۇلۇپ قېلىپ ئالدىغا ماڭالماي توختاپ كەتكەن سانجاق –سانجاق ئاپتوۋۇزلار، ئاچچىق ئىزغىرىن شامال بىرلىشىپ ئادەمنى شۇنچىلىك بىئارام قىلىدۇكى ئاپتوۋۇزغا چىققاندىن كېيىنك...
بۇ يىل يەنى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى قۇربان ھېيت بايرىمى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بابۇرشاھ بلوگى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز، قۇربان ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
...
گەرچە رېتىمى تېز تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرسەكمۇ، لېكىن بايقىساق بۇ دۇنيا ئەسلىدىنلا ناھايىتى گۈزەلدۇر، گەپ ئۇنىڭغا قانداق نەزەردە قاراشتا. بەزىدە كىشى روھى چۈشۈپ ئۈمىتسىزلىنىپ قالىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ،شۇنداق چاغدا مەرھۈم ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز تۇرغان ئۆمەر ئېيتقان «گۈزەل دۇنيا» دېگەن ناخشىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. سىزگە زوق بېغىشلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
Audio clip: Adobe Flash Player (version 9 or above) is required to play this audio clip. Download the latest version here. You als...
ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان مېھرى مۇھاببەت شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ۋاقتىنى، سەمەمىي ساداقىتىنى، ھەتتا ھاياتىنى ئاتا قىلىش بەدىلىگە قەدىرلىنىدۇ ھەم ئۇنتۇلماس ئىزنالارنى قالدۇرىدۇ.
...
بابۇر ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادىدىن بولۇپ،ئاتىسى ئۆمەر شەيخ مىرزا،ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا. ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈردۇر. بابۇر ئانا تەرەپتىن يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر ”تارىخى رەشىدى“نىڭ يازغۇچىسى مىرزا ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە بولىدۇ، چۈنكى بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان، مىرزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خۇبنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن...
كىتاب-ئىنساننىڭ روھىي ئۇزۇقى. ئادىمىيلىك مەشئىلى، بىلىم بولىقى… پۇتۇن دۇنيادىكى ئىنساننىڭ ھاياتىدا بولمىسا بولمايدىغان ئەڭگۈشتىرى… ئۇ بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدىكى مۇھىم ئامىلى. ..
ئاساسى مائارىپ ئۆز نۆۋىتىدە كىتابتىن ئىبارەت خەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا تۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت كىتاب بىلەن زىچ باغلانغان -ئەلۋەتتە.
بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى كىتابتىن ئىبارەت بۇ قورالنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلماي تۇرۇپ،...
مەن مىسالى بىر تامچە سۇ ….تىم..تىم..ئاقىمەن.بىر چىلەك سۇغا ،بىر كۆلچەك سۇغا بىر دەريا سۇغا ،بىر دېڭىز سۈيىگە ھاجىتىم بار. روھىم كىتاپتىن ئۇزۇق ئالماي تۇرۇپ ،بىلىمدىن تامچە ياسىماي تۇرۇپ ،دولقۇنلار يېرىپ ئۈزەلىشىم ئەسلا مۈمكىن ئەمەس…
مەن مىسالى ئاۋازلىق ئوقيا ….ئۈستۈمگە ئارتىۋالغىنىم يۈرەك.مەن شۇڭغۇيمەن.يۈرىكىمدىن ئوقچۇپ چىققان مۇھەببەت گويا بىر ئۇچقۇر ئاتەش .ئۇ شۇڭقار تېزلىكىدە تۈمەن مىڭلىغان يۈرەكنى تېشىپ ئۆتۈپ ئالغا مارش ياڭرىتىدۇ .قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇپ ،چاڭق...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېزىز قېرىنداش! قەدىمىڭىزگە مەرھابا! بابۇرشاھ بلوگى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن مائارىپ،مەدەنىيەت، تارىخ ۋە باشقا سەھىپىلەر بويىچە بىلگەنلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.قېرىنداشلارنىڭ بلوگدىكى يازمىلار ھەققىدە قىممەتلىك پىكىر بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.بابۇرشاھ دەپ ئىسىم قويۇلۇشتىكى سەۋەپ، ھەممىمىزگە مەلۇم زەھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر ئۇيغۇر-تۈرك تارىخىمىزدىكى قەلەمدىمۇ ئەلەمدىمۇ يېتىشكەن بۈيۈك شەخس بولغاچقا ھۆرمىتىمزنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە مۇشۇ نام قويۇلدى.
...