مۇخبىرنىڭ 10-چىسلا بېيجىڭ شەھەرلىك «شەھۋانىي ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىش» ئىشخانىسىدىن ئىگەللىشىچە، 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت بازارلىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇش باش ئەترىتى بەيدۇ تور دېسكىسى ئارقىلىق تارقىتىلغان ۋىدىئو ۋە ئاۋازلىق پىروگراممىلىرى ئىچىدە شەھۋانىي مەزمۇن بارلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن بەيدۇ شىركىتىنى «ئىنتېرنېت ۋىدىئو-ئاۋاز پىروگراممىسى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ئەيىبلەپ، قانۇن بويىچە تەرتىپكە سېلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.
«
توردىكى شەھۋانىيلىققا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارغا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەتلىك «شەھۋانىي ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك «شەھۋانىي ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى ئارقا-ئارقىدىن ئاممىدىن كەلگەن ئەرز-شىكايەتلەر ۋە پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇنىڭدا دىيىلىشىچە، بەيدۇ
تور دېسكىسىدىكى قىسمەن ئەزالار يوللىغان مەزمۇنلار شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا بېرىپ چېتىلىدىكەن.
ئالاقىدار ئورگانلار بەيدۇ
تور دېسكىسىغا قارىتا چەك تارتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، ھەقىقەتەن يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت بازارلىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇپ تۈزەش باش ئەترىتى بەيدۇ شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا چەك تارتىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارىلىغان، شۇنداقلا بۇ شىركەتنىڭ
تور دېسكىسىنىڭ مەزمۇنىنى نازارەت قىلىشتا قاتتىق قول بولمىغانلىقىنى، شەھۋانىي ۋە سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا بەيدۇ شىركىتىدىن بەيدۇ
تور دېسكىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ مەزمۇنلارنى دەرھال ئۆچۈرىۋىتىشىنى، سېرىق ۋە شەھۋانىي مەزمۇنلارنى تارقاتقان ئەزالارنىڭ ھېسابات نۇمۇرىنى توڭلىتىپ،
تور دېسكىسىدىكى ئەزالارنى تەرتىپكە سېلىشنى تەلەپ قىلغان.